پۈتكۈل جۇڭگودىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھارقايسى ۋىلايەت،شەھەر، ناھىيە، يېزا، قىشلاق، كەنت، مۇشتۇمچىلىك ئەتىرەتلەرمۇ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش شوئارلىرىنىڭ، غەرىبنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئسىتىراتىگىيىسىنىڭ تۈرتكىسىدە قەدىمى قۇرلۇشلار ،مەھەلە -كوچىلار چېقىلىپ ئورنىغا يېڭى قۇرلۇشلار تۈركۈملەپ سېلىنماقتا!جۈملىدىن قومۇلدىكى قەدىمى مەھەلىلەردىن چاھارباغ، يۇقىرى ئاقيەر، ئەمدى شەھەر ئىچى، راھەتباغلار... چېقىلىپ يېڭىلىنىشنىڭ شانلىق قەدەم باسقۇچىدا بىر-بىرىدىن بالدۇرراق چېقىلىشقا ئالدىراپ تۆت كۆز بىلەن تەلمۈرۈشۈپ تۇرماقتا!...قەشقەردىكى نەچچە مىڭ يىللىق سەلتەنەتلىك تارىخلارنىڭ شاھىدى بولمىش كوزىچىيارمۇ چېقىلىپ تۈپتۈز بولۇپ، قايتىدىن يېڭىلىنىپ قەد كۆتەردى. بىر قانچە يىللارنىڭ ئالدىدا قومۇلنىڭ دۆڭكۆۋرۈكى دەپ تەرىپلىنىدىغان، تىپىك ئۇيغۇر پۇرىقىدىكى تارىخى ئۇزاق ئاۋات تۆت كوچا چېقىلىپ يېڭىلانغانتى. ئۇنىڭ ئاشقان قىسمى بولۇپ، چاقسا مەسچىت ئەتىراپىدا بىر قانچە ئۆيلەر قالغانتى. ئۇلارمۇ ئالدىنقى يىللاردا چېقىلىپ، ئورنىغا يېڭى بىنا ئۆيلەر سېلىندى.(ئەڭ ئاخىرقى بىرقانچە ئائىلىلىك قالدى)يېڭى بىنالارنىڭ ئاھالىسى بۇرۇنقىدەكلا ئۇيغۇر بولدى... ئاڭلىسام بۇزىمىنلار چېقىلغاندا، نۇرغۇن قەدىمى يادىكارلىقلار چىققانمىش! مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى تارىخى ئۇزاق شەھىرىمىزنىڭ چېقىلىۋاتقان رايونلىرىغا كۆز-قۇلاقتا بولىشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن!!! ( بۇ بايلىقلىرىمىزنى ئىقتىدارلىق قۇرلۇش ھۆدىگەرلىرى ۋە ئىشچان خەلق ئىشچىلىرىدىن ئېشىپ قېلىشى ناتايىن) مۇشۇ كۈنلەردە شەھرىمىزدە يېڭى قۇرلۇشلارنىڭ ھەسسىلەپ سېلىنىشى بىلەن ئەسلىدىن، ئاتا-بوۋىمىزدىن ئۇيغۇرچە ئاتلىپ كېلىۋاتقان مەھەلە-كوچا، دوقمۇشلارنىڭ ئىسىملىرى شىدەتلىك تېز سۈرئەتتە، بىزنىڭ ئەستىلەكلىرىمىزدىن ئۈن-تىنسىز يوقۇلىشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇ ئىشقا ئىچى پۇشىۋاتقانلارنىڭ قاتارىدا مېنىڭ ئىچىم پىژ-پىژ كۆيەتتى...نەچچە ۋاقىتنىڭ ئالدىدا، تۆتكوچىنىڭ ئايىقىغا بىر ئىش بىلەن ئۆتكەندە مۇنۇ گۈزەل،تارىخى ئەھمىيەتلىك، مەڭگۈ تاشتەك قەدىرلىك ھەم قىممەتلىك بىز مەنزىرىنى كۆرۈپ تېنىمدىكى بارلىق ھۈجەيرىلىرىممۇ قالماي شىشىلىشىپ شادلىنىپ كەتتى!...
ئەسلىمۇ تىلىمىزدا ئەزەلدىنلا ئىسمى بار يۇرتلار بولغاندىكىن، ئەسلى تارىخى چىنلىق ۋە مىللىي تىل-يېزىق، ئۆرپ-ئادەتلەرگە ھۆرمەت قىلىنىپ، ئۇشبۇ ئورۇنلارغا ئەسلى ئاتىلىش بويىچە ئۇيغۇرچە ئات قويۇلىشى كېرەك ئىدى! چاقسا مەھەلىسىدىكىلەرنىڭ بۇ ئىشنى چىن دىلىمدىن ھۆرمەت قىلىمەن ۋە چېلىش ئالدىدىكى قەدىم كوچا، مەھەلىدىكىلەرگە شۇنى چىن دىلىمدىن تەۋسىيە قىلىمەن! ھۆرمەتلىك ئەزىز قېرىنداشلىرىم! گەرچە سىزنىڭ قىممەتلىك ئالتۇن قوزىقىڭىز يۇلۇنۇپ كەتسىمۇ، ئاتا-بۇۋا، ئۇلۇغ ئەجداتلىرىڭىز ئارزۇلاپ قويغان ئىسىملارنى قەتئىي تاشلىۋەتمەڭ!ئۇنى قوغداش سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ مەڭگۈلۈك بۇرچىمىزدۇر!
