• ئاقىۋەت - [شىئرلار]

    خەتكۈچ:

     

    ئاسىيلىق ھەققىدە سۆزلەيدۇ ئۆتمۈش،

    بۇغدايرەڭ چىرايىڭ كۆيمەكتە ۋىل-ۋىل.

    پەيلىڭدە قاقاسلاپ كۈلگەندە شەيتان،

    ئۈزۈلدى بوينۇڭغا باغلاپ قويغان قىل.

     

    چېغىر يول جىمجىتلا كەتمەكتە ئۇزاپ،

    قەبرىستان تەرەپكە ئالدىنى قىلىپ.

    تاشلارغا بىردىنلا ئاغرىدى ئىچىم،

    ئۇلارنىڭ يېنىغا بارغۇم يوق يېنىپ.

     

    ئېرىقتا شىلدىرلاپ ئاققان بىلەن سۇ،

     سۆزلەيدۇ مۇھەببەت، سۆزلەر رىۋايەت.

    مەن ساڭا ھىچنىمە دىمىگەن بىلەن،

    كۈندۈزدەك ئاياندۇر بارچە ئاقىۋەت.

     

    كېچىنىڭ باغرىدا كۆيمەكتە تۈتەپ،

    بىر ئايال، بىر تال گۈل، سۇنغان ئەقىدە.

    تۇنجى رەت تاملارغا ئىيتاي دەپ رەھمەت،

    بىلمىدىم سۆزلەشنى نىمە ھەققىدە.

     

    دەرىزە ، ئەتتىر گۈل، غۇۋا ئاي نۇرى،

    بىر ئاچچىق خىيالغا قويىدۇ باشلاپ.

    كىتاپنى يورۇتقان چىراقنىڭ نۇرى،

    كېتىشكە ئۈندەيدۇ ھەممىنى تاشلاپ.

     

    مۇنچىدا شىلدىرلاپ تۆكۈلگەندە سۇ،

    يۇمۇلغان كۆزلەردە سەزمەيسەن كۆز ياش.

    يۇيۇنغان ئايالنىڭ نەم چاچلىرىغا،

    كىرىشنى ئويلايسەن ئورمانغا ئوخشاش.

     

    ئورماندا ئازىسەن... قايتىسەن يەنە،

    ئاي نۇرى... يا قۇشلار قالالماس تۇتۇپ.

    پورەكلەپ ياشاشنى ئىستىگەن بىلەن،

    قالىمىز بەزىدە نادامەت يۇتۇپ.

     

    گۈلدانغا چىلانغان ئەتتىر گۈل بىلەن،

    بەزلىدىم ئۆزۈمنى... دەرتلىك يۈرەكنى.

    قەغەزگە يازدىم ھەم تاشلىدىم پۈرلەپ.

    ھىچ راۋا كۆرمىدىم ساڭا دىمەكنى.