saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 2933 قېتىم كۆرۈلدى
abaytarim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8497
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 60
شۆھرەت: 335 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 335 سوم
تۆھپە: 194 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 194 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بىز مۇئەللىم!

    ھەر قېتىم ئوت يۈرەك ئوغلانىمىز مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ " بىز مۇئەللىم ! يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز ،  خەلقىمىزگە يوپيورۇق نۇرلار ساچىمىز. " دېگەن مىسرالىرىنى ئەسلىسەم قەلبىمدە تەسۋىرلەپ بولغۇسىز تەگسىز خىيال، ھەسرەتلەر ئەگىيتتى . بولۇپمۇ مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا ئاز قالغانسېرى ئۇنىڭ ھاياتلىق، ئوقۇتقۇچىلىق شەجەرىسىنى قايتىلاپ ۋاراقلاپ چىقاتتىم . ۋاراقلىغانسېرى ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەي 20يىللاپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغىنىمدىن نۇمۇس قىلاتتىم . ئۇنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە تەدبىقلانغان " ئوقۇتىمىز ئەۋلادنى يېڭى پەن بىلەن،  پۇختا بولسۇن مەكتەپنىڭ بېسىلغان ئۇلى" دېگەن مىسرالىرىنى لوتۇپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتىغا تەڭلىشىپ قالغان خىزمەت ھاياتىمغا، ئەخمەتجان قاسىمىدىن ئۇزۇن ياشىغان ئۆمرۈمگە تەققاسلاپ باقاتتىم . ئويلاپ باقسام مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئۆمرىنىمۇ ياشاپ تۈگىتىپتىمەن . تالاي ئوت يۈرەك ۋاپات بولغان ، كۈنىمىزدە قالتىس نەتىجە يارىتىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىۋاتقان ئوغلانلىرىنىزغا قاراپ بەزىدە ئۇھسىنىپمۇ قالاتتىم . مۇشۇلار قانداق ياشىغان، ياشاۋاتقان ھە!...  ھاياتىمدا بالىلارغا شۇنچىلىك كۆپ ۋاقىتتا بىلدۈرگەن نەرسىلىرىم شۇنچىلىك ئاز ئىدىم . ( دەرستىن سىرتقى بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك مىللىتىمىز تارىخى، مائارىپىمىز تارىخى، ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىز، كىتابلىرىمىز ، يۇسۇنلىرىمىز، كىيىملىرىمىز ، قەھرىمانلىرىمىز، يۇرت ناملىرىمىز ، كىملىكىمىز، دېگەندەك)  مەن مەرھۇم سەردار يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ " مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلىرىغا نېمىلەرنى دېمەيدۇ ؟ ئۆزىنىڭ ئىنسان ، تۇرمۇش ۋە ئىستىقبال توغرىسىدىكى يېڭىلىقلىرىنى ئوقۇغۇچىلىرىغا دېمەي كىمگە دەيدۇ . < ھەممىلا ئىشتا خەلق تەرىپىدە تۇرۇش، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئۆزىنىڭ كۈرەش نىشانى قىلىش ، ھەقىقەت ۋە گۈزەل ھاياتقا ئۆز خەلقىنى ئۈندەش ۋە شۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش > دېگەندەك زامان خالايدىغان سۆزلەرنى فېزىكا ، ماتېماتىكا دەرسلىرىنىڭ ئارىلىقلىرىدىمۇ دېمىسە ئۇ قانداقمۇ مۇئەللىم بولالايدۇ ؟ " دېگەن سۆزلىرىنىڭ مەنىسىنى بەك كېچىكىپ چۈشەنگەن ئىدىم . مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتىپىنى ، ئائىلىسىنى، يۇرتىنى قوغدىيالايتتى ، مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىم بىر- بىرىنى چېقىشتۇرغان ، بىر- بىرىنى ساتقان تىزىملىكلەر  بىلەن مۇئەللىمىنى مەكتەپ تۈگەتكۈچە تەمىنلەپ ئىلغار، مۇنەۋۋەر ساتقىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ كېتەتتى . ئۇلار كىچىك تۇرۇپلا بىر-بىرىدىن قۇرقاتتى . كىچىگىدىن تارتىپ تىزىملىككە چۈشۈپ قېلىشتىن قورقۇپ چوڭ بولاتتى . خېلى بويى ئېگىز كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان چوڭ بالىلارنى،  پۈف دېسە يىقىلىپ چۈشكىدەك كىچىك قىزلار تىزىملىك دەپتىرىنى كۆرسىتىپ قورقىتالايتتى . ئۇلاردىن بىر گەپ سورىسىڭىز ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىنى دېمەي ، ئالدى بىلەن ئۆزى ئىگىلىگەن باشقىلار ھەققىدىكى