• يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ ئانا! - [تەرمىلەر]

    خەتكۈچ:
     

            

     

     

            ياخشى تۇرۇپسەنمۇ ئانا،مەن يەنە كەلدىم.ئەنسىرىمە،مەكتەپتىن چىقىپلا كەلدىم،ئەمما بىلمەيمەن ئانىلارمۇ

     

    دادىلاردەك ئەنسىرەمدۇ؟ئەلى‹مەكتەپكە بارمىسام ئاپام بەك ئاچچىقلايدۇ،ئەنسىرەيدۇ›دېگەن ئىدى،شۇڭا سوراپ باقتىم.

     

           ئۆتكەن ھەپتە مۇئەللىم‹ئوڭ قولۇمدا سامساق،سول قولۇمدا پىياز›دېگەن گەپنى قايتا-قايتا دېگۈزۈپ ئوڭ-سول

     

     تەرەپنى پەرق ئېتشنى ئۆگەتكەنىدى.مەن بىلىمەن ئانا ئوڭ تەرەپ قايسى،سول تەرەپ قايسى.ئاغرىغان يېنىمنىڭ قايسى

     

    تەرەپ ئىكەنلىكىنى ئەمدى ياخشى بىلىۋاتىمەن ئانا.

         

     ئۆتكەن ھەپتە كەلگىنىمدە ساڭا دىگەنىدىمغۇ بۇ يېرىم ئاغرىۋاتىدۇ،بۇ يېرىم دەپ،لىكىن زادىلا دەپ بېرەلمىگەنىدىم

     

    ئاغرىغان يېنىمنىڭ قايسى تەرەپ ئىكەنلىكىنى.قارا،ھازىر دىيەلەيمەن مانا مۇشۇ يېرىم ئانا،سول تەرىپىم بەك ئاغرىۋاتىدۇ 

     

    ئانا،ھەم ھەر كۈنى ئاغرىيدۇ ئانا ھەركۈن...

         

     تۈنۈگۈن ئەتىگەن ئائىشەنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ چاچلىرىنى شۇنداق چىرايلىق ئۆرۈپ قويۇپتۇ،ھەم قولىدىن يىتىلەپ

     

     مەكتەپكە ئېلىپ كەلدى،ياقىسى چۇچىلىق،قوڭغۇراق چېلىشىغا ئۇنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويدى ۋە‹تېز قوزام،سىنىپقا

     

    كىر›دېدى.مەن يىغلىدىم،يىغلىدىم لىكىن پەقەت خىجىل بولمىدىم،مۇئەللىم‹نىمە بولدى؟›دەپ سورىدى،‹يىقىلىپ

     

    چۈشتۈم،تىزىم بەك ئاغرىۋاتىدۇ›دېدىم.يالغان سۆزلىدىم ئانا،تىزىم ئاغرىمىدى ئەمما سول يېنىم بەك ئاغرىۋاتىدۇ ئانا.

          

     بۈگۈن مەنمۇ چېچىمنى ئۆرۈپ مەكتەپكە بېرىشنى ئويلىدىم،دادام ئۆرۈپ قويدى،ئەمما ئائىشەنىڭكىدەك چىرايلىق

     

     بولمىدى،چۇچىلىق ياقام بولىشىنى ئۈمىد قىلدىم،دادام‹مەن بىلمەيمەن قىزىم›دېدى،‹ھىچ بولمىغاندا مەكتەپكە ئاپىرىپ

     

     قوي›دېدىم.‹قىزىم ئىشقا بارمىسام بولمايدۇ›دېدى،مەنمۇ جاھىللىق بىلەن‹مىنىڭ نىمە كارىم›دەپ

     

     يىغلىدىم.‹قىزىم، قورساق بېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلمىسام بولمايدۇ›دېدى دادام،جىم بولدۇم ئەمما مەكتەپكە بارغۇچە

     

     يەنە يىغلىدىم ئانا،ھە راست،سول يېنىم يەنە شۇنداق قاتتىق ئاغرىدى ئانا

    .

          ھەممە دوستلىرىمنىڭ پايپىقى ئاپئاق،ئەمما مىنىڭ كۈل رەڭ،زەينەپ‹ئانام ئاق كىيىملەرگە رەڭلىك كