تېمىدا تىلغا ئېلىنغان باش سۆڭەكلەرنىڭ ئىگىسى دەل شۇ سۆڭەكلەر قېزىۋېلىنغان يۇرتتىكى ھېلىھەم ياشاۋاتقان بىر توپ كىشىلەردۇر. قارادۆۋىدىكى نۇرغۇن قەدىمىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىغا باردىم. ئەمما، بۇ يېڭىدىن بايقالغان توغراق نامىدىكى خارابىلىككە ئىككىنچى قېتىم بېرىشىم ئىدى. بىرىنچى قېتىمدا شەھەرلىك ئارخىلوگىيە ئىدارىسىدىكىلەر بۇ يەردە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان قەبرىلەردىن چىققان نەرسىلەرنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك يىغىۋېلىش قىلىۋاتقان ۋاقتىغا توغرا كەلگەنتى. بۇ ئورۇندىكىلەرنىڭ خىزمەتتىكى مەسئولىيەتچانلىقىدىن سۆيۈنگەن ئىدىم. ئەپسوس، ئارىدىن نەچچە ئايلاپ ئۆتۈپ كەتكەن، يەنى، 9-ئاينىڭ12-كۈنى قارادۆۋىلىكلەرگە يېڭى ئولتۇراق مەھەللە سېلىپ بەرمەكچى بولغاندا بايقالغان(ئەسلىدىنمۇ كېپەنچىلەر خېلى كۆپ بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئىكەن) خارابىلىككە يەنە باردىم، ئۇ يەر شۇ پېتى تۇرۇپتۇ، بىرقىسىم توپا دۆۋىلىرى جىقلاپتۇ، بىر قىسىم قەبرىلەر يېڭىدىن ئېچىۋېتىلىپتۇ. باشتىكى كۈنلەردە ئېچىۋېتىلگەن باش سۆڭەكلىرى ۋە باشقا ئەزالارنىڭ سۆڭەكلىرى ھېلىھەم ئوچۇق پېتى يېتىپتۇ. ئۇلارغا قاراپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. نىمىشقا بىزنىڭ رايونلاردىن تېپىلغان يادىكارلىقلار ئاشۇنداق سوغوق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ؟! ئەجەبا، ئۇلار بىزگە تەۋە ئەمەسمۇ؟! بىر تونۇش كىشىدىن بۇ ھەقتە سورىسام، بۇ ئورۇننىڭ يىل دەۋرى موزىيخانىمىزدا ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇلغان قارادۆۋە قەدىمى قەبرىستانلىقىنىڭ تارىخىدىنمۇ ئۇزۇن ئىكەن...بۇ ئورۇن قاچان قوغدىلىدۇ؟!
بىر رەسسام ئاغىنەمنىڭ دېيىشىچە: باش سۆڭەكنىڭ تۈزىلىشىگە قاراپلا ئۇنىڭ مىللەت، ئېرقىي تەۋەلىكىنى ۋە جىنسىنى بىلگىلى بولىدىكەن، بۇ سۆڭەك ھەقىقى ئۇيغۇرنىڭ باش سۆڭىكىدەك تۇرىدۇ.
ئېچىۋتىلگەن قەبرىلەردىن چىققان سۆڭەك ۋە توغراق ھارۋاجابدۇقلىرى...
كېپەن ئوغرىلىرىنىڭ ئەجىرى...
ئاشۇ سۆڭەكلەر بەلكىم قازغۇچىلارنىڭ ئۇلۇغ ئەجداتلىرى بولىشىمۇ مۇمكىن!چۈنكى ئۇلار قارادۆۋىگە باشقا يەردىن كېلىپ قالمىغان...ئەزەلدىن مۇشۇ زىمىننىڭ ئەركىلىرى ئىدى.
بۇ دۈڭگىلىك باشنى كۆرۈپ بىر قانچە نەپەر قوشباش دوستلىرىم كۆز ئالدىمغا كېلىپ قالدى...شۇ زامانلاردىمۇ قوشباش، دۈڭگىلەر باركەن ھە؟...(بەلكىم شۇ زامانلاردىكى بىللە ياشىغان ۋە ياكى بۇ يەردە تۈگەپ كەتكەن ئۆزگە بىر مىللەت ئەزاسىنىڭ باش سۆڭىكىدۇر)
ئۆلۈك توپىلىق يەر يامغۇر ياغسىلا تاشتەك قېتىپ كېتىدىكەن، ئېچىلىپ قالغان سۆڭەكلەرنىڭ بىر قىسمىنى كۆمۈپ قويۇشقا زادى ئامال قىلالمىدىم...
ئېتىقادلىق كىشىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ!بىراق، ئەپسوس...
قەدەمدە بىر ئۇچىرايدىغان ساپال پارچىلىرى...
بۇ يەردىن تېپىلغان بارلىق باش سۆڭەكلەرنىڭ چىشى ئىنتايىن ساغلام ئىدى. پەرىزىمچە ئۇلار چىش تازلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن...يا بولمىسا چىشىنى قۇرت يەپ بولغىچە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان.
بۇ ساغلامكەن...
بۇدۇنيادا ھېچكىم ئۆز قەبرىسىنىڭ ئېچىلىپ، سۆڭەكلىرىنىڭ ھەريان تاشلىنىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ...
مەن بۇ خارابىلىكنى تەپسىلىي تەكشۈرەپ چىقتىم، ئۇ ھازىرغىچە ياخشى قوغدالماپتۇ. توغرىسى تاشلىۋېتىلىپتۇ! دېمىسىمۇ يۇرتىمىزدا قوغدىلىنىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن جايلار كېپەن ئوغرىلىرىنىڭ جەننىتىگە ئايلىنىپ كەتتى. ھەر خىل باھانىلەردە سېلىنىۋاتقان قۇرۇلۇشلار، ئېچىلىۋاتقان كان ۋە رايونلار نەچچە مىڭ يىللىق شانلىق مەدەنىيەت ئىزنالىرىمىزنى ئۈن-تىنسىز يوقاتماقتا...تېخى ۋىلايەتلىك ئارخلوگىيە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقىمۇ ئەسلىدىن ئۇيغۇر ئىدى. بۇ يىلغۇ دەيمەن خەنزۇ باشلىققا ئالماشتۇرۇلۇپتۇ. نىمىسىنى دەيمىز...نۇرغۇن ئورۇنلاردىكى ئۇيغۇر ئولتۇرۇشقا تېگىشلىك مەنسەپلەر بىر بولسا مۇۋاپىق نامزات يوقنىڭ باھانىسى، بىر بولسا باشقا مىللەتلەرگە تەۋە بولۇپ قالدى. ياقۇپ پەتتۇللادەك ئارخىلوگىيە كەسپىنى سۆيىدىغان رەھبەر قاچانمۇ چىقار؟!
ئېچىۋېتىلگەن قەبرە ئەتىراپىدىن مەن تېپىۋالغان بويۇملار.
***
2012-يىلى9-ئاينىڭ14-كۈنى قومۇل