ئاخباراتلىرىنى بىر ھازا دەپ بولۇپ ئۆزىگە تەستە قايتاتتى . بومۇ بىر خىل بىز يېتىشتۈرۋاتقان ئالاھىدە ماھارەت . مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزىنىڭ جەڭگىۋارلىقى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنى قورقۇتقانىدى . ھازىرقى بالىلىرىمىز ئاپىسى بولمىسا ھاجەتخانىغىمۇ كىرەلمەيتتى . مەمتىلى ئەپەندى دەۋرىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرىجىسى يوق ئىدى . ئۇلار دەرىجىسىنى ئەجرىگە، ئادىمىيلىكىگە قاراپ بەلگىلەيتتى . مەمتىلى ئەپەندى ئىشتىن چۈشۈپ يېڭى مەكتەپ قۇرۇشقا ئاتلانسا  ،بىز يېڭى ئەسىردىكى جىسمانىي، روھى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن خوراش ئالۋېڭى تويغا ، مەسلىھەتكە ( ھاراق ئىچىپ بىر-بىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىشقا ، ) ماڭاتتۇق .  ( ھەممە توي، مەسلىھەتلەر شۇنداق دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ .) مەمتىلى ئەپەندى يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنى تەشۋىق قىلسا ، بىز توينىڭ ۋاقتىنى ، ئورنىنى تەشۋىق قىلاتتۇق . ئۆلۈملەردىن خەۋەرسىز قالساقمۇ ئەڭ خىلۋەت مەھەلىلەردىكى قۇلاق تېشىش مەرىكىلىرىدىن خەۋەرسىز قالمايتتۇق . ئىلگىرى ئانىلىرىمىز ئوغۇللىرىنى جەڭگە ئەۋەتكەندەناھايىتى  ئاددىي پېشانىسىگە سۆيۈپ : ئارقاڭدىن ئوق تېگىپ ئۆلسەڭ رازى ئەمەسمەن " دەپ ( ئارقىدىن ئوق تەككەننى قاچقاننى ئىپادىلەيدۇ ، دەپ ) كۆزىگە ياش ئېلىپ ئۇزىتىپ قويسا ، ھازىر بىز يۆلەشتۈرۈپ يۈرۈپ ئاران ئالي مەكتەپكە ئۆتكەن، تېخى ھېچقانداق بىر چوڭ نەتىجە قازانمىغان بالىلىرىمىزنى رېستۇران كۆتۈرىگە ئېلىپ، باغاق تارقىتىپ ، نەچچە يۈز مىھماننى بېشىدا يەر دەسسەتكۈزۈپ " ئالي مەكتەپكە ئۇزىتىش چېيى " غا چىللاپ ئۇزىتىۋاتىمىز . تېخى بىز مۇئەللىملەر ئۈلگە بولۇۋاتىمىز . مەمتىلى ئەپەندى قېنىنى سەرپ قىلىپ ياراتقان " ئوقۇتقۇچىلىق روھى" مەكتەپتە ئەمەس ، رېستۇراندا كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقانىدى . ( ھەممە ئوقۇتقۇچى شۇنداق قىلىۋاتىدۇ ، دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ .)  مەن مۇئەللىم ، بىز مۇئەللىم .بۇ سۆزنىڭ ۋەزنى ناھايىتى ئېغىر ئىدى . تالاي كەسپىي ئۆگىنىش ، ھەر خىل ئالۋاڭ ئۆگىنىشلىرىمىزنىڭ ئورنىغا " مەمتىلى ئەپەندى روھىنى " ئۆگىنىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى . تولىمۇ كېچىكتى. روھى ساغلام، روھى سۈزۈك ئوقۇتقۇچى مىللىتىمىزنىڭ مايسىلىرىنى ئەڭ ياخشى سۇغۇرالايدۇ . ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئۆزىنى قانداق بېغىشلاپ ئىشلەشنى ئۆگىنىشنىڭ ۋاقتى ھەرگىز ئۆتمەيدۇ . تەۋپىق روھى گەرچە يارىتىلغىلى يۈز يىل بولسىمۇ مەڭگۈ كونىرىمايدىغان بىزنىڭ ئەڭگۈشتىرىمىزدۇر . ھەممىمىز جاراڭلىق ، ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ ، پەقەت خۇدۈكسىرىمەي " بىز مۇئەللىم " دەپ توۋلىيالارمىزمۇ ؟!!.. توۋلايمىز . " بىز مۇئەللىم !" .    تەۋپىق روھى بىزنى چاقىرماقتا .      سەن كىمنىڭ ئوغلىسەن ، ئويلىساڭچۇ ،   ئىززىتىڭ ھۆرمىتىڭ كەم بولۇرمۇ ؟   تىغ ئېلىپ ئاتلىنىپ جەڭ قىلمىساڭ ،   يۇرتلىرىڭ ، خەلقلىرىڭ ھۆر بولۇرمۇ ؟    -تەۋپىق شېئىرى .       سالام ئۇستازلار ! بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !           مەنبە : ئۆزۈم .تەۋپىق روھى .  ئەبەي تارىم . 2012.9.9
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-09, 21:45
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-09-09 14:46 |
oguzhan
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 733
شۆھرەت: 3795 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3796 سوم
تۆھپە: 2260 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2260 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1829(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  بارلىق  ئۇستازلار   بايرىمىڭلارغا   مۇبارەك  بولسۇن  ،  سىلەر   جاپا  تارتتىڭلار  !!!!!!!


lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-09 22:00 |
xirna
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7796
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 68
شۆھرەت: 458 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 454 سوم
تۆھپە: 256 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 257 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 283(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇئەللىممەن  
  
ساتىرىك مۇخەممەس  
  
مۇھەممەد ئەخمەد جۇدۇن  
  

شائىر،مائارىپ تەتقىقاتچىسى ،قابىل ئوبزورچى ئەيساجان تۇردى ئاچچىق ئەپەندىمنىڭ‹‹ مۇدىرمەن›› ناملىق ساتىرىك ئەسىرنى ئوقۇغاندىن كىيىن  
  

شامۇسەھەر غەشلىكتىن باتنايدىغان مۇئەللىممەن ،  
ئازاۋىمغا كۈلكىنى قاتمايدىغان مۇئەلللىممەن،  
ئىشرەت قوغلاپ ھەر نەپەس قاتنايدىغان مۇئەللىمەن ،  
تۇرسا ئەۋلات مەپىدە تاتمايدىغان مۇئەللىممەن ،  
شەپەرەڭدەك تۈنمۇ-تۈن ياتمايدىغان مۇئەللىمەن .  
  
بېسىپ تۇرغاچ گەجگىدىن تەييارلىقىم رەتمۇ-رەت،  
ئۇف،دىيىشكە ماجال يوق يېزىلماقتا كۈندە خەت ،  
رەڭ بېرەلمەي چىنلىققا كۆرىنىمەن گاھى سەت ،  
ئەنە شۇنداق يامانكەن دەرت ئۈستىدە تاتسا دەرت ،  
نە قانۇنسىز بۇيرۇقتىن قاچمايدىغان مۇئەللىمەن .  
  
بولسا بىزە بوش ۋاقتىم باشلىغۇم بار سەيلىنى ،  
كىملىكىمنى بىلمەيمەن تېپىۋالسام لەيلىنى ،  
بىر قاماپتا ئالىمەن قىيناپ-قىستاپ مەيلىنى ،  
پىسخىلوگمەن شۇ دەقىق بىلسەم خۇيى پەيلىنى ،  
رەڭلىك دېگەن يەردىمۇ چانمايدىغان مۇئەللىمەن .  
  
