ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى jahangir.123دە2012-07-31 21:00يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
دىيارىمىزنىڭ بىر قانچە يۈز يىللىق يېقىنكى زامان تارىخىدا نە بىر سىياسىيون، نە بىر ھەربىي ئالىم تارىخ سەھنىسىدە رول ئالالمىدى. بۇنداق بىر تۆرەلمىمۇ دۇنياغا كۆز ئاچقىنى يوق. سەبەب كۆپ قاتلاملىق بولۇپ، ھەربىي، سىياسىي، جۇغراپىيە، ئېقتىساد، مائارىپ، جەمىيەت، ۋەزىيەت ۋە تۈرلۈك دۇنيا قاراشلارغا بېرىپ چېتىلىدۇ. تۆمۈر خەلپە، خوجانىياز ھاجى ۋە ئەخمەتجان قاسىمىلار ئوخشاش تىراگېدىيە، ئوخشاش قىسمەت بىلەن تارىخىي تەكرارلىقنى باشتىن كەچۈردى. قەھرىمان تارىخنى يارىتىدۇ. ياكى تارىخ قەھرىماننى يارىتىدۇ. كاپىتالىزىم لاگىرى بىلەن سوتسىيالىزىم لاگېرى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش بۇنىڭلىق بىلەن بېسىقىپ قالغىنى يوق. سوبېكىتنىڭ رولىنى مۇبالىغىلەشتۈرىپ، كوللېكتىپنىڭ رولىنى تۆۋەن چاغلاش، ياكى كوللېكتىپ روھنى ئۈستۈن كۆرۈپ، سوبېكتىپ روھنى سەل چاغلاش بىرنى ئىككىگە بۆلۈش پىرىنسىپىگە خىلاپ كېلىشى مۈمكىن. بىز مۇسۇلمانلار داھىينىڭ پالالىيىتىنى، ئاۋامنىڭ پائالىيىتىنى ۋە ئۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمىيەتنىڭ ئۆزگىرىشچان تەرەققىيات ئەخۋالىنى تەغدىردىن ئايرىپ قارىيالمايمىز. تەغدىرگە تەن بېرىش بىلەن بىللە ياشاش ھوقوقىمىزدىكى تاللاش ھوقوقىمىزنىمۇ تونۇپ يېتىمىز.
تارىخقا نەزەر سالساق، داھىيلار تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئورتاقلىققا ئىگە:
1. ئېتىقاد.
داھىلار ئېتىقادتا بىرلىككە كېلىدۇ. ئۇلاردا مۇستەھكەم ئېتىقاد بولىدۇ. ئېتىقاد ئۇلارنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىكى ماددى-مەنىۋىي يۆلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ.
2. بىلىم.
.......
...........................................................................................................................
9. سىياسىيون.
داھىي تۇغما سىياسىي ئاڭ، سىياسىي دىت ۋە سىياسىي قابىلىيەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ.
10. ھەربىي ئالىم.
داھىي ئۇرۇش سەنئىتىدىن خەۋەردار بولغان كىشىدۇر. ئۇرۇش سەنئىتىگە دائىر نەزىرىيىۋىي بىلىملەرنى پىششىق ئىگەللەش بىلەن بىرگە، ھەربىيلىك ھاياتىدا ئېلىپ بارغان چوڭ-كىچىك جەڭلەرنىڭ تەجىرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، ھەربىي ئىلىمدىكى نەزىرىيىۋىي بىلىملەرنى ئەمەلىي جەڭ تەجىرىبە بىلىملىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پەيدىن-پەي ھەربىي ئالىم بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتىنى ھازىرلىغان كىشىدۇر.
11. جۇغراپىيە ئالىمى.
داھىي مول جۇغراپىيە بىلىمىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. جۇغراپىيىدىن ئايرىلغان داھىي _ سىتىراتېگىيىدىن، تاكتىيكىدىن ۋە ھەربىي ئىلىمدىن ئايرىلىپ قالغان، قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراب بولغان داھىيدۇر.
12. مۇستەبىت.
كوپ قىسىم داھىيلار مۇستەبىت كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇستەبىتلىك ھاياتى ھوقوقنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققاندىن كېيىن باشلىنىدۇ. دۆلەت ئىچىدە قاتتىق قول سىياسەت يۈرگىزىدۇ. دېپلوماتىيەدە ئىنتايىن سەزگۈر كېلىدۇ. ھەربىي يۈرۈشنى ۋەزىيەتكە باغلاپ تەھلىل قىلىدۇ. داھىي+مۇستەبىت = مۇستەبىت داھىي.