• قوشنامنىڭ ئوغلى(ھۆسەيىن تاشقا) - [شىئرلار]

    خەتكۈچ:

     

    سىز

     قوشنىمىزنىڭ بالىسىكەنسىز

    لىكىن مەن سىزنى كۆرۈپ باقمىغان.

    ئەمدى

    سىزمۇ مېنى كۆرەلمەيسىز

    مېنى بىلمەيسىز

    ئايقۇت دىگەن كىم؟

    دەپمۇ سوراپ يۈرمەيسىز

     

    <<ئۈرۈمچىنىڭ چۈشى >>

    چۈشىڭىزنى كەتتى ئوغۇرلاپ

    سىز ئۇيقىغا كەتكەندە

    <<ئاق كىيىملىك پەرىزات >>ئەمدى

    كۆل بويىدا يۈرەرمۇ يىغلاپ

    سىز يادىغا يەتكەندە

     

    ھۆسەيىن تاش!

    ئىسمىڭىزىنى بىلەتتىم

    ئىسمىڭىز ئۆزىڭىزدەك ئورۇق ئەمەس ئىدى

    شېئىرلىرڭىز چاچلىرىڭىزدەك بۈدرە ئەمەس ئىدى

     

    قۇمساڭغا يوللار

    ئىزىڭىزنى سورار شامالدىن

    بۇلاقسۇ

    ئوغلۇم قېنى دەپ

    جەننەتكە تۇتىشىدىغان بىر يول ياساپتۇ

    پۈتمەس سۇئالدىن

     

    يەر جىمجىت...

    كۆك جمجىت...

    سۇ جىمجىت...

    ھۆسەيىن تاش!!!...

     دەپ چاقىردىم

    ھېچكىم جاۋاپ بەرمىدى

    ئەمدى سىز جىمجىت

    分享到:

    历史上的今天:


    评论

  • [avatar:30]شېئىرلىرڭىزنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم.ئاقبۇلۇت مۇنبىرىگە كىرىپ تۇرۇڭ...