-
بىلمەيسەن مەن ئەمدى ھەممىدىن كەچتىم - [شىئرلار]
‹‹يار دەردىڭ يامان››غا ئەمدى توۋلىما.
بارمىدۇ دەپ يوللاردىن ئىزىنى ئىزدەپ،
يايرىمنى كۆردۈڭمۇ دەپ يولدىن سورىما.
ياش تۆكۈپ ئولتۇرغان بىرسى يوق ئەمدى.
بارمىغىن دەرياغا ئۇ يەردىن كەتتىم،
يەتكەندە دىلىمغا سەندىن كۆپ ئازار،
ئۆزۈمنىڭ ھالىغا ئۆزۈملا يەتتىم،
ئاي دىمە، ئاينىڭكى ئورنى بار كۆكتە،
قوغلانماس قەلبىڭدىن قوغلانغاندەك يار.
ئۆزۈمگە نەچچە رەت قىلاي دىدىم قەست،
زەخمەڭدىن قەلبىمدە ئۈزۈلگەندە تار.
ئۈژمىلىك يوللاردا ماڭدىم سايىداپ،
ئاقارغان ئۈژمىدىن بىر تاللا يىدىم.
چېچىمدىن تارىغان خۇشپۇراق بىلەن،
چېچىمدەك قارايغان سېنى ئەسلىدىم.
كىچىگە ئىيتمىدىم سەن ھەققىدە دەرت،
بىلمىدىم سىرىمنى سەن كىمگە يەشتىڭ.
تارتىشىپ –تارتىشىپ يۈرگىنىم بىلەن،
بىلمەيسەن مەن ئەمدى ھەممىدىن كەچتىم،
سۇلارغا... گۈللەرگە... يەنە قۇشلارغا،
يوللارغا...سايلارغا...ھەمدە تاشلارغا.
خوش دىدىم قولۇمنى كۆتۈرۈپلا بوش،
كۆزۈمدىن تۆكۈلگەن سۈزۈك ياشلارغا.