saltanat lutun elan berig
«12345»Pages: 1/18     Go
بۇ تېما 35648 قېتىم كۆرۈلدى
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2259
شۆھرەت: 12449 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 12511 سوم
تۆھپە: 7307 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 7318 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2730(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 كوئىنلۇن بانكىسىدىن باشلانغان خىياللار

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما alqondi تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-10-02)
       مۇشۇ شەھىرى قۇمۇلىمىزغا يېڭىدىن بىر بانكا قوشۇلۇپتۇ دەڭلار، شەھەرنى ئايلىنىپ شەھەردىكى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر بىلدۈرگۈ تاختىلىرىدىكى خەنچە خەتلەرنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كېتىپ بارسام، ماۋۇ يېڭىدىن ئېچىلغان بانكا ئۇچراپ قالدى، تېخى لېنتا كەسكىلى بىر كۈنلا بولغان چېغى، ئىچى قالايمىقانراق تۇرىدۇ ، قاراپ باقسام ئىشىك بېشىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر بىلدۈرگۈ تاختىسىدا ساپ خەنچە خەت دەيمەن.
شۇنداق قاراپ تۇرسام، كالدىرلىشىپ كاتتىباشلىرى ئوخشايدۇ ئىككى ئاق ياقىلىق ئاق پىشماق چىقىپ كەلدى، «ھە بۇ بانكىنى يېڭى ئاچتىڭلارمۇ» دېسەم، «شۇنداق» دېدى ئۇلار كۈلۈمسىرەپ، «مۇنۇ ئېلېكتىرونلۇق بىلدۈرگۈ تاختىسىدا ئۇيغۇرچە يوق ئىكەن » دېدىم ئۇلارغا، ئۇلار «ئۇغۇ شۇ، ئەمما بىزدە ئۇيغۇرچە بۇ ئىشنى قىلالايدىغان ئادەم يوق» دەيدۇ. مەن دېدىم «مەن قىلالايمەن، بىكارلىق قىلىپ بېرەي» دېدىم. ئۇلار «ئۇنداقتا ياخشى، ھازىر ئىشىمىز بار، كىينىچە شۇنداق قىلايلى» دەپ كېتىپ قالدى .
     توۋا، شەھىرى قۇمۇلدا تەرجىمان دېگەن ئىتنىڭ بېشىغا ئۇرسا ساماندەك تۇرسا. كومپيۇتېرچىلارمۇ ساماندەك تۇرسا، ماۋۇ گۇيلار ئادەم تاپالمىدۇق دەيدا! مەيلى ماۋۇ پۇلنى مەن چىقارساممۇ چىقىراي، بىر ياراملىق تەرجىمان بىلەن، بىر ياراملىق كومپيۇتېرچى ئۈچۈن يېرىم سائەتلىك ئىشكەن بۇ، قاراپ باقسام قىسمىتىمىزدىن ۋايسىماي ئەمەلى ئىشلەيدىغان ۋاقىتلارمۇ كەپ قاپتۇ، «ئۇيغۇر تىلىنى خەقنىڭ ئاغزىدىن زەر بېرىپ ئالغۇم كېلۇر» دەيدىغانراق بىر ناخشا بارغۇ ئۆزى.
       شۇنداق، بىكارلىق تەرجىمە قىلىپ بىكارلىق كىرگۈزۈپ بەرسەكمۇ مەيلى، ئۇيغۇر تىلى ئاشۇ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تاختىسىغا چىقسىلا ھېساب.
مېنىڭچە بۇ بىر تەپەككۇردىكى قاتماللىقنى بۆسۈپ ئۆتۈش، مەن بۇ تېمىنى داۋاملىق يازىمەن، بۈگۈن بىر تەرجىمان بىلەن كۆرۈشۈپ قويدۇم، ئەتە ئاشۇ قاراقۇرۇم (كوئىنلۇن) بانكىسىدىكىلەر گېپىدىن يېنىۋالمىسىلا قېنى، بۇ ئىشنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ باقايلى.
مەن ئاللاھ خالىسا ئەتە ھەر بىر ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر بىلدۈرگۈ تاختىسى ئورناتقان ئورۇنلارنىڭ باشلىقلىرىنى ئىزدەپ، بىكارلىق ئۇيغۇرچە تەرجىمە ۋە كىرگۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىمىزنى دەيمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن.

