باي ناھىيە ئومباش يېزىلىق ھۆكۈمەت ئالدىنقى يىلى قۇرۇلۇش باشلاپ، يېزا مەركىزىگە ئادەتتىكى ۋە ئىككى قەۋەتلىك داچا شەكىللىك ئۆي قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، ھازىر بۇ ئۆيلەرنى پۈتتۈرۈپ بولدى. بۇنداق ئۆيلەر ناھىيىنىڭ ھەممە يېزىلىرىغا سېلىنغان.
ئالدىنقى يىلى يىل ئاخىرىدا، ئۆي سېتىش باشلاندى. ئىختىيار قىلىپ ئالىدىغانلار چىقمىدى. دېمىسىمۇ كۋادرات مېتىرى تەخمىنەن 1000 سوملۇق (ئەسلى 1000 سومدىن تۆۋەن) 90 نەچچە ۋە 100 نەچچە كۋادرات مېتىرلىق ئۆيلەرنى سېتىۋېلىش دېھقانلار ۋە باشقىلارغىمۇ ئاسان ئەمەس. شۇ بويىچە بولغاندا، ئادەتتىكى ئۆيلەر 90 نەچچە ۋە 100 نەچچە مىڭ سوم بولاتتى، ئىككى قەۋەتلىك ئۆيلەر تەخمىنەن 150 مىڭ سومغىچە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ئۆي سېتىش خىزمىتىنى يېزا، كەنت كادىرلىرىغا، ئورۇن-پونكىت مەسئۇللىرى قاتارلىقلارغا ۋەزىپە قىلىپ تېڭىلغان. بۇ كىشىلەر دېھقان ۋە باشقىلارغا ئۆي تەشۋىق قىلىش، خېرىدار يىغىشنى باشلاپتۇ، خېرىدار تاپقۇچە باشلىقىدىن نەچچە دەشناملارنى يەپتۇدەك.
بۇ ئۆيلەرنى سېتىشتىكى تەشۋىقات ۋە ۋەدىسى مۇنداق:
ئۆي پۈتۈپ چىققاندا سىلەر كۆرگەن سۈرەتتىكىدەك بولىدۇ. ئۆيلەرنىڭ ھويلىسى بولىدۇ، ئۆي ئىچى كىرىپلا ئولتۇرغۇدەك قىلىنىپ ئادەتتىكىچە بىزەپ بېرىلىدۇ.
تەشۋىقاتتىكى سالماقچى بولغان ئۆينىڭ رەسىمى: (مانا، شۇ ۋاقىتتا كۆرسەتكەن ئوينىڭ رەسىمى ناھايىتى چىرايلىق ئىدى ۋە ئېسىل كۆرۈنەتتى)
بۇ ئۆينى سىتىۋالغانلار 30 مىڭ سومدىن 25 مىڭ سومغىچە تولۇقلىما ياردىمىگە ئىگە بولىدۇ، يەنە 50 مىڭ سومدىن 100 مىڭ سومغىچە بىر تۇتاش ئۆسۈمسىز قەرىز بىجىرىپ بېرىلىدۇ، قەرز مۇددىتى بەش يىلغىچە بولىدۇ.
شۇ گەپ بويىچە بولغاندا، 100 كۋادرات مېتىرلىق ئۆينى 100 مىڭ سوم دېسەك، 25 مىڭ سومنى كۆتۈرىۋەتسە، پەقەت 75 مىڭ سومچە پۇل تولىسە، ئىقتىسادى يېتىشمىگەن قىسىمىغا ئۆسۈمسىز بولغاندىكىن قەرز بولسىمۇ بولاتتى.
ئۇلارنىڭ ۋەدىسىنى ئاڭلاپ، بۇ ئۆي 100 مىڭ سوم بولسا، ھۆكۈمەت بەرگەن ياردەم 25 مىڭ سومنى چىقىرىۋەتسە 75 مىڭ سوم قالسا، يىتىشمىگەن قىسىمىغا يېزا مەسئۇل بولۇپ بىر تۇتاش ئۆسۈمسىز قەرز بىجىرىپ بەرسە، ئۈچ يىل ياكى بەش يىلغىچە تۆلەپ بولغۇدەكمەن، دەپ ھېسابلاپ، دوستۇم ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەر تەشۋىقات ۋە ۋەدىلەر تۈرتكىسىدە ئۆي سېتىۋېلىشقا 30 مىڭدىن 50 مىڭغىچە پۇل تاپشۇرغان، 80 مىڭنى تاپشۇرغانلارمۇ بار. كېيىن بىر قىسىملار توختاملاشقان، يەنە بىر قىسىملار توختامنى كۆرمەپتۇ، پەقەت پۇل تۆلىگەنلىك ئىسپاتىنى تۇتۇپ تۇرىۋېتىپتۇ.
