باغداشنىڭ يېڭى ئۇچۇرلار سەھىپىسىدە بۇ تېما باركەن، بۇ سەھىپىدە ئىنكاس يازغىلى بولمايدۇ، غەزىپىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە چاپلاپ ئىنكاس يازدىم.
بو شىلەينىڭ ئايالىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى
شىنخۇا تورىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار گۇ كەيلەي، جاڭ شىياۋجۈنلەرنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا ھۆكۈم چىقارغان، گۇ كەيلەنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى جەزىملەشتۈرۈلۈپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىش كېسىمى چىقىرىلغان، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلىنغان؛ جاڭ شىياۋجۈننىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە مۇددەتلىك 9 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. گۇ كەيلەي بىلەن جاي شىياۋجۈن سوتتا نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگىلىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باناياتچىسى ئەنگىلىيە پۇقراسى نېيىل خېيۋۇدنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىغا ھۆكۈم چىقىرىلغانلىقى قارىتا بايانات ئېلان قىلغان. باياناتچى:«بىز جۇڭگو دائىرلىرىنىڭ نېيىل خېيۋۇدنىڭ ئۆلۈمى دېلوسىنى تەكشۈرۈگەنلىكىنى ھەمدە جاۋابكارغا جازا بەرگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز. بىزنىڭ جۇڭگو دائىرلىرىغا بولغان ئىپادىمىز ئېنىق بولۇپ كەلدى، سوت ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق ئىنسانىي ھوقۇق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولىشىنى ھەمدە دائىرىلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
باشلىق ئادەم ئۆلتۈرسىمۇ ئاتىمىز. مىلتىقنى ماڭا بەرسەڭلار 2 يىل كېچىكتۈرمەي ئاتىمەن.