جۇڭگو يەنە قانداق كىرزىسكە دۇچ كەلدى ؟
جۇڭگولۇقلار نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ ؟
ئەكبەرجان ( ئۆزتۈرۈك)
جۇاڭخوا مىللىتى 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە ئۇلۇغ مىللەت ، جۇاڭخوا مىللەتلىرىنىڭ دۇنياغا قوشقان ئالامشۇمۇل تۆھپىلىرىمۇ ئاز ئەمەس ، لېكىن بەزىدە بۇ 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە مىللەت كىشىنى تولىمۇ ئەپسوسلاندۇرۇپ قويىدۇ ؟خوش، بۇ گەپنى قويۇپ تۇرايلى . ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن جۇڭگو قانداق كىرزىسكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ دەپ ماۋزۇ قويىمىز ، دىققىتىڭىز تۆۋەنكى قۇرلاردا بولسۇن ؟
دۆلىتىمىز شۇنداقلا دۆلىتىمىز پۇقرالىرى نامراتلىق قۇتۇلۇپ ئازاد بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز تەرەققى قىلدى ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئېسلاھات ئىشىكى كەڭ ئېچىۋېتىلگەن 30 يىل مابەينىدە بۇ زېمىندا نۇرغۇنلىغان مىليادىر ، مىليونىرلار پەيدا بولدى .ھەقىقەتەن جۇڭگونىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ ئىقتىسادى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ئاشتى . بۇنىڭ مىساللىرى ناھايىتى كۆپ: ياۋرۇپادىكى داڭلىق ئۇنۋېرستىتلاردا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدۇ ، لېكىن بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر تەرەپتىن ئوقىغاچ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ ، لېكىن جۇڭگودىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۇنداق ئەمەس ، ئۇلار ئەسلا ئىشلىمەيدۇ ، شۇنداقتىمۇ ئوقۇش پۇلى تۆلەشتىن غەم يىمەيدۇ ، ياۋرۇپانىڭ يوقىرى ئىستىمال سەۋىيىسى ئۇلارغا ھېچ نەرسە ئەمەس ، ياۋرۇپادىكى داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ساتىدىغان سودا سارايلاردا دائىملا جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەشىكلەپ نەرسە كېرەك سېتىۋالغانلىقىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ .
بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا توردا ئىچكىرىدىكى بىر كەنت باشلىقىنىڭ قىزىنىڭ چەتئەلدىكى باياشات تۇرمۇشى زىلزىلە قوزغىغان ئىدى ، بۇ كەنت باشلىقىنىڭ قىزى ئۆزىنىڭ شەخسى تور بېتىدە ئۆزى سېتىۋالغان يوقىرى سوممىلىق مەھسۇلاتلارنى ۋە ئۆزىنىڭ مېرسىدىس ماركىلىق شەخسى ماشىنىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تورداشلار بۇ قىز بۇ نەرسىلەرنى قەيەردىكى سېتىۋالغان ؟بۇ ئېنىقلا دادىسىنىڭ پارىخوار ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىغانلىققۇ دەپ بەس بەستە پىكىر قىلىشتى . بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار كۈرمىڭ ، مەيلى ئەمەلدارلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولسۇن ۋە ياكى بايلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولسۇن ئۇلار چەتئەلدا تولىمۇ باياشات ياشايدۇ . بۇنىڭغا ھەتتا چەتئەللىكلەرمۇ ناھايىتى ھەيران قالغانلىقىنى ئېېتقان . ئۇلارنىڭ بۇنداق بەس- بەستە پۇل خەجلىشى گەرچە جۇڭگوغا نىسپەتەن بۇلار بايلار دەپ قارالسىمۇ لېكىن ياۋرۇپالىقلارغا نىسبەتەن < مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر ،قاسقاننى كۆرسە دۈم چۈشۈپتۇ > دىگەندىن باشقا نەرسە ئەمەستە . شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىن شەنبە يەكشەنبىلىك دەم ئېلىشتا ياۋرۇپاغا چىقىپ نەرسە كېرەك سېتىۋالدىغانلار ياۋرۇپالىقلارنى ھەيران قالدۇرغان . قايسى بىر يىلى دۆلىتىمىزدە مەلۇم مەزگىلىلىك چېگرانى تاقاش ئېلىپ بارغاندا چېگرىرداش دۆلەتلەردىكى پاھىشخانا ۋە قىمارخانىلارنىڭ چۆلدەرەپ قالغانلىقى توغۇرلۇق يىرگىنىشلىك خەۋەرلەرمۇ تورلاردا بەس -بەستە تارقالغان .
