• مېنىڭ تېخى بۈگۈن بار

    خەتكۈچ:

    ھەركۈنى  سەھەر كۆزلىرىمنى ئېچىپ، ئۆزۈمنىڭ تېخى ھايات ... ساغالام  ئىكەنلىگىمنى سەزگەن ۋاختىمدا ئاللاغا ھەمدۇ سانالارنى ئوقۇش بىلەن بىرگە، پەقەت ئۆزۈملا ئاڭلىغۇدەك تۆۋەن ئاۋازدا مېنىڭ تېخى بۈگۈنۈم بار! دەپ شىۋىرلايامەن.

    مۇشۇبۈگۈن ئارقىلىق ئۆزۈمنى تاغلاردەك زەبەردەست، سۇلاردەك جۇشقۇن...گۈللەردەك گۈزەل ...تەبىئەتتەك تەڭداشسىز ھېس قىلىمەن.

    ئەگەر مەن ھەممىدىن مەھرۇم قالغان ھالەتتىمۇ مۇشۇ بۈگۈن ئارقىلىق تۈنۈگۈنكى ئۇتۇقلىرىمنى قايتۇرۇپ كىلەلەيمەن، ھەم يارقىن ئەتىلەتنى يارىتالايمەن.

    پەقەت مۇشۇ بۈگۈنمۇ ماڭا ھاياتنى ياشاشقا نىسىپ بولسىلا مەن يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايمەن.

    مېنى ھەممىدىن ئايرىسىمۇ ، ۋاختىمدىن... ساقلىقىمدىن...ئەقلى ھۇشۇمدىن ئايرىمىسۇن دەپ تىلەيمەن!

    ئېرىشكەن نەرسىلەر ھامان يەنە بىر ئېرىشىلمە ئارقىلىق ئاستا- ئاستا يوقىلىدۇ... تۈگەيدۇ.

    لىكىن ھايات ياشاش ھوقۇقىمىزلا بولىدىكەن بىز يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيمىز.

    شۇڭا مەن ھەر  كۈنى ئاشۇ ماڭا نىسىپ بولغان بۈگۈمنى قۇتلۇقلايمەن. مۇبارەك بولسۇن ! مەن يەنە ھايات ئورنۇمدىن تۇردۇم ... مېنىڭ يەنە بىر بۈگۈنۈم بار!

    分享到:

    评论

  • [avatar:30]essalamu eleykum aykut bilogingzning tihmu beyishini vmid qilimen.