saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 12434 قېتىم كۆرۈلدى
orxuntekin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6940
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 329 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 309 سوم
تۆھپە: 162 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 168 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 73(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىدىئولوگىيىلىك كۈرەشلەر

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-07-22)
20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىدىئولوگىيىلىك كۈرەشلەر

           (مۇستاپا چوقاينىڭ تۈركىستان مۇختارىيىتىدىن  -نۇرسۇلتان نازاربايېفقىچە)


    نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىري دوكتورى)


       مۇقەددىمە
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا  بىخ ئۇرۇپ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غۇنچە چىقارغان ئورتاق تۈرك دۆلەتچىلىك غايىسى سابىق چار رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى  ئىدىل-ئۇرال بويلىرىدىن تارتىپ، تاكى  ئۇيغۇر دىيارىغىچە  بولغان  بىپايان  ياۋرو-ئاسىيا تۇپراقلىرىدىكى  ئىلغار ، مەرىپەتپەرۋەر  ۋە مىللەتپەرۋەرلەر ئارىسىغا كەڭ تارقالدى.تۈركچىلىك،  يەنى، ئورتاق تۈرك مىللىي كىملىكى چۈشەنچىسى  ئەسلىدىن بىر يۇقىرى ئاڭ-سەۋىيە  ۋە چۈشەنچە تەلەپ قىلىدىغان  ئىدىئولوگىيە بولغانلىقى  ئۈچۈن ،  تۈركىي مىللىي كىملىك توپىغا مەنسۇپ بولغان  ئولتۇراق ۋە كۆچمەن ھاياتتىكى بارلىق ئاۋام خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇنى بىردىنلا قوبۇل قىلىشى  ھەم مەزكۇر مىللىي ئىدىئولوگىيە ئۈچۈن ئورتاق قۇربان بېرىش يولىنى تاللىشى ئاسانغا چۈشمەيتتى.    شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رۇسىيىدە پادىشاھلىق تۈزۈمنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ، ئەركىن پىكىر قىلىش شارائىتى تۇغۇلۇپ،  دېموكراتىك ئىسلاھات  ئىدىيىلىرى مەيدانغا چىققاندا،  تۈركچىلىك  ئىدىيىسىنى  كەڭ يېيىش ۋە  مەزكۇر ئىدىيىنى ئاساسىي مەنبە قىلغان مۇستەقىل دۆلەتچىلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش   ئۈچۈن كۈرەش قىلىش پۇرسىتى تۇغۇلدى. قىرىمدىن تارتىپ،  تاكى ئىدىل-ئۇرال بويلىرىغىچە، كاۋكازىيىدىن تارتىپ، كاسپى بويى ۋە قازاق دالاسى ھەم   تۈركىستان تۇپراقلىرىغىچە بولغان كەڭ جۇغراپىيىلىك بوشلۇقتا  مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى قوزغىلىپ،  مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك ئاساسى قانىتىنى تۈركچىلىك ئىگىلىدى.   مەزكۇر ئىدىيە   ئوسمانلى تۈركلىرى،  ئۇكرائىنىيىدىكى  قىرىم تاتارلىرى،  كاۋكازىيىدىكى  ئەزەرى،  قۇمۇق، بالقار ۋە قاراچايلار، ئىدىل-ئۇرالدىكى تاتار ۋە باشقۇرت  ھەم  غەربىي ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق،  قىرغىز، قاراقالپاق   قاتارلىق تۈركىي  خەلقلەر ئارىسىغا تېز يېيىلىپ،  ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە سىياسىي ئىدىيىلىرى تەركىبىدىن ئورۇن ئالدى.
20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ياۋرو-ئاسىيادىكى بىر قانچە ئىمپېرىيىلەر تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، تارىخ سەھىپىسىدىن چۈشۈپ، بۇلارنىڭ خارابىلىرى ئورنىدا  يېڭى جۇمھۇرىيەتچىلىك ئىدىيىلىرى جۇش ئۇردى.   شەرقىي ئاسىيادا ئالدى بىلەن مانجۇلارنىڭ چىڭ ئىمپېرىيىسى غۇلاپ،  سۇن جۇڭشەن باشچىلىقىدىكى جۇڭگو مىللىي دۆلەت ئىدىيىسىنى ئاساسىي نەزەرىيە قىلغان   جۇڭخۇئا مىنگو ھاكىمىيىتى تىكلەندى. ئارقىدىن   رۇسىيىدە پادىشاھلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇلۇپ،  چار رۇسىيىنىڭ خارابىسىنى ئاستا-ئاستا كوممۇنىستلار ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى نامى ئاستىدىكى بىر ھاكىممۇتلەق دۆلەت مەيدانغا كەلدى. شۇنىڭ بىلە ئوخشاش ۋاقىتتا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسىم تۇپراقلىرىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى  قەد كۆتەردى.ياۋرو-ئاسىيادىكى مەزكۇر ئۈچ ئىمپېرىيىنىڭ يوقىلىشى  نەتىجىسىدە  مەزكۇر ئىمپېرىيىلەرنىڭ  ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ  مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش، ئازادلىق  ۋە مۇستەقىللىق يولى ئېچىلغان بولۇپ،  رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھامىيلىقى  ئاستىدىكى ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم ياۋروپا مەملىكەتلىرى تولۇق مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن مۇتلەق كۆپ قىسىم مىللەتلەر بەرىبىر  سوۋەت ئىتتىپاق دېگەن نام ئاستىدىكى  يېڭى قىزىل ئىمپېرىيىنىڭ  ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا  قالدى. بىراق، ئۇلار چار رۇسىيە دەۋرىدىكىدىن پەرقلىق ھالدا ئۆز مىللىي ئىتتىپاقداش ۋە ياكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلىك سالاھىيىتىگە ئەرىشىپ، ئىككىنچى قەدەمدە تولۇق مۇستەقىللىققە ئېرىشىشنىڭ قانۇنىي  ئاساسىغا بولسىمۇ ئىگە بولدى. چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋەيران بولۇشى ئوخشاش ئۇنىڭ ئىگىلىۋالغان  تۇپراقلىرىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە جەنۇب تەرەپتىكى بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ  قۇتۇلۇش ۋە ئۆز ئالدىغا  ھاكىمىيەت قۇرۇش  پۇرسىتى ئاتا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پۇرسەتتىن پەقەت  موڭغۇللارنىڭ شىمالىي تەرەپتىكى قىسمىلا بەھرىمەن بولالىدى. تىبەتلەر بولسا، مۇستەقىل ھاكىمىيەت كەبى ئۆزىنى ئىدارە قىلدى.  بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تەلىيى كاج كەلگىنى ئۇيغۇرلار بولۇپ، پەقەت قۇمۇل تاغلىرىدا   تۆمۈر خەلىپىنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، قىسقا ۋاقىت مەۋجۇت بولغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پۈتۈن  ئۇيغۇر دىيارى ئۆزىگە كېلىۋاتقان پۇرسەتتىن مەھرۇم بولدى. ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ نۇرغۇن تۇپراقلىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ  ھەربىي ۋە سىياسىي ئارىلىشىشلىرى تۈپەيلىدىن قولدىن كەتتى شۇنىڭدەك ئەڭ ئاخىرىدا ھازىرقى ئاناتولۇ ۋە ئىستانبۇل ئەتراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيە تۇپرىقىدا  تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا كەلدى.لېكىن، چىڭ ئىمپېرىيىسى يىقىلىپ، ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم  خارابىسىدا ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا  ياڭ زېڭشىن باشلىق مىللىتارستلار ۋە مىللەتچىلەرنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىشى ، چار رۇسىيە ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ خارابىسىدا،  بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋەت رۇسىيىسىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشى ئاسانغا چۈشمىدى . بۇ جەريانلار تولىمۇ مۇرەككەپ باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بۇ ئىككى تەرەپتىن   نۇرغۇنلىغان ئىنساننىڭ ئۆلۈمى، خانىۋەيران بولۇشى بەدىلىگە   ئەمەلگە ئاشتى.مېنىڭ تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغىنىم،  يېڭى سوۋېت ئىمپېرىيىسىنىڭ سابىق  چار رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ  خارابىسى -ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆز ھاكىمىيىتى تىكلەش يولىدىكى كۈرەشلىرى  شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيا  خەلقلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ۋە  ئورتاق تۈركچىلىك ئىدېئولوگىيىسى ئاستىدا  بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ھېسابلانغان تۈركىستان مۇختارىيىتى ھەققىدە بايان قىلىش ۋە قىسمەن يەكۈنلەرنى چىقىرىشتىن ئىبارەت.

1.    چار رۇسىيىنىڭ يىمىرىلىشىدىن تۇغۇلغان پۇرسەتلەر
      1917-يىلى،  فېۋرالدا چار  پادىشاھ  ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن،  كېرىنسكىي رەھبەرلىكىدىكى  ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ھاكىمىيەتنى ئىگىلىدى.   ئۆزلىرىنى دېموكراتىك ھاكىمىيەت دەپ ئاتاپ رۇسىيىنى قاششاقلىق ۋە كرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن  رۇسىيە ئانارخىست دېموكراتلىرى  تېخى غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي تۇرۇپلا،  پۇرسەتپەرەس بولشېۋىكلار( كوممۇنىستلار) تەرىپىدىن  ئاغدۇرۇلدى.  1916-يىلى، چار رۇسىيىنىڭ تۈركىستان ئولكىسىنىڭ  تاشكەنت ۋە فەرغانە ۋادىسىدىكى ئەنجان قاتارلىق شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىپ، ھەتتا مەسچىتلەرگە كىرىپ، يەرلىك مۇسۇلمان جامائەتلىرىگە  ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى، دېموكراتىك ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغان ھەمدە چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا قاراتقان قاتتىق  ۋە كەمسىتىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ چىقىرىش ۋەدىلىرىنى بەرگەن كېرىنسكىي  پۈتۈن رۇسىيىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىگەندە  بۇ ۋەدىلىرىدە ھەققىدە جىم تۇرىۋالغان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بەرىبىر ئاغدۇرۇلۇشتىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.بۇ ۋاقىتتا رۇسىيىنىڭ چەت مىللىي رايونلىرىدا  بىرلىككە كەلگەن بىر دۆلەت تەركىبىدە قېلىش ۋە ياكى ئاپتونومىيىگە ئىگە بولۇش، ياكى بولمىسا دۆلەت ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشنى تاللاش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلدى[1]. فېۋرال ئىنقىلابىدىن سەككىز ئاي ئۆتكەندىن كېيىن،   1917-يىلى،   ئۆكتەبىردە   لېنىن رەھبەرلىكىدىكى  بولشېۋىكلار  سانكتپېتېربۇرگدا  سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ،  غەلىبە  قىلغاندىن  كېيىن، رۇسىيە، جۈملىدىن ئىنسانىيەت تارىخى يېڭى بىر باسقۇچقا ، يەنى، دۇنيا ئىككى ئىدېئولوگىيىلىك لاگېرغا بۆلۈنۈپ، ئۇزۇن يىللار بىر-بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىش شۇنىڭدەك  بىر دۆلەتتىكى  بىر مىللەت، بىر خەلق ئىككى ئىدېئولوگىيىلىك ئېقىم ئۈچۈن بىر-بىرىنىڭ قېنىنى تۆكۈپ،  ئىچكى ئۇرۇش ئىچىدە خانىۋەيران بولۇشتەك  ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ  ئەڭ ئەشەددىي جاھالەتلىك يىللىرىنى  باشتىن كەچۈردى.ئەلۋەتتە، رۇسىيىدىكى ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشى پەقەت تۈركىي خەلقلەرنىڭلا ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈنلا تۈرتكە بولغان ئەمەس، بەلكى  مەزكۇر پۇرسەتتىن سابىق چار رۇسىيىنىڭ مۇستەملىكىسىدە بولغان بارلىق خەلقلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك  پايدىلىنىشقا تىرىشقان ئىدى.رۇسىيە  كوممۇنىستلىرى  دەسلەپكى ۋاقىتلاردا  ئۇزۇن مەزگىل  چار رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىغان رۇس ئەمەس خەلقلەرنى ئۆز يېنىغا تارتىپ، ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئۇلغايتىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئىچكى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە " مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى" نى  ئېتىراپ قىلىپ،  "مىللەتلەرنىڭ خالىسا ئايرىم دۆلەت قۇرۇش "شوئارىنى   ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.  بولشېۋىكلار 1917-يىلى، نويابىردا ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپلا،   رۇسىيىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرى ھەققىدە خىتابنامە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا مىللەتلەرنىڭ تەڭ باراۋەرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقى، ئۇلارنىڭ تاكى  رۇسىيىدىن ئايرىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرغىچە بولغان  ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىش ھوقۇقلىرى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى جاكارلانغان. سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ مۇنداق ئىدىيىنى جاكارلىشىدىكى مەقسەت رۇسىيىنىڭ بارلىق رۇس ئەمەس مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان  جايلىرىدىكى ئاھالىلارنىڭ ئۆزلىرى تەرەپكە تارتىش ئارقىلىق  ئىجتىمائىي ئاساسىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت ئىدى[2].بۇ تەشەببۇسلار كاۋكازىيە، ئىدىل-ئۇرال ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى خەلقلەرگە زور ئىلھام بولغان بولۇپ،  چار رۇسىيە ئىمپېرىيىسى ۋەيران بولغان ھەمدە رۇسلارنىڭ سىياسىي قاتلىمىدا ئىدېئولوگىيىلىك  بۆلۈنۈش كۈچەيگەن پۇرسەتتىن پايدىلانغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىلغار زىيالىيلىرى رۇسىيىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرۇش پۇرسىتى پىشىپ يېتىلدى دەپ ھېسابلاپ،  كۈرەش سېپىغا ئاتلاندى.نەتىجىدە، ئىلگىرى- كېيىن كاۋكازىيە، ئۇكرائىنىيە، بېلارۇسىيە ۋە باشقا  رايونلاردا ئايرىم  بۆلۈنمە ھاكىمىيەتلەر مەيدانغا كەلدى. ھەتتا،  رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقلىرىدە  رۇسلار ئۆزلىرى قۇرغان  ئايرىم جۇمھۇرىيەتلەر باش كۆتۈردى.مەزكۇر پۇرسەتتىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىرى  لاتۋىيە، لىتۋا، ئەستونىيە،  فىنلاندىيە بولۇپ،  ئۇلار  تولۇق مۇستەقىللىق  جاكارلاپ، ئۆز مۇستەقىللىقىنى قوغداپ قالالىغان بولسىمۇ، بىراق  ئۇكرائىنىيە باشقا رايونلاردىكى باشقا يېڭى ھاكىمىيەتلەر قايتىدىن سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قېلىپ، ئۆز مۇستەقىللىقلىرىنى ساقلاپ قالالمىدى.بۇ ۋاقىتتىكى  مەركىزىي ئاسىيا  ۋەزىيىتى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، 1917-يىلى،  فېۋرالدا چار  پادىشاھ  ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، چار پادىشاھنىڭ  تۈركىستان ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى  ئەمەلدىن قېلىپ،  ئۇنىڭ ئورنىغا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەسىس قىلىندى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى.  مەزكۇر ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى پۈتۈنلەي رۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا مىللەتلىرى ئىگىلىگەن بولۇپ، تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى  بۇنىڭ تەركىبىدىن ئورۇن ئالمىدى. شۇ يىلى، لېنىن رەھبەرلىكىدىكى بولشېۋىكلارنىڭ غەلىبە قىلىشى بىلەن تەڭ تاشكەنتتىكى  كوممۇنىستلارمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇردى. بولشېۋىكلار ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، مۇسۇلمان ئاۋام پۇقرالىرى ۋە بىر قىسىم زىيالىيلىرى ئارىسىدا  كوممۇنىستىك ئىدىيىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ،  مەلۇم ساندا ئاۋام ۋە  كەمبەغەل تەبىقىغە مەنسۇپ كىشىلەرنى ئۆز يېنىغا تارتىپ، ئۇلار ئارىسىدىن تۇنجى  كوممۇنىستلارنى يېتىشتۈردى. مەزكۇر يەرلىك كوممۇنىستلار بولسا،  ئۇستىلىق بىلەن كەشىپ قىلىنغان  "مۇسۇلمان كوممۇنىستلىرى" دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئاتىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن ئايرىم ياچېيكىلار تەسىس قىلىنىپ، ئۇلارنى باشقۇرىدىغانغا يەرلىك "مۇسۇلمان كوممۇنىستلىرى" دىن سېكرىتارلار بەلگىلەندى.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇ نۇقتىنى تەكىتلەش زۆرۈركى، چار رۇسىيىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە كوممۇنىستلارنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن دەسلەپكى چاغلىرىدا  تۈركىي-مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ  ئازادلىقىنى ۋە مۇستەقىل دۆلەتچىلىكىنى تەمىن ئېتىشنى مەقسەت قىلىدىغان  تۈرلۈك پارتىيە -گۇرۇھلار، ئاممىۋى ۋە سىياسىي جەمىيەتلەر ھەمدە ئىشچىلار ۋە دېھقانلار ئۇيۇشمىلىرى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مىللىي مۇستەقىللىق ۋە گۈللىنىش ئىدىيىسىگە مەنسۇپ،  رۇسىيىدە ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان   قازاق مىللەتپەرۋەر زىيالىيلىرىدىن  ئاخمەت  بايتۇرسۇنوف، ئالىخان بۇيكەخانوف ۋە  مىرجاقىپ دۇلاتوف  قاتارلىقلارنىڭ  رەھبەرلىكىدىكى  "ئالاش -ئوردا" پارتىيىسى ھەم ئۇلارنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئالاش ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى، بۇخارانى بازا قىلغان ۋە تۈركىيىدە ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان  ئابدۇ ۋاھىد بۇرھانوف ، فىترەت ، ئوسمان خوجايېف قاتارلىق  ئۆزبېك-تاجىك ياشلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدىكى  " ياش بۇخارالىقلار "  تەشكىلاتى، خىۋە خانلىقىنى بازا قىلغان   "ياش خىۋەلىكلەر" پارتىيىسى مەيدانغا كەلدى. بۇ گۇرۇپپىلار مىللەتپەرۋەرلەرگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلاردا تۈركىيە ھەتتا غەربكە  تەلپۈنەتتى[3].
