جۇ كۇنرېن
(10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مەلىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي قانون كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئازاتلىق ئارمىيە باش ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق سىياسى كومىسارى )
(ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە ئەسلى ماقالىنىڭ يېرىمى قىسقارتىلدى)
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن شىنجاڭنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىدېئولوگىيىسى ۋە خاتالىقلار
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىدا سۈركۈلۈشلەر يامان ئەۋچ ئىلىپ كەتتى. ئەگەر ھازىرمۇ شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى بۇزۇۋاتقان بۆلگۈنچىلەرنىڭ شىنجاڭدا كۆرسىتىىۋاتقان تەسىرى بەك ئاددىيلاشتۇرىۋىتىلسە ، شۈھبىسىزكى ئۆزىمىزنىمۇ، ئۆزگىلەرنىمۇ ئالدىغانلىق بۇلىدۇ تازا ئىنچىكلىك بىلەن كۆزىتىدىغان بۇلساق ، 80-90-يىللار ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدا بۈلگۈنچىلىك كۈچلىرى بەك ئەۋج ئالغان 20 يىل بۇلدى. بۇ ھال ھەم سىرتتىكى خەلقئارا مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، ھەم دۆۋلەت ئىچىدىكى خاتا سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. راستىنى ئىيتقاندا ، ئۆتكەنكى جوڭگۇ ھۆكۈمىتىىنىڭ شىنجاڭدا ئسىلاھات ئىلىپ بىرىشقا دائىر بىر قاتار ڧاڭجىن- سىياسەتلىرى، بۈگۈنكى مىللى بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ بارغانسىرى ئەۋج ئىلىپ كىتىشى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئسىپاتى بولالايدۇ. راستىنى ئىيتقاندا .مانا مۇشۇ ڧاڭجىن -سىياسەتلەر مىللى زىدىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۇرۋەتتى، شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىك ئىدىينىڭ يامراپ كېتىشى ۋە تەرەققى قىلىشىغا يول ئىچىپ بەردى
كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، كىچىسى تولا يىغلايدىغان بالا گېنىرال ۋاڭ جېننىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسا قۇرقۇپ يىغىسىدىن توختاپ قالار ئىكەن. بۇنىڭدىن ۋاڭ جېننىڭ ھەيۋىسىنى بىلگىلى بۇلىدۇ . ۋاڭ جن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يۈرەكلىك قەھرىمانى . ئۇ زۇزۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى << ئەسكەرلەر بوز يەر ئېچىپ چېگرا رايوننى ساقلاش>> سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش -قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قۇردى. ئادەتتە پۇقرا ، ئۇرۇش ۋاقتىدا ئەسكەر بۇلۇپ خىزمەت قىلىىغان بۇ ئۇرگان شىنجاڭنىڭ بىرلىكى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. << چاقىرغاندا كېلەلەيدىغان ، جەڭ قىلغاندا غەلبە قىلالايدىغان >> مىليون كىشىلىك بۇ قۇشۇن دۆۋلەتتىن بىر تال ئاشلىق تەلەپ قىلمىدى ، ۋاڭ جىن شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرگە زور كۈچ بىلەن زەربە بىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمىللىكىنى مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى نەچچە ئون يىل تىنچ ساقلىدى. لىكىن ۋاڭ جېنمۇ سەل رەھىمسىلىك قىلدى: يەنى كىشىلەرنىڭ ئىيتىشىچە ، ۋاڭ جىن ئارمىيىنى يىزىلارنى قۇرشاشقا بۇيرۇپ، ئازادلىق ئارمىيىنى ئۆلتۈرگەنلەرنى تاپشۇرۇپ بىرىشكە ، تاپشۇرۇپ بەرمىسە شۇ مەھەلىدىكى ئەلەردىن بىر ئەسكەر ئۈچۈن بەشنى ئۆلتۈرۋىتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئەگەر راست شۇنداق ئىش بۇلغان بۇلسا ، ھەقىقەتەن قانجورلۇق قىلغان . لىكىن ئىنچىكە ئويلىغاندا بۇنىڭمۇ داۋلىسى بۇلۇپ، جۇڭخۇڭنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق بۇلغان. چۈنكى ھۆكەمەتنىڭ رەھىمدىللىلىك قىلىشى ،يۇمشاق قۇل بۇلۇشى بىلەن بۆلگنچىلەر كۆز قارىشىنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇلار ھۆكۈمەتنى ئاجىز دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ كۈچىنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ. ئۇلار زورىيىپ كېتىپ ، تاقابىل تۇرماق مۇمكىن بۇلماي قالغان چاغدا، مۇنتىزىم ئارمىيە بىلەن مۇنتىزىم ئارمىيە ئوتتۇرسىدىكى قانلىق جەڭ كىلىپ چىقىدۇ. شۇڭا دۈشمەنگە رەھىمدىللىك قىلىش ئۆزىگە زوراۋانلىق قىلىش بۇلۇپ قالىدۇ. لىكىن مەسىلە شۇ يەردىكى شۇ چاغدىكى دۆۋلەت كۈچى .