كىملەر قويغان بىلمەيمەن ماڭا ئاشىق بۇلۇشنى ،  
سىن بەردىمۇ مۇھەببەت تۇلۇن ئايدەك تۇلۇشنى ،  
چوققا ئىدى مۇنبىرىم ئويلىسام گەر قونۇشنى ،  
ئەۋزەل كۆردۈم ئىشرەتلىك پۇتنى ئۇزۇن سۇنۇشنى ،  
بۇنداق رەزىل ھەۋەستىن يانمايدىغان مۇئەللىمەن .  
  
ئۇرۇلغاندەك بولىدۇ خىياللىرىم قىرغاققا ،  
مۇھەببىتىم شاۋكىتىم ساقلىغاندەك قىرغاقتا ،  
ئۈزۈپ بارغۇم بار شۇئان لېكىن جىسمىم ئىلماقتا ،  
چوغ تەپچىگەن باغرىمنى بىر ۋەھىمە تىلماقتا ،  
مانىۋېرغا تۇيغۇمدا قانمايدىغان مۇئەللىممەن.  
  
بۇلۇپ قالدى شۇئارىم كېلە دوستۇم ئىچىمىز ،  
ئاۋۇ نوچى چەككەننى بىزمۇ رەت-رەت چېكىمىز ،  
بور توزانغا سۈيۈلسەك بىزمۇ ئۈلۈپ كېتىمىز ،  
قىلنى قىرىق يارساقمۇ ‹‹مالىم ››بىزنىڭ ئېتىمىز ،  
دەپ سۈرەن سېپ جاھانغا پاتمايدىغان مۇئەللىمەن .  
  
ئەركىلىسە ئىزچىلار مىنى يېقىن كۆرۈپمۇ ،  
قوپاللىققا ئالىمەن گاھى قاپاق تۈرۈپمۇ ،  
ھەققىم باردەك بەزىدە قويدۇم ھەتتا ئۆرۈپمۇ ،  
ئوڭ كەلمىسە تەستىكىم سالدىم يەنە چۆرۈپمۇ ،  
ۋىجدانىمنىڭ بېغىنى ئاچمايدىغان مۇئەللىممەن .  
  
ئەۋلات دېمەك خان دېمەك ،كەلگۈسىگە جان دېمەك ،  
ئەۋىج ئالدى مائارىپتا كۆز چاقنىتار سان دېمەك ،  
قالدى ئۈگدەپ سۈپەتمۇ جان بېقىشقا يان دېمەك ،  
سېرغىغىنى قارچۇقتىن نە ياش بولسۇن قان دېمەك ،  
مىللىتىمگە خۇشپۇراق چاچمايدىغان مۇئەللىممەن .

بارلىق سۇيۇملۇك ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن.....
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-09 22:30 |
quxiniwal
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8547
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 110
شۆھرەت: 605 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 600 سوم
تۆھپە: 354 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 354 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 215(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بارلىق سۇيۇملۇك ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!!!!!!!بىراق يىزىمىزدا بايرام توغرۇلۇق ئىنكاسمۇ يوق تەبرىك سۆزىمۇ يوق،ئەتە خىزمەت يەنىلا دەل ۋاختىدا باشلىنىدۇ.
istanbol
ئادەم تاماق يىيىش ئۈچۈن ياشىمايدۇ
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-09 22:40 |
abdul-ahad
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1515
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 282
شۆھرەت: 1491 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1505 سوم
تۆھپە: 886 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 888 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 650(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرلىرى، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-09 22:45 |
xirna
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7796
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 68
شۆھرەت: 458 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 454 سوم
تۆھپە: 256 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 257 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 283(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  
ساتىرىك مۇخەممەس  
مۇھەممەد ئەخمەت جۇدۇن  
  
بىز گۇناھكار مۇئەللىم ھەققىمىز يوق يېتىشقا ،  
راست يولىدا بىر قېتىم مۇڭ خىيالغا پېتىشقا ،  
كۈن ئۇلانسا تۈنلەرگە گەپ-سۆز ئېچىپ قېچىشقا،  
نامەرد ئەمەل تۇتقاننى مەرد روھىغا چېتىشقا ،  
يارالغانمۇ بىز شۇنداق شۇم ھەسرەتنى تېتىشقا ؟!؟!  
  