بۇلاردىن باشقا يەنە  تۈركىستان   جەدىدلىرىنىڭ  تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلەردە  قۇرۇپ،  تۈركىستاننىڭ كۆپ جايلىرىغا كېڭەيتكەن، مۇنەۋەر قارى باشچىلىقىدىكى   تۈركىستاندا خۇددى، تۈركىيە، ئىران، ئافغانىستان ۋە ياكى مىسىردىكىگە ئوخشاش بىر ھاكىمىيەتنى قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان   " شورا-ئى  ئىسلامىيە" پارتىيىسى،   جەدىدلەرگە قارشى، قەدەمىيچىلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان، تۈركىستاندا تولۇق شەرىئەت سوتى بولغان ھەمدە رۇسىيە تەۋەسىدىكى ئاپتونوم  جۇمھۇرىيەت  بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، سېرالى لاپىن يېتەكچىلىكىدىكى   كۈچلەرنىڭ   "شورائىي ئۆلۈما" پارتىيىسى  قاتارلىق پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار  مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى[4].  بۇ ۋاقىتتا  يەنە  تۈركىستاننىڭ  بىر قىسىمى ھېسابلانغان يەتتە سۇ ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېك ۋە تۇڭگانلارمۇ  تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشقان بولۇپ،  1917-يىلىنىڭ ئاپرىل ئېيىدا   ئۇيغۇرلارنىڭ  " تارانچى كومىتېتى" تەسىس قىلىندى[5].  بۇ تەشكىلاتنى دەسلەپتە سودىگەر  ئابدۇساتوروف ئىسىملىك كىشى باشقۇرغان بولسا، ئۇزۇن ئۆتمەي دىنىي ئۆلۈما مەرۇپ مەس ‘ئۇدى  مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىكىنى زىممىسىگە ئالدى[6] ۋە تۇڭگانلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى شىلازا مايېف ئىسىملىك كىشىنىڭ باشچىلىقىدا بىر قىسىم  تۇڭگانلارنى  قوبۇل قىلىپ، تەشكىلات نامىنى " تارانچى-تۇڭگان كومىتېتى " دەپ ئۆزگەرتتى[7] .  تارانچىلار ، يەنى ئىلى  ئۇيغۇرلىرى  مەزكۇر كومىتېت تەركىبىدىكى ئاساسىي كۈچ بولۇپ،  بۇ تەشكىلات  ئالمۇتا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا  ھەمدە  ئالمۇتىدىن تارتىپ تاكى يەركەتكىچە بولغان كەڭ ئۇيغۇر يېزا-قىشلاقلىرىدا تېزدىن يىلتىز تارتتى، ئەمما يەركەتتىكى تارانچى -تۇڭگان كومىتېتى ئەڭ  كۈچلۈك پائالىيەت ئاساسى ياراتقان  بولۇپ، بۇ تارماقنى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ھۈسەيىن يۇنۇسوف باشقۇرغان[8]. لېنىن رۇسىيىسى بىلەن تىغمۇ-تىغ ئېلىشقان بۇ زات، كېيىن  سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ غۇلجىغا قېچىپ كەتكىچە بولغان ئارىلىقتا  تارانچى-تۇڭگان كومىتېتىنىڭ يەتتە سۇ ئوبلاستلىق  بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ تونۇلغان ئىدى.  ئۇيغۇر جەدىدچىلىك ئېقىمىغا مەنسۇپ، مەرۇپ مەسئۇدى بىلەن ھۈسەيىن يۇنۇسوف 1918-يىلى سوۋېت ھاكىمىيىتى يەتتە سۇدا ئورنىتىلغاندا، ئۇيغۇرلارنى بۇ ھاكىمىيەتكە بويسۇنماسلىققا  چاقىرغان. مەسئۇدىچىلار يېزىلارغا بېرىپ، خەلقنى سوۋېتلەرگە قارشى قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىش كېرەك دەپ تەشۋىقاتلار ئېلىپ بارغان[9].     ئەينى دەۋردە تارانچى-تۇڭگان كومىتېتىنىڭ كاتىپى بولغان، كېيىنكى مەشھۇر سوۋېت ئۇيغۇر رەھبىرى ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ قارىشى بويىچە ئالغاندا،  تارانچى كومىتېتىنىڭ غايىسى ئۇيغۇر خەلقىنى 1864-يىلىدىكى ئىلى قوزغىلىڭىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىلى سۇلتانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان.  بىراق، تارانچى كومىتېتىنىڭ  سوۋېتلەرگە قارشى تەشەببۇسى  نەتىجىسىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتى جايلاشقان ئالمۇتا قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن،  قىزىل ئارمىيە 1918-يىلى، ماي ئېيىدا ئۇيغۇر مەھەللىرىگە ھۇجۇم قوزغاپ،  مەخسۇس ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، 15-20 مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرۈشتەك " ئاتۇ پاجىئەسى"  كېلىپ چىققان ئىدى.ھۈسەيىن يۇنۇسوفنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولۇپ، ئۇ غۇلجىغا قاچقاندىن كېيىن داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقارتىش ۋە نەشرىياتچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . ئۇ، ئىلى مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان بولۇپ،   1934-يىلى، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەسىس قىلىنغاندا، خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىقلار  بىلەن بىرگە ئۆلكىلىك بىرلەشمە  ھۆكۈمەتكە قاتناشقان شۇنىڭدەك شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تاشكەنتكە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش ھەققىدە تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن سۆزلىشىشكە ئەۋەتىلىپ، تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشلىقى بىلەن مەخسۇس ئوقۇغۇچى ئېلىپ كېلىش مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشكەن[10].  بەلكى، 1934-1937-يىلىدىكى شېڭنىڭ  ئۈچ قارار ئوقۇغۇچىنى تاشكەنتكە ئەۋەتىشكە ئائىت ئالاقە ئىشلىرىنى رۇس تىلىغا پىششىق بىلگەن بۇ زات بېجىرگەن بولۇشى مۇمكىن.  ئەپسۇسكى،  ستالىنچىلار، ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ كونا رەقىبى ھۈسەيىن يۇنۇسوفنى  شېڭ شىسەينىڭ قولى بىلەن يوقاتقان بولۇپ، 1937-يىلى، خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە زىيالىيلار بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلگەن.  ئۇ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئۆتەپ،  تاشكەنتكە ئەۋەتىلگەندە، ئۇيغۇر ئالىمى بۇرھان قاسىموف بىلەن كۆپ سۆھبەتلەردە بولغان ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارشى چىققانلىقىدىن پۇشمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن[11]. بىراق، بۇ چاغدا ئۇ تېخى ستالىنچىلارنىڭ  1937-يىلىغا كەلگەندە خوجا نىياز ھاجىم ۋە ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرىغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى بىكار قىلىپ، شېڭ شىسەينىڭ قولى بىلەن ئۆزىنى   ئۆز ئىچىگە ئالغان،  سىتالىنچىلارنىڭ ئالدىشى بىلەن قورال تاشلاپ، شېڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ، باشلىقلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئەربابلارنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى   ئويلاپمۇ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.
ھۈسەيىن يۇنۇسوف ۋە  مەرۇپ مەسئۇدى  باشچىلىقىدىكى تارانچى-تۇڭگان كومىتېتى  ئالمۇتىنى مەركەز قىلغان   " ئومۇمىي مۇسۇلمانلار قۇرۇلتىيى" نىڭ تارمىقى  بولغان بولۇپ، "ئومۇمىي مۇسۇلمانلار قۇرۇلتىيى"  دەپ ئاتالغان ئالمۇتىدا تەسىس قىلىنغان  بۇ تەشكىلاتنى  تاتارلاردىن  زەينىدىن ھاجى تازىدىنوف باشقۇرغان[12] ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇددىئاسى يەتتە سۇدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قوۋملارنى  مەركىزىي رۇسىيە، يەنى  ئىدىل-ئۇرال بويلىرىدىكى   تاتارلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ۋە ئويغىنىش ھەرىكەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئىدى. ئۇلار، ئالمۇتىدا  ئومۇمىي مۇسۇلمانلار نامايىشلىرىنى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ پلاكاتلىرى  مەركىزىي رۇسىيىدىكى تاتار بۇرجازىيىسىنىڭ مىللىي مەدەنىي ئاپتونومىيىسى توغرىسىدىكى شوئارلىرى بىلەن ئوخشاش ئىدى.[13]يەتتە سۇدىكى قازاق، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆزبېكلەر تەشكىللىگەن "شورائىي ئىسلامىيە" تەشكىلاتىنىڭ تەسىرىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا  ئۆزئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىق بار ئىدى.  مەزكۇر تەشكىلات فەرغانە ۋادىسىدىكى شورائىي ئىسلامىيىنىڭ تارمىقى بولۇپ، مەۋقە  جەھەتتىن بىردەك ئىدى. بۇ ۋاقىتتا  يەنە يەتتە سۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ۋە ئازادلىق مەسىلىلىرىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، بەزىلەر شورائىي ئىسلامىيىنىڭ  تەشەببۇسلىرىنى قوللىسا،  يەنە بەزىلەر تارانچى-تۇڭگان كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسلىرىنى قوللىدى.  لېكىن،  پۈتۈن رۇسىيە مىقياسىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەمدە ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلانغان  ئىشچىلار، ئەسكەرلەر ۋە دەھقانلار بىر تەشكىلاتقا ئۇيۇشۇش يۈزلىنىشىنىڭ  تەسىرى ئاستىدا بىر قىسىم يېڭىچە مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن ھەمدە تاتار ۋە رۇس ئىشچىلار ھەم زىيالىيلار قوشۇنى بىلەن مەلۇم رەۋىشتە ئۇچراشقان  ئۇيغۇر زىيالىيلىرى  ۋە ئىشچىلىرىمۇ   رۇسىيىنىڭ باشقا جايلىرىدىكىگە ئوخشاش ئىشچىلار ئىتتىپاقىنى  قۇرۇپ، ئىشچى ۋە ئەمگەكچى ئۇيغۇرلار كۈچى ئارقىلىق ھوقۇقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى بولدى.   نەتىجىدە،  1917-يىلى، 5-مايدا  ئالمۇتا شەھىرىدە  بارى شاغابۇدىنوفنىڭ رەئىسلىكى،  ئابدۇللا روزىباقىيەۋنىڭ سېكرىتارلىقىدا " مۇسۇلمان ئىشچىلىرىنىڭ بىرلەشمە ئىتتىپاقى" ناملىق بىر تەشكىلات قۇرۇلۇپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئادەم سانى 600 گە يەتتى[14].بۇ تەشكىلاتقا تارانچى-تۇڭگان كومىتېتىغا قاتناشقان ۋە  كېيىن ئۇنىڭدىن ئايرىلغان بىر قىسىم  زىيالىيلار ئاكتىپ رول ئوينىغان بولۇپ،  ئابدۇللا روزىباقىيېف،  سوپى زارۋاتوف، تېيىپ ھاجى سابىتوف، يۇسۇف ئەخمەتوف، مۇسا روزىيېف، ھەمرا فەرىدىنوف  ۋە باشقىلار رەھبىرى خاراكتېرلىق شەخسلەر ئىدى. شۇ ۋاقىتتا يەنە يەركەتتە غاپپاروف قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە 400 نەپەر، ئۇيغۇر، رۇس  ۋە قازاقتىن تەركىپ تاپقان ئىشچىلار ئىتتىپاقىنى قۇرۇلغان.بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى 1918-يىلىدىن كەيىن  يەتتە سۇ رايونىدىكى   دەسلەپكى "مۇسۇلمان كوممۇنىستلىرى"غا ئايلانغان بولۇپ، 1918-يىلىنىڭ بېشىدا يەتتە سۇ رايونىدا   مۇسۇلمانلارنىڭ 72 ئەزادىن تەركىپ تاپقان تۇنجى كوممۇنىستىك پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلغاندا،  مەزكۇر ياچېيكىنىڭ  44 نەپەر ئەزاسى ئۇيغۇر، 9 نەپىرى قازاق، 18 نەپىرى  تاتاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ[15]، ئۇيغۇرلار  يەتتە سۇدىكى دەسلەپكى ۋە ئەڭ كۆپ سانلىق كوممۇنىستلاردىن بولغان ئىدى.سوۋېت ھاكىمىيىتى يەتتە سۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق غەربىي تۈركىستاننى ئىگىلىگەندىن كېيىن،   ئىشچىلار ئىتتىپاقلىرىدىن باشقا تەشكىلاتلار ۋە پارتىيىلەرنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك  ( بولشېۋىكلاردىن باشقا)  "ئەكسىيەتچىل"،  "پان-ئىسلامىست ۋە پان-تۈركىست " قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىرى جازالاندى، كوممۇنىستلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىرى بولسا، ئەڭ ئاخىرىدا 1937-1938-يىلىدىكى چوڭ تازىلاشتا باشقا كوممۇنىست رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە يوقىتىلدى. 