1.ئەتىسى مەن ئۇ گۇاڭدۇڭ يولىىدىكى  تارماق بانكىنىڭ باشلىقىنى ئىزلەپ باردىم ، ئۇ مېنى تونىدى ۋە مەقسىتىمنى چۇشۇنۇپ بارماق دىسكىغا ئېلىكتۇرۇنلۇق بىلدۇرگۇدىكى خەنسۇچە مەزمۇننى قاچىلاپ بەردى .

2. شۇنۇڭ بىلەن  مەن بىر تەرجىمان ئاكىنى ئىزلەپ بارسام ئۇ ئادەم بىز تەرجىمە قىلساقمۇ بولۇدۇ ئەمما ئەڭ ياخشىسى تىل يېزىق كومتىتى تەرجىمە قىلىپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق تامغىسى بار ،دەپ قالدى .

3.مەن بۇمۇ بولغۇدەك دەپ تىل يېزىق كومتىتىنى ئىزلەپ بارسام ئۇ يەردە بىر خانىم ئولتۇرۇپتۇ ، ۋاي مەن موشۇنداق تەرجىمە ئىشى بىلەن كەلگەن ، دىسەم بۇنداق قىلسىڭىز بۇ تەرجىمە قىلغانغا ھەق تۆلەيسىز .ئەگەر سىز خالىسىڭىز بىز بىر ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىمىزنىڭ فونكىسيمىز ئارقىلىق ئۇلارنى ئۇيغۇرچە كىرگۇزۇشكە مەجبورلايلى  دەپ قالىدى ،

4.مەن دەرھال رەت قىلىدم قاچان بىر يىلدىن كىيىنمۇ ياق ، سىز بۇنى تەرجىمە قىلىپ بەرسىڭىز ئەتىلا بۇ ئىش پۇتۇدۇ ، ئون نەچچە مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئېلىكتىرۇنلۇق بىلدۇرگىدە ئۇيغۇرچە خەتنى كۆرەلەيسىز . ئاخىرى ئۇلار تەرجىمە قىلىدىغان ھەم ھەممىسى باش قوشۇپ تەرجىمدىكى قىلچىلىك سەۋەنلىكنىڭمۇ بولۇشىغا يول قويمايدىغان ، مەن تېلفۇن نومۇرۇمنى قالدۇرۇپ ھەپتىنىڭ بىرى ماڭا خەۋەر قىلىدىغان بولدى .

5.ھەپتىنىڭ بىرى خەۋەر يوق ئىككىسى تېلفۇن قىلىپتىكەن ئەمما ئۇچۇرشالمىدۇق ، ھەپتىنىڭ ئۇچى بالامنى ئېلىپ تىل يېزىق كومتىتىغا باردىم ، بارسام زىيادە ئۇركۇگەك بۇ تەرجىمانلار مەنگە تارماق بانكىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ئسىپات ئېلىپ كىلىشىمنى ئېيتتى ، بالام بىلەن كەينىمگە ئۆرۇلۇپ كوئىنلۇن بانكىسىغا باردۇق ، تارماق بانكىنىڭ باشلىقى گىپىمنى ئاڭلاپ بىراق تارماق بانكىدا ھەممە مەشغۇلات كومپىيۇتۇردا بولۇدۇ تامغىمىز يوق دىدى ، بۇ جاۋاپنى ئېلىپ قايتىپ تەرجىمان خانىمنىڭ يېنىغا بارسام ئۇ گۇرۇپپا باشلىقىغا تېلفۇن قىلىپ قانداق قىلىشنى سورىدى ،گۇرۇپ باشلىقى بولسا تۇرۇپ كىتىپ ئۇنداق بولسا ئىسمىنى بولسىمۇ يېزىپ بەرسۇن دەپتۇدەك ، شۇنداق قىلىپ ئىككىنىچ قېىتم بالامنى ئېلىپ  ئۇلار بەك ئەنسىرەۋاتىدۇ ئىسمىڭنى يېزىپ بەرسەڭ  دىسەم تارماق بانكا باشلىقى نىمىدىن ئەنسىرەيدىكەن دىدى ،مەن ئون پىرسەنىت ئۆسۇمنىڭ خاتا بۇلۇپ قېلىشىدىن دىدىم ، ئۇ بۇ توردا خەلىق بانكىىسى ئېلان قىلغان ئوچۇق خەۋەر بىز پەقەت باشقىلاردىن سەل كەڭرى قويۇپ بەردۇق ، ھېچ ئىش يوق دىدى ،مەن يەنىلا ئىسمىڭنى يېزىپ بەر دىسەم ئۇ كۇلۇپ كىتىپ يېزىپ بەردى ،

6.يەنە كەينىمىزگە چاپتۇق ، تىل يېزىق كومتىتى ئىشخانىسى بالامنىڭ ئىسىدەك بەك قالدى ، بۇ قېتىم ئاخىرى ئاشۇ يېرىم بەت سۆيۇملۇك  تەرجىمىنى قولۇمغا ئالدىم ، ئاندىن توت كوچىغا چاپتىم .