2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقىلى كورىيە -ياپۇنىيەگە بارغان جۇڭگو پوتبول كوماندىسى ئەزىمەتلىرىنىڭ شۇ يەردە قىلغان ئىستىمالى باشقىلارنى ھەيران قالدۇرغان .يەنە نىمە دەيمىز ، دىسەك دەۋېرىمىز ئىسلاھات ئىشىكىنى كەڭ ئېچىۋەتتۇق دىۋىدى قانداق بولۇپ كەتتى ،ئىشىكنى قىيا ئېچىپ قويدىمۇ دىگەن خىيالغا كەپ قالىسىز .، ئىشقىلىپ جۇڭگولۇقلاردا پۇل كۆپ .تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان جۇڭگودا تۈركىيە نوپۇسىچىلىك مىليونىر بار دىگەن گېپى ھەقىقەتەن توغرىكەن .
سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى ۋە جۇڭگونىڭ GDP سىنىڭ دۇنيادىكى ئورۇن تەرتىپى تۆۋەندىكىچە : (دۇنياۋى رەت تەرتىپى)
جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى :
1960-يىلى :78-ئورۇندا . 1970-يىلى 82-ئورۇندا ، 1980-يىلى 94-ئورۇندا . 1990-يىلى 105-ئورۇندا . 2008-يىلى 106-ئورۇندا.2010 -يىلى 127-ئورۇندا :
جۇڭگونىڭ GDP سى بولسا :
1978-يىلى 15-ئورۇندا ، 1990-يىلى 10-ئورۇندا ، 1995-يىلى 7-ئورۇندا ،200-يىلى 6-ئورۇندا، 2007-يىلى 4 ئورۇندا ، 2010-يىلى 2-ئورۇندا .
نىمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم بارغانسېرى تۆۋەنلەيدۇ لېكىنGDPسى بولسا ئەكسىچە ئۆرلەپ 2- ئورۇنغا چىقىدۇ ؟ جۇڭگودا يوقىرىدا دېيىلگەندەك مىليونىر بايلار كۆپ بولغىنىدەك نامراتلارمۇ كۆپ ، مىليونىرلار كۆپەيگەن بايلار كۈنسېرى كۆپىيۋاتقان بولسىمۇ نامراتلارنىڭ سانى ئازلىغىنى يوق . گەرچە نامراتلىق قالپقىنى چۆرۈپ تاشلىدۇق دەپ ئېلان قىلغان بولساقمۇ يەنىلا ئەتىكى قورساقنىڭ غېمى ئۈچۈن پالاقلاپ يۈرگەنلەر ساماندەك تولا :
بەزى جۇڭگولۇق بايلارنىڭ بىر كۈندە خەجلىگەن پۇلنى جۇڭگودىكى چوڭراق يېزىلارمۇ 50 يىلدىمۇ خەجىلىيەلمەيدۇ .بۇ يىل شەنشىدىكى قايسى بىر چوڭ گورۇھنىڭ لىدىرى سەنيادا قىزىنىڭ توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن . قىزىنى قىممىتى نەچچە يۈز مىليونلۇق ماشىنىلاردا توشىغان ، ۋە ئۈچ دانە تىك ئۇچارنى ئىجارىگە ئالغان . شۇنداقلا جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق ناخشا چولپانلىرىدىن 10 نەچچىنى تەكلىپ قىلغان ، خەينەنداۋدىكى ئەڭ داڭلىق يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدىن 3 نى كۆتۈرىگە ئالغان بولۇپ بىر كۈنلۈك چىقىمى 70 مىليون دىن ئېشىپ كەتكەن ، بۇ چوڭ گورۇھنىڭ لىدىرنىڭ لىدىرىنىڭ بۇنچىۋالا كۆپ پۇلى نەدىن كەلگەن، ئەلۋەتتە بۇ پۇللاردا جۇڭگو زېمىنىىنىڭ ، پۇقرالارىنىڭ ھەققى بار ، ئۇلار دۆلەتنىڭ ئالتۇندەك بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ ، نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىپ بېيىغان ئەمەسمۇ ، ئەمدىلىكتە بىر كۈندە شۇنچىۋالا كۆپ پۇلى پۈركىۋېتىش نىمە دىگەن پەسكەشلىك ھە ! بۇنىڭغا ئوخشاش ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملارنى سانىساق بەكلا جىق .