1917-يىلىنىڭ بېشىدىن تاكى 1918-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا   مەركىزىي ئاسىيادا يۇقىرقى  تەشكىلاتلار پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغاندىن سىرت يەنە، 1917-يىل،  3-ئايدا تاشكەنتتە "مۇسۇلمان  ئەمگەكچىلىرى ئىتتىپاقى" دەپ ئاتالغان بىر تەشكىلات قۇرۇلدى.  ئارقىدىنلا رۇس كوممۇنىستلىرىنىڭ  تۈركىستان خەلق كوممىسسارلىرى كېڭىشى قۇرۇلغان بولۇپ، رۇس شوۋىنىستىك ئىدىيىسى بىلەن قوراللانغان  رۇس كوممۇنىستلىرىنىڭ مەزكۇر كېڭىشىگە يەرلىك خەلقتىن بىرمۇ ئەزا قوبۇل قىلىنمىدى.  ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، تاشكەنتتە تۈركىستان ئۆلكىسى مۇسۇلمانلىرىنىڭ   3-قېتىملىق قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ، تۈركىستانغا مۇختارىيەت تەلەپ قىلىش پىكىرلىرى مەيدانغا چۈشكەن بولسىمۇ، بىراق، كوممۇنىستلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ  كەلدى. خەلق كوممىسسارلار كېڭىشى تۈركىستان نىڭ رۇسىيىدىن ئايرىلىشىغا ۋە ياكى تولۇق ئاپتونومىيە  ئېلىشىغا ئەشەددىي قارشى چىققان بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە يەرلىك تۈركىي خەلقلەر بىلەن  چار رۇسىيە دەۋرىدىن ئېتىبارەن بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشقان رۇسلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى ئەكىس ئەتتۈرەتتى. تۈركىستان  ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىۋالغان تاشكەنتتىكى رۇس كوممۇنىستلىرى گەرچە ئۆزلىرىنى پۈتۇن رايوننى ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت دەپ جاكارلىسىمۇ، بىراق  ئۇلاردا مىللەتچىلىك خاھىشلىرى كۈچلۈك بولغاچقا لېنىن رەھبەرلىكىدىكى سانكىتپېتېربۇرگ ۋە موسكۋانى مەركەز قىلغان رۇسىيە بولشېۋىك داھىيلىرىنىڭ مىللەتلەر تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش شوئارلىرىغا ئۈمىد باغلىغان  يەرلىك خەلقلەرنى ھەمكارلىشىش  ۋە ياكى ھاكىمىيەتكە قاتناشتۇرۇشتىن نېرى  تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ  نارازىلىقىنى قوزغىغاچقا يالغۇز قالدى ھەمدە تاشكەنتتىن باشقا جايلارنى ئىدارە قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى.  مىللەتچىلىك شۇ دەرىجىگە بارغانكى، رۇس كوممۇنىستلىرى  تاشكەنتتە تەسىس قىلغان  تۇركىستان سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ 14 كىشىلىك  ھەيئەت ئەزاسىنىڭ ھەممىسى رۇسلار بولۇپ، بۇ ھۆكۈمەت ھېيىتىگە بىرمۇ يەرلىك مىللەت كىشىسى  كىرگۈزۈلمىگەن[16].   تۈركىستان مىللەتپەرۋەرلىرى بىلەن  رۇس كوممۇنىستلىرى ئارىسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسى  تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك كۈرەش ئاخىرىدا مۇستاپا چوقاي باشلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ   قوقاننى بازا قىلىپ، <<تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇختارىيەت ھۆكۈمىتى>>نى قۇرۇپ، ئۆزلىرىنى  تۈركىستان رايونىنىڭ  قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى  دەپ جاكارلاش بىلەن تاشكەنتتىكى رۇس كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلمىدى. بىراق، مۇستاپا چوقاي ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن يەنىلا  لەنىن ۋە ستالىن رەھبەرلىكىدىكى بولشېۋىكلارنى تاشكەنتتىكى كوممۇنىستلاردىن پەرقلىق دەپ ھېسابلاپ،  تۈركىستان مۇختارىيىتىنى ۋاقتىنچە تولۇق مۇستەقىللىق ئېلىشتىن ئىلگىرى رۇسىيە سوتسىيالىستىك فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەركىبىدىكى ئاپتونوم ھۆكۈمەت دەپ  ئېلان قىلغان شۇنىڭدەك سانكىتپېتېربۇرگنىڭ ئۆزلىرىنى تونۇشىنى ئۈمىد قىلغان  بولسىمۇ، ئەمما، موسكۋا بىلەن تاشكەنتنىڭ نىيىتى ھەم ماھىيىتىنىڭ  بىر ئىكەنلىكىنى كېچىكىپ چۈشەنگەن ئىدى.  لېكىن، مۇستاپا چوقاي تۈركچىلىكنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى   ئىسمائىل گاسپىرالىنىڭ  غايىسىنى مەدەنىي يول بىلەن ئەمەس، سىياسىي يول بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىنتىلگەن  تۇنجى تۇركىستان كۈرەشچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرىنچى قېتىم بارلىق تۈركىي قوۋملارنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن مىللىي ھاكىمىيەت بەرپا قىلىشنىڭ سىناق-تەجرىبىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.  ئۇ ئىدىل-ئۇرالدىن تاكى قۇمۇلغىچە بولغان جۇغراپىيىلىك بوشلۇقنى بىر ئېتنىك-سىياسىي گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تۇرك  مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ گايىۋى ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ قالماستىن بەلكى، تۈركىستاننىڭ ھاما رۇس ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىق يولىغا ماڭىدىغانلىقى ۋە ئاخىرىدا مۇستەقىل دۆلەتچىلىكلەرنىڭ قەد كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلدى ۋە ئىشەنچىسىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يوقاتمىدى.  مۇستاپا چوقاي سىناق قىلغان تۇنجى ئورتاق زامانىۋى تۈركىستان  ھۆكۈمىتى   گەرچە  پەقەت 60 نەچچە كۈنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغان  بولسىمۇ، بىراق  74 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 60 نەچچە كۈنلۈك مەزكۇر بوۋاق ھۆكۈمەتنىڭ مەنىۋى خارابىسى ئۈستىدە  مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر مەيدانغا كەلدى. بەلكى، مۇستاپا چوقاي باشلىق مىڭلىغان، يۈز مىڭلىغان تۈركىستان كۈرەشچىلىرىنىڭ    روھى بۇنىڭدىن خۇش بولغان بولۇشى مۇمكىن.   بىراق، ئۇلارنىڭ روھلىرى مەزكۇر غايە ئۈستىدە  ئورتاق تۈركىستان ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا  ئايرىمىچىلىق، مەنمەنىلىك ۋە مەھەللىۋى نىزا  ئۇرۇغلىرى چېچىلىپ، بىر-بىرىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىۋاتقان ھازىرقى رېئاللىقتىكى تۈركىستاننى كۆرگەندە  قانچىلىك قورۇنىۋاتقانلىقىنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ  20-يىللىرىغىچە مۇستاپا چوقاي باشچىلىقىدىكى تۈركىستان يەنى قوقان مۇختارىيەت  ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھامى بىلەن  پۈتۈن  ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىدىل-ئۇرال ، كاۋكازىيە ۋە قازاق دالالىرىدا ئىلگىرى- كېيىن بىر قاتار تۈركچىلىك، مىللىي ئازادلىق  ئىدىيىلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان  تاتار-باشقۇرت مىللىي ھۆكۈمىتى،  ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى،  ئالاش ئوردا مۇختارىيەت ھۆكۈمىتى  بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى، خارەزىم خەلق جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق  ھاكىمىيەتلەر مەيدانغا كەلگەن  بولسىمۇ، بىراق ئاخىرىدا  كۈنسايىن قۇدرەت تاپقان  سوۋېت  رۇسىيىسىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ھۇجۇملىرى ئاستىدا ۋەيران بولۇپ ۋە ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ تەركىبى قىسمىغا قېتىلىپ كەتتى.ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمىدا، يەنى ئۇيغۇر دىيارىدا  بولسا،  تاكى 1931-يىلىغىچە جاھالەت ھوكۇم سۈرۈپ،   ئۇيغۇر خەلقى  ياڭ زېڭشىڭنىڭ " تۆۋە ئىستىغبار ھۇجرىسى"دا  ئولتۇرۇپ ئويلاپ تاپقان  "دۆتلەشتۈرۈش" ، " بىر-بىرىگە سېلىش"، ۋە "قوشنا ئەللەردىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىنى مەسچىتلەر ئارقىلىق توسۇش" قاتارلىق بىر يۈرۈش ھىيلە-نەيرەڭلىرىدىن مەست بولۇپ،  دۇنيادىن بىخەۋەر ،  بىخارامان ئۇيقىدا يېتىشقا مەجبۇر بولغان، سىرتقى دۇنيادىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەردىن خەۋەر تېپىپ، مىللىتىنىڭ قاششاقلىقىدىن ۋۇجۇدى ئۆرتەنگەن  ئاز ساندىكى مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ "ئويغان ئۇيغۇر!"دېگەن خىتابلىرىنى ئاڭلىمىغان ئىدى.   ئەنە شۇلارنىڭ ئارىسىدا  بالدۇر ئويغانغان ئۇيغۇرلاردىن بىرى م. بۇغرانىڭ شۇ دەۋر ھەققىدىكى تەسۋىرى بويىچە ئالغاندا،   خەلقنىڭ ئويغىنىشى ۋە گۈللىنىشى خالىمايدىغان  ھۆكۈمەت  ۋە يۇرتنىڭ نوپۇزلۇق  مەنپەئەتپەرەستلىرى مىللىتىنى ئويغىتىشقا ئىنتىلگەن كىشىلەرنى ، زىيالىيلارنى داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرغانلىقتىن ئۇلارنىڭ خەلقنى ئويغىتىشقا ئائىت پىكىرلەرنى ئېغىزدىن چىقىرىشى ئۆلۈم بىلەن تەڭ  ئىدى، يۇرتنىڭ نوپۇزلۇق ئاخۇنلىرى باي ۋە  بەگلىرى ياڭ زېڭشىڭنىڭ  سىياسىتىدىن  بەك رازى بولۇشتى.  چىن ھۆكۈمرانلىرىدىن  بۇ چاققىچە ھېچقانداق بىر كەڭچللىككنى كۆرمىگەن  بۇ كىشىلەر ئۇنى سەمىمىي بىر ئىسلام ھىمايىچىسى ۋە ئىنساپلىق ھۆكۈمدار دەپ قارىدى[17].بۇغرا ئېيتقاندەك ئەنە شۇ نادانلىق تۈپەيلىدىن، تۈركىستان مۇختارىيىتى  دۇنياغا كەلگەندە،    بىر قانچە مىليون ئۇيغۇر خەلقى  ئۆز قوشنىسى پەرغانىدە بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن بىخەۋەر نادانلىق، ئۇيقا ئىچىدە ياتقان بولۇپ، ياڭ زېڭشىڭ ئۆزىنىڭ بىر قانچە مىڭ كىشىلىك ئەپيۇنكەش  ئەسكەرلىرى  بىلەن بىر قانچە مىليون ئۇيغۇرنى كولدۇرلىتىپ خاتىرجەم ئىدارە قىلىشقا مۇۋەپپەق  بولدى.   قەشقەرىيىنىڭ ناھىيىلىرىدە پەقەت بىر خەنزۇ ھاكىم ئۆزىنىڭ بىر قانچە ئون نەپەر ئەسكىرى بىلەن بىر قانچە يۈز مىڭ ئادەمنى باشقۇردى.  قىسقىسى، ياڭ جياڭجۈن   ئۇيغۇرلارنى ئەسكەر بىلەن ئەمەس، بەلكى  ھىيلە بىلەن سېھىرلەپ  تاشلىغاندەك مۇۋەپپەقەيەت قازىنالىدى.
لېكىن، ھەر قانداق قاراڭغۇ كېچە ھامان ئاخىرلىشىدۇ، ھەر قانداق شېرىن ئۇيقا ھامان تۈگەيدۇ، ھەر قانچە ئۇيقۇچان ئىنسان ھامان  بىر كۈنى ئۇخلىيالماس بولىدۇ، شۇنداق ئىكەن، 1931-يىلى، 2-ئايدا قۇمۇل تاغلىرىدا ئېتىلغان ئوق ئاۋازى   ئۇيقۇچان ئىنسانلارنى ئويغىتىۋەتتى، تاڭغا تەلمۈرۈپ ئۇخلىماي ياتقانلارنى ئورنىدىن تۇرغۇزىۋەتتى، ھەر قاچان سەگەك ۋە ھەرىكەت ئىچىدە يۈرگەن ئوغلانلارنى  ئەركىنلىك كۈرەش مەيدانىنىڭ بىرىنچى سېپىغا ئاتلاندۇردى.نەتىجىدە، ئىدىل-ئۇرال، كاۋكازىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا  ئۆچۈرۈلگىنىگە  ئون نەچچە  يىللار بولغان   يانغىن  قايتىدىن  تارىم-جۇڭغارىيە-قۇمۇل ۋادىلىرىدا  لاۋۇلداپ، مۇستاپا  چوقاي  تەسىس قىلغان ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىستان  مۇختارىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى نۇسخىسى- <<شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى >>دۇنياغا كەلدى. قەشقەردە قۇرۇلغان بۇ جۇمھۇرىيەت پارىزھدا سىياسىي ھىجرەتتە  ياشاۋاتقان قازاق پەرزەنتى  مۇستاپا چوقاينىڭ  ئۈمىد شاملىرى ئۆچەي دەپ قېلىپ،  خىرەلىشىۋاتقان  قەلبىنى يورۇتقان شۇنىڭدەك ئۆزى تاللىۋالغان غايىنىڭ  ھامان بىر كۈنى رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن ئىدى.