تۈپەيلىىدىن مەركەز شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرگە بەك يومشاقلىق قىلمىدى ، زوراۋانلىقتىن قالغان داغنى ئۆز ۋاقتىدا يوقىتالمىدى. كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چېچىلغان بۇ ئۆچمەنلىك ئۇرۇقى 80- يىلللاردا بىخلاپ چىقتى . لېكىن ئۇمۇمىى جەھەتتىن ئىيتقاندا ، ماۋ زىدۇڭ دەۋرى شىنجاڭنىڭ دەۋرى ئەڭ تىنچ ، مىللى زىددىيەت ئەڭ پەسەيگەن دەۋر بۇلدى. شىڭجاڭدىكى قېرىنداشلىرىمىز بۇ ھەقتە ئورتاق ھېسىياتقا ئىگە ئىدى. خۇ ياۋباڭ دەۋرىگە كەلگەندە سۇبېكتىپچىلىق كىچىك تىپتىكى خاتالىقلار يۈز بەرسىمۇ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى تىخىمۇ ياخشى بۇلغان ئىدى. يەنى <<شىنجاڭ، شىزاڭ توغرىسىدىكى ئالتە ماددا>> چىقىرىلدى. بۇنىڭ ئۇمۇمي مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك بولدى:
1.تولۇق ئاپتۇنۇمىيە بۇلۇش
2. تەربىيىلىنىپ ، ھاللىنىۋىلىش
3.ئاپتۇنوم رايون ئالاھىدىلىكىگە ماس كىلىدىغان جانلىق سىياسەت قوللىنىپ، ئاپتۇنۇم رايون ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇش
4.ناھايىتى كۆپ خىراجەت ياردەم قىلىپ دىھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتۇنۇم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جىددى ئىھتىياجىغا سەرپ قىلىش
5.ئاپتۇنۇم رايوننىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ ،ئىلىم-پەن ئىشلىرىنى ئەسلىكگە كەلتۇرۇش
6.شىنجاڭغا،شىزاڭغا بارغان كادىرلارنى تۈركۈمگە ، مۇددەتكە بۆلۈپ ئىچكىرسىگە يۆتكەپ كىتىش
يۇقىرقى ئالتە ماددىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن شىنجاڭ ئاپتۇنۇم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسدە ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى تەڭشەشنى ، ئاز سانلىق مىللەت كادرىلىرىنى كۆپەيتىشنى ، خەنزۇ كادىرلارنى بالدۇر پېنسىيەگە چىقىرىشنى ، ياكى ئۇلارنىڭ ئىچكىرسىگە يۆتكىلىپ كېتىشىگە ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى
خۇ ياۋباڭنىڭ قارىشىچە ، سىياسەتتە شىنجاڭغا ئېتىبار بىرىلسە ، ئىگىلىك تەرەققى قىلدۇرۇلسا ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ خەنزۇلارغا تەبىئىي مايىللىشىدۇ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى تەبىئىي يۇسۇندا قوغدىلىدۇ. كىم بىلسۇن شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى جوڭگۇنى ئۆزىنىڭ دۆلىتى دەپ قارسىمۇ ئاز بىر قسىم مىللى بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار ئۇنداق دەپ قارىمىدى. غەربنىڭ بىر مۇخبىرى مۇنداق بىر ۋەقەنى بايان قىلغان : دۆلەت بايرىقىنى ساقلاشقا مەسئۇل بۇلغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى ھەر كۈنى چىقىرىپ بۇلۇپ يىغىۋىلىنغان دۆۋلەت بايرىقىنى ئەكىرىپ دەسسىگەن! قانداق ئۆچمەنلىك مۇشۇ دەرىجىگە ئىلىپ بارىدۇ؟!
خۇ ياۋباڭ ئاساسلىقى مۇنداق بىر نەچچە جەھەتتە خاتالاشتى
1.شىنجاڭنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا ھەقىقىي تايىنىشقا بولىدىغان كۈچ ئۇيغۇرلار ئەمەس بەلكى خەنزۇلار ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت ئىتتىپاقلىشىش ئوبىيكتى بۇلىدىغانلىقىنى ، كۈچنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بۇلالمايدىغانلىقىنى بىلمىدى. شىنجاڭ توغرىسىدىكى ئالتە ماددىنىڭ بىر نەچچە ماددىسى خەنزۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە زىيان يەتكۈزدى . مەسىلەن ،60 پىرسەنت سىياسىتى : ئىشچى قوبۇل قىلغاندا ،ئالىي مەكتەپلەرگە ئۇقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا شىنجاڭلىقلار 60 پىرسەنتنى ئىگىلەش، رەھبىرى كادىرلار 1- قۇل باشلىق ئۇيغۇر بۇلۇش كىرەك دىگەنلەر ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنى 2- دەرىجىلىك پوقرا ئۇرنىغا چۈشۈرۈپ قۇيدى.
بۇنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا مۇقەررەر ھالدا ئاساسىي قاتلامنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچىرىدى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كىشىلىرى ئارىسىدا تۇقۇنۇش پىلتىسىنى كۆمۈپ قۇيدى ، ئۆزئارا زىددىيەتنى ئىنتايىن كۆپەيتىۋەتتى. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇ بۇلدىكى ، بۇنداق سىىياسەت ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇلارغا بۇلغان ياخشى تەسىراتىنى كۈچەيتەلمىدى. بۇلۇپمۇ 90-يىللاردىن كىيىن بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قىسقارتىلىشىغا ئەگىشىپ ، دۆلەت ئىلكىدىكى كاخانىلار قىيىنچىلىققا قالدى. يۇقىرقى سىياسەت يەنە بىر يۈك بۇلۇپ قالدى. ئىش ئۇرنىدىن قالدۇرۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار بۇلدى. چۇنكى خىزمەتچىلەر ئىچىدە ئۇلارنىڭ نىسبىتى چوڭ، ساپاسى تۆۋەن ئىدى. ھەتتا ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنىدىغانلار 60 پىرسەنت بۇلۇش سىياسىتىمۇ ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى بازارغا يۈزلىنىش ئارقىسىدا يۈك بۇلۇپ قالدى، بۇلغاندىمۇ بەك خەتەرلىك يۈك بۇلۇپ قالدى . ئۇلار مۇئەييەن بىلىم ئىگەللىدى، لىكىن خىزمەت تاپالماي جەمىئىيەتتىن نارازى بۇلدى. ئۇنىڭدىن كىيىنچۇ؟ تارىختا ئۆتكەن ھەر قانداق مالىمانچىلىق ،ھەر قانداق بىر تەشكىلنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن بىلىملىك نورغۇن ئادەملەرنىڭ قاتنىشىشىغا توغرا كەلگەن. بىر توپ ساۋاتسىزلارغا تايىنىپ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بۇلمايدۇ . ۋاھالەنكى شىنجاڭدىكى ھازرىقى ئالىي مەكتەپ ئەمەلىيەتتە شۇنداق ئادەملەرنى تەييارلاۋاتىدۇ.
2. قانون ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا كۈچىنى يۇقاتتى . ئەگەر ھەقىقىي قانون بۇيىچە ئىش كۆرۈلىدىغان بۇلسا ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى تۈرمىگە كىرىدۇ . بۇ سۆز سەل چىكىدىن ئاشۇرىۋىتىلگەن ، مۇبالىغە قىلىۋىتىلگەندەك كۆرۈنسىمۇ ، لىكىن شىنجاڭنىڭ ئامانلىق ساقلىشىدىكى ئىلاجىسىزلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. شىنجاڭدا يۈز بەرگەن يالغان خاراكتىرلىق بەزى دېلولار ، مەسىلەن ئىيتايلۇق : كاۋاپچىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلغا ئاران ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بىرىش قاتارلىقلار خەلقنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى. ئەگەر 60 پىرسەنتلىك سىياسەت ئىقتىسادى مەنپەئەتكە زىيان سالدى دىيىلسە ، ئامانلىق ساقلاش ئەھۋالىنىڭ بۇنداق ناچارلىشىشى ياشاش ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزدى. ئەگەر بولۇشىغا قويۇۋىتىلسە، كەڭ كۆلەملىك مىللىي قىرغىنچىلىقنى ۋە نوپۇسنىڭ بىنورمال ئېشىشىنى-شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ ئىچكىرسىگە ئېقىشىنى پەيدا قىلىدۇ ! بۇنداق قانات ئاستىغا ئېلىنىشتىن ئۇيغۇرلار مىننەتدار بولامدۇ؟
ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، گۆشنى تۇتقان ئادەم گۆشنى ئالمىسا ئۇنى ئۆلتۇرۈش كىرەك . ساقچىلاردا ئۇيغۇرلارنى قوغداش مەجبورىيىتى بۇلىدۇ ، ئۇنداق قىلمىسا ئۆلتۇرۇش كېرەك. ئۇلار ئۆزىنىڭ قانون ئالدىدىكى مەجبورىيىتىنى ھەرگىز ئۇيلىمايدۇ. بۇنداق بۇلۇشىنى بىزنىڭ سىياسىتىمىز ئۇلارغا ئادەتلەندۇرۇپ قويغان. ۋاھالەنكى، بۇنداق سىياسەت خەنزۇلار ئارىسىدا قانداق تەسىر پەيدا قىلدى ئەمدى يەنە بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى:
1993- يىلى شىنجاڭنىڭ قەشقەر شەھىرىدە قانلىق دىلو پەيدا بۇلدى. ئۇ دېلونى بۈگۈن ئۇيلىساممۇ ئادەمنىڭ تېنى شۈركىنىدۇ. شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ پاخالچىلىكمۇ قەدرى بۇلمىغان، قەشقەر شەھىرىدە ئىش ئورندىن قالدۇرۇلغان خەنزۇ ئايال باغچىنىڭ ئالدىدا بىليارت تاختىسى قۇرۇپ تىرىكچىلىك قىلغان. چۈشتە 14 ياشلىق بىر سىڭلىسنى ئېلىپ ئالىي مەكتەپتىن تەتىل قىلىپ كەلگەن قىز ، ئاپىسىنىڭ ئورنىغا بىليارت تاختىسىغا قاراپ تۇرغان. ئاپىسى تاماق يىگىلى كەتكەن. مانا شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئانا يېڭىلا ئالىي مەكتەپتىن چىققان قىزىدىن ئايرىلىپ قالغان. قىزلارنىڭ ئاپسى كەتكەندىن كىيىن بىر نەچچە ئۇيغۇر بالا بىليارت ئۇينىغىلى كەلگەن. بىليارت ئۇيناۋىتىپ ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن ئۇ قىز نىڭ سىىڭلىسى بىلەن گەپ تالىشىپ قالغان قىز كۆكرەك كېرىپ چىقىپ سىڭلىسىنى قوغداپ، بىر ئېغىز ئاچچىق گەپ قىلىشىغا كۆكرىكىگە خەنجەر تىقىلىپ شۇ ھامان جان بەرگەن . قىزنىڭ سىڭلسى قايغۇ -غەزەپ بىلەن قاتتىق يىغلاشقا باشلىغاندا ھېلىقى ئۇيغۇر بالىسى بازار تەرەپكە كىتىپ قالغان . ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممسى ئۇيغۇر بۇلۇپ ، بىرەرسىمۇ ئۇنى توسىمىغان، ساقچىغىمۇ خەۋەر قىلمىغان. ئانا قايتىپ بۇ پاجىئەنى كۆرگەندىن كىيىن ساقچى چاقىرىپ كەلگەن. ساقچى ئەتراپتىكى ئادەملەردىن سورىغاندا بىرەر ئادەم، جۈملىدىن بىليارت ئۇيناشقا بىللە كەلگەنلەر قاتىلنى كۆرگەنلىكىنى ئىيتمىغان. ساقچىلار ئەتىسى قاتىلنى ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان كارىۋىتىدىن تۇتىۋىلىپ ، سۇراق قىلغاندا ، تۇنۈگۈن مەست بۇلۇپ قىلىپ ، نىمە ئىش قىلىپ قويغانلىقىمنى بىلمەيمەن دىگەن. سوت قاتىلغا مسىت بۇلۇپ قېلىپ سەۋەنلىك ئۆتكۈۈپ ئادەمنى زەخمىلەندۈرگەن، دەپ ئۇنى ئىككى يىللىق قاماق جازاسىىغا ھۆكۈم قىلغان. جەمىيەتتە دەرھال غۇلغۇلا كۆتۈرۈلگەن. ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيىدىكىلەر جەسەتنى كۆتۇرۈپ نامايىش قىلىمىز دىگەن ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۇلارغا خىزمەت ئىشلەپ، نەپىقە بېرىشكە، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋەدە بىرىپ، يومشاق ، قاتتىق ۋاستىلارنى قوللىنىپ ، ۋەقەنى تىنجىتقاندىن كىيىن بېسىپ قۇيغان
3. مىللى مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ، بۇلۇپمۇ تىلنىڭ گۈللىنىشى ، تىل - بىر مىللەتنىڭ جېنى ، بىر مىللەتنى كۈڭۈلدىكىدەك كونتىرول قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى - ئۇلارنىڭ تىلىنى ئاستا -ئاستا يوقىتىشتىن ئىبارەت . خ ياۋباڭ سادىر قىلغان ئەڭ چوڭ خاتالىق شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى -ئەركىن تەرەققى قىلدۇرۇشىغا يۇل قۇيمىدى.1980-يىلى10 نۆۋەتلىك مەركىزىي كومېتىت 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى مەسچىت-مەدرسىلەرنى ئېچىۋىتىش، << قورئان كەرىم>>نى قايتا نەشىر قىلىش قارار قىلىنغاندىن كىييىن ، شىنجاڭ، نېڭشا، چېڭخەي قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى مەسچىت -مەدرىسلەر قايتىدىن ئېچىلدى. بۇزۇلغان مەسچىت-مەدرىس ، ئىبادەتخانىلار ، دىني خارابىلىقلار رېمونت قىلىندى. يېزىلار ، شەھەرلەردىكى دىنىي مەكتەپلەر يامغۇردىن كېيىنكى بامبوكتەك كۆپىيىپ، مىڭلىغان ، تۈمەنلىگەن بالىلار دىنىي مەكتەپلەرگە كىرىپ دىن ئوقىدى. ۋە كونا يېزىقنى ئۆگەندى. نورغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى خەنزۇ مەكتەپلەرگە بەرمەي، بالىلارغا دىن ۋە كونا يېزىق ئۆگەتتى. دىنىي مەكتەپلەرگە بىر مەھەل بالىلار سىغماي قالدى . لىېكىن جەنوبي شىنىجاڭدىكى كۆپ قىسىم خەنزۇ مەكتەپلەردە ئۇقۇغۇچى ئازلاپ كەتتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بۇلىدىكى، شۇ چاغدا مەركىزىي كومىتېت ئۇلۇغ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئالدىدا دىنى بىر پەشۋاغا ئەرزىمەيدۇ دەپ قارىغان ئىدى. نەتىجە ئۇنىڭ ئەكىسچە بۇلدى 30يىل ئاتىئىزىم تەشۋىقاتى، ئىدىيە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بىرىلغان بۇلسىمۇ، دىننىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى جەلپ قىلىش كۈچى غايەت زور بۇلدى. تېخىمۇ ئەخمەقلىق شۇ بۇلدىكى، 1982-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاپتۇنوم رايون قانون چىقىرىش شەكلى بىلەن ئۇيغۇرچە ، قازاقچە كونا يېزىقنى قوللىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشنى جاكارلىدى. كونا يېزىق بىلەن خەنزۇچە پىنيىن بىر قاتارغا قۇيۇلۇپ، شىنجاڭ ئاپتۇنوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت يىزىقى قىلىندى شۇنىڭ بىلەن ماۋزىدوڭ دەۋرىدە باشلانغان يېزىق ئىسلاھاتى- شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇ تىلىنى تۈپتىن ئۈگۈنۈش ئەڭ مۇھىم ھالقىسىنى نابوت قىىلىندى!!!
ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىش 1961-يىلى باشلانغان. بىر مەزگىل سىناپ يۇلغا قۇيۇلغاندىن كېيىن، مەركەز ۋە ئاپتۇنوم رايون ئۇيغۇرچە كونا يېزىقنى بىكار قىلىش ، ئاپتۇنوم رايون ئىچىدە خەنزۇچە پىنيىن بويىچە ئىشلەنگەن يېڭى يېزىقنى قوللىنىش ، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپكىچە بۇلغان دەرىسلىكلەرنى پۈتۈنلەي يېڭى يېزىق بىلەن چىقىرىش مەجبورىي بەلگىلەندى. مۇشۇنداق مەجبۇرىي يۇلغا قۇيۇلغان يېزىق ئىسلاھاتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە دىنىي ئەنئەنىسى ۋارسسلىق قىلىدىغان ئادەم بۇلمايدىغان ۋەزىيەتكە دۈچ كەلدى . ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە ئۇقۇغانلار ئۇيغۇرچە كونا يېزىقنى تونۇمايدىغان، كونا يېزىقتىكى تارىخىي ئەسەرلەرنى ئۇقۇيالمايدىغان ، كونا يېزىق بىلىدىغان چوڭلار يېڭى يېزىقنى بىلمەيدىغان بۇلۇپ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۈزۈك ھالەت كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ، خەنزلىشىش بارغانسىرى ئومۇملاشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ كونا يېزىقى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئەنئەنىسىنى خاتىرلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاستە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئاشۇ سىياسەت داۋاملاشتۇرۇلغان بۇلسا، بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنى تەرەققى قىلدۇرۇش كۆپ ئاسانغا توختىغان بۇلاتتى. شۇ چاغدىكى جوڭگۇ بېكىنمىلىك ئىچىدە تەرەققى قىلىۋاتاتتى. خەلقئارادىكى بىسىم نەزەرگە ئېلىنمىسىمۇ بۇلاتتى. بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا بىسىم ئالدىدا ئارقىغا چېكىنىشكە مەجبور بۇلىمىز، يىزىقنى ئىسلاھ قىلىدىغان بۇنداق ئىشنى ئەمدى قىلغىىلى بۇلمايدۇ. ئەينى چاغدىكى مەركىزى كومىتىېت ساددىلىق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كونا يېزىقى ئەسلىگە كەلتۇرۈلسە، ئۇيغۇرلارغا ياخشىچاق بۇلغىلى بۇلىدۇ دەپ قاراپ، ئۆز پوتىغا ئۆزى پالتا چاپتى، يەنە كېيىنكىلەرگىمۇ زىيان سالدى، ئۇيلاپ باقايلى، ئۇيغۇرلار باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇق ئۇتتۇرا مەكتەپكىچە ئۇيغۇرچە تەربىيە ئالسا ، ئالىي مەكتەپكە چېقىپ، بىر يىل خەنزۇچە ئۇقۇسا ، ئاندىن كېيىن تۆت يىل خەنزۇ تىلىدا كسپىي دەرس ئۇقۇسا ، نېمە ئۆگۈنەلەيدۇ؟
4. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ 1- قولى ئۇيغۇردىن بۇلۇشىنى تەلەپ قىلىش ئەمەلىيەتتە مىللى بۆلگۈنچە كۈچلەرنىڭ غالجىرلاشقان ھەيۋىسىگە مەدەت بۇلدى. تارىختا شىنجاڭدىكى يوقىرى دەرىجىلىك نورغۇن ئۇيغۇر كادىرلار مىللى بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ياكى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قوللىغان. نورغۇن جايلاردا ئۇيغۇردىن بۇلغان 1- قول باشلىقىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇق چىقىرىش توغرىسىدا بويرۇق چۈشۈرۈلۈپ ، نورغۇن جەڭچىلەر بىكاردىن -بىكار قوربان بۇلغان(شىنجاڭدىكى ئەسكەرلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە قاراڭ). ئاساسىي قاتلاملاردا ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلار ئۇيغۇرلارغا مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز يان باسسىلا ، خەنزۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتى بەك يامانلاشقان، شۇنى ئېيتىش كېرەككى، خەنزۇلار بىر قەدەر سەۋرچان ۋە