نېمە دېسە باشلىقلار‹‹ھە››دىيىش بار ‹‹يېقى››يوق ،  
قارا دېسە قارا ئۇ بىر گىراممۇ ئېقى يوق ،  
بىزدە بارى ھۆل يۈرەك ئەسلىدىنلا قېقى يوق ،  
دەيمىش قارا قەلىبلەر رايىشلارنىڭ سېقى يوق ،  
قات-قات تۈزۈم ئاھانەت باشلىنار تاڭ ئېتىشقا .  
  
شەپكە يېڭى كاللا كىر مۇدىرلارنىڭ دەستىدىن ،  
گاھى ۋىجىك گاھ سىمىز ئۆزگۈرۈشچان بەستىدىن ،  
كۈلۈپ تۇرۇپ جان ئالار ھىلە-مىكىر قەستىدىن ،  
ياندا يۈرگەن شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى ۋەس-ۋەستىدىن ،  
زار مۇئەللىم  بىر تالاي كالاملارنى تېتىشقا .  
  
  
يىل بېشىدا قەلەمنىڭ باشلىنىدۇ قاينىمى ،  
كۈندە يىغىن خەپلەرنىڭ ئەدەپ كېتەر ئاينىمى ،  
تاراق-تۇرۇق ھايت بىلەن ئۈتۈپ كېتەر سايلىمى ،  
ئىتىبارغا ئېلىنماس ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ،  
قوشتىن چىقىپ سۆرەمگە تەييارلا بىز چېتىشقا .  
  
كەلسە ئۇلۇغ ھېيت-ئايەم سەھەر قولنى سالىمىز ،  
تاڭغا ئۇلاپ يەڭ تۈرۈپ قامىلىپمۇ قالىمىز ،  
جەم بۇلۇشقا ئالدىراپ قالغانسىرى بالىمىز ،  
چىقىدىكەن چىقمىغان تەتۈرلۈك ۋە ئالىمىز ،  
ئاتلىنىمىز ئەشۇ كۈن ‹‹ئېرىق- ئۆستەڭ›› چېپىشقا .  
  
باھا بىرىڭ دەيدۇ كىم باھا بەردۇق باشقىچە ،  
ھەيرانە بىز نەيرەڭدىن بۇندا زەرداپ تاشقۇچە ،  
دىمكوراتىك دەيدۇيۇ پەرمانىنى چاچقۇچە ،  
توۋا قىلدۇق تۈمەنلەپ قېرى-چۈرى ياشقىچە ،  
يەتكىنى يوق بىر كاللار بۇنى ئويلاپ تېپىشقا .  
  
ئايدا ياكى يىلدا بىر رۇخسەت ئۈچۈن بارغاندا ،  
بىر ‹‹ماقۇل››غا دۈمچىيىپ يۈرەك بېغىر يارغاندا ،  
بىللە مېڭىپ سايىدەك سوكۇلداشتىن تالغاندا ،  
ئاھ،بىر تالاي قورۇنۇپ لەۋ چاك ئىتىپ ھارغاندا ،  
تاس قالىدۇ بەزىلەر تەتۈر پەشۋا ئېتىشقا .  
  
قوي!دەرىسنى قىل تازلىق دېدى مەكتەپ تازلىدۇق ،  
مۇنبەردىكى قەدەمدىن يىراقلاشتۇق ئازلىدۇق ،  
ساختىلقنى پۈركۈتۈپ پەدىلەرنى سازلىدۇق ،  
ھۇش-كاللار جايىدا توۋا دېدۇق ئازمىدۇق ،  
كۈنۈپ كەتتى مۇدىرلار سىتولبىدەك قېتىشقا .  
  