بۇنىڭدىن نەچچە ئاي ئىلگىرى (5-ئايلاردىغۇ دەيمەن)، بۇ ئۆيلەرگە يەنە ئادەتتىكىسىگە 30 مىڭ سوم، ئىككى قەۋەتلىكىگە 45 مىڭ سوم باھا چاپلىغۇدەك دېگەن سۆزلەر تارقىلىپتىكەن. 7-ئاينىڭ بېشىدا 60 مىڭ سومچە پۇل قېتىلغۇدەك دېگەن گەپلەرمۇ بولۇنغان. شۇنىڭ بىلەن ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رايى يېنىپ ئۆينى ئالماسلىق قارارىغا كەپتۇ. ئارىدا توختاملاشقانلارنىڭ قولىدىكى توختام يېزىنىڭ ئارخىپىدا ساقلىنىدۇ دېگەن نامدا يىغىۋېلىنىپتۇ.
نەچچە كۈن ئىلگىرى يېزا ئۆي سېتىۋالغانلارنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، ئۆيلەرگە باھا قوشۇلغانلىقىنى (ئەسلىدىكى دېگەن باھا ئۆينىڭ ئاساسى قۇرۇلمىسىنىڭ پۇلىسىمىش، ئۆزگەرتىپ سېلىش، ئىشىك-دەرىزە ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئورنىتىپ كەلگەندە پۇل يېتىشمەپتىمىش)؛ ئۆي بىزەش ئىشلىرىنى ئۆي ئىگىسى ئۆزى قىلىدىغانلىقىنى؛ بېرىلىدىغان 25 مىڭ سوم ياردەمنىڭ ھويلا قىسىمىغىلا بېرىلىدىغانلىقى، ئۆي باھاسىغا مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ پۇل بەزىلەرنىڭ قولىغا ئاشىدىغانلىقىنى (بۇ ئۆيلەرنىڭ ھويلىسى كۆپىنچىسىنىڭ بەك كىچىك)، بەزىلەرنىڭ يەنە قوشۇپ تۆلەيدىغانلىقىنى؛ ئۆيگە قەرز بىجىرگەنلەر ئۆسۈمىنى ئۆزى تۆلەيدىغانلىقىنى، كېيىنچە يوقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتتىن قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى؛ ئۆينى ئالمىسا، تاپشۇرغان پۇلىنى ئۆي سالغۇچىغا بېرىۋەتكەن بولغاچقا ھازىر قايتۇرۇپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۆيلەرنى قاچان سېتىپ بولسا، شۇ چۈشكەن پۇلدىن قايتۇرۇپ بېرەلەيدىغانلىقىنى، بۇلارغا كۆنمىسە ئەرز قىلسا مەيلىلىگىنى دەپلا، يىغىن تۈگىدى، دەپ تارقىتىۋېتىپتۇ، زىيانلانغۇچىلارغا گەپ قىلىدىغان پۇرسەت بەرمەپتۇ.
ئەمدىكى يىغىن روھى بويىچە بولغاندا، ھازىر ئۆزگەرتىلگەن باھا بويىچە پەقەت ئۆي قۇرۇلۇشى پۇلىسى ئۈچۈنلا 145 مىڭ سومچە پۇل تۆلىشى كېرەك ئىكەن. ھويلا بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەسكەن. ھېلىقى ياردەم 25 مىڭ سوم پۇل ھويلا قۇرۇلىشىغا ئايرىم ھېسابلىنىدىكەن، ناۋادا يەتمىسە يەنە تۆلەيدىكەن. شۇنداق بولغاندا ئۆي جەمئى 170 مىڭ سوم ياكى ئۇنىڭدىن يوقىرى توختايدىكەن.
ئىككى قەۋەتلىك ئۆينىڭ پۇلىسى ئۆزگەرتىلگەن باھا بويىچە 195 مىڭ سومچە بولىدىكەن. ھويلا قۇرۇلۇشى ياردەم پۇلى 25 مىڭ سوم بىلەن قوشۇلۇپ 220 مىڭ ياكى ئۇنىڭدىن يوقىرى توختايدىكەن.
بۇ ئىشقا بىرەر قاقتى-سوقتىلىق يۈشۇرۇنغانمۇ قانداق؟ نېمە قىلىق بۇ؟ بىر چىرايلىق تەشۋىق، ۋەدىلەر بىلەن ئۆينى سېتىپ، ھەتتاكى توختامنىمۇ تۈزۈشۈپ بولۇپ، ئاخىرىغا كەلگەندە بىر تەشكىل تۈرۈقلۈق گېپىدىن يېنىۋالسا، بۇنى قانداق چۈشەنسەك بولا؟ ئۇلار قىلچە ھېيىقماي شۇنداق خىيالىغا نېمە كەلسە شۇنى قىلسا بولامدۇ؟ ئەڭ كۈلكىلىك، ئەڭ تېتىقسىز يېرى، ئۆزى گېپىدە تۇرماي، باشقىلار ئۆينى ئېلىشتىن يېنىۋالسا، پۇلنى ھازىر قايتۇرالمايمىز، قاچان قايتۇرىدىغاننىمۇ بىلمەيمىز، دەپ زۆمىگەرلىك قىلىشى ئەقىلگە، سىياسەتكە، قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟
تۆۋەندىكىسى ئادەتتىكى ئۆينىڭ پۈتۈپ چىققاندىكى كۆرۈنۈشى. قۇرۇلۇش باشلىغاندىكى تەشۋىق سۈرىتى ئەسلى ئۇنداق ئەمەسكەن.
[ بۇ يازمىنىئەرزخوردە2012-08-22 15:57قايتا تەھرىرلى ]