7.ئۇ يەردە دىلمۇرات دىگەن بىر بالا مۇشۇ ئىشنى قىلىدىكەن ، بىز ئەتىسى كوئىنلۇن بانكىسنىڭ ئالدىدا كۆرۇشىدىغان بولدۇق ، ئەتىىسى مەن بالام بىلەن ئازراق كىچىكسەك بۇ ئەر باۋفىڭغا ماتىريال ئالغىلى تىكىۋېتىپتۇ ، يېرىم سائەتتەك ساقلىساق كەلدى ، ئاندىن بانكا باشلىقىغا ھېلقى تامغىلىق تەرجىمىنى كۆرسەتتىم ،ئاندىن ئۇ كومپۇيۇتۇرنى بىزگە كۆرسۇتۇپ قويدى . تارماق بانكىنىڭ بۇ باشلىقى مېنىڭ زېرىكمەس روھىمدىن تەسىرلەنگەندەكمۇ قىلاتتى . بىز ئون نەچچەمىنۇت تەرجىمە خېتىنى كىرگۇزۇپ ئاندىن سىناق نى باشلىدۇق ، ئاخىرى ئون نەچچە مىتىرئۇزۇنلۇقتا ئانا تىلىيېزىقىمىزدا خەت جۇملىلەر پەيدا بولدى ، ئايھاي  مەن دىلمۇراتقا دىيشىۋالغىنىمىز بويىچە يۇز  يۇەن بەردىم .

8.شۇنداق قىلىپ يۇز ئەللىك كوي خەجلەپ ئالەمچە خوشاللىققا ئېرىشتىم ، ئانا تىل يېزىقىم جەۋلان قىلىشقا باشلىدى .



                                      ئانا تىلنى قوغداش جەمىيىتى قۇرۇشنى ئويلۇشۇش

1. پۇقراۋى جەميەتلەرنىڭ بارلىققا كىلىشىدىن سۆز ئاچقاندا قومۇلدا يىلتىز پۇتبول جەمىيتىنى كۆرگەندەك قىلدىم ، دىمەك شەخسىلەرمۇ جەميەت قۇرسا بولۇدۇ  مەنمۇ بىر پايدا ئالمايدىغان قانۇنلۇق ئوچۇق ئاشكارا ئانا تىلنى قوغداش جەمىيتى قۇرايمىكىن دەيمەنغۇ باللار ،

2.مېنىڭچە بۇنۇڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى خەلق ئىشلىرى ئىدارسى بىر تەرەپ قىلامدىكىن مەن بىر ئىلتىماس سۇنۇشنى ئويلۇشىۋاتىمەن ،

3، قومۇلدىكى بارلىق ئېلىكتىرۇنلۇق بىلدۇرگىلەرنىڭ مەسئوللىرى بىلەن كۆرۇشۇپ بىكارلىق ئۇيغۇرچە تەرجىمە ۋە كىرگۇزۇش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىمىزنى بىر سىتاتا ئېلىپ باقاي دەيمەن ، زادى قانچىلىك مەسئول  قارشى ئالىدۇ قانچىلىك ئادەم ئۇنىمايدۇ ، ئەمدى قوشۇلغان ئېلىكتىرۇنلۇق بىلدۇرگۇ تاختىلىرىنى  بىر بىرلەپ تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئاندىن ئېلىكتىرۇنلۇق بىلدۇرگۇ تاختىىسغا كىرگۇزىمەكچى ،

4. ئىككىنچى قەدەمدە بىخەتەر چىقىش ئېغىزى تاختىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسى قوشۇلغىنىنى  لاھىلەپ  شەھەر بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۇزۇپ ئاندىن زاۋۇتقا زاكاس قىلىپ ئاندىن بىر بىرلەپ  ئۇيغۇرچە خەتلىك تاختىنى كونا تاختىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇشنى ئويلۇشىۋاتىمەن ، بۇ  ئانا تىلنى قوغداش جەميىتى قۇرغاندىن كىيىنىكى ئىشلىرىم بولۇپ قالغۇسى ئاللاھ خالىسا ،

