يېڭى شىنجاڭ قۇرۇش يېڭى جۇڭگو قۇرۇش دىمەكتۇر
(1950-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ،11-ئاينىڭ 27-كۈنى )
جۇدې
1
يولداش ۋاڭ جېن :
دوكلاتىڭىزنى (1) تاپشۇرۇپ ئالدىم .يولداش خۇ جىيەن بىلەن پاراڭلىشىپ ، سىلەرنىڭ بىر يىلدىن بۇيان جاپالىق ئىشلەپ ،ئۇلۇغ نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىڭلەردىن خەۋەر تاپتىم ،سىز ئوتتۇرىغا قويغان بىر قانچە مەسىلىگە تۆۋەنكىدەك جاۋاپ قايتۇرىمەن .
1. باندىتلارنى تازىلاش ئۇتۇقلۇق بوپتۇ . ئوسمان باندىت قاتارلىق كەسپىي باندىتلار تىنجىتىلغاندىن كېيىن قازاقلارنى(2) تەسىلىم بولۇشقا دالالەت قىلىپ ،تۇرمۇش جەھەتتە چارۋىچىلىقتىن دېھقانچىلىققا يۈزلەندۈرۈپ ،ئۇلار خاتىرجەم قىلىنسىلا ، باندىتلار ئۇلاردىن پايدىلىنالمايدىغان بولىدۇ ،ئۇلارنى زور كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىشىڭلەرنى ئۈمىد قىلىمەن؛ ئوسماننىڭ ئۆزىنى تۇتالماپسىلەر ، ئۇ ئامىرىكا ، ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكى ۋە جياڭ جيشى باندىتلىرىنىڭ ئارقا سېپى وللاۋاتقان سىياسىي باندېت ، يامان ئاقىۋەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنى يوقىتىشقا دىققەت قىلىىڭلار ، شىنجاڭ ،چىڭخەي،شىزاڭ چېگرالىرىدىكى ھۈسەيىن ،قالىيبېك قاتارلىق باندىت قەبىلە باشلىقلىرىغا قارىتا تازىلاش بىلەن بويسۇندۇرۇش يولىنى تەڭ تۇتۇش كېرەك ،ئۇلارغا ھەم كۈچلۈم بېسىم ئشلىتىش ،ھەم ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىپ ،تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ،ئۇلار بىلەن بار -يوقنى ئۆز -ئارا تەڭ تولۇقلاش لازىم ، شۇنداق قىلغاندىلا ،ئۆز ئارا دوستانە ئۆتكىلى بولىدۇ ، ئۇلار باندىتلىقتىن قول ئۈزىدۇ ، ئامىرىكا ،ئەنگىلىيە ، جىياڭ جېيشى باندىتلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا پۇرسەت قالمايدۇ .
بىلىشڭلەر كېرەككى ، شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ ، نوپۇسى ئاز ،باندىت ئاسان پەيدا بولىدۇ ، تازلىماق تەس ، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ تۇرمۇشنى ياخشىلىغاندىن باشقا ، قاتناش ،قوراللىرى (تانكا ، بروۋنىك ،ماشىنا ) قاتارلىقلارنى كونتىرول قىلىپ ،ئۇنىڭراۋان ئىشلىتىشىنى كاپالەتدۈرۈپ ،باندىتلارنى قوسقۇنچ بېسىپ ،زۇورلۇق -زۇمبۇلۇق قىلالمايدىغان قىلىش كېرەك ،ئەڭ ئاساسلىقى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاق -دوستانە ئۆتسە ،ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئۆسۈپ تۇرمۇشى ياخشىلانسا ، سانائەت ، دېھقانچىلىق،چارچىچىلىق راۋاجلانسا، قاتناش -تىرانسپورت كۈنسايىن ياخشىلانسا باندىتلارنى تەلتۆكۈس تۈگەتكىلى بولىدۇ .
2. قىسىمنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىدا زور نەتىجە قولغا كەپتۇ ، تورمۇش زور دەەرىجىدە ياخشىلىنىپتۇ.بۇ ياخشى ئىش ، بىراق سىلەر تولىمۇ جاپا چەكتىڭلەر ، تارىختا مىسىلسىز تۆھپە ياراتتىڭلار ، شۇنداقتىمۇ سالامەتلىكىڭلەرنى كاردىن چىقىرىپ قويساڭلار بولمايدۇ ، بۇندىڭدىن كېيىن ماشىنا -ئۈسكۈنىلەرنى ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك . يەر كەڭ،ئادەم شاڭالڭ ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ ، سىلەر ئىشلەپچىقارغان ماددىي ئەشيالارنى ئۆزەڭلەرنىڭ قايتا ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلەتكەندىن باشقا ، سېۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ماشىلىرىغا ئالماشتۇرۇشنى ئاساس قىلىشىڭلار كېرەك . يېزا ئىگىلىكىنى باشلامچى قىلىشتىن سانائەتلەشتۈرۈشكە بۇرۇنغاندىلا ،ئاندىن چوڭ ئىگىلىك بەرپا قىلغىلى بولىدۇ ، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ ، ئىسراپچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ ، تىرانسىپورت راۋاجلانسا ،تۈرلۈك ماددىي ئەشيالارنى كاپىتال فوندىغا ئۆزگەررتىپ تەكرار ئىشلەپچىقىرىش قورالىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ ، بۇ يىل سىلەر قورال سايمىنىڭلار ياخشى بولماي تۇرۇپمۇ ئەمگەك كۈچىگە تايىنىپ خېلى نەتىجە ياراتتىڭلار ، ئەگەر كېلەر تىلى ئىشلەتكىلى بولىدىغان ،ياخشى قورال سايمانلار كۆپەيسە ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئىشلەتكەن دېھقانچىلىق سايمانلىرى ياكى سېۋەىت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ياخشىلاپ ئىشلەتسەڭلەر ، كېلەر يىللىق تەكرار ئىشلەپچىقىرىشتا ئاز كۈچ بىلەن زور نەتىجە ھاسىل قىلىغىلى بولىدۇ ، بۇ يىلقى تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ، كېلەر يىللىق پىلاننى تېىخمۇ ياخشى تۈزۈش ،بولۇپمۇ ئېكىسپورت قىلغىلى بولىدىغان تاۋارلارنى كۆپ ئىشلەش كېرەك ، ئالايلۇق ، كەندىر ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش ياكى رەڭلىك مېتال قېزىش ۋە ياكى شۇ جايدىكى سانائەت خام ئەشيالىرىنى ئىشلەشنىڭ ئاشلىق تېرىغانغا قارىغاندا پايدىسى كۆپ ،بۇ مەھسۇلاتلارنى تاشقى پېرۋوتقا ئالماشتۇرۇش تېخمۇ ئوڭاي ،رېمونتچىلىق -ياساش قۇرۇلۇشى ۋە قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش -ئىگىلىك بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم كەسىپ ،تۇرۇلغۇ سېلىشتىمۇ ئۇزاقنى نەزەردە تۇتۇش ، ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنى نەچچە ئون يىل بىرەر يۈز يىل ئولتۇرغىلى بولىدىغان قىلىپ سېلىش كېرەك .