2001- يىللىرىغۇ دەيمەن، ئىشخانىدا ئولتۇرسام، بىر خىزمەتدىشىم كىرىپ، ماڭا بىر پارچە قەغەزنى تۇتقۇزۇپ: بوغۇم بۇنى تەرجىمە قىلىپ قويۇڭچۇ، بۇ بىزنىڭ مەھەلىنىڭ ئىش باشقۇرۇش ئورنىنىڭ پار پۇلى يىغىش ئۇقتۇرۇشى ئىكەن. دەپ يېنىمغا قويۇپ چىقىپ كەتتى. قارىسام بۇ ھېلىقى تۆتكوچا توغراقلىق مەھەلىدە چېقىلغان ئۆيلەرنىڭ ئورنىدا، يېڭىدىن غادايغان بىنالارنىڭ يارلىقى ئىكەن...مەن بۇ قەغەزگە بىر ھازا قاراپ كەتكەندىم كېيىن، تەرجىمە قىلىشقا باشلىدىم. ئەسلى بۇ يەرنىڭ ئىسمى خەنزۇچە خەتتە، ‹‹桃花园›› دەپ ئېلىنغان ئىكەن. مەن تەرجىمە قىلغاندا، ئىشخانا دەرىزەمدىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان بىرتۈپ قېرى توغراققا مۇھەببەتلىك نەزەر كۆزۈمنى تاشلىغاچ، ئىككىلەنمەستىن بۇ خەتنى ئۇيغۇرچىدا ‹‹ توغراقلىق مەھەلىسى ›› دەپ ئالدىم.تەرجىمە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، خىزمەتدىشىمگە بۇ ئۆزگەرتىشلەرنىمۇ تىنماستىن تەرجىمىنى ئالتە-يەتتە نۇسخا كۆپەيتىپ بېرىپ قويدۇم. ئۇ قولىغا ئېلىپلا چىقىپ كەتتى. نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ خىزمەتداش ئاچام، خۇشاللىق بىلەن ئىشخانامغا كىرىپ ھاياجان بىلەن:-رەھمەت، بوغۇم، بىزنىڭ مەھەلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ تەرجىمىڭىزدىن بەك خۇش بولدى. ئەسلىدىمۇ توغراقلىق مەھەلە، قانداقسىغا ‹‹شاپتوللۇق باغچا ›› بولۇپ قالىدۇ؟! بۇنى كىم تەرجىمە قىلغان؟ دەپ سىزنى بەك سۈرۈشتۈرۈپ تەشەككۈر ئېيىتتى. تېخى توي، ئۆي تويى، نەزىر-چىراق باغاقلىرىغا‹‹ توغراقلىق مەھەلىسى›› دەپ يېزىشىۋاتىدۇ! دەپ سۆزلەپ كەتتى. مەن بۇ تەرجىمەمدىن ھازىرغىچە سۆيىنىمەن. بەلكىم، مەڭگۈ سۆيۈنىشىم ھەقلىقتۇر!
شۇنداق قىلىپ مېنىڭ كاساپىتىمدىن، بۇ مەھەلىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق نامى قۇتۇلۇپ قالدى. ھازىر ئاشۇ يەردىكى كىشىلەر مەھەلىسىنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ توغراقلىق مەھەلە، دىيىشىدۇ. بۇ يەرگە مەبلەغ سالغۇچى پالۋانتۇرلۇق خەنزۇ سودىگەر باشتا بۇ ئۆزگىرەشنى تازا ئاڭقىرىپ كېتەلمەي خاپىلاپتۇ. مەھەلىدىكىلەر ئۇنىڭغا: لوبەن! سەن دەپ باقە، شاپتول ياخشىمۇ؟ توغراقمۇ؟ شاپتول ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەمدۇ؟ توغراقمۇ؟! بىلسەڭ، بۇ جاينىڭ ئەسلى ئىسمى توغراق مەھەلىسى! بىز ئۇيغۇرلاردا -توغراق مىڭ يىل كۆكىرىپ تۇرىدۇ، قۇرۇپ قالسىمۇ مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدۇ، يىقىلسىمۇ مىڭ يىلغىچە چىرىپ كەتمەيدۇ، شارائىت يار بەرسە تېخى يەنە بىخلاپ ئۈنىدۇ...دېيىشكەن. بۇنى ئاڭلىغان خەنزۇ سودىگەرنىڭ كۆزلىرى باشقىچە يورۇپ، خوشالىقتىن:-مەن نىمىشقا باشتا بۇنى ئويلىماندىمەن، بەك ياخشى ئىسىم بولۇپتۇ! بۇندىن كېيىن مەھەلىمىزنىڭ ئىسمى ‹‹胡杨小区››بولسۇن، دەپ، تېخى بىر يۇغان تاشقا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىقتا خەت ئويۇپ بىنالارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان جايغا تىكلەپتۇ.
دېمەك، بىز ئوڭلۇق بىلەن چۈشەندۈرسەك، راسىتچىللىق بىلەن ياخشى گەپ-سۆزلەرنى قىلساق تاشمۇ ئىرىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىقى ئىككى مەھەلىدىن ئۆگىنىپ ئۆز مەھەلە، ئۆز يۇرتىمىز، كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن مۇقەددەس تۇپراقلىرىمىزنىڭ نام-شەرىپىنى بولسىمۇ ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىپ ھەركەت قىلايلى!!!
توغراقلىق مەھەلىسىنىڭ سۈرىتى ئەتە يوللاپ قوياي!...
2011-يىلى3-ئاينىڭ11-كۈنى قومۇل