جاپاغا چىداملىق بۇلۇپ ، جان باققۇدەك ئىمكانىيەت بۇلسىلا قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ. ئۇنداق بۇلمىغاندا ، جەنوبىي شىنجاڭدا كەڭ كۆلەملىك قانلىق توقۇنۇش ئاللىقاچان يۈز بەرگەن بولاتتى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى. ھازىر چەت ئەللەردىكى جامائەت پىكىرىدە شىنجاڭ مەسىلىسى توغرىسىدا گەپ بۇلسىلا ،خو ياۋباڭنى ماختاپ، ۋاڭ جېننى كەمسىتىدىغان سۆزلەر بۇلىۋاتىدۇ. بۇ ئىككىيلەننىڭ سىىياسىتى ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدا ئوخشىمىغان ئۈنۈم بەردى ئەمەسمۇ ؟ بۇ ھال مەسىلىنى چۈشەندۇرۇپ بەرمەمدۇ
ئاھالە كۈچۈرۈشتىن ئىبارەت شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىر بىردىنبىر ئۇسۇلى دۇچ كەلەگەن ئەمەلىي مەسىلىلەر بىرەر جاينى ئىدارە قىلىشتا بىرىنجىسى، ئادەم جۈملىدىن باشقۇرۇش تەبىقىسى ۋە باشقۇرغۇچىلار تايىنىدىغان ئاۋام تەبىقىسى ، يەنى كۈچنىڭ مەنبەسى: ئىككىنچى: ماددى ئاساس، يەنى كىشىلەرنىڭ ياشاش شارائىتىدىن ئىبارت ئىككى ئامىل بۇلىدۇ
بىرىنجى نوقتىدا ئىككى ئۇسۇل بۇلىدۇ : بىرىنجىدىن ، يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تايىنىپ يەرلىك مىللەتلەرنى يۆلەپ ۋە پارچىلاپ ، خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدىغان قىلىپ قۇيۇشقا تۇغرا كىلىدۇ مىللەت باشقا بولغانىكەن، نىيىتىمۇ باشقا بۇلىدۇ. دۆلەت بېيىپ كۈچەيگەندە يەرلىك مىللەتلەرنى باقسا، ئۇلار دۆلەت دائىرىسى ئىچىدە تۇرۇشنى خالايدۇ. دۆلەت خارابلاشقاندا ئۇلار مۇستەقىل بۇلۇپ تىخىمۇ چوڭ مەنپەئەتكە ئىكە بۇلۇشنى ئۇيلايدۇ ئەلۋەتتە، بۇنداق سىتىۋىلىش مەقسەت قىلىنغان << ئىبادەتخانا سېلىش>> ۋە بېقىشلار بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بۇلمايدۇ. چۈنكى ئەمەلىيەتتە يەرلىك مىلللەتلەرنى ئاسمىلاتسىيە قىلغىلى بۇلمايدۇ:
ئىككىنچىدىن كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكەپ كېلىپ ، خەنزۇ مىللىتىنىڭ نوپۇسىنى نوپۇسنىڭ ئاساسى گەۋدىسىگە ئايلاندۇرۇش ھەمدە يەرلىك مىللەتلرنى تەدرىجى ئاسمىلاتسىيە قىلىپ بۇلۇش لازىم. بۇنى ئەمەلىيەتتە جاڭ زۇلىن شەرقى شىمالدا قوللانغا-شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىن كۈندە نەچچە مىڭلاپ كۆچمەن يۆتكىگەن. مانا بۇ شەرقىي شىمالنىڭ بۆلۈنۈپ كەتمەسلىكىدىكى ئەڭ ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى بۇلسا كېرەك. دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش -قۇرۇلۇش بىڭتۈوننىڭ قۇرۇلىدىمۇ ئاساسلىقى مۇشۇ تەپەككۈر نەزەرگە ئېلىنغان. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈونىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇلىشىغا قاراپ باقايلى : بىڭتۈوەن تەۋەلىكىدە 13 يىزا ئىگىلىك دىۋىزىيىسى، بىر قۇرۇلۇش دىۋىزىيىسى، 174 دىھقانچىلىق چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە نورغۇن سانائەت ، قاتناش ، بىناكارلىق، سودا كارخانلىرى بار بۇلارنىڭ ھەممسى شىنجاڭنىڭ ئەڭ مۇنبەت يەرلىرىگە يەرلەشتۇرۈلگەن. 2000-يىلنىڭ ئاخىرغىچە بىڭتۈەنگە قاراشلىق ئومۇمىي نوپۇس ئىككى مىليون 427 مىڭ 900 كىشى ، ئىش ئۇرنىدىكى ئىشچى -خىزمەتچى 703 كىشى بۇلدى بىڭتۈەن تەۋەلىكىدىكى ئۇرۇنلار شىنجاڭدىكى 13 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە تارقىلىپ، ھەر بىر رايونغا قوزۇق بۇلۇپ قىقىلىپ شىنجاڭنىڭ مۇقۇملىقى ساقلاش ئۈچۈن ئاساسىي كۈچ نوقتىسى قىلىندىن. لىكىن كۆچمەن كۆچۈرۈش سىياسىتى شىنجاڭدا رىئال مەسىلىگە دۇچ كەلدى.