3. شىزاڭغا ئەسكەر كىرگۈزۈش سىلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمىتڭلەر ، بۇنىڭدا ئالدىراقسالىق قىلىشقا بولمايدۇ ،تاشيول نەگىچە ياسالسا ،شۇ يەرگىچە كىرىش كېرەك ،قارىسىغا ئىلگىرلىمەي قەدەمدە بىر ئىستىھكام قۇرۇپ ،پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرلەش ،شىزاڭلىقلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى پىششىق بىلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن كىرىش كېرەك
4. كېلەر يىللىق ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا سىلەردە پىلان بولىشى كېرەك ،ئەڭ ياخشىسى بۇ پىلاننى بۇ يىل تۈزۈپ چىقىڭلار ،
بىز ھەممىمىز ياخشى تۇرىۋاتىمىز ، خاتىرجەم بولۇڭلار ، سىلەرنىڭ بىردەك تىرىشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز ، يېڭى شىنجاڭ قۇرۇش يېڭى جۇڭگو قۇرۇش دېمەكتۇر .
ھۆرمەت بىلەن :
جۇدې
9-ئاينىڭ 14-كۈنى
2
يولداش ۋاڭ جېن :
ۋاڭ يولداش ئېلىپ كەلگەن خەتنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ،سىلەردە سۇ قۇرۇلۇشى دېھقانچىلىق مەيدانلىرنىڭ سۇغىرىش ئىشىغا چېتىلىدۇ ، ئەگەر 5 مىليون مو سۇغىرىش ۋەزىپىسىنى ئوپرۇندىيالىساڭلار مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بولىسىلەر ، بولۇپمۇ شىنجاڭ -پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى ، ئالاھىدە شارائىتقا ئىگە ،تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇ ئۆكسىمەيدۇ ، كۈزلۈك يىغىمدا ھۆلچىلىك بولمايدۇ ، بۇ ئىككى شارائىت سىلەردىلار بار ، بۇنىڭغا دىققەت قىلغايسىلەر ، مۇشۇنداق شارائىت بولغاندىكىن چوڭ كۆلەملىك كېۋەزلىك بەرپا قىلساڭلار ،يىلىغا ھەر موسىدىن 500جىڭ ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ ، ئەگەر سىلەر مۇشۇنداق يەرلەردە ئۇزاق مەزگىل كېۋەز تېرىساڭلار زور پايدا كۆرىسىلەر ، ئۆزەڭلەرنىڭ كىيىنم -كېچەك مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلالايسىلەر ، شىزاڭ مەسىلىسىگە كەلسەك ، قىسىملار چاڭدۇغا كىردى ، ھەربىي ئىشلار جەھەتتە چوڭ مەسىلە يوق ،كېلەر يىلى يازدا لخاساغا كىرىدۇ .ناۋادا سىلەرگە قىيىن توختىسا ،ئۆزەڭلەرنى زورلىماڭلار ،تاشيولنى ھامان ياساش كېرەك ،شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيول بولمىسا بولمايدۇ .
ھۆرمەت بىلەن :
جۇدې
11-ئاينىڭ 127-كۈنى
ئىزاھ :
(1)ۋاڭ جېنىڭ 1950-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى قىسىمنىڭ باندېت يوقىتىش ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرى توغرىسىدا جۇ دېغا قىلغان دوكلاتى(2) بۇ يەردە دېيىلگەن قازاقلار شۇ مەزگىللەردە ئوسمان باندىتنىڭ ئالدىشى مەجبۇرلىشى بىلەن توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە قاتناشقان بىر قىسىم قازاق چارۋىچىلارنى كۆرسىتىدۇ شىنجاڭ خىزمىتىگە دائىر ھۈچجەت -ماتىرىياللاردىن تاللانما (2010-1949) ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى ، باغداش تورىغا خاس ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ ، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ۋە ناچار ئىنكاسلارنى يېزىشتىن ساقلىنىڭ !