قىزىق
بۇ جاھاندۇر سىر _ تىلسىمات ئاپتىۋى قىزىق ،
ھەر كويلارغا سالۇر بىزنى چاقچىغى قىزىق .
كۆزى ئۇچۇق تۇرۇپ ئادەم كۆرمەي گاھىدا ،
نەپسانىيەت ئازگىلىغا پاتقىنى قىزىق .
مەنسەپ تۇتقان بەزەنلەر بار بە ئەينى تۈلكە ،
قۇۋلۇق بىلەن بەش- ئون يىل جان باققىنى قىزىق .
مەككارلارنىڭ مەنپىئەتكە بۇرنى سەزگۈركەن ،
بىر ئاماللاپ بىكار ناننى تاپقىنى قىزىق .
تەلىيىگە سامانلىقنىڭ ئاچقۇچى تەگسە ،
تەكەببۇرلۇق تونى كىيىپ قاتقىنى قىزىق .
ئەل -يۇرت سايلاپ بىزگە باش دەپ ئۈمۈت باغلىسا ،
ئۆز ئالدىغا مەنپىئەتنى تارتقىنى قىزىق .
ئەمەل -مەنسەپ ،پۇل ئىشقىدا ئەقلىدىن ئېزىپ ،
ۋىجدانىنى دوغا تىكىپ ساتقىنى قىزىق .
بەزەنلەر بار بوش تۇلۇمنى يەلدە توشقۇزۇپ ،
قىممەت مال دەپ تارازىدا تارتقىنى قىزىق .
بەزەنلەر بار <<مەندەك دۇرۇس يوق >> دەپ ماختىنار ،
ئەمما خەقنى چايان بولۇپ چاققىنى قىزىق .
قانائەتچان بولماق ۋاجىپ ئىدى ئىنسانغا ،
ئاچكۆزلەرنىڭ نەپنى كۆرسە چاپقىنى قىزىق .
نەزەر سالساڭ كۈلكەڭ قىستار ،خوشامەتچىنىڭ -
قىلغان سۈنئى سالاملىرى -تازىمى قىزىق .
بەزەنلەر بار ئەمەلدارنى دوستۇم دەپ تۇتۇپ ،
مەنسىۋىدىن چۈشكەنلەردە قاچقىنى قىزىق .
بەزىلەر بار ئۆزگىلەرگە پىتنە تارقىتىپ ،
ئۆزىدىكى ئېۋەنلەرنى ياپقىنى قىزىق .
يامانلاردا باردۇر شۇنداق رەزىل مۇددىئا ،
ياخشىلارغا قويغان قىلتاق -قاپقىنى قىزىق .
يۈزى چەمدەك جۇۋانلار بار شەرمى -ھاياسىز ،
يات بىراۋنىڭ كارۋىتىدا ياتقىنى قىزىق .
يەنە شۇنداق نادانلار بار سەبى قىزىنى ،
سەكسەن ياشلىق دا موللامغا چاتقىنى قىزىق .
بىر زاماندا زاغرا ناننى تاپالمىغانلار ،
ئەمدى ئاشنى قىلىپ ئىسراپ چاچقىنى قىزىق .
سۆزلىگەنگە تۈگىمەيدۇ جىقكەن << قىزىق >>لار ،
رەتكە تىزىپ ھەققانىينىڭ يازغىنى قىزىق .
*********
مەنبە: ئۆزقەلىمىم ( ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)