يېقىندا شەنشىدا تۇغۇلغان مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ داڭلىق مۇخپىرى بىلوگىغا مۇنداق يازىدۇ :
سىلەر ئالدىنقى 30 يىلدا جېنىڭلارنىڭ بېرىچە مەدەنىيەتنى يوقاتتىڭلار ، نەچچە يۈز يىل سەرىپ قىلىپ مۇجەسسەملىگەن مەدەنىيەت مىۋىسىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ سازايى قىلدىڭلار ، كېيىنكى 30 يىلدا جېنىڭلارنىڭ بارىچە ماددى بويۇملارنى يوقىتىپ كېچە كۈندۈز قېزىپ ئەرزان باھادا ساتتىڭلار ،
مەجبۇرى ھالدا خەلقنىڭ ئۆي -تۇرالغۇلىرىنى چاقتىقلار ، پاكىر كۆل دەريالارنى بۇلغاپ پۇل تاپىدىغان ساياھەت ئورنى قىلدىڭلار ، يوقىرى باج ۋە تۆۋەن مائاش بىلەن خەلقنى قىستىدىڭلار ، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ياشايدىغان ھېچقانداق شارائىت قالمىدى ،سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار بولسا كۆچمە نوپۇس بولۇپ ياۋرۇپاغا ماكانلاشتى .، سىلەر زادى قانداق ئادەم ، نىمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا قارا كۆڭۈللۈك قىلىسىلەر !
يەنە قايسى بىر يازغۇچى مۇنداق دەيدۇ : تەيۋەندىكى بايۋەتچە ئاپىيەننى ھەممە كىشى چوڭ قىمارۋاز دەيدۇ ، لېكىن ئۇ بەك ئىنسانپەرۋەر ، ئۇ قانداقلا بولمىسۇن فۇجىيەندە پۇل چىقىرىپ 43 ئۈمىد مەكتىپى قۇرۇپ بەردى . لېكىن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قايسى باي بۇ ئىشنى قىلالىدى . كىم ئۇلارنىڭ ياخشى ئىش قىلغىنىنى كۆرگەن . سىچۈەن ۋېىچۈەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغاندا مەركەزدىكى يوقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار 300 يۈەن ئىئانە قىلدى . تىيەنجىندىكى بىر يايمىچى بوۋاي بولسا 9868 يۈەن ئىئانە قىلدى . كىممۇ جۇڭگونى نورمال بىر دۆلەت دېيەلىسۇن
مەركەزدىكىلەر ئۇلۇغ جۇاڭخوانى گۈللەندۈرۈپ ئەڭ قۇدىرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز دەپ جار سالدى .ھەقىقەتەن ، جۇڭگودەك يەر مەيدانى كەڭ ، نوپۇسى كۆپ ، يەر ئاستى بايلىقى ھەددى ھېساپسىز مۇشۇنداق دۆلىتنى دۇنيادىكى ئەڭ قۇدىرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تامامەن بولىدۇ ، بۇ گەپنىمۇ مەركەرزىدىكىلەر شۇنداقلا ئىچى پۇشۇپ كەيىپچىلىكتە دەپ قويغان گەپ ئەمەس ، لېكىن قانداق بولىۋاتىدۇ ، بايلار بېيىپ كەتتى ،نامراتلار يەنىلا نامرات ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىمى ئۆسمىدى، باي بولغانلار يا جەمئىيەت پاراۋانلىقى دىگەندەكلەرنى ئويلىمىدى، ئەمەلدارلار يانچۇقىنى تومپايتىش بىلەن ئاۋارە ، بۇنىڭدا قانداقمۇ ئومۇمى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغىلى بولسۇن !
