قىممەت
(ساتىرا)
داۋالانساق نىچۈن ئوكۇل-ئاسمىڭىز قىممەت،
زاۋۇتلاردىن ئەرزان چىققان دارىڭىز قىممەت،
كارۋات،سۇ،توك،داس-چايدان،پار،چايىڭىز قىممەت،
جان تاتلىقكەن نىمە چارە ياتىمىز قىممەت،
ھېچ ئەرزان يوق،سوراپ كۆرسەك بارىڭىز قىممەت.
<ئاق خالاتلىق پەرىشتە>دەپ ماختاپ تۇرىمىز،
<داۋالىنىش تەس،قىممەت>دەپ قاقشاپ تۇرىمىز،
پۇت ئاغرىسا پۇلدىن قورقۇپ ئاقساپ تۇرىمىز،
<ئەجەپ ئىش بۇ>دەپ غودوراپ-ۋايساپ تۇرىمىز،
<دوختۇر ئۇلۇق>دىگەن شەرەپ نامىڭىز قىممەت.
كەمبىغەلنىڭ تېنى ئاغرىپ،قىزىپ ياتالماي،
ئەرزان"دۇرۇت،سۈپ-سۈپ"ئاڭا شىپا بولالماي،
دوختۇرخانا ئەتراپىغا يېقىن بارالماي،
قاچانغىچە"ۋايجان"لايدۇ جىق پۇل تاپالماي،
<پۇل تاپشۇرۇڭ!>دىگەن بۇيرۇق-سانىڭىز قىممەت.
<مونۇ دارى تەڭداشسىز>دەپ سالىسىز داۋراڭ،
قايمۇقتۇرۇپ بىزنى ئەجەپ كۆرىسىز گالۋاڭ،
شىرىنكانە كۆزلەپ ھەرگىز رېتىسىپ يازماڭ،
مەنپىئەتچۈن خېرىدارنىڭ گۆرىنى قازماڭ،
بولۇپ قالماڭ سۈرۈن تەلەت-ھالىڭىز قىممەت.
<ھايات موھىم،ئادەم ئۇلۇغ>دەيسىز شۇئاردا،
<ئەرزان،قۇلاي،كىلىڭ>دەيسىز ھەربىر ئېلاندا،
نەدە قالدى بۇ گىپىڭىز پۇلنى ئالاردا،
ھاڭ نەپسىڭىز تولار زادى،زادى قاچاندا،
ئاغرىق كەلسە پەم ئىشلىتىپ ساتتىڭىز قىممەت.
مۇشۇ كۈندە بېرەر كىمگە يەتمىگەي زەرەر،
ئېھ ئىلاھىم تىنىچ تۇرغاي ئۆپكە،ئۆت،جېگەر،
نەس كېسەللىك مىليونېرغا چاپلاشسا ئەگەر،
بىر كېچىدە نامراتلىقنىڭ شامىلى تېگەر،
ئاغرىقلاردىن ئۈندۈرەر ھەق-مانچىڭىز قىممەت.
قىممەتچىلىك ئىمتىيازنىڭ كارامەتلىرى،
سودىدىكى پارىخورلۇق ئالامەتلىرى،
قاچان تۈگەپ چىرىكلىكنىڭ ئاسارەتلىرى،
ئەرزان داۋا تاپار نامرات جاراھەتلىرى،
ئىنساپ تىلەي!قىزىل بولاق-پارىڭىز قىممەت.
*******
مەنبە: ئۆز قەلىمىم.(ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)
يېزىلغان ۋاختى:2007-يىلى 2-ئاي
دىيارى كەلپىن