كۆپ كۈرۈلدى ئەندىكىش مۇئەللىمنىڭ چېھرىدە ،  
روھىيىتى سۈپەتسىز ئازغۇنلارنڭ سېھرىدە ،  
سۈيۈلۈش تەس بەكمۇ تەس بۇنداقلارنىڭ مېھرىدە،  
كىم ئۈزدۇرەر بىلمىدۇق ھەقىقەتنىڭ بەھرىدە،  
بىلىپ تۇرۇپ شۇلارنى ئاۋارە بىز يېپىشتا .  
  
كۈل دېگەندە كۈلۈپ بىز گاھى يىغلاپ بۇلۇقلاپ ،  
تېلىقىمىز گەپ قېتىپ شۇنداقلارنى ئۇلۇغلاپ ،  
‹‹ئۆھۆ..!››دېسە شۇزامان شۇم پەيلىنى تۇلۇقلاپ ،  
كېكەش قىلدۇق چىنلىقنى قويدۇق تېخى قۇلۇپلاپ ،
پاھ!ئالامەت خۇرۇش بىز ئەنە شۇنداق ئېچىشتا ...
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-09 22:46 |
siyit^ahun
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6642
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 50 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 50 سوم
تۆھپە: 30 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 30 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇئەللىم بولماق تەس........

ئادەم كۆپ جايلاردا سۆزلىشىپ بەس-بەس،
مۇئەللىمنىڭ كۈنىگە قىلمىغىن ھەۋەس.
مۇئەللىم بۇلاركەن باسسا كىمنى نەس،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.

   سودىدا تالاشساق گىرىكەن دەيدۇ،
يا كاسسىر مائاشنى جىق- جىق بەرمەيدۇ.
پۇلى ئاز ئادەملەر سوغۇق تەرلەيدۇ.
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.

ئىشتىھا بار لېكىن يىيەلمەس پۈتۈن،
تويمىغان يىرىگە تويغىزار تۈتۈن،
شۇ سەۋەپ چىرايى ئەمەستۇر سۈتۈن.
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.

ئىسىلراق كىيىمگە مائاش يەتمەيدۇ.
توك پۇلى سۇ پۇلى نېرى كەتمەيدۇ،
توي-تۈكۈن مەرىكە بىزنى ئەپلەيدۇ.
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.

ئىئانە ئەڭ ئاۋال يوقلايدۇ بىزنى،
بەرمىسەك باشلىقلار دوقلايدۇ بىزنى ،
جىق بەرسەك ئاياللار سوتلايدۇ بىزنى،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.

خىزمەتنىڭ دەستىدىن نەچچىمىز بويتاق،
كىر يوتقان كىر كۆرپە ئىشتانلار شالتاق،
بويتاققا ھەمراھكەن رەتلەنمەس ياتاق.
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.

پۇلى ئاز نامرات دەپ قىزلار تەگمەيدۇ،
پۇل تېپىش پۇرسىتى بىزگە كەلمەيدۇ،
مۇئەللىمنىڭ دەردىنى قىزلار بىلمەيدۇ.
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.

كەپ تۇرار ھەپتىدە باھالاش ئۆمەك،
ئۇلارغا ھەقىقى سان-ساناق كېرەك.
ئىشلەيسەن نەچچە رەت ئارخىپنى دىمەك،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.

باشلىقلار تۇرىدۇ خۇددى داھىدەك،
ئىشلەيمىز بىز خۇددى باخشۇ-يايىدەك،
بىز ماتا ئۇلاردۇر ئەتلەس شايىدەك.
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.

  10-سىنتەبىر بايرام كۈنىمىز،
دەرت چەككەن بولساقمۇ مەجبۇر كۈلىمىز،
شەرەپكەن مەيدىگە قىسقان گۈلىمىز،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.

مۇشەققەت دەستىدىن ئاقارسىمۇ چاچ،
ئۈمىدۋار بوپ كەلدۇق پارتىيە بولغاچ،
مىڭ شۈكرى قالمىدۇق لېكىن يالىڭاچ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.