2.    ئورتاق تۈركىستان ئارزۇسىنىڭ تۇنجى رېئالى  
ئەسلىدە رۇسىيە دۇماسىنىڭ مۇسۇلمانلاردىن تەيىنلەنگەن ئەزاسىلىق سالاھىتى بىلەن  رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ  ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، مەلۇم  دەرىجىدە سىياسىي كۈرەش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان قانۇنشۇناس  مۇستاپا چوقاي  ھەم ئۇنىڭ مەسلەكداشلىرى   تاشكەنتتىكى  كوممۇنىستلارنىڭ  زوراۋانلىقىغا قەتئىي بويسۇنماي،   1917-يىلى، 9-12-دەكابىر  كۈنلىرى ، "شورائى  ئىسلامىيە" تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە قوقان شەھىرىدە  4-قېتىملىق تۈركىستان  مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇرۇلتىيىنى چاقىردى.  بۇ قۇرۇلتايغا ھەر قايسى جايلاردىن 200 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشقان بولۇپ، ۋەكىللەرنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن  تۈركىستان مۇختارىيىتى قۇرۇلغانلىقى  جاكارلاندى.چار رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى  تاشكەنتنى مەركەز قىلغان تۈركىستان ئۆلكىسىنىڭ تەۋەلىكىگە ھازىرقى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان ۋە قازاقىستاننىڭ بىر قىسىمى كىرگەن بولۇپ، ئەمما، 1865-يىلى تۈركىستان گېنېرال   گۇبېرناتورلۇقى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن تاكى 1918-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا  ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركىستان ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىدىن باشقا يەنە  بۇخارا رايونىنى ئىدارە قىلىدىغان بۇخارا ئەمىرلىكى، خارەزىم رايونىنى ئىدارە قىلىدىغان  خىۋە خانلىقى مەۋجۇت  بولۇپ، قالغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئوبلاست  تەسىس قىلىنغان. يۇقىرىقى ئىككى خانلىق رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بولۇپ، چار رۇسىيىنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدىكى ھاكىمىيەتلەر ئىدى.  رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى خانلىقنىڭ تاشقى ئالاقىلىرىنىلا كونترول قىلغان  بولۇپ، ئىچكى ئىشلىرىغا، ئىدارە شەكىللىرىگە ئارىلاشمايتتى[18].سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسى  غاپپاروفنىڭ مەلۇماتىچە، 1913-يىلىدىكى رۇسىيىنىڭ سانلىق مەلۇماتى بويىچە ئالغاندا، بۇخارا ئەمىرلىكى ۋە خىۋە خانلىقىنى ئوز ئىچىگە ئالمىغان پۈتۈن تۈركىستان ئاھالىسى  9.5 مىليون بولۇپ، بۇلارمىڭ ئىچىدە تۈركلەر 88.4%نى،  تاجىكلار 6.9%نى، رۇسلار 3،7%نى  تەشكىل قىلغان[19]. يەنە بىر يەرلىك مۇتەخەسسىس  شەمشىدىنوفنىڭ مەزكۇر نىسبەتنى مىللەتلەر بويىچە ئايرىشى بويىچە ئالغاندا،  بۇ ۋاقىتلاردىكى ئاھالىنىڭ 39.2% نى ئۆزبېكلەر،   19.5%نى قازاقلار، 13.5%نى قىرغىزلار، 9.1%نى تاجىكلار، 4.9%نى تۈركمەنلەر،   1.3% نى  قاراقالپاقلار، 1%نى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان[20]. بۇنداق بولغاندىمۇ، تۈركىي خەلقلەر 80% ئەتراپىدا بولۇپ چىقىدۇ.ئومۇمەن، تاكى 1921-1924-يىللىرى ئارىسىدا تۈركىستاندا ( ئوتتۇرا ئاسىيادا)  ئېتنىك ۋە سىياسىي جۇغراپىيىلىك چېگرىلار ئايرىلىشتىن ئىلگىرى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىكى ئايرىم مىللەت ئىدىيىلىرى ۋە كىملىكلىرى تېخى تولۇق بېكىتىلمىگەن ئىدى.  ھەتتا 1897-يىلىدىكى چار رۇسىيىنىڭ نوپۇس تەكشۈرۈشىچە، پۈتۈن تۈركىستاندىكى ئاساسلىق ئېتنىڭ تەركىپلەر سارتلا، ئۆزبېكلەر ، قىپچاقلار، قەشقەرلىكلەر، تارانچىلار، قارا قىرغىزلار ۋە قىرغىزلار دېگەندەكلەردىن ئىبارەت بولۇپ[21]، سارتلار تەركىبىگە ئۆزبېكلەر ، تاجىكلار، ئۇيغۇرلار كىرگەن. ئۆزبېكلەر پەقەت كۆچمەن ھاياتتىكى قەبىلىلەر بولۇپ، پەرغانە ۋادىسىدىكى ھازىر ئۆزبېكلەر  دەپ ئاتىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى  ئەينى ۋاقىتتىكى  ئۆزبېكلەرگە تەركىبىگە كىرمىگەن ئىدى. ئۇيغۇر دىيارىدىن   ئوتتۇرا ئاسىياغا  كەلگەن ئۇيغۇرلار بولسا، قەشقەرلىق ۋە ياكى تارانچى دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى  ئۇيغۇرلار بولسا،  غەربلىكلەر تەرىپىدىن "تۈرك"، رۇسلار تەرىپىدىن "قەشقەر سارتلىرى" ۋە ياكى "شەرقىي تۈركىستانلىقلار" دەپ ئاتالغان. خەنسۇلار بولسا، ئۇلارنى  "چەنتوۋ " ياكى  " چەنخۇئى" دەپ ئاتىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ  بولسا، ئۆزلىرىنى ياشىغان شەھەرلىرى  بىلەن " قەشقەرلىق" ، "خوتەنلىك" ھەمدە يەنە " مۇسۇلمان" ۋە ياكى " تۈرك" دەپلا ئاتىغانلىقى مەلۇم. گەرچە ئۇيغۇر ئاتالغۇسى خەلق ئىچىدە، بولۇپمۇ زىيالىيلار قاتلىمى تەركىبىدە بولسىمۇ،  لېكىن ئومۇمىي يۈزلۈك قوللىنىلمىغانىدى. ھەتتا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشەردىكى شۋىتلار چىقارغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ تىللىرى << قەشقەر تۈركچىسى>> دەپ ئاتالغان ئىدى. بۇ ئەھۋال ئۆزبېكلەر  ئارىسىدىمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئۇيغۇرلار  ئۆزبېكلەر نى "ئەنجانلىق"، ئۆزبېكلەر ئۇيغۇرلارنى  "قەشقەرلىق" دەپ ئاتىغان. ھەتتا قىرغىز بىلەن قازاقنىڭ چەگرىسىمۇ ئېنىق ئەمەس  بولۇپ، 1924-يىلىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ تەركىبى ئايرىلدى .قىسقىسى پۇتۇن تۈركىي خەلقلەر بىر-بىرىدىن ئايرىپ چىقىلدى.مۇستاپا چوقاي تۈركىستان مۇختارىيىتىنى قۇرغان ۋاقىتلاردا ئايرىم مىللەتچىلىك ئىدىيىلىرى  بار دېيىلگەندىمۇ، ئۇنچە كۈچلۈك ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ۋەكىللىك قىلالمايتتى. تۈرك خەلقلىرى ئارىسىدىكى ئەنە شۇ باغلىنىشلىق مۇناسىۋەت تۇپەيلىدىن چار رۇسىيە ھوكۇكىمىتىمۇ " تۈركىستان گۇبەرنىيىسى" ۋە تۈركىستان ئۆلكىسى"، سوۋېت رۇسىيىسى بولسا  1919-يىلىدىن 1924-يىلىغىچە " تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى" نامى ئاستىدا مەمۇرىي -سىياسىي باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇپ، بۇ زېمىننىڭ تۈركلەرنىڭ زېمىنى تۈركىستان ئىكەنلىكىنى ئەتىراپ قىلدى. مۇستاپا چوقاي قاتارلىق  تۈركىستان مىللەتپەرۋەرلىرى بىرلىكتە تەسىس قىلغان تۈركىستان مۇختارىيىتى ھۆكۈمىتى   مانا شۇنداق ئېتنىك  تەۋەلىك جەھەتتىن تۈركىي خەلقلەر 88% ئىگىلىگەن پۈتۈن تۈركىستاننىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ،  بۇ زېمىنىدىكى خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان تۇنجى ئۇرۇنۇش ئىدى.مەزكۇر ھۆكۈمەت   قوقاندا  قۇرۇلۇپ،  شۇ يەرنى بازا قىلغانلىقى ئۈچۈن قوقان ھۆكۈمىتى دەپمۇ ئاتالدى. لېكىن،  تۈركىستان مۇختارىيىتى   دەپ ئاتىلىش ئادەتكە ئايلانغان ئىدى.   1917-يىلى، 9-12-دېكابىر كۈنلىرىدىكى قۇرۇلتاي نەتىجىسىدە قۇرۇلغان تۈركىستان مۇختارىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ  ھۆكۈمەت ئورگىنى  ۋە قانۇن ھاكىمىيەت ئورگىنى " ۋاقىتلىق خەلق كېڭىشى " سايلاپ چىقىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا  54 ئادەم ئەزا بولدى،  ھۆكۈمەت تەركىبى 12 ئەزادىن تەركىپ تاپتى.  تۈركىستانلىقلار  تاشكەنتتىكى رۇس مىللەتچى كوممۇنىستلىرىغا قارىغاندا، دېموكراتىك بىر ئۇسۇل ھەم چارە قوللانغان بولۇپ، 54 كىشىلىك خەلق كېڭىشىنىڭ 36 نەپەر ئەزاسى يەرلىك مىللەتلەردىن ، 18 نەپىرى رۇسلاردىن  تەركىپ تاپتى[22].تۈركىستان مۇختارىيىتى 1918-يىلى،   20-مارتتا رەسمىي پارلامېنت تەسىس قىلىش ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى خەلق يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق  سايلاش، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇچتىن ئىككى قىسىمىنى مۇسۇلمانلاردىن، ئۈچتىن بىر قىسىمىنى باشقا مۇسۇلمان ئەمەس خەلقلەردىن تەيىنلەش قارار قىلىنغان[23]. تۈركىستان مۇختارىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە  دەسلەپتە،  رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ سابىق ئەزاسى، ئىنجېنېر، قازاقلاردىن كېلىپ چىققان مۇھەممەدجان تىنىشپايېۋ ، مۇئاۋىنلىكىگە   تاتارلاردىن  قانۇنشۇناس  ئىسلام شاگىئاخمەتوۋ سايلانغان. مۇستاپا چوقاي ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىرلىقىغا، ماگدى چانىشېف (تاتار) ھەربىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە، ئۆزبېكلەردىن ئەبەيدۇللا خوجا جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرىلىقىغا، ئاگرونوم  ھىدايەتبەك يۇرغۇللى ئاغا[24] يەر ۋە سۇ ئىشلىرى مىنىستىرىلىقىغا، ئابىدجان ماخمۇد  ئىشلەپچىقىرىش مىنىستىرىلىقىغا،  قازاقلاردىن  قانۇنشۇناس ئابدۇراخمان بەل ئۇرازاي  ئىچكى ئىشلار مۇئاسىن مىنىستىرىلىقىغا،   يەھۇدىيلاردىن  سولومون گېرسفېلد مالىيە مىنىستىرىلىقىغا،  ئۆزبېكلەردىن  كىچىك ئېرگەش قوراللىق كۈچلەرنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن[25]. بۇلاردىن باشقا يەنە، ئابىدجان ماخمۇد قوقان شەھەر  ئىچكى ئىشلار ئورنىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە، مىر ئادىل  مەرغىلان ۋە فەرغانە ۋىلايىتى كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە، ناسىرخان  نامەنگان ۋەكىللىكىگە سايلاندى.تۈركىستان مۇختارىيەت ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىگەنلەرنىڭ مۇتلەق  كۆپ قىسىمى ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئالىي مەلۇماتلىق زىيالىيلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى رۇسىيە، تۈركىيىدە ئالىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن[26]. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا رۇسىيىدىكى  ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مەخسۇس قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتلىرىنى تاماملىغانلار ھەم رۇسىيە دۇماسىنىڭ ئەزاسى بولغانلار بار بولۇپ،  ھۆكۈمەت رەئىسى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى   تۆمۈر يول ياساش ئىنجېنېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلق ئىچىدە زور ئابروي قازانغان ھەمدە قازاق دالاسىغا ۋاكالىتەن رۇسىيە دۇماسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ئەرباب ئىدى[27].  لېكىن، ئۇزۇن ئۆتمەي قوقان  ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پىكىر  ئىختىلاپ كېلىپ چىققان بولۇپ،   ھۆكۈمەت رەئىسى    مۇھەممەدجان تىنىشپايېۋ تەرەپدارلىرى بىلەن مۇستاپا چوقاي تەرەپدارلىرى ئارىسىدا تۈركىستان مۇختارىيىتىنىڭ  پۈتۈنلەي رۇسىيىدىن ئايرىلىش ۋە ياكى ۋاقتىنچە رۇسىيە تەركىبىدىكى مۇختارىيەت سۈپىتىدە قېلىش شۇنىڭدەك تاشكەنتتىكى كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىش ياكى قىلماسلىق  مەسىلىلىرىدە پىكىر ئىختىلاپى كېلىپ چىققان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە   تۈركىستان  ھۆكۈمىتىنىڭ تەركىبىمۇ بىراز مۇرەككەپ بولۇپ،  تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى بەلگىلەشتە رۇسىيە ، تۈركىيە  ۋە گېرمانىيە -ياۋروپا تەرەپدارلىقىنى  تۇتىدىغان  تۈرلۈك كۆز قاراشلار مەۋجۇت ئىدى.بۇلارنىڭ  ئارىسىدا يەنە  جەدىدچىلەر ۋە قەدىمىيچىلەرنىڭ  پىكىر  ئىختىلاپىمۇ ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بولشېۋىكلار ۋە  تاشكەنت ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىگەن رۇس كوممۇنىستلىرىنىڭ  مىللەتچىلىكىگە قارشى مەيدانى ئورتاقلىققا ئىگە ئىدى.  ئەمما، بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ زىددىيىتى كۈچلۈك بولۇپ،  مۇستاپا چوقاي ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ تۈركىستان مۇختارىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچىيىشىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان[28].   مۇھەممەدجان  تىنىشپايېۋ  قاتارلىقلار  بولسا، مۇستاپا چوقاي قاتارلىقلارنىڭ تاشكەنتتىكى رۇس كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە  قاتتىق مۇئامىلە قىلىشىغا نارازى بولغان، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ بەزى قارارلىرىنىڭ تاشكەنتتىكى رۇس بولشېۋىكلىرى بىلەن ئارىنىڭ  بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ دەپ قاراپ، 1918-يىلى، يانۋارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ھۆكۈمەت رەئىسلىكىدىن ئىستىپا بەردى[29]. مۇھەممەجان تىنىشبايېۋ ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن كېڭەشنىڭ سايلىشى بىلەن مۇستاپا  چوقاي ھۆكۈمەت رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.  مۇستاپا چوقاي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قوقاندىكى تۈركىستان ئىشچى-دېھقانلار قۇرۇلتىيى تۈركىستان مۇختارىيەت ھۆكۈمىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى  بىلدۈرۈپ، سانكىتپېتېربۇرگدىكى سوۋېت مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە  تېلېگرامما يوللىدى.  قۇرۇلتاينىڭ مەركەزگە يوللىغان  باياناتىدا   مەركەزدىن تاشكەنتتىكى چەتئەللىك ھەربىي كۈچلەرنىڭ  ياردىمى بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان  سوۋېت خەلق كوممىسسارلىرىنى تارقىتىۋېتىش تەلەپ قىلىنغان.بىراق، ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل رەھبىرى يوسىف ستالىن ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ،" يەرلىك كېڭەشلەر ئۆز ئىچكى ئىشلىرىدا مۇختارىيەتكە ئىگە،  ئەگەر تۈركىستاندىكى دېھقان ۋە ئىشچىلار قوراللىق كۈچكە ئىگە بولساڭلار، چەتئەللىك دەپ بىلگەن تاشكەنت سوۋېت خەلق كومىسسارلىرىنى تارقىتىڭلار"[30] دەپ  قورالسىز تۈركىستانلىقلارنى  قوراللانغان مۇنتىزىم كۈچكە ئىگە تاشكەنتتىكى بولشېۋىكلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا چاقىرغان.  ئەمەلىيەتتە، بۇ ستالىننىڭ تاكتىكىسىدىن ئىبارەت بولۇپ،   ئۇلار ھېچقاچان تاشكەنتتىكى بولشېۋىكلار ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشى  خالىمايتتى.مۇستاپا چوقاي  تەرەپدارلىرى  بىر تەرەپتىن  لېنىن قاتارلىقلارنىڭ  مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش چاقىرىقلىرىغا  ئىشەنسە، يەنە بىر  تەرەپتىن  رۇسىيە كوممۇنىستلىرىنىڭ قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچى ۋە ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغان  كادىرلار قوشۇنى  جەھەتتىن تېخى  پىشىپ يېتىلمىگەن، ھەربىي-ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ئاجىز ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت رېئاللىقنى نەزەرگە ئېلىپ،  ۋاقتىنچە رۇسىيە  دېموكراتىك فېدېراتىپ  جۇمھۇرىيىتى  تەركىبىدە تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.  ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ پىكىرىنىڭ  كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، " تولۇق مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئاسان ئەمەس، چۈنكى، بۇنىڭ ئۈچۈن  كادىرلار يوق ۋە  تەجرىبە يوق،  ئەڭ مۇھىمى كەلگۈسى  مۇختارىيەتنى قوغدايدىغان ئارمىيە يوق. رۇسىيە گەرچە ئاجىزلاشقاندەك بولسىمۇ، لېكىن بىزدىن ناھايىتى كۈچلۈك .  بىز رۇسىيە بىلەن  تىنچ ۋە دوستانە ئۆتۈشىمىز لازىم. بۇنى جۇغراپىيىمىز بەلگىلىمەكتە. مەن سوۋېتلەرنىڭ سىياسىتىنى قوبۇل قىلمايمەن، ئەمما بولشېۋىكلارنىڭ  ۋەيران قىلىش كۈچىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن" [31]دېگەن. بىراق،  قوقان  ھۆكۈمىتى   تۈركىستاننىڭ تەقدىرى  ۋە تاشقى سىياسىي يۆنىلىشى، سوۋېت كوممۇنىستلار ھۆكۈمىتىگە قانداق مۇئامىلە تۇتۇش مەسىلىسىدە تېخى بىرلىككە كەلگەن  سىياسىي يۆنىلىشكە ئىگە بولالمىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا  "شورائىي ئۆلۈما" ناملىق جەدىدچىلەرگە قارشى، قويۇق دىنىي  پىكىرگە ئىگە   تەشكىلات تۈركىستان مۇختارىيەت ھۆكۈمىتى تەركىبىگە  كىرىشنى رەت قىلىپ، تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىۋى جەھەتتىن ئاجىزلىشىشىدىكى ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بىراق،  تۈركىستان مۇختارىيىتى تۈركىستاندىكى كەڭ خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، 1917-يىلى، 13-دەكابىر كۈنى  تاشكەنتتە تۈركىستان مۇختارىيىتىنى قوللاش نامايىشى بولغاندا، كوممۇنىستىك ھۆكۈمەتنىڭ ئوققا تۇتۇپ، باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. چوقاي بۇ كۈننى ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتكەن[32]. ھەر تۈرلۈك  زىددىيەتلەرنى  نەزەرگە ئالغان مۇستاپا چوقاي باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت  1918-يىلى، مارت ئېيىدا  دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق پارلامېنت تەسىس قىلىش ۋە پارلامېنت تەركىبىگە يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىمۇ كىرگۈزۈپ، تۈركىستاندا  تۇنجى پارلامېنت ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى پىلانلىدى.    بىراق،  تۈركىستان مۇختارىيىتىنىڭ تاشكەنتتىكى   كومىسسارلار   سوۋېتىنى ئېتىراپ قىلماي، ئۆز ئالدىغا پۈتۈن تۈركىستاننى بىرلىككە كەلتۈرگەن بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئىنتىلىشى  رۇسىيە بولشېۋىكلىرىنىڭ  غەزىپىنى قوزغىدى. تاشكەنتتىكى كوممۇنىستلار ھاكىمىيىتى مۇستاپا چوقاينى تۈركىستان مۇختارىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىگە بويسۇنۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇنىڭغا ئالىي مەرتىۋە بېرىدىغانلىق ھەققىدە يۇمشاق  ۋە قاتتىق چارىلەرنى قوللانغان  بولسىمۇ، لېكىن  بۇنى رەت قىلدى.