5.ھەپتىنىڭ بىرى ئاللاھ خالىسا مۇشۇ  ئانا تىلنى قوغداش جەمىيىتىنى قۇرۇشنىڭ يولىغا بىر بېلىمنى باغلاپ باقاي دەيمەن ، تورداشلارنىڭ مەدەت بىرىشىنى سورايمەن .
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-07, 22:36
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+2(naprat2009) بۇرادەر، قار ..
  • مۇنبەرپۇلى:+2(bahdaxohli) نادىر ماقالە
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-09-07 19:46 |
    abdunebijan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8353
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 14
    شۆھرەت: 70 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 70 سوم
    تۆھپە: 42 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 42 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    يارايسىز....سىزدىن ،سىزنىڭ مىللەتنى ئەمىلى   ھەركىتىڭىز  بىلەن سۈيۈش روھىڭىزدىن  تەسىرلەندىم.........بىز  ئۆگنىشكە تېگىشلىك ئۈلگە ئىكەنسىز.
    lutun
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-07 22:48 |
    harsan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 7867
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 12
    شۆھرەت: 70 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 70 سوم
    تۆھپە: 40 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 40 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 141(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئانا تىلنى سويۈش ئۇنى قوغداشتىكى ئەمەلىي ھەركىتىڭىز ۋە سەۋىرچانلىقىىڭىزدىن  قاتتىق تەسىرلەندىم. ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-07 23:10 |
    koygandengiz
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6375
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 149
    شۆھرەت: 753 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 754 سوم
    تۆھپە: 452 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 453 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 258(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

      شۇنداق گۈزەل ئوي - خىياللىرىڭىزغا مەرھابا !  قېنى ئالدى بىلەن تۇنجى قەدەمنى نەتىجىلىك ئېلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن ! ناۋادا مۇشۇ ئىشىڭىزدىن بىرەر نەتىجە چىقىپ قالسا ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ياردەمگە تەييارمەن ، گەرچە سىزدىن يىراق جايدا بولساممۇ .
    istanbol
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-07 23:29 |
    anatil8
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8450
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 167
    شۆھرەت: 845 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 845 سوم
    تۆھپە: 506 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 506 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 57(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-07
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    يارايسىز توخوتۇر ئاكا،،،تىل-يېزىقىمىزغا بولغان ھۆرمىتىڭىزدىن،مىھىر-مۇھەببىتىڭىزدىن تۇلۇمۇ سۈيۈندۈم...

    سورايدىغان بىر مەسلەھەتىم بار ئىدى،،،،

    4643738-0991مانا بۇ نۇمۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىل-يېزىق كومىتىنىڭ نۇمۇرى ئىكەن،،لىكىن قايسى كۈنى تىلفۇن قىلسام بىر خەنزۇ يولداش تىلفۇننى ئالدى،،،شۇنىڭ بىلەن ئۇ خەنزۇغا گىپىمنى چۈشەندۈرەلمەي،،بەكلا قىينالدىم،،،،،،