  يەتمىگەچ بىراۋغا بىزدىن قىلچە نەپ،
ھاجەتمەن بوپ بارساق قۇيار ئەدەپلەپ،
مەسخىرە قىلىدۇ ‹‹ئەپەندى ››كەن دەپ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.

بىر سائەت سورىساڭ مائاشىڭ كەمدۇر،
تاقابىل تۇرمىقىڭ ئۈلۈمگە تەڭدۇر،
سىردىشىڭ بور كىتاب دوسكا ھەم رەڭدۇر،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.

مەكتەپتە مۇھىمى ئوقۇ- ئوقۇتۇش،
سەبىيلەر قەلبىنى پەندە يورۇتۇش،
ھالبۇكى ئۇنتۇلدى بۇ  مۇقەددەس بۇرچ،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.

تەكشۈرەر پات-پاتلا تەييارلىق قېنى،
تەييارلاپ تۇرمىساڭ چىقىدۇ جېنى.
كىچىك پىت ھەممىدىن قىينايدۇ سىنى.
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.

ھەركۈنى بار ساڭا ئالىي يول-يۇرۇق،
چۇلاڭ يوق مۇگىدەيدۇ غېرىپ تاپشۇرۇق.
ئاخشىمى ئۆيۈڭنىڭ چىرىقى يورۇق،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.

سانى يوق تازىلىق،سانى يوق ئەمگەك،
بۇ دىمەك چارچاشتىن ھالىدىن كەتمەك.
كۈنىمىز ساختىلىق يوقنى بار ئەتمەك،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.

توشقۇزماي قۇيۇپ باق بىر كاتەكنى ئاق،
كىملەردۇر دوق قىلىپ تويغۇزىدۇ جاق،
بورمىلاپ قەستەنلا چىقىرار چاتاق،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.

دەرتلەر كۆپ ئاڭلاشقا ئادەم يوق بىراق،
بىز شۇنداق تىنىمسىز كۆيگەن شام چىراق،
يۈرەكنى ئۆرتەيدۇ ھەسرەتلىك پىراق،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.

يازغىنىم ئىشەنسەڭ ھېچ يالغان ئەمەس،
بىر ئۆمۈر يازساممۇ دەردىم تۈگىمەس،
توختۇتاي سۆزۈمنى ئەمدى بولدى بەس،
تەس دىسە جاھاندا مۇئەللىم بولماق تەس....

مەنبە:توردىن ساقلىۋالغانلىرىم
بارلىق جاپاكەش كەسىپداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن !!!!!!!!
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-09 23:02 |
xiho
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6105
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     مۇئەللىملارنىڭ دېىھقانلىرىمىزنى ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئۈمۇتسىزلەندۇرمەي ،گەلگۇسىگەزور ئۈمۇد بىلەن قارىشىنى ،زىممىسىدىكى مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن .بارلىق مۇئەللىملەرنىڭ بايرىمىنى تەبىرىكلەيمەن .
[ بۇ يازمىنىxihoدە2012-09-09 23:37قايتا تەھرىرلىدى ]
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-09 23:21 |
ahgul914
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 75
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 163
شۆھرەت: 1187 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1187 سوم
تۆھپە: 646 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 649 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 130(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئالدىم قەلەم ، ئەجرىڭ ئۈچۈن يازاي داستان مۇئەللىم ،

تۈزەي دەيمەن ساڭا لايىق گۈزەل بۇستان مۇئەللىم .

سەن تاراتقان مېھرى-ئاتەشلىك ھارارەت ئالدىدا ،

ئايلىنار يازغا، تومۇزغا ، قىش-زىمىستان مۇئەللىم .
- ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-10 00:36 |
faxsit
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9353
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 21 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 21 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەسىم:
قاغا جىنىدا ،ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى خوش ئىتىمىش.دىيارىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچ-ئۇستازلار،بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن!!!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-10 01:25 |
mikman
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9831
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 55 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
تۆھپە: 33 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 33 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەسىم:
قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتقۇچى سۆيۆملۈك  ئۇستازلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن
ئەل قىساسى مىنەلھەق
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-10 02:13 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » شېئىر - نەسىرلەر