3.    تۈركىستان مۇختارىيىتى  ۋە ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى  
مۇستاپا چوقاي قاتارلىقلار تەسىس قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ  قوقان شەھىرىنى مەركەز قىلغان تۈركىستان مۇختارىيىتىنىڭ دۆلەتچىلىك تۈزۈلمىسى، ئىدېئولوگىيىسى  ۋە شەكلى ھەتتا ئۆمرى 1933-يىلى، 12-نويابىردا  سابىت داموللام باشچىلىقىدا قەشقەردە قۇرۇلغان <<شەرقىي تۈركىستان  ئىسلام جۇمھۇرىيىتى>> بىلەن  ئاساسەن دېگۈدەك ئوخشاشلىققا ئىگە.   قەشقەردە قۇرۇلغان بۇ ھۆكۈمەت ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي ۋەزىيەت  ھەققىدە سەفىدىن ئەزىز ئۆزىنىڭ << ئۆمۈر داستانى>> ناملىق كىتابىدا ۋە ئابدۇقادىر ھاجىد  ئۆز ئەسلىمىسىدە خېلى ئەتراپلىق مەلۇماتلارنى قالدۇرغان.بۇ ھەقتە يەنە مەرھۇم يازغۇچى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ << ئويغانغان زېمىن>>   ناملىق تارىخىي رومانىدىمۇ ئۇچۇرلار مەۋجۇت.بولۇپمۇ، بۇ ئىككى ھاكىمىيەتنىڭ  ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ  مەركىزىي  ئاسىيادىكى ئاساسلىق ئېتنوس تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە تەڭ تەقسىم قىلىنىشى، ئايرىمىچىلىق قىلىشتىن خالى بولۇشى ھەم  تۈركىي قېرىنداشلىق ۋە مەدەنىيەت ھەم سىياسىي كىملىك ئورتاقلىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان دۆلەت  خىتابنامىلىرى ئەمەلىيەتتە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيادا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۈچلۈك ھالدا مەۋجۇت بولغان ئىدېئولوگىيىلىك ئېقىمنى ئەكىس ئەتتۈردى.گەرچە، قەشقەرىيىدىكى ھەتتا پۈتۈن  شىنجاڭدىكى  مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاھالە نىسبىتىنى  ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما  قەشقەرنى پايتەخت قىلغان ئۇيغۇر ئاھالىسى ئۆز ھاكىمىيىتىنى بۇ جايدىكى  ئاز سانلىق ھەتتا كۆچمەن ھېسابلانغان تۈركىي خەلقلەردىن ئۆزبېك، قىرغىز قاتارلىقلارنىڭ  ۋەكىللىرىنىڭمۇ ئىگىلىشىنى قارشى ئالدى. قەشقەردىكى <<شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى >>نىڭ  پرېزىدېنتى  خوجا نىياز ھاجىم ( ئۇيغۇر)، باش مىنىستىرى سابىت داموللام ( ئۇيغۇر)، مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جانىبېك (قىرغىز)  بولۇپ،  16 مىنىستىرلىك تەسىس قىلىنىپ،  بۇلارنىڭ ئىچىدە  تۆت نەپەر ئۆزبېك،  ئىككى نەپەر قىرغىز بولغاندىن تاشقىرى، قالغان ئورۇنلارنى  پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار ئىگىلىگەن. ئەمما، مۇئاۋىن مىنىستىر ۋە باشقا ئىدارە -ئورگانلارنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئوخشاشلا ئۆزبېكلەر كۆپ بولغان.   جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇشقا  يەنە  بىر قانچە نەپەر تۈركلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇلار  جۇمھۇرىيەتنىڭ  دۆلەت بايرىقى،  ئاساسىي قانۇنى ۋە دۆلەت گېمنى ۋە باشقا دۆلەتچىلىك   ئالاھىدىلىكلىرىنى بېكىتىش ھەمدە بەزى دىپلوماتىيىلىك پائالىيەتلەرنى  ئېلىپ بېرىشتا  بەلگىلىك رول ئوينىغان ئىدى.  جۇمھۇرىيەتنىڭ يەنە ئۆلكىنىڭ شىمالىدىكى قازاقلار بىلەن، بولۇپمۇ  ئالتايدىكى شەرىپقان تۆرە بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا ئىنتىلگەنلىكى ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار مەۋجۇت.  مۇستاپا چوقاي  قاتارلىقلار بۇ چاغدا ياۋروپادا تۇرۇپ،  ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان  ھەمدە ئۇنى  قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، << ياش تۈركىستان>> جۇرنىلىدا ماقالە ۋە ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان  ھەتتا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا  مەخسۇس  ئۇيغۇر ئېلىدىكى  مەسىلىلەر ھەققىدە دوكلات بەرگەن ئىدى.مۇستاپا چوقاي تۇنجى بولۇپ،  مەيدانغا چىقارغان بارلىق تۈركىي ئېتنوسلارنىڭ تۈركىستاننى ئورتاق باشقۇرۇش مودېلى  يەنە 1944-يىلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق <<شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى >>ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم مەركىزىي ئاسىيادا نامايەن بولدى.  مۇستاپا چوقاي  ۋاپات بولۇپ ئۈچ يىلدىن كېيىن قۇرۇلغان  بۇ  ھاكىمىيەت  مەركىزىي ئاسىيانىڭ يېقىنقى زامان سىياسىي تارىخىدا، بولۇپمۇ تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئورتاق  ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش تارىخىدا  مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىدى.1944-يىلى  ئۇيغۇر دىيارىدا جۇڭگو گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى  مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى ئەۋجى ئېلىپ، 1944-يىلى 12-نويابىرگە كەلگەندە غۇلجا قوزغىلاڭچىلىرى <<شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى>>نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.  ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە قۇرۇلغان   مەزكۇر جۇمھۇرىيەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چوڭ  دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەت  توقۇنۇشى، بولۇپمۇ موسكۋانىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ھەمدە مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى    ئىستراتېگىيىلىك  مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسەتلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ باشتىن ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە شۇ ئۆز نۆۋىتى بويىچە ئۇنىڭ جۇڭگو سىياسىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلدى ۋە قۇربان قىلىۋېتىلدى.    مۇستاپا چوقاينىڭ تۈركىستان مۇختارىيىتى ۋە 1933-1934-يىلىدىكى <<شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى>>نى بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىق ھالدا يوقاتقان موسكۋا بۇ قېتىم  ئەنە شۇ ئۆزى ئۈچۈن  ئەڭ  ئەشەددىي  رەقىپ ئىدىئولوگىيە  ھېسابلانغان   تۈركىستان ئىدىيىسى ۋە  ئىسلامىي چاقىرىقلارنى چەتكە قاقماي، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن پايدىلاندى.1944-يىلى، 12-نويابىردا غۇلجىدا قۇرۇلغان <<شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى>>نىڭ دۆلەتچىلىك شەكلى ۋە قۇرۇلمىسى يەنە تۈركىستان مۇختارىيىتى ۋە ياكى 1933-يىلىدىكى  قەشقەردە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ تەكرارى شەكلىدە مەيدانغا چىقتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ  رەئىسىلىك  ۋەزىپىسىنى  ئۆلكىدىكى نوپۇسى ئەڭ ئاز  خەلقلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان ئۆزبېكلەردىن  ئەلىخان تۆرە ئۈستىگە ئالدى. ئۇنىڭ ئىككى مۇئاۋىنىنىڭ بىرى ئۇيغۇر ھاكىمبەك خوجا،  بىرى قازاق ئوبۇلخەيىر تۆرە  بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا 16 نەپەر ھۆكۈمەت ئەزاسى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق تۈركىي خەلقلەردىن  ھەمدە يەنە  تۈركىيلەرگە مەنسۇپ بولمىغان    رۇس، موڭغۇل ۋە تۇڭگانلاردىن  تەركىپ تاپتى.ھەر قايسى مىنىستىرلار ۋە  ۋىلايەت ھەم ناھىيە باشلىقلىرىنىڭ  مۇتلەق كۆپ قىسىمى  ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبەك، تاتار ۋە قىرغىزلاردىن تەركىپ  تاپتى.1946-يىلىدىن  كېيىن ئىنقىلابنىڭ باش رەھبەرلىك ھوقۇقى ئەخمەتجان قاسىمى ( ئۇيغۇر)نىڭ قولىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ھاكىمىيەتنىڭ يۇقىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك  قاتلاملىرى يەنىلا بۇرۇنقىدەك، ئۇيغۇر ، قازاق، ئۆزبېك، تاتار ، قىرغىزنى ئاساس قىلدى. ئەلۋەتتە، يەنە بۇ يەردىكى ئاز ساندىكى رۇسلارمۇ باشتىن ئاخىرى مۇھىم يۇقىرى ھەربىي ۋە مەمۇرىي ۋەزىپىلەردە بولدى.  شىبە، موڭغۇل  خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى  ئوخشاشلا ئۆز يەرلىك ھاكىمىيەت ئورنىنى باشقۇردى." شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى"نىڭ  9 ماددىلىق خىتابنامىسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھۆججەتلىرىدە بارلىق خەلقلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ھەم تەشەببۇس قىلغان ئىدى. جۇمھۇرىيەتنىڭ خىتابنامىسىدە  ھەممە مىللەتلەر ۋە دىنلارنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكى  بېكىتىلگەن بولۇپ، ھەتتا جۇمھۇرىيەتنىڭ جىنايى  ئىشلار قانۇنىدا مەزكۇر  سىياسىي خىتابنامىغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن ئىدى.ئىلىدىكى جۇمھۇرىيەت ھۆكۇمىتىنىڭ  ئەنە شۇنداق بىرلىك-ئىتتىپاقلىقنى ئاساس قىلغان، ئايرىمىچىلىقتىن خالى بولغان سىياسىتى نەتىجىسىدە ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى  ئۇيغۇرلارنى يادرو قىلىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېئىنى ئازاد قىلىش ھەمدە بۇ زېمىندا ئومۇمىي يۈزلۈك  تولۇق ئەركىن  ،ئازاد ۋە دېموكراتىك ھاكىمىيەت  بەرپا قىلىش ئىدىيىسى ۋە نىشانى بويىچە كۈرەشكە ئاتلاندى.  ئەگەردە  مەزكۇر  يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ توغرا سىياسىتى ۋە پروگراممىسى بولمىغان  بولسا،   ئۇ شۇنچە قىسقا ۋاقىت  ئىچىدە ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيادىكى قۇدرەتلىك مەملىكەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان  جۇڭخۇئا مىنگو (جۇمھۇرىيىتىنىڭ) مۇنتىزىم دۆلەت ئارمىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلالمىغان بولار ئىدى.   ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىكى بارلىق  بارلىق تۈركىي مىللەتلەر ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنى بۇ يېڭى  جۇمھۇرىيەتنىڭ پۇقراسى ھېسابلاپ، ئۆز ھۆكۈمىتىنى  ۋە ئىنقىلابىنى قوغدىدى.بىرىنچى ۋە  ئىككىنچى  <<شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى >> ئۇيغۇرلارنى يادرو قىلغان  بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ   20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا  مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن كېيىن قۇرۇلغان ، ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنياۋى دېموكراتىك ئۆلچەملەر، مىللىي ئويغىنىش ۋە گۈللىنىش قاتارلىقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسىملەشتۇرۇشكە تىرىشقان ھەم شۇنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرىنى قولغان كەلتۈرەلىگەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ  تۇنجى مۇستەقىل دۆلەتلىكچىلىكى ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ   30-40-يىللىرىدا  ئىككى  جۇمھۇرىيەت مەۋجۇت بولغان يىللاردا  دۇنيا يۈزىدە پەقەت غەربتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ، شەرقتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ئىبارەت ئىككىلا مۇستەقىل تۈركىي دۆلەتلىرى مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، ئەمما  ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ  چىن سىياسىتى ۋە غەرب سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرىنىڭ قۇربانى قىلىۋېتىلدى.غۇلجىدا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى، يەنى  جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كەيىن <<ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى  >>  دەپ بېكىتىلگەن بۇ ھاكىمىيەت 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن  تاكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىپ، دۇنيانىڭ يېڭى تەرتىپى ئورنىتىلىپ، يادرو قوراللىرى رىقابىتى باشلانغان دەۋرلەرگە توغرا كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ئەنە شۇنداق دۇنياۋى مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىنىڭ ئۇستىگە قۇرۇلغان بولغان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت دۇنياۋى قۇدرەتلىك مەملىكەتنىڭ مەنپەئەت دايىرىسى رامكىسىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاخىرلىشىشى مۇقەررەر ئىدى. بىراق، بۇ جۇمھۇرىيەت  تۈركىيىدىن باشقا تۈرك دۇنياسىدا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتچىلىك، دۆلەتچىلىك ئاڭلىرى ئاساسەن يوق قىلىنىپ،  ئۆزبەك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئايرىم مىللىي ئاڭلىرى سۇنئىي يوسۇندا ئورتاق سوۋېت دۆلىتى  ۋە سوۋېت ۋەتەنپەرۋەرلىكى رامكىسى ئاستىدا كۇچلەندۇرۇشكە قاراپ يۇزلەڭەندە دۇنياغا كېلىپ، سوۋېت چېگرىسىز ئىچىدىكى تۈركىي خەلقلەرگە  مۇستەقىللىق ھەم  ئورتاق  جۇمھۇرىيەت ئىدىيىسىنىڭ ئۇرۇقىنى چاچتى.
