ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 61قەۋەتتىكى ulughbekدە2012-08-03 17:50يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مۇھاكىمىڭىزدىن قارىغاندا،سىز «ئىسلامىي ئەخلاق»بىلەن «مىللىي ئەخلاق»نى ياخشى بىرلەشتۈرۈپ مۇكەممەل ئادەم بۇلىۋاتقان ئوخشايسىز. ھازىرقى ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيسىدە بارغانسىرى ئۆتكۈرلىشىپ،مۇنازىرە ئېتبارىغا ئېرىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان «ئىسلامىي ئەخلاق»بىلەن «مىللىي ئەخلاق»مۇناسىۋىتى سىزنىڭ ئىنكاسلىرىڭىزدا «غىل-پال»لا ئەكس ئەتكەن بولسىمۇ، ئۇ بىر چوڭ مۇنازىرىگە تۇترۇق بۇلىدىغاندەك تۇرىدۇ. شۇڭا «نېمە دەيدىكىن»دەپ سوراپ باققان. ئۇستاتلىق قىلىپ، مۇنازىرىدىن ئۆزىڭىزنى تارتتىڭىز.
........................................................................................................................................
مەن ئىسلام ئەخلاقى بىلەن مىللىي ئەخلاقنى بىرلەشتۈرۈپ مۇكەممەل ئادەم بولىۋالغىنىم يوق. مەن نوقۇل ئىسلامىي ئەخلاقنى تەكىتلىسەم، بىر قىسىم مىللەتچى قېرىنداشلىرىمىز ئۇنى قۇبۇل قىلالماي، ئېغىر كېلىپ قالمىسۇن دېگەن ئەندىشىدە بولدىم. تور دۇنياسىدا مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان مىللەت سۆيەر قېرىنداشلىرىمىز كوپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر جەمىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئەخلاق كىرزىسىمۇ دەل كىشىلەرنىڭ ئىسلام ئەخلاقى بىلەن مىللىي ئەخلاققا بولغان تونۇشىنىڭ بىرلىككە كېلەلمەسلىكىدە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، سىز دېگەندەك بۇ مەسىلە مۇنازىرە قىلىشقا ئەرزىيدۇ. مەن ئۇستاتلىق قىلىپ مۇنازىرىدىن ئۆزۈمنى تارتقىنىم يوق. ۋاقىت يار بەرمەيۋاتىدۇ. بىر ئىككى تېمىنى كۆرۈپ، بىر-ئىككى پارچە ئىنكاس يازغۇچە ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالىدىكەن.
مۆئىمىن ئەمەلدە خالىس كېلىدۇ، پاسىق ئەمەلدە رىياكار كېلىدۇ.
مۆئىمىنلەر قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى ئوڭ قولىدا بەرگەن سەدىقىنى سول قولى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە مەخپىي قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ نىڭ رىيزالىقىنى كۆزلىگەن ئاساستا مىننەتنى قەتلى قىلىپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى تەرەپنى خىجالەتچىلىكتىن، قەرىزدارلىق تۇيغۇسىدىن خالاس قىلىپ، جامائەتچىلىك ئالدىدا، قارشى تەرەپنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ۋە قەدىر-قىممىتىنى قوغداپ قالىدۇ.
پاسىقلار قىلغان ئەمەللىرىنى مىننەت قىلىدۇ، كۆز-كۆز قىلىدۇ ۋە داملايدۇ. ئۇلار رىياكارلىقنى كۆزلىگەن ئاساستا مىننەتنى كۆپتۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى تەرەپنى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بولۇشىغا تەشۋىق قىلىپ، قارشى تەرەپنى خىجالەتچىلىككە ۋە قەرىزدارلىق تۇيغۇسىغا غەرىق قىلىدۇ. ئېغىر كەتكەندە قارشى تەرەپنىڭ غورورىغا تېگىدۇ. جامائەتچىلىك ئالدىدىكى ئىززەت-ھۆرمىتىنى ۋە قەدىر-قىممىتىنى دەپسەندە قىلىدۇ.
ئالايلۇق بىر مەھەللىدە ئۈلۈم-يېتىم بولسا، مۆئىمىن ئاللاھ نىڭ رىيزالىقىنى كۆزلىگەن ئاساستا تونۇسۇن ياكى تونۇمىسۇن، ساۋاب تاما قىلىپ، مۇسىبەتكە قاتنىشىدۇ.
ئالايلۇق، بىر مەھەللىدە ئۆلۈم-يېتىم بولسا، پاسىق رىيانى كۆزلىگەن ئاساستا ئۆلگۈچى بىلەن تونۇشلىقىنىڭ بار-يوقلىقىنى، مۇناسىۋېتىنىڭ يېراق-يېقىنلىقىنى، مەرتىۋېسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى دەڭسەپ كۆرىدۇ. ئۆزنىڭ ۋە ئۆزگىنىڭمۇ كۆڭلىنى دەڭسەپ كۆرىدۇ. مۇسىبەتكە بېرىش-بارماسلىقنى قارار قىلىدۇ. مىللىي ئۆرۈپ-ئادەت نۇقتىسىدىنمۇ مۇسىبەتكە قاتنىسىدۇ.
ئاللاھ مۆئىمىننىڭ ئەجىرىنى دۇنيا-ئاخىرەتتە زىيادە قىلىدۇ. پاسىقنىڭ ئەجىرىنى دۇنيالىقتا بىجا كەلتۈرىدۇ. ئاخىرەتتە پاسىققا ئەجىردىن نېسىۋە يوقتۇر.
يۇقىرىدىكى ئىككى مىسالدىن تۆۋەندىكى خۇلاسىگە كېلىمىز:
مۆئىمىننىڭ ئەمەل قىلغىنى ئىسلامنىڭ ئەخلاقىدۇر. پاسىقنىڭ ئەمەل قىلغىنى غاپىل مىللىي ئەخلاقتۇر.
مەن دەۋاتقان مۆئىمىن ھەقىقىي مۇسۇلمان ئاممىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەن دەۋەتقان پاسىق غاپىل مىللەتچىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
دەرۋەقە، مىللىي ئەخلاق مۇسۇلمانلىق كىملىكىگە ئىگە مىللەتنىڭ ئەخلاق پىرىنسىپىغا ئايلىنالمايدۇ. ئۇ، شەرتلىك ھالدا ئىسلام ئەخلاقىغا بېقىندىلىق مۇناسىۋېتىدە بولىدۇ. پەقەت، ئىسلام ئەخلاقىلا مۇسۇلمانلىق كىملىكىگە ئىگە مىللەتنىڭ ئەخلاق قۇرلىشىغا ۋە ئەخلاق سىستېمىسىغا رەھبەرلىك قىلالايدۇ.