!
يەنە تېخى جۇڭگونىڭ نەچچە مىليارد يۈەن نامرات دۆلەتلەرگە پۇل ئاشلىق ئىئانە قىلىشى كۆپىنچە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدۇ . بۇ خۇددى ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئاچ قويۇپ خەقنىڭ بالىسىنى باققانغا ئوخشاشلا ئىشتە ، جۇڭگود يەنە ماشىنا سوقىۋەتكەن بىر بالىنى يۆلەپ قويغان موماي پۈتۈن خەلقىنڭ ئالقىشىغا ئېرىشدۇ ،ھەمدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەغدىرلىنىدۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس ، ماختىغىدەك ۋە ياكى تەغدىرلىگىدەك ئىش ئەمەستە ! ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئىنسانىي خىسلەت ، لېكىن جۇڭگودا باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئالاھىدە بىر ئىش بولغان بولىشى مۇمكىن ،
يەنە جۇڭگو چوڭ بىر تۈرمىمۇ دىگەندەك گەپلەر چىقىشقا باشلىدى ، قانداقسىگە دىگەندە ، ھازىر جۇڭگودىكى پۇل تاپقان بايلار تۈركۈم تۈركۈملەپ چەتئەلگە ئولتۇراقلىشۋاتىدۇ ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەۋزەل شارائىتىدىن ، بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ھەدەپ پۇل تېپىۋېلىپ ئاخىرى چەتئەلدە تۇرمۇش كەچۈرۈشى تاللاۋاتىدۇ ، نىمە دىگەن نومۇسسىزلىق ، ئالدىنقى يىل ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەر بۇنىڭ تىپىك مىسالى :::
قانداق قىلىش كېرەك : ھازىرمۇ جۇڭگونىڭ ھەرقانداق شەھىرىدە ھەتتا پايتەخت بېيجىڭدىمۇ بىر نانغا زار بولىۋاتقان تىلەمچىلارنى ھەرۋاقىت كۆرگىلى بولىدۇ ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايمىز داۋاتقىلى نە زامان ، قاچان ياخشىلىنىدۇ ، چاۋشىيەن داھىيسىنىڭ خەلققە ۋەدە بېرىپ كېيىنكى بەش يىلدا ھەممە پۇقرانى گۆش يېيەلەيدىغان تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشقا تىرىشىمەن دىگەن ۋەدىسىنى ئاڭلىغاندا جۇڭگولۇقلار مەسخىرە قىلىشپ كەتتى ، لېكىن ئويلاپ باقسام بۇنى مەسخىرە قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئورنى يوقكەن ، ئەمەلىيەتتە مەركەز رەھبەرلىرى بۇ نۇقتىنى ياخشى ئويلىشىپ باقسا بولىدىكەن . ئەلۋەتتە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھۆكۈمەت زىيادە چىقىملارنى ئازايتىش كېرەكتەك قىلىدۇ ، پەقەت كومپارتىيە كۈچىگەندىلا خەلق تۇرمۇشى ۋە پاراۋانلىق ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ،جۇڭگونىڭ بايلىرىدىن ئۈمۈد كۈتۈشنىڭ قىلچە ئورنى يوقكەن ، ئۇلار پەقەت شىلىپ بولۇپ قاچىدىكەن ، ئەھۋالدىن قارىغاندا دۆلىتىمىز ئېغىر بىر خىرىسقا دۇچ كەلگەندەك قىلامدۇ قانداق ؟؟؟؟؟؟
مەزكور تېما باغداش تورىغا خاس