    تىل-يېزىق كومىتىتىدىن بىرەر ئۇيغۇر يولداش بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ ئامالى بارمىدۇ؟تىلفۇندىچۇ؟
    simfoniya
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-07 23:48 |
    apirida
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2586
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 102
    شۆھرەت: 535 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 535 سوم
    تۆھپە: 317 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 317 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 108(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    يازمىڭىزنى ئوقۇپ كۈلۈپ كەتتىم ، ھەرگىزمۇ مازاق قىلىپ ئەمەس ،سوزلىرىڭىزدىن ھوزۇرلىنپ كۈلدۇم ،يارايسىز ! مۇبارەك قەدەملىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن ، بىز سىزنى مەڭگۇ قوللايمىز .(ھازىرچە قۇرۇق گەپ بىلەن بولسىمۇ )
    lutun
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-08 00:04 |
    جەڭچى
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8427
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6
    شۆھرەت: 30 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
    تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 18 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-06
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەگەر (ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش )جەمىيىتىنى راستلا ئەنگە ئالدۇرسىڭىز .سىزنى قوللايدىغانلار ساماندەك شەخسەن مەن سىزنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن قوللايمەن .بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرساھەدىكى قېرىنداشىرىمىزنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بۇلۇمىز .شۇڭا ھەممە بىردەك كۈچ چىقارساق ،مۇمكىن بولسا بۇنى كېڭەيتىپ (مىلى تىرىتورىيەلىك ئاپتونۇمىيە قانۇنىنى) قوغدايدىغان بىر جەمىيەت بۇلۇپ شەكىللەنسە ،تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى ،چۇنكى ئارىمىزدا  (مىلى تىرىتورىيەلىك ئاپتونۇمىيە قانۇنىنى) دىن قىلچە خەۋەرسىز كىشىلەر ناھايتى كوپ ،ھەتتا كۆز ئالدىدا يۈز بەرسىمۇ كارى يوقلار كۆپ .شۇڭلاشقا بەزى بىر قاملاشمىغان يەرلىك سىياسەتلەر كوپىيىپ  كىتىپ بارىدۇ .شۇنى بىلىڭكى (مىلى تىرىتورىيەلىك ئاپتونۇمىيە قانۇنىنى) قوغدىغانلىق مىللىتىمىزنى قوغدىغانلىق ،سىز ھەرگىز بۇ قانۇننى سەل چاغلىماڭ مەسىلە دەل سىز بىلەن مەندە . بىلىڭكى (مىلى تىرىتورىيەلىك ئاپتونۇمىيە قانۇنىنى) غا خىلاپ قىلمىشنىڭ داۋاگىرى ھەربىر ئۇيغۇر !!!!
    قېزىقىدىغانلار ئالاقىلىشايلى !!
    :kusan2008@163.com    ئېخەت          qq:1162549497                
    [ بۇ يازمىنىجەڭچىدە2012-09-08 00:21قايتا تەھرىرلىدى ]
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-08 00:14 |
    qoruk
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10070
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 55
    شۆھرەت: 275 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 275 سوم
    تۆھپە: 165 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 165 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-09-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللاھ ! ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم .
    istanbol
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-08 00:15 |
    almas
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 545
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 344
    شۆھرەت: 1878 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1879 سوم
    تۆھپە: 1104 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1105 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 694(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    توخوتۇرغا ئاپىرىن ، سىزنى ھەممىمىز قاتتىق قوللايمىز .
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-08 00:34 |
    jasur84
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9409
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 216
    شۆھرەت: 1138 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1133 سوم
    تۆھپە: 678 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 684 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 212(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى قىپسىز، مەن تولىمۇ تەسىرلەندىم، ئانا تىلنى قوغداش جەمئىيتىنى قۇرۇپ چىقالايدىغان ئىش بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى، بۇ توغرىسىدىكى ئىشلاردىن بىزنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرغايسىز.
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-08 01:05 |
    arsilanbeg
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9955
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    شۆھرەت: 15 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
    تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 9 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاپىرىن سىزگە توخۇتۇر .مىڭلارچە قۇرۇق گەپتىن بىر ئەمەلىي ئىش ئەلا دەپتىكەن بۇرۇنقىلار .ھەقىقەتەن بىر ياخشى ئىش قىپسىز .ھەمدە بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ .بۇ بىزلەرگە خۇددى نىمە قىلىساق توغرا بولىدىغانلىقىنى يوشۇرۇن بىشارەت بەرگەندەكلا ئىش بوپتۇ .دىمەك بۇ چاغ بولغاندا قىسمەتتىن ،زاماندىن ۋە باشقىلاردىن ئاغرىنىش ئورۇنسىز ئىكەن  .ھەممىدىن مۇھىم مەسىلە يەنىلا ئۆزىمىزدىكەن .بىز شۇنچىۋالا ئىش بولغىنىنى بىلىپ تۇردۇق يۇ ،شۇنىڭغا بولغان نارازىلىقىمىزنى ئەمەلىي ،ئىلمىي يۇسۇندا ئىپادىلەپ باقماپتۇق .سىزنىڭ قىلغان ئەمەلىي ئىش ھەرىكىتىڭىزدىن بىز تىرىشساقلا ،ئەمەلىي ،ئىلمىي ئىش قىلىپ ئۆز ھوقۇقىمىزنى ئۆزىمىز قوغدىساقلا ،قالغان ئىشلار ئۆز يولى بويىچە مېڭىۋىرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتۇق .سىزگە يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر!ئامان بولغايسىز .
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-08 01:12 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «12345»Pages: 1/18     Go
    Bagdax bbs » ئۇيغۇرنىڭ كۆزى