1- ماددى ئاساس، ئەڭ مۇھىمى سۇ مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. سۇ بۇلمىسا ئادەم ياشىيالمايدۇ، شىنجاڭدىكى ھۆل-يېغىن ئاساسلىقى ئاتلانتىك ئوڭياننىڭ غەربى شامال ئېقىمىدىن كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا شىمالىي مۇز ئۇوكياننىڭ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىدىن كىلىدۇ تىنچ ئوليان ۋەھىندى ئوكياننىڭ پەسىللىك شامىلى شىنجاڭغا كىرەلمەيدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرچە ھۆل -يىغىن مىقدارى 145 مىللىمىتىر بۇلۇپ، جۇڭگۇنىڭ ئۇتتۇرچە قىممىتى(630 مىللىمېتىر) نىڭ 23% گە توغرا كېلىدۇ. يەر شارىنىڭ ئوخشاش كەڭلىكىدىكى رايونلار ئىچىدە شىنجاڭنىڭ ھۆل-يېغىنى ئەڭ ئاز .ھۆل -يېغىننىڭ تارقىلىش قانۇنىيىتى مۇنداق:ھۆل يىغىن شىمالىي شىنجاڭدا جەنوبىي شىنجاڭدىكىدىن كۆپ، غەربىي قىسىمىدا شەرقى قىسىمىدىكىدىن كۆپ، تاغلىق جايلاردا تۈزلەڭ جايلاردىكىدىن كۆپ، غەربىي ئويمانلىقىنىڭ چۆرىسىدە ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرسىدىكىدىن كۆپ، شامال تېگىدىغان يانتۇلۇقلاردا شامال تەگمەيدىغان يانتۇلۇقلاردىكىدىن كۆپ. بۇ ھال شىنجاڭنىڭ قورغان كىلىماتىنى بەلگىلىگەن. شىنجاڭنىڭ زېمىنى ناھايىتى كەڭ بۇلسىمۇ ، كۆپىنچە يەرلەر قۇملۇق-چۆل شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، شىنجاڭدىكى 95% نوپۇس شىنجاڭنىڭ يەركۆلىمىنىڭ 3% نى ئىگىلەيدىغان بوستانلىقلارغا توپلارنغان.
بوستانلىق رايونلاردا نوپۇسنىڭ زىچلىقى بىر كۋادرات كىلومېتىر زېمىنغا 200 ئادەم بۇلغان ، بەزى جايلاردا 500 ئادەمگە يىتىپ ، ئىھكىرى ئۆلكىلەرنىڭ نوپۇس زىچلىقىغا يېقىنلاشقان. ئەگەر يېڭى سۇ مەنبەسى بۇلمىسا ، كۆچمەن يۆتكەش بوشلۇقى قالمايدۇ. شۇڭا باشقىچە ئاھالە كۆچۈرۈش شەكلىنى قوللىنىسىمىزغا ، يەنى ئىھكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇقۇغان شىنجاڭلىقلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە قالدۇرۇپ 2- ئەۋەلاتنى ئاسمىلاتسىيە قىلغىلى، ھە ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۇيغۇرلارغا يېڭى كۈچ سۈپىتىدە قۇشۇلۇشىدىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ
ئىككىنچىدىن. نوپۇسنىڭ قايتىپ كېتىش مەسىلىسى. نوپۇسنىڭ قايتىپ كېتىشى جەمىيەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات سەۋىيىسى ، جەمىيەتنىڭ ئامانلىق ئەھۋالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ . مەلۇماتلارغا قارغاندا. ئۆتكەن 20 يىلدا شىنجاڭدىن 200 مىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساس ئىگىلىرى كېتىپ قالغان.بۇ دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلاردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ كىشىلەرنىڭ جەلىپ قىلغانلىقىنىڭ تەسىرى. لېكىن بۇنىڭدىن پەيدا بۇلغان مەسىلىگە سەل قاراشقا بۇلمايدۇ. غەربي رايوندا ئىختىساس ئىگىلىرى يېتىشمەيدۇ. كىتىپ قالغان بۇ ئادەمەلر ھۆكۈمران تەبىقە تايىنىدىغان ئوبېكتلار ئىدى. ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ بۇنداق كېتىپ قېلىشى ھۆكۈمران تەبىقىنىڭ كۈچىنى بىۋاستە ئاجىزلاشتۇردى. ئەمەلىيەتتە ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ كېتىپ قېلىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئاستىلاپ كىتىدۇ. كېتىپ قالغانلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش تەسىرى ئىختىساش ئىگىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ كېتىشىگە سەۋەپچى بۇلىدۇ . بۇنىڭ بىلەن يامان سۈپەتلىك دەۋر قىلش شەكىللىنىدۇ. بۇ ئەھۋال تاشقى كۈچ بىلەن چەكلىمىگۈچە- مەسىلەن، غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئاچمىغۇچەتوختاپ قالمايدۇ . ھازىر زىيالىي ۋە تېخنىكلاردىن ئىبارەت ئىختىساس ئىگىلىرى ئىچكىر ئۆلگىلەرگە قايتىپ كېتىپ بارىدۇ.