ئەلۋەتتە، 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى  ئۇيغۇر دىيارىدا مەيدانغا كەلگەن ئىككى  جۇمھۇرىيەتنىڭ چار رۇسىيە كونتروللۇقىدىكى تۈركىستان ئۆلكىسى تەۋەسىدە قۇرۇلغان   تۈركىستان مۇختارىيىتىدىن پەرقلىق تەرىپى شۇكى، ئۇنىڭ مۇنتىزىم ۋە قۇدرەتلىك زامانىۋى ئارمىيىسى بولدى.  بولۇپمۇ، ئىلى ھۆكۈمىتى  تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ، ئۇ بەش يللىق مۇساپىنى باشتىن كەچۈردى ھەمدە  ئۇنىڭ  قۇدرەتلىك مىللىي ئارمىيىسى، يېتەرلىك ھەربىي-سىياسىي، مەمۇرىي كادىرلار قوشۇنىغا ئىگە بولۇپ،   ئۆزىنىڭ  ھەربىي-سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي-مائارىپ  ۋە باشقا تۈرلۈك   دۆلەت پروگراممىلىرىنى تېز ئارىدا ئىشقا ئاشۇرۇپ  مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. 5 يىللىق مەزكۇر ھۆكۈمەت   ئەينى ۋاقىتتا  شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مىللەتچى چىن ھۆكۇمرانلىقىدىكى رايونلاردىن يۇقىرى  ئىقتىسادىي سەۋىيە، يۇقىرى تۇرمۇش شارائىتى، يۇقىرى مەدەنىي-مائارىپ سىستېمىسى ۋە باشقىلارنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىلى  ھۆكۈمىتى  بەش خىل تىلدا 5 خىل جۇرنال ۋە 11 خىل گېزىت نەشىر قىلدى. كۆپ خىل تىلدا مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىپ، كۆپ خىلدا دەرسلىك كىتابلىرىنى باستى. ئۇيغۇر تىلى ھۆكۈمەت تىلى سۈتىدە  رەسمىي 5 يىل خىزمەت قىلدى.ئۇنىڭ تۈركىستان مۇختارىيىتىدىن پەرقلىق تەرىپى ئۇ بەش يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھەمدە ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، كۆپلىگەن  ھەربىي-سىياسىي ۋە مەمۇرىي  كادىرلار قوشۇنىغا ئىگە بولۇپ،  ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ئۇلگىسىنى ياراتتى.   ئەمما، تۈركىستان مۇختارىيىتى بولسا خۇددى مۇستاپا چوقاي ئېيتقاندەك ئىزچىل ئۆزىنىڭ يېتەرلىك كادىرلار قوشۇنىغا ئىگە بولالمىغان ئىدى.    ئوخشاشلىق تەرىپى شۇكى،  تۈركىستان مۇختارىيىتى  ۋە بىرىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئورتاق  قىسمەتكە دۇچ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئۆمرىمۇ ئوخشاشلا قىسقا بولدى، ھەربىي ۋە سىياسىي  ھەم مەمۇرىي كادىرلار قوشۇنى يېتەرلىك بولمىدى شۇنىڭدەك  ئوخشاشلا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ھۇجۇملىرى ۋە ئارىلىشىشلىرى جەريانىدا يوق قىلىندى.  گەرچە، سوۋېت ھۆكۈمىتى قىزىل ئارمىيە ئەۋەتىپ، ئىككىنچى <<شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى>>نى بىۋاسىتە يوقاتمىغان  بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى  يېڭىچە ئۇسۇل، يەنى تىنچلىق  بىلەن يوق قىلدى.  ئۇنىڭ  مەۋجۇت بولۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى قانداق مۇھىم بولغان بولسا، ئۇنىڭ ئاخىرلىشىشىدىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى شۇنچە مۇھىم  رول ئوينىدى. بۇ، ئىككىنچى  جۇمھۇرىيەت باشتىن ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا چۈشۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئۆز سىياسىي  يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتە كرېملنىڭ ئاۋاز كۈچىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.  قەشقەردە  ۋە غۇلجىدا قۇرۇلغان مەزكۇر ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تەقدىرلىرى   مەركىزىي ئاسىيادىكى بارلىق تۈركچىلىك ئىدىيىلىرىگە ئىگە بولغان  ھاكىمىيەت شەكىللىرىنىڭ  موسكۋا تەرىپىدىن قەتئىي رەت قىلىنىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىدى.1945-1949-يىللىرىدىكى  ئۇيغۇر ئېلىنىڭ  ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،تۈركچىلىك، ئورتاق تۈرك مەدەنىيەت كىملىك ئىدىيىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىنلا ئەمەس، بەلكى گومىنداڭ  سىياسىيونلىرى تەرىپىدىنمۇ قەرت سۈپىتىدە ئوينالدى. ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ  دىپلوماتىك ۋە ستراتېگىيىلىك مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى ۋە كۈرەشلىرى جەريانىدا تۇركچىلىكنى ئاساس قىلغان ئىدىيىلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا كۆز يۇمدى  ھەتتا يول قويدى. كېرەك بولمىغاندا  بۇ خىل ئىدىيىلەرنىڭ كېڭىيىشىگە چەك قويدى. مىللەتچى  گومىنداڭ  ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ  تەسىر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە زەربە بېرىش ئۇچۇن  سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كەيپىياتتىكى مەسۇد سەبىرى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا ئالىپتېكىن قاتارلىق ئەربابلارنىڭ تۇركچىلىك ئىدىيىلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشىغا پۇرسەت بەردى. <<ئۈچ ئەپەندى>>نىڭ 1946-1948-يىللىرى ئارىسىدا ئۇرۇمچى قاتارلىق جايلاردا  گومىنداڭ ھۆكۈمىتى  بەرگەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تۈركچىلىك ۋە ياكى <<پانتۈركىزم>> ئىدىيىلىرىنى  گېزىت، جۇرنال، دەرنەك، كۇتۇپخانا ۋە باشقا ۋاسىتىلەردىن  پايدىلىنىپ، تەشۋىق قىلىش ھەم چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن  قىلغان ھەرىكەتلىرىگە يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى شوئارلار تەڭ ئارىلاشقانلىقى  بىلەن موسكۋا بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە بېسىم كۆرسەتتى. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا  پەقەت ئۈرۈمچىدىلا تۈركچىلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىش ئىمكانىيەتلىرى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارقا تام خوشنىسى ھېسابلىنىدىغان  بۇ زېمىندا سوۋېت ئىتتىپاقى ئەڭ ئوچ كۆرگەن تۈركچىلىك ئىدىيىلىرىنىڭ گۇللىنىشى   ھەمدە  ئامېرىكا  ۋە ئەنگلىيە ئوخشاش   غەرب  قۇدرەتلىك دۆلەتلىرىنىڭ  تەسىر كۈچىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى خالىمايييتى.  بۇ موسكۋا تەرىپىدىن قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدىغان ھادىسە ئىدى  . جۇڭخۇئا مىنگو ھۆكۈمىتى  بۇ مەزگىللەردە  موسكۋاغا  تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مانا مۇشۇ  ئىككى  نۇقتىنى قەرت قىلىپ ئويناشقا ئىنتىلگەن ئىدى.شۇ سەۋەبتىن موسكۋا ئەينى ۋاقىتتا "پانتۈركىزم ئەنقەرەدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەلدى" دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىدى[33] . "پانتۈركىزم " دەل جاڭ كەشى باشلىق جۇڭخۇئا مىنگو ھۆكۈمىتى   رەھبەرلىرىنىڭ  موسكۋاغا سىياسىي بېسىم كۆرسىتىشتە ئوينىغان قەرتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە  سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ  بىر پارچىسى ئىدى خالاس. سوۋېت ئىتتىپاق ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ  گومىنداڭ  ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقچىلىرىغا زەربە بېرىش ھەمدە باشتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، كېيىن  ئۇنىڭ  مەنپەئەتلىرىنى چەكلىگەن شېڭ شىسەيدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن  شۇنىڭدەك كېيىن  يەنە يالتا يىغىنىدا قولغا كەلتۈرگەن مەنپەئەتلىرىنى  كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن  "شەرقىي تۈركىستان" نامى ئاستىدىكى ئورتاق دۆلەتچىلىك، ئىسلامىي غازات ۋە تۇركچىلىك پىكىرلىرىنىڭ قۇدرىتىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلانغان ئىدى. بۇ مەقسەتلەر كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندىن كېيىن بولسا، سىياسىي تاكتىكىلىرىنى قەدەم-قەدەم ئۆزگەرتتى.

4. قەتئىي تىز پۈكمەي ئۆلۈش  -تۈركىستان مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ  تاللىۋالغان يولى

تاشكەنتتىكى رۇس بولشېۋىكلىرى مۇستاپا چوقايدىن ئۆزلىرىنى  تۈركىستاننىڭ قانۇنىي ھۆكۈمىتى دەپ تونۇش، قوقان ھۆكۈمىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش،  قوللاردىكى قورال-ياراقلارنى  يىغىشتۇرۇپ تاپشۇرۇش، مۇستاپا چوقاينىڭ دەرھال تەسلىم بولۇشى ھەققىدە  قوقان ھۆكۈمىتىگە ئولتۇماتۇم تاپشۇردى.  بىراق، چوقاي بۇ ئولتۇماتۇمنى  قەتئىي رەت قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا   تاشكەنتتىكى قىزىل ئارمىيە قوقان شەھىرى بوسۇغىسىغا يېتىپ كېلىپ، شەھەرنى قاتمۇ-قات قورشاۋغا ئالغاندىن كېيىن،  ئاخىرقى قېتىم  تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى بىكار قىلىشقا، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، قورال كۈچى  بىلەن بويسۇندۇرىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. مۇستاپا چوقاي، ھېچقانداق مۇنتىزىم قوراللىق كۈچگە ئىگە بولمىغانلىقىغا قارىماي،  ئىلغار قوراللار ۋە توپ زەمبىرەكلەر بىلەن قوراللانغان ئاتلىق ۋە پىيادە قىزىل ئەسكەرلەرنىڭ  ھەيۋىسى ئالدىدا  ئوخشاشلا تىز پۈكمىدى. ئۇ،  تەسلىم بولۇش ۋە  رۇس بولشېۋىكلىرىنىڭ تۈركىستانلىقلار ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئۆزى  ئۈچۈن بىر مىللىي خىيانەت دەپ بىلدى[34]. لېنىن ۋە ستالىن قاتارلىق سوۋېت بولشېۋىكلىرىنىڭ دەسلەپكى ئازادلىق ۋەدىلىرىگە  ئۈمىد  باغلىغان  تۈركىستان مۇختارىيەتچىلىرى  قوقان شەھىرىدە يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلىرى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىۋاتقان پەيتتە، لېنىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت رۇسىيىسى ھۆكۈمىتى  تۈركىستان مۇختارىيەت  ھۆكۈمىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، مەخپىي تۈردە  تاشكەنتتىكى  بولشېۋىكلار ھاكىمىيىتىگە ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، تۈركىستان مۇختارىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.  موسكۋا  11 پويىزدا  زەمبىرەكلەر بىلەن قوراللانغان   قىزىل ئارمىيە قوشۇنىنى  تاشكەنتكە ئەۋەتتى[35]. موسكۋادىن كەلگەن مەزكۇر زور قوشۇن  تاشكەنتتىكى قىزىل ئارمىيە قوشۇنى  ۋە ئەرمەنلەرنىڭ يەرلىك قوراللىق گۇرۇپپىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ،   1918-يىلى، 9-يانۋار كۈنى گېنېرال ئوسىپوۋنىڭ قوماندانلىقىدا  قوقانغا   ھۇجۇم باشلىدى.  29-يانۋار كۈنى قوقان ۋەيران قىلىندى، ئەينى ۋاقىتتىكى قوقان ئاھالىسى 150 مىڭ بولۇپ،  پەقەت 60 مىڭ ئادەم ئېشىپ قېلىپ، قالغانلىرى ئۆلدى ۋە ياكى قېچىپ كەتتى، ھەتتا 4-7-فېۋرال كۈنلىرىدىكى جەڭلەردىلا 15 مىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈلدى[36].  قىزىل ئەسكەرلەر ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرگەن ئەرمەنىلەر شەھەردە چوڭ قەتلىئام ئەلىپ باردى[37].قىزىل ئارمىيىنىڭ ھۇجۇملىرىدا  قوقان شەھىرىدىكى  كۆپلىگەن بىنالار، باسمىخانا، دوختۇرخانا، مەسچىت  ۋە مەدرىسە قاتارلىقلار ۋەيران قىلىۋېتىلگەن . قوقان شەھىرىدىكى 11 مىڭ قورا-جاي، 37 مەسچىت،11 مەدرىسە ۋە بانكا، ماگازىن، سودا  دۇكانلىرى ۋە بازارلار ھەم مەكتەپلەر كۆيۈپ كۈلگەن ئايلانغان[38]. شەھەرنىڭ ئۇچتىن بىر قىسىمى خارابىغا ئايلانغان."ئۇلۇغ تۇركىستان" گېزىتىنىڭ 1918-يىلى، 2-ئاپرىلدىكى سانىدا "ھازىر مىڭلىغان قوقانلىقلار كىيىم-كېچەكسىز، يېمەكسىز ۋە قانسىز ھالەتتە قالدى بۇنداق ئەھۋال  ھەتتا ئۇرۇشتىن كېيىنمۇ بولمايدۇ. ئۆلگەنلەرنىڭ ئېنىق سانى مەلۇم ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن ئادەملەر ئەسىرگە ئېلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە  ھۆكۈمەت ئەزالىرىمۇ بار"[39]دەپ يېزىلغان.  قوقان ھۇجۇمىدا بولشېۋىكلار  زەمبىرەكلەرنى ئىشقا سېلىپلا  قالماستىن بەلكى يەنە ئايروپىلانلارنى ئىشقا سالغان. نەتىجىدە  10 مىڭدىن ئارتۇق تىنچ ئاھالە ئۆلگەن[40].ئۈچ كۈنگە سوزۇلغان قاتتىق بومباردىمان ، ھۇجۇم ۋە كوچا جەڭلىرىدىن كېيىن قىزىل ئارمىيە قوقان  شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك قىرغىن ئېلىپ باردى.   قوقان شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان قەتلىئام ۋە ۋەيران قىلىشنىڭ نەقەدەر دەھشەتلىك بولغانلىقىنىڭ ئىپادىلىرىنى  ئەلىخان تۆرە ساغۇنىمۇ ئۆزىنىڭ ۋەقە يۈز بېرىپ بەش -ئالتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن قوقانغا قىلغان سەپىرىدە كۆرگەن ۋە ھەس قىلغانلىقىنى خاتىرىلەش بىلەن  مەزكۇر قىرغىنچىلىقنى ئوتتۇرا ئەسىردىكى چىڭگىزخان  ئىستىلاچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بارغان ۋەيران قىلىشىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ[41]. شۇ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن،  قوقاننىڭ ئاھالىسى بىراقلا ئازلاپ كەتكەن بولۇپ، قوقاننىڭ ئاھالىسى 1897-يىلى، 120 مىڭ بولغان بولسا، 1926-يىلى 69 مىڭغا چۈشۈپ قالغان.قوقاننىڭ ۋەيران قىلىنىشىغا ئائىت ماتېرىياللاردا قوقاننىڭ زادى قاچان ئېلىنغانلىقىنىڭ  كۈنى ئېنىق ئەمەس، بەزىدە رۇسلارنىڭ ھۇجۇمىنىڭ 6-فەۋرالدا باشلانغانلىقى يېزىلىدۇ. بەزىلەر 9-يانۋاردا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .  ئەمما، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرىدە قىزىل ئەسكەرلەرنىڭ ئاخىرقى قېتىم قوقان شەھىرىگە 19-فېۋرال ھۇجۇم قىلغانلىقى، ئىرگەشكە تەسلىم  بولۇش ئولتۇماتۇمى تاپشۇرۇلغاندا ئۇنىڭ رەت قىلغانلىقى ھەمدە 22-فەۋرال كۈنى ئۇلارنىڭ تەل-تۆكۈس يوقىتىلغانلىقى يېزىلىدۇ.   ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا،  رۇس قىزىل ئارمىيىسى قوقان ھۆكۈمىتىنى دەسلەپتە تارمار قىلغان  بولسىمۇ، لېكىن ئىرگەش باشچىلىقىدىكى قالدۇق كۈچ ئاخىرغىچە  قوقاننى قوغداپ، ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلغان  بولۇشى مۇمكىن. ئىرگەش كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇزۇنغا سوزۇلغان قوراللىق قارشىلىق ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرغان .  قوقاننى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشى  دەپ ئاتالغان مەزكۇر  ئۇرۇش بولشېۋىكلارنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق ئەڭ دەھشەتلىك، ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىق ھەربىي ھۇجۇمى بولۇپ،   ئۇنىڭ دەھشىتىدىن ھەتتا لېنىنمۇ ئەپسۇسلىنىشقا مەجبۇر بولغان ، گەرچە ئۇ  ئاستىرىتىن تاشكەنت كوممۇنىستلىرىنى قوللاپ، تۈركىستان مۇختارىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، بىراق   ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىشقا ئاشۇرۇلغان بۇ دەھشەتلەرگە كۆز يۇمۇشقا ئامالسىز قالغان. چۈنكى، ئۇنىڭ نەزىرىدە كوممۇنىستلار تېخى پۈتۈن رۇسىيىدە غەلىبە قازانمىغان ئەھۋال ئاستىدا كوممۇنىستلارنىڭ خەلق ئىچىدە مەلۇم ئابرويغا ئىگە بولۇشىنى خالايتتى خالاس.   لېنىننىڭ 1918-يىلى، ئاپرىل ئېيىدا   ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە تۈركىستان كوممۇنىستلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى  پ.