ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى bagdashiدە2012-07-06 17:48يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تەڭرى ھەممىمىزگە ساغلام ئەقىل ئاتا قىلسۇن، ساغلام ئەقىلنىڭ مەنبەسى ساپ ۋىجدانمىكىن دەپ ئويلايمەن، ۋىجدانغا سەل قارايدىغانلار ھەرقانچە كۈنىگە بەش رەت زەمزەمدە تاھارەت ئېلىپ كەبىدە يېتىۋالسىمۇ ئۇنىڭ قولىدىن كىلىدىغىنى مۇشۇنداق ساختا مۆجىزە پەيدا قىلىش ياكى ھىچبولمىغاندا مۇشۇنداق ئادەم ئالدايدىغان زەھەرلىك ئىددىيە جۆيلۈمىلىرىگە ئىشىنىشلا بولسا كېرەك.
تېلىڭىزنى تارتىڭ ھەي ئىنسان .زەمزەمدە تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇغان ئادەمنى مازاققا ئېلىشىڭىزغا قوشۇلالمايمەن .دىلى بۇزۇق شەكلى مۇسۇلمان ئادەملەر يوق ئەمەس بار .لېكىن سىزنىڭ بۇنداق پاسىق ئادەملەر تەسۋىرىنى ئىسلامنى خۇنۇكلەشتۇرۇپ سەت كۆرسىتىشىڭىزگە ئىشلىتىشىڭىزگە بولمايدۇ .ھەي ئۇيغۇردىشىم .ئۇيغۇر 1000 يىلدىن ئاشتى ئىسلامدا ، ھەق ئاللاھنىڭ دىنى مۇشۇكەن ،چىڭ تۇرىمىز دەپ ئىتىقات قىلىۋاتقىلى .ئەمدى سىز ئۇنى ئۆزگەرتىمەن دەۋاتىسىز .سىز زادى نىمە قىلماقچى؟ئۇيغۇرنى ئىچىدىن بۆلمەكچىمۇ ؟مۇشۇ گەپكە ئوچۇق گەپ بىر گەپ قىلىڭە .لېكىن سىز ئوچۇق گەپ قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن .چۈنكى سىزنى دىن دۈشمەنلىرى بۇ مۇنبەرگە ۋەزىپىگە ئەۋەتىلگەن ئىھتىمالى چوڭ .سىزنىڭ ئىنكاسلاردا دىنى ھىسياتىمىزغا خىلاپ ئىنكاس يازىمەن دىگىنىڭىز مۇنبەر مۇقىملىقىنى بۇزىمەن دىگىنىڭىز .سىزگە بۇنداق ئەركىنلىك يوق .
ئىسلامى ئوقۇتۇش ئاقارتىش ئىشلىرىنىڭ مۇشكۈنلىشىپ كەتكىلى ئۇزۇن يىل بولدى .ياشلىرىمىزدا دىنغا نىسبەتەن ،مۆجىزىگە نىسبەتەن خاتا قاراشلار ئەلبەتتە بار .لېكىن سىزگە ئوخشاش چىدىماس ئادەملەر ياشلاردىكى بۇ ئاجىزلىقتىن پايدىلىنىشقا ئاران تۇرۇپسىلەر .ئۇيغۇرنى ئويلىساڭلار ،دىنىغا زىيان سالىدىغان ئىشلارنى قىلماڭلار .چۈنكى ئىسلام دىنى ئۇيغۇرنىڭ روھىغا سىڭىپ كەتكەن .ئىسلامدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ئىگىسىز قوي پادىلىرىغا ئوخشايدۇ .ئىگىسىز قوي پادىلىرىنى كىم يەيمەن دىسە يىيەلەيدۇ .
مانا بۇ تېمىنى مەن بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرىلا يېزىپ بولغان كۆرۋېلىڭ
http://choghlan.com/munbar/ShowPost.asp?ThreadID=6115