بۇ ئانچە قورقۇنۇچلۇق ئەمەس. قورقۇنۇچلىقى شۇكى كوسۇۋودىكى سىربلار كەڭ كۆلەمدە يۇگۇسلاۋىيىنىڭ ئىچكى رايونلىرىغا كۆچكەندەك ئادەتتكى خەنزۇ پۇقرالار كەڭ كۆلەمدە ئىچكىرسىگە قايتسا، جوڭگۇدىكى يامان بۇلىدۇ. شۇنداقلا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئايرىلىپ قېلىشىدەك بىشارەت بۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ ئالاھىدە دۆلەت ئەھۋالى( مەسىلەن ، نوپۇس تۈزۈمى، ۋاقتىلق ئۇلتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمى) بولغاچقا بۇنداق كۆچۈش ۋاقتىنچە يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن . ئەگەر شىنجاڭنىڭ ئىشقى ۋە تاشقى بۈلگۈنچىلىك كۈچلىرىگە ئۆنۇملۈك زەربە بېرىلمىسە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلمىسە ، نوپۇسنىڭ بۇنداق ئىستىخىيىلىك كۆچۈشىدىن ساقلانغىلى بۇلمايدۇ
يۇقۇردا ئىيتىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك ئەگەر سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بۇلسا ، شىنجاڭغا نوقتىلىق جەنوبىي شىنجاڭغا كۆپلەپ كۆچمەن كۆچۈرۈشنى ئويلىنىشقا بۇلىدۇ . شىنىجاڭدىكى مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ تارقىلىشىغا قاراپ باقايلى : شىنجاڭدىكى نوپۇسنىڭ تارقىلىشى مىللەتلەر بويىچە توپلىشىپ ئۇلتۇراقلىشىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى 20% تىن ئېشىپ كېتىدىغان يەتتە ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەر تەڭرى تاغنىڭ جەنۇبىدىكى جەنوبىي شىنجاڭدا، شىنجاڭنىڭ ئەڭ جەنوبىدىكى خوتەن رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى 96.9% كە يېتىپ ، يالغۇز مىللەتكە باراۋەر بۇلۇپ قالغان . شىنجاڭنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى ئالتاي رايونىدا ئۇيغۇرلار ئاران 1.8% نى ئىگەللەيدۇ. ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ سانلىقىنى ئىگەللەيدىغان -نسىپىتى 50% تىن ئىشىپ كېتىدىغان رايون بەش بۇلۇپ ، بۇ يەرلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ 80% تىن كۆپرەكى مەركەلەشكەن. بۇ بەش رايون خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، تۇرپان ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنوم ئوبلاستىدىن ئىبارەت. جۈملىدىن خوتەن ۋە قەشقەرئۇيغۇرلار كۆپرەك ۋە زىچ ئۇلتۇراقلاشقان ئاساسىي ماكانى . ئىسرائىلىيىنىڭ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، خەنزۇلارنى كەڭ كۆلەمدە جەنوبىي شىنجاڭ رايونىغا كۆچۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش لازىم . ئادەم يوق يەرلەرگە كۆچۈرۈش كېرەك . خەنزۇلار كېلىپ ئۇيغۇرلار ياشايدىغان بۇشلۇقنى تارتىۋالدى دەيدىغان تەسىراتنى بېرىپ قويماسلىق لازىم
شۇنىڭ بىلەن بىللە ، شۇ باشلاپ كېلىنگەندىن كىيىن ، يەرلىكلەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىمۇ ياخشىلىنىپ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، شىنىجاڭدا بۆلگۈنچىلىكنىڭ تىرورلۇق ھەركەتلىرىنىڭ مەۋجۈت بۇلۇش بوشلۇقى چەكلىنىدۇ
ئۈچىنچى. ھازىرقى باسقۇچتا ھۆكۈمەت قوللىنىدىغان تاكتىكىلار
ھازىرقى بۆلگۈنچىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ھۆكۈمەت تۆۋەندىكى تاكتىكىلارنى قوللىنىشقا بۇلىدۇ:
ئا . تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىش كىرەك . تېرورچىلار بايقىلىپ تەكشۇرۇلۇپ چىققان ھامان قىلچە ئىككىلەنمەي ئۆلتۇرۇش ، خەلقئاردىكى ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئارلىشىشىنى ھەرگىز نەزەرگە ئالماسلىق لازىم. پاكىت ئىسپاتلىدىكى ، تۇتۇلۇپ جازا مۇددى تۇشۇپ قۇيۇپ بېرىلگەن تېرورچىلار كۆپ ھاللاردا تېرورچى تەشكىلاتلارنىڭ تايانچىسى بۇلۇپ قالغان.
ب . تېرروچى تەشكىلاتلارنىڭ مەبلەغ مەنبەسىنى ، بۇلۇپمۇ دۆلەت ئىچىدىكى مەبلەغ مەنبەسىنى ئۈزىۋىتىش كىرەك.
س. خەلقئارالىق مۇداپىيە كۆرۈش لازىم. ئەمەلىيەتتە ، ئەگەر خەلقئارادىكى كۈچلەرنىڭ قوللىشى بولمىسا ئاتالمىش شەرقى تۈركستان تېرورچى تەشكىلاتلرى مەڭگۈ كىلىمات يارىتالمايدۇ. خەلقئارادا جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا گېرىتسىيە كوزىرى، سىپرۇس كوزىرى بار. تۈركىيىگە نىسبەتەن ساياھەت- ئىقتىسادىي كوزىرى ۋە كۈردلەر كوزىرى بار. ئوتتورا شەرقتە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كوزىرى بار. ئوتتۇرا ئاسىيادا يېقىندا قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۆلگۈنچىلەرگە تاقابىل تۇرىدىغان ئۆتكۈر قورال ھىساپلىنىدۇ. ئەلۋەتتە ، نەزەرنى شەرقى تۈركستان تېرورچىلىرىغا تىككەندە بەك يۈرەكلىك بۇلۇپ قالىدۇ . ئامىركىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قۇراللىق كۈچى ھەقىقي نىشان ھېسابلىنىدۇ.