ئا. كوبزوۋغا يازغان خېتىدە " تاشكەنت كوممۇنىستلىرى  سوتسىيالىست-ئىنقىلابچىلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا دۆتلەرچە قىلىق قىلدى. جۈملىدىن  ئۇلار  ئۆزلىرى بىلمەيدىغان پۈتۈنلەي سوتسىياللاشتۇرۇش  ئېلىپ  باردى. ئۇرۇش بىلەن بۇخارا ئېلىنىپ، نومۇسلۇق كولېسوف تىنچلىق كېلىشىمى  تۈزۈلدى. ئەنجانلىق داشناقلار بىلەن، يەنى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىيونالچىلار بىلەن ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمۇ تۈزۈلۈپ،  قوقاننى گۇمران قىلدى.."[42] دەپ يېزىش ئارقىلىق تۈركىستاندىكى رۇس بولشېۋىكلىرىنى  تەنقىد قىلغان ئىدى. مۇستاپا چوقاي باشلىق بىر قىسىم ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى قېچىپ قۇتۇلدى.  زور كوپ سانلىقى  كوممۇنىستلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.   گەرچە بولشېۋىكلار تۈركىستان مۇختارىيىتىنى يوقاتقان بولسىمۇ، لېكىن  تاكى 1930-يىللارغىچە بولغان ئون نەچە يىللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ،  سوۋېت ھۆكۈمىتى  تۈركىستان خەلقىنىڭ قوراللىق  قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى "باسمىچىلار" ھەرىكىتى دەپ ئاتاپ، بۇ ئومۇمىي خەلق قوراللىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن م.فرۇنزىنىڭ قوماندانلىقىدا 200 مىڭ ئەتراپىدا قىزىل ئارمىيە ئەسكىرىي كۈچىنى ئىشقا سالدى.  كېيىنكى ۋاقىتلاردا قىزىل ئارمىيە  بۇخارا تەۋەلىكىدە ئەنۋەر پاشا قوشۇنلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقلىرىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ،  ئاتالمىش باسمىچىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈچى تاكى 1930-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە  قىزىل ئارمىيىنى پاراكەندە قىلدى. ئاخىرقى قوراللىق ئۆزبېك، قىرغىز ۋە باشقا خەلق  پىداكارلىرى  پامىر -تەڭرى تاغلىرىدىن ئۆتۈپ،  ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ، 1931-1934-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا   داۋاملاشان مىللىي ئىستىقلالىيەت ئىنقىلابىغا ئىشتىراك قىلدى.  قىرغىزلاردىن  چىپاق قازى ۋە جانىبەك، ئۆزبېكلەردىن سېتىۋالدىجان ۋە  يۈسۈپجان قۇر بېشى قاتارلىقلار ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئەسكەر ۋە كوماندىرلىرى شۇنىڭدەك شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە ئىشتىراك قىلغان  بىر قىسىم مەمۇرىي ۋە مەدەنىي-مائارىپ  ھەم  باشقا ساھەدىكى ئۆزبېكلەر  ئەنە شۇ تۈركىستان مۇختارىيىتىنى كۆرگەن ۋە سوۋېت رۇسىيىسىنى ئۆزلىرىنىڭ دۈشمىنى ھېسابلىغان كىشىلەر  بولۇپ، ئۇلار قەشقەردە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنى ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى ھاياتلىق   ۋە قۇتۇلۇش يولى دەپ ھېسابلىغان ئىدى.   ستالىننىڭ  <<شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى>>نى يوقىتىشى ئەمەلىيەتتە ئەنە شۇ تۈركىستان مۇختارىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قالدۇق تەسىرىنى تازىلاشىدىن ئىبارەت ئىدى خالاس!  سوۋېت رۇسىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيادا  <<تۈركىستان>> ئاتالغۇسى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى دۈشمەن ئاتالغۇ كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ ، ئۇنىڭ ئورنىغا << ئوتتۇرا ئاسىيا>> ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىپ، بۇ زېمىننى  ئاران تىنجىتقان چاغدا، قوشنا  ئۇيغۇر دىيارىدا، (يەنى شىنجاڭدا)   مەزكۇر ئاتالغۇ بىلەن يېڭىدىن تۈركچىلىك ۋە ئىسلامىي ئىدىيە بىلەن قوراللانغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ستالىننىڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرىنى قوبۇل قىلغان  بىر ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا  قانداقمۇ چىداپ تۇرالىسۇن؟
خاتىمە
تۈركىستان مۇختارىيىتى تارىخ سەھىپىسىگە  كىرىپ كېتىش بىلەن تاللىغان يولىدىن يانماي، 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ياۋروپا تۇپراقلىرىدا  يەنىلا شۇ غايىسى يولىدا سىياسىي تەشۋىقات كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرغان  مۇستاپا چوقاي باشلىق تۈركىستان كۈرەشچىلىرى   1917-يىلىدىكى ئۆزلىرىنىڭ 64 كۈنلۈك ئۆمرى قىسقا ھۆكۈمىتىنى  سېغىنىپ،  ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى ساددىلارچە مۇختارىيەت يولىنى تاللىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئاخىرقى غايىسى ھەققىدە مۇنداق خۇلاسە چىقارغان؛" تۈركىستان مۇختارىيەت  ھۆكۈمىتى يىقىلدى ، بۇنىڭ بىلەن  تەڭ مۇختارىيەت پىكرى يىقىلدى، يوقالدى.  بۈگۈن  يالغۇز ئىستىقلال، مۇستەقىل تۇركىستان پىكرى ھاكىمدۇر"[43].  مۇستاپا چوقاي باشلىق  ئورتاق تۇركىستان ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ كۈرەشلىرى  گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ دۇنياۋى ئۇرۇشىغا توغرا كەلدى.  ئۇلار  گىتلېرنىڭ  ئۆزلىرىنىڭ  كونا دۈشمىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنى ۋەيران قىلىۋاتقان مەنزىرسىدىن  قانچىلىك ھوزۇرلانغانلىقى نامەلۇم. بىراق، ئورتاق تۈركىستان ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت سوۋېت ئىتتىپاقى ئەشەددىي ئوچ كۆرىدىغان بىر ئىدىيىنىڭ مەۋجۇتلۇقى گىتلېرنى تېخىمۇ بەكرەك ھوزۇرلاندۇرغانلىقى مەلۇم.  1941-1945-يىللىرى گىتلېر گېرمانىيىسى  بۇ ئىدىيىدىن پايدىلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۈزۈل-كېسىل گۇمران قىلماقچى بولۇپ،  بىر قانچە يۈز مىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىق ،  كاۋكازىيىلىك ،ئىدىل-ئۇراللىق تۈركىي قېنىغا مەنسۇپ ئەركەكلەردىن قوشۇن تەشكىللىگەن، مۇستاپا  چوقاي، ۋەلى قەيۇمخان قاتارلىق ئەربابلار گىتلېرنىڭ ياردىمى ئاستىدىكى   كەلگۈسى تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى كۆرىدىغانلىقىغا ئۈمىد باغلىغان بولسىمۇ، ئەمما  مۇستاپا چوقاي ھەر قانداق ئىرقىچى ھۆكۈمەتتىن ھېچقاچان ياخشىلىق كەلمەيدىغانلىقىنى ئالدىن ھەس قىلغان بولسىمۇ، بىراق تاكى ھازىرغىچە ئېنىق بولمىغان سىرلىق ئۆلۈم تۈپەيلىدىن  بۇ دۇنيادىكى كۈرەشلىرىدىن ئايرىلغان ئىدى.مۇستاپا چوقاي ، ۋەلى قەيۇمخان قاتارلىقلار گىتلەر گەرمانىيىسىنىڭ پىلانىغا ماسلىشىپ ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇلىرى بويىچە ئۇلاردىن پايدىلىنىپ،<< تۈركىستان مىللىي كومىتېتى>> تەسىس قىلىپ، ئەسىرگە چۈشكەن ئوتتۇرا ئاسىيالىقلاردىن، يەنى ئۆزبەكلەر، قازاقلار، قىرغىزلار، ئۇيغۇرلار، تاجىكلار، قارا قالپاقلار ۋە باشقىلاردىن تۈركىستان قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقتى. بىراق، چوقاي  رەسمىي  پىلانلار باشلانماي تۇرۇپ،1941-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۇنى بەرلىندا غەيرى سەۋەب بىلەن ئۆلدى. ھازىرىق قازاق تارىخچىلىرى ئۇنىڭ گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ ئىرقىچىلىقىنى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن  3-ئىمپېرىيە تەرىپىدىن سۇيىقەست قىلىنغان دەپ قاراشماقتا.  بۇ ھەقتە قازاقىستان مەخسۇس كىنو فىلىمىمۇ ئىشلىدى.مۇستاپا چوقاي قاتارلىق تۈركىستان ئەزىمەتلىرى  بۇنىڭدىن 90 نەچچە يىل ئىلگىرى بىر-بىرىنى ئېتنىك جەھەتتىن  ھېچ ئايرىماي، ئورتاق بىر دۆلەت ئۈچۈن كۈرەش مەيدانىغا چىقىپ، ئۆزلىرىدىن كۈچلۈك رەقىپلىرىگە  تىز پۈكمەي، ئۇلارنىڭ توپ-زەمبىرەكلىرى ئاستىدىكى  تەسلىم بولۇش ئولتۇماتوملىرىنى رەت قىلىپ،  ئۆزلىرىگە ئۆلۈم ۋە خانىۋەيرانچىلىق  يولىنى تاللىۋالغان ئىدى.  ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق غايىسى ئورتاق تۈرك بايرىقى ئاستىدا ئەمەس، ئايرىم -ئايرىم مىللىي بايراقلار ئاستىدا  ئەمەلگە ئاشقان بۇ كۈنلەردە   "مەن پالانچى، سەن پوكۇنچى، سېنىڭدىن مەن ئۇلۇغ، سەن كىم، مەن كىم؟  مەھمۇت قەشقىرى بىزنىڭ،  ناۋايى بىزنىڭ، بىز  ماناسنىڭ ئەۋلادى، بىز ئەمىر تىمۇرنىڭ ئەۋلادى،  ئاباي بوۋىمىز ئەڭ ئۇلۇغ، ئوتتۇرا ئاسىيادا بىز نوچى" دېگەندەك  تار ۋە مەھەللىۋى مىللەتچىلىكلەر  ئەۋجى ئالدى.     ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى مەزكۇر رېئاللىقى  بۇ خەلقلەرنىڭ  تېخى ئەشۇ  90 يىل ئىلگىرى تۈركىستان مۇختارىيىتىنى قۇرغان  ئەجدادلىرىچىلىك ئىلغارلىققا، ئالىي چۈشەنچىگە  ۋە ئاڭ-تەپەككۈرگە يېتەلمىگەنلىكى، بەلكى 21-ئەسىرگە خاس يېڭىلىقلاردىن  بەھرىمەن بولسىمۇ، بىراق  80-90 يىللار ئىلگىرى مەنىۋى سەۋىيىسىدىن   يىراقلىشىپ  قالغانلىقىنى  كۆرسەتسە كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە قازاقلار مۇستاپا چوقاينى سېغىنماقتا ۋە ئۇنى ئۇلۇغلىماقتا. 21-ئەسىر قازاقلىرى مۇستاپا چوقاينى ئۇنىڭ غايىسى ۋە ئىدىيىسىگە خىلاپ ھالدا، ئۇنىڭ بۈگۈنكى مۇستەقىل قازاقىستاننى ئارزۇ قىلغان ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلغان  قازاق  مىللەتچىسى سۈپىتىدە چۈشەندۈرمەكتە.تۈركىستان مۇختارىيىتى ئەمەلىيەتتە تۈركچىلىك ئىدېئولوگىيىسىنىڭ تۇنجى قېتىم سىياسىي مەۋقە بىلەن مەيدانغا چىقىپ،  مەزكۇر ئىدىيە ئاستىدا بىر ھاكىمىيەت قۇرۇش تەجرىبە-سىنىقىدىن ئىبارەت.    چوقاي ئېيتقاندەك ئۇنىڭ مەغلۇپ بولۇشى،  ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىدىغان كەڭ كادىر كۈچىنىڭ بولماسلىقى، بولۇپمۇ، ئۆزىنىڭ زامانىۋى ھەربىي قوشۇنىنىڭ بولماسلىقىدىن ئىبارەت بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە ئىجتمائىي-سىياسىي ئاڭ جەھەتتە ئارقىدا قالغانلىقى، خەلقتە ئومۇمىي يۈزلۈك تۈركچىلىكنى ئاساس قىلغان مىللەتپەرۋەرلىك ئىدېئولوگىيىسىنىڭ شەكىللىنىپ بولۇنمىغانلىقى، ئەكسىچە مەھەللىۋى كىملىك ۋە زىددىيەتلەرنىڭ كۈچۈكلىكى  بىلەن  مۇناسىۋەتلىك ئىدى.  ئۇنىڭ ئۈستىگە موسكۋا ۋە تاشكەنتتىكى  ھەربىي-سىياسىي كۈچى بار  كوممۇنىستلار ھاكىمىيىتى مەزكۇر ھاكىمىيەتنىڭ خەلق ئىچىدە كەڭ يىلتىز تارتىشى، ئۆز ئىدىيىلىرىنىڭ كەڭ تەشۋىق  قىلىپ، خەلقتە بۇ خىل مىللىي ئىدېئولوگىيىنىڭ  ئومۇمىلىشىش ھەمدە دىنىي ئىدىيە ۋە كىملىك بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن مەزكۇر ھۆكۈمەتنى تېز يوقىتىش ئىستراتېگىيىسى بەلگىلىگەن ئىدى. يەنە بىر نۇقتىدىن ئالغاندا،  تۈركىستان مۇختارىيىتىنىڭ  يىمىرىلىشىدىكى  يەنە بىر رېئال سەۋەب شۇكى،  ھۆكۈمەت تەركىبىدە ھەر  خىل يۆنىلىش ھەم  ھەر خىل چەتنىڭ كۈچىگە تايىنىش تەرەپدارلىرى بار ئىدى. بۇ پىكىرلەر دائىم توقۇنۇشقان بولسا، يەنە جەدىدچىلەر ئېقىمى بىلەن ئەنئەنىچىلەر جۈملىدىن "شورائىي ئىسلامىيە" بىلەن "شورائىي ئۆلۈما"  پارتىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت  كەسكىنلىشىپ، ئىككىنچىسى ھۆكۈمەتنىڭ پائالىيەتلىرىگە سوغۇق مۇئامىلىدە بولدى. مۇستاپا چوقايمۇ بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ زىددىيىتىنىڭ  تۈركىستان مۇختارىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىكى سەلبىي ئامىل بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي ۋە ئىدىيولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى دائىم ئۇيغۇر دىيارىغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى.  بۇ ھال 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا بەكرەك ئىپادىلەندى.
مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر تۈركىستان مۇختارىيىتى ئەمەلىيەتتە،  ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ چار رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت قۇرۇش ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق رەسمىي رەۋىشتىكى  ئۇرۇنۇشىدىن ئىبارەت  بولۇپ، ئۇنىڭ باسقان ئىزى  ۋە غايىسى  گەرچە ئۇ تۇنجۇقتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن،  تاكى 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيادا "باسمىچىلىق" دەپ نام بېرىلگەن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە، 30-40-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي  ئازادلىق ئىنقىلابلىرىغا مىراس بولۇپ قالدى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا،  ئۇلارنىڭ غايىسى 40-يىللاردىكى دۇنياۋى ئۇرۇش ئېقىمىغىمۇ كىرىپ كەتكەن بولسا،   90-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىپ مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مىللىي ئىدىيىلەرنى تىكلىشىگىمۇ  تەسىر كۆرسەتتى.  ئەنە شۇ سەۋەبتىن،  بۈگۈنكى بىر قىسىم  قۇدرەتلىك بولۇشنى خالايدىغان   تۈرك دۇنياسى  رەھبەرلىرى ھەم ئەشۇ كونا ئىدىيىنى  سېغىنىدىغان  ھەم ئۇنى چەتكە قاقمايدىغان  بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا زىيالىيلىرى  ئورتاق تۈركىستاننىڭ ۋە ياكى ئورتاق تۈرك دۇنياسىنىڭ يېڭىچە ، زامانغا خاس مودېللىرىنى ئىزدىمەكتە.  بۇ يولنى  ئەڭ غەربتە مۇستافا كامال ئاتا تۈركتىن ،  ئەڭ شەرقتە مۇھەمەد ئىمىن بۇغرا، مەسۇد سەبىرى ۋە ئەيسا ئالىپتېكىنغىچە   ، كاۋكازىيىدە  ئەلچىبەيدىن ئوتتۇرا ئاسىيادا  ئىسلام كەرىموف ۋە نۇرسۇلتان  نازارايېفقىچە  بولغان رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نۆۋەت بىلەن بېسىپ باقتى ھەم ئۇرۇنۇپ باقتى.  نازاربايېف  گەرچە ئاشكارا ھالدا ئۆزىدىن 90 يىل ئىلگىرى بۇ سىناقنى قىلغان مىللەتدېشى مۇستافا چوقاينى  بۈگۈنكى كۈندە ئاشكارا  ۋە رەسمىي يوسۇندا  مەدھىيىلەپ باقمىغان بولسىمۇ، بىراق  چوقاينىڭ غايىسىنىڭ باشقا بىر خىل ، يېڭىچە ۋارىيانتى- " مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى"نى قۇرۇپ، ئورتاق پۇل چىقىرىش، ئورتاق چېگرا ، ئورتاق مۇداپىئە ۋە ئورتاق بازا  ھەم بايلىقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، 50 نەچچە مىليون نوپۇسلۇق قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. نۇرسۇلتان ئەبىش ئوغلى تېخى  ھايات تۇرۇپ،  ئۇنىڭ ئۈچۈن ئورنىتىلغان ئەنقەرەدىكى چوڭ ھەيكەلنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىدا پرېزىدېنت   ئابدۇللا گۈلنىڭ ئۇنىڭ  " تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى" نى   مەدھىيلىشى  بىكار بولمىسا كېرەك ؟! ئاچچىق تارىخىي ئەسلىمىلەر ۋە مۇساپىلەر  " بۆلۈنگەننى بۆرە يەيدۇ"  دېگەن ئاتالار سۆزىنىڭ پەقەتلا بىرلا ئۇيغۇرلارنىڭ  ئەمەسلىكى، بەلكى ئۇنىڭ  بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەڭ ئۈلگىلىك ماقال-تەمسىلى ئىكەنلىكى، ئەپسۇسكى،  تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەزكۇر  ئاتالار سۆزىگە  دائىم خىلاپلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكە سالىدۇ.مۇستاپا چوقاينىڭ ئىدىيىسى ۋە غايىسىنىڭ  يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆكەندىن كېيىن  زامان ۋە ماكانغا مۇۋاپىق يېڭىچە   شەكىللەر بىلەن ئەمەلگە ئاشقانلىقى ياكى ئېشىۋاتقانلىقى  ئۇنىڭ ئىدىيىسى بىلەن غايىسىنىڭ  مەركىزىي ئاسىيانىڭ  تارىخى تەرەققىيات قانۇنىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەمدۇ يوق ؟ بۇ تارىخى ۋە  كېلەچەك مەسىلىسى !

