• ئەتتىرگۈل مەن ساڭا ئۆچ ئەمەس - [نەسىرلەر]

    خەتكۈچ:

    ئەتتىرگۈل مەن ساڭا ئۆچ ئەمەس

     

    مەن ساڭا ئامراق،سېنىڭ رەڭگىڭگە، بەرگىڭگە،يەنە تىكەنلىرىڭگە،تېنىڭگە سېڭدۈرگەن مەنايىڭغا، ھەممىسىگە  مەن ئامراق.

    سېنىڭ رەڭگېڭ قاندەك قىزىل، بۇ سۆيگۈ ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلىش لازىملىقىنى سۆزلىگىنىڭمۇ؟ سېنىڭ تىكەنلىرىڭ ھىجراندەك ئاچچىق، بۇ سۆيگۈ ئازابىنى بۇرۇنراق سەزدۈرگىنىڭمۇ؟ ياپيېشىل يوپۇرماقلىرىڭ ئۈمۈتكە ئوخشايدۇ،ئازاپقا ھەسرەتكە ،ھىجرانغا ھەممىگە بەرداشلىق بەرگەندە ئاندىن ۋىسال تاپقىلى بولىدىغانلىقىغا ئۈمىت ئاتا قىلغىنىڭمۇ؟

    مەن ساڭا ئۆچ ئەمەس، لىكىن نامەرتلەر سېنى ۋاستە قىلىپ نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىدۇ، سېنىڭ ساداسىز تۇرۇشۇڭغا ئۆچمەن.

    چىن سۆيگۈ سەن ئارقىلىق ئۆ ئىپادىسىنى تاپىدۇ، سېنىڭ مەزگىلسىز قۇرۇشۇڭغا ئۆچمەن.

    سەن ئازاپلىق ئەسلىمىلەرنى باشلاپ كېلىسەن سېنى كۆرمىسەم دەيمەن، ھەتتا سەن بىلەن رەڭداش ھەرقانداق نەرسىنى كۆرمىسەم دەيمەن.

    لىكىن،قەلبىمدە بىر  بوشلۇق بار، ئۇنىڭ پايانىنى پەقەت سەنلا تولدۇرالايسەن.

    سېنى سۆيگۈ بايرىغى دىگۈم كېلىدۇ، لىكىن نىمىشقا خاتامۇ قادىلىپ قالىسەن؟جەڭچى شەھەرنى خاتا ئېپ قالسا بولمايدۇ بۇنى بىلمەمسەن؟

    خاتا قادىلىپ قالغان چاغلىرىڭ زېمىستاننى باشلاپ كېلىپ ،مېنى  سۆيگۈ سىراتقىنىڭمۇ؟ مەن ساڭا ئۆچ ئەمەس، لىكىن خاتا قادىلىپ قالىدىغان چاغلىرىڭغا ئۆچمەن.

     

    مەن ساڭا ئامراق....بارلىق بارلىق خۇلقى مىجەزىڭ، نازۇ خۇلقىڭغا ئامراق.