ئىزاھاتلار :[1] . ئو. ۋولۇبېيېۋ.  كېڭەشلەرنىڭ  رۇسىيە جۇمھۇرىيىتىدىن سوۋېت  ئىتتىپاقىغىچە.  رۇسمەپرىئە.رۇ.[2] . ئو .ۋولۇبېئەيېۋ. شۇ ماقالە.[3] . مىخائىل  كالىشېۋسكىي .   بولشېۋىكلارنىڭ خارەزىم تەجرىبىسى.  فەرغانا.رۇ (رۇسچە)[4] . باخىت سادىقوف.  تۇركىستان جەدىدلىرى، 2-باپ. كونتىنېنت  جۇرنىلى.( قازاقىستان. رۇسچە)[5] . ئابدۇللا روزىباقىيېۋنىڭ خاتىرىلىرى.  تارانچى كومىتېتى. ئا. م. روزىباقىيۋ. م. روزىباقىيەۋا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  مۇنەۋەر پەرزەندى. 1987. ئالمۇتا.87-بەت (ئۇيغۇرچە).[6] .  شۇ كىتاب.87-88-بەتلەر.[7] .شۇ كىتاب.88-بەت[8] .شۇ كىتاب. 88-بەت[9] .شۇ كىتاب.87-بەت.[10] . ئا. روزىباقىيېۋ، بۇرھان قاسىموف.  ئالمۇتا.  1992-يىلى، 18-بەت[11] . ئا.روزىباقىيېۋ، بۇرھان قاسىموف. ئالمۇتا.  1992-يىلى، 19-بەت[12] . ئا.روزىباقىيېۋ، م.روزىباقىيەۋا، شۇ كىتاب .88-بەت[13] . شۇ كىتاب.84-بەت[14]  م.رۇزىيېۋ . قايتا تۇغۇلغان ئۇيغۇر خەلقى. ئالمۇتا، "قازاقىستان " نەشىرىياتى.1976. 124-بەت. (رۇسچە)[15] . م. رۇزىيېۋ . شۇ كىتاب. 129-بەت[16] . مۇستاپا چوقاي ھەققىدە يېزىلغان  ۋىكىپەدىئا ئېنسكلوپېدىيىسىدىكى مەلۇماتتىن ئېلىندى.[17] . مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا. شەرقىي تۇركىستان تارىخى.370-378-بەتلەر.[18] . مىخائىل  كالىشېۋسكىي .   بولشېۋىكلارنىڭ خارەزىم تەجرىبىسى.  فەرغانا.رۇ (رۇسچە)[19] . ك.ئا. گافۇروف.   ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستاندىكى  ئەمگەكچىلەرنىڭ  ئىنتېرناتسىئوناللىق ئىتتىپاقلىق ئۈچۈن كۇرەشلىر.1917-1924-يىللىرى.   Moskwa.1972.21-22-betler.[20] . R.T.Shamsutdinov. ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋېتلەر ۋە مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى،1917-2925 يىللىرى// تارىخ مەسىلىسى جۇرنىلى، 1986. 3[21] .چاررۇسىيىنىڭ 1897-يىلىدىكى نوپۇس مەلۇماتى.[22] .ياش تۇركىستان مەجمۇئەسى. 1930-يىلى، دېكابىر، 13-سان، ئىستانبۇلدىكى يېڭى توپلام نەشرى.6-بەت.Prof.Dr. Ahat  Andicani.  Cedidizmden Bagimsizliga Harichte. Türkistan Mucadelesi.  Istanbul.2003. 43-bet[23] .سالاۋات ئىسخاكوۋ. 1917-يىلىدىكى مەركىزىي ئاسىيادىكى  رۇس ئىنقىلابى ۋە تۈركلەر.  ترانسكاسپى مەجمۇئەسى.26-نويابىر.2000-يىلى.(رۇسچە)[24] . بۇ كىشىنىڭ مىللىي  كىملىكى بىراق ئەنىقسىز. ئەلىخان تۆرە ساغۇنى ئۇنى پولەك مۇسۇلمانلىرىدىن دەپ يازىدۇ. ئەلىخان تۆرە ساغۇنى .تۇركىستان قايغۇسى. توشكەنت.2003. شەرق نەشىرياتى. 54-بەت[25] . شۇ ماقالە ۋە ياش تۇركىستان مەجمۇئەسى. 1930-يىلى،  13-سان.6-بەت[26] . سالاۋات ئىسخاكوۋ. شۇ ماقالە ۋە دەۋلەت تىنىشپايەۋنىڭ "مۇھەممەدجان تىنىشبايەۋ.  قازاق خەلقىنىڭ تۇنجى ئىنجېنېرى" ماۋزۇلۇق ماقالىسىغا قارالسۇن.  www.tynyshpayev.kz[27] . شۇ ماقالە.[28] . باخىت سادىقوف.  تۇركىستان جەدىدلىرى، 2-باپ. كونتىنېنت  جۇرنىلى.( قازاقىستان. رۇسچە)[29] .  تارىخىي ئەسلىمىلەر.   ياش تۈركىستان. 1930-يىلى، 13-سان. دېكابىر.
[30] .ياش تۈركىستان، 13-سان.[31] . باخىت  سادىقوۋ،  مۇستاپا چوقاي. ئالماتا،2004-يىلى نەشرى، ۋىكەپەدىئادىكى مۇستاپا چوقاي ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشقا قارالسۇن. (رۇسچە)[32] . سالاۋات ئىسخاكوۋ.. تۇركىستان قوقان ئاپتونومىيىسى (1917-1918). ۋۋۋ.فورۇم .تۇران.ئىنفو.[33] .ئىسا يۇسۇپ ئالىتەكى، ئەسىر دوقۇ تۇركىستان ئىچىن. ئىستانبۇل. 1980.[34] . ياش تۇركىستان. 13-سان.[35] . تۇرار رىسقۇلوۋ. تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقى ۋە ئىنقىلابى. تاشكەنت.1925-يىلى. بۇ ئۇچۇر تۇركىستان مۇختارىيىتىگە ئائىت بىر قىسىم ماقالىلەردە ئەسلىتىلىدۇ.[36] . رۇسىيىدىكى  گراژدانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى مىللىي مەسىلە. http://bril2002.narod.ru/gr_pat1.html[37] . Prof.Dr. Ahat  Andicani.  Cedidizmden Bagimsizliga Harichte. Türkistan Mucadelesi.  Istanbul.2003. 43-bet[38] . سالاۋەت ئىسخاكوۋ،    تۇركىستان قوقان ئاپتونومىيىسى (1917-1918).[39] . ر. ئابدۇللايېۋ .  زىددىيەتلىك تارىخىي خىرونىكا. شەرق يۇلتۇزى. 1995-يىلى 11-12-سان.201-بەت (ئۆزبېكىستان)[40] . سالاۋات ئىسخاكوۋ.. تۇركىستان قوقان ئاپتونومىيىسى (1917-1918). ۋۋۋ.فورۇم .تۇران.ئىنفو.[41] . ئەلىخان تۆرە ساغۇنى .تۇركىستان قايغۇسى. توشكەنت. 2003. شەرق نەشرىياتى. 54-بەت[42] . . رۇسىيىدىكى  گراژدانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى مىللىي مەسىلە. http://bril2002.narod.ru/gr_pat1.html.ئى.ۋ. پوگورەلسكىي.  خىۋە ئىنقىلابى ۋە خارەزىم خەلق سوۋېت جۇمھۇريىتى.1917-1924-يىللىرى. www.kungrad.com[43] . ياش تۇركىستان. 13-سان.1930-يىلى،  8-بەت
[ بۇ يازمىنىkokturukدە2012-07-23 14:26قايتا تەھرىرل ]
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-07-22, 15:32
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-07-21 19:22 |
hanjar0903
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8678
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 84
شۆھرەت: 465 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 465 سوم
تۆھپە: 270 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 270 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 147(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەخمەت سىزگە! ئۇلۇغ كۈندە ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز. ئاللاھ ئگەم ئەجرىڭىزنى بەرسۇن. بىزنى مۇشۇنداق تارىخى بىلىملەر بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن. سىزدەك قېرىنداشلىرىمىز ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ كۈپ ئىزدىنىپ ماقالە يوللايسىلەر.بىراق بىز پەقەت رەخمەت ئېيتالايدىكەنمىز.قىلغان ئەمگىكىڭلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئاللاھ ئىگىمىزدىن ھازىر ۋە قىيامەتتە   ھەسسىلەپ  بىرىشنى سۇرايمىز. ئاللاھ ئىگەم قەلىمىڭىزگە ۋە سىزگە ھەسسىلەپ كۈچ قۇۋەت ئاتاقىلغاي ئامىن!
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-22 17:49 |
alabag
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1675
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 95
شۆھرەت: 762 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 757 سوم
تۆھپە: 410 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 413 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نەبىجان  تۇرۇسۇننىڭ ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى توختاپ قالمىغاي، مەن بۇ ھۆرمەتلىك ئالىمغا ئالى ئىھتىرام بىلدۇرىمەن.سىز ئۇيغۇر تارىخنى يۇرۇتۇش ئۇچۇن ئىزدەندىڭىز ،خەلق سىزنى ئۇنۇتمايدۇ..نامىڭىز مەڭگۇ ياشايدۇ.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-22 19:19 |
alabag
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1675
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 95
شۆھرەت: 762 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 757 سوم
تۆھپە: 410 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 413 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نەبىجان  تۇرۇسۇننىڭ ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى توختاپ قالمىغاي، مەن بۇ ھۆرمەتلىك ئالىمغا ئالى ئىھتىرام بىلدۇرىمەن.سىز ئۇيغۇر تارىخنى يۇرۇتۇش ئۇچۇن ئىزدەندىڭىز ،خەلق سىزنى ئۇنۇتمايدۇ..نامىڭىز مەڭگۇ ياشايدۇ.
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-22 19:20 |
tarem0097
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8406
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 96
شۆھرەت: 483 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 484 سوم
تۆھپە: 290 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 291 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 65(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نەبىجان تۇرسۇن مەسئوليەتچان زىيالىكەن ،ئۆز خەلقىگە ئۇنتۇلۇپ كەتكەن غايىسنىى تىپىۋىلىشىغا كۆپ ياردەملەرنى قىلىپ بىرىۋاتىدۇ .
نەبىجان تۇرسۇنغا كۆپ رەھمەت .
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-22 21:31 |
alpamix
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7688
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 75 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 75 سوم
تۆھپە: 44 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 44 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نەبىجان تۇرسۇن  ئىسىل  ئادەملىرىمىزنىڭ بىرى  جۇمۇ~~~!!!!!
ھارمىغايسىز   تارىخچىمىز~!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
lutun
ھۇررا   قېرىندىشىم~!!!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-23 00:52 |
فىدا
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 6545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 440
شۆھرەت: 2253 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2273 سوم
تۆھپە: 1347 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1353 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 314(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    ياش چوڭايعانسىرى  كوز  حىرەلىشىۋاتىدۇ ، ۋاقىت ئوتكەنسىرى ،تارىحنىڭ  بۇران -چاپقۇنلىرىدا  كۇمۇلۇپ قالعان تارىحىمىز  روشەنلىشىۋاتىدۇ .  بىر -بىرىدىن ئىسىل يازمىلار  كەلگۇسىمىزدىن  بىشارەت بىرىپ .  بىزگە  زور ئۇمۇت  ئاتا قىلىۋاتىدۇ . بىز مانا مۇشۇنداق  مىنەۋۋەر  ئالىملىرىمىزنىڭ بولعىنى ئۇچۇن تىرىشىپ-تىرمىشىپ ياشاپ كىلىۋاتىمىز ،ھەم ياشايمىز . مەڭگۇ يوقالمايمىز .
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-23 14:33 |
parangqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3054
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 142
شۆھرەت: 719 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 719 سوم
تۆھپە: 428 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 434 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 132(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەخمەت سىزگە ئۇستاز!
يازمىلىرىڭىزنى تەشنالىق بىلەن كۈتىمىز.
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-23 15:38 |
a.sayrami
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8691
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 140 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 140 سوم
تۆھپە: 82 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 82 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نەبىجان تۇرسۇندەك مىللەتسۈيەر ئالملىرىمىز بىزگە ئۆتمۈشنىڭ شەرپىدىن ،ئاچچىق ساۋاقلىرىدىن ئۇچۇر بېرىپ ئەجداتلارنىڭ  غايىسى،ھەسىرتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-23 18:53 |
allayar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2767
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 20 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      تۈركىستان  ھۆكۈمىتى   گەرچە  پەقەت 60 نەچچە كۈنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغان  بولسىمۇ، بىراق  74 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 60 نەچچە كۈنلۈك مەزكۇر بوۋاق ھۆكۈمەتنىڭ مەنىۋى خارابىسى ئۈستىدە  مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر مەيدانغا كەلدى. بەلكى، مۇستاپا چوقاي باشلىق مىڭلىغان، يۈز مىڭلىغان تۈركىستان كۈرەشچىلىرىنىڭ    روھى بۇنىڭدىن خۇش بولغان بولۇشى مۇمكىن.   بىراق، ئۇلارنىڭ روھلىرى مەزكۇر غايە ئۈستىدە  ئورتاق تۈركىستان ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا  ئايرىمىچىلىق، مەنمەنىلىك ۋە مەھەللىۋى نىزا  ئۇرۇغلىرى چېچىلىپ، بىر-بىرىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىۋاتقان ھازىرقى رېئاللىقتىكى تۈركىستاننى كۆرگەندە  قانچىلىك قورۇنىۋاتقانلىقىنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ.
    مۇنۇ قۇرلارنى ئۇقۇۋىتىپ چوڭقۇر خىياللارغا پىتىپ قاپتىمەن،رەھمەت سىزگە نەبىجان تۇرسۇن مىھرىبان اللاھ سىزگە ئۇزۇن ئۈمۈر ئاتا قىلسۇن!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-24 12:09 |
bahitkuxi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6948
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 116
شۆھرەت: 601 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 603 سوم
تۆھپە: 359 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 361 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 173(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەخمەت سىزگە ، بۇ مەن بىلىشنى خالايدىغان ھەقىقىي تارىخكەن..
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-24 12:36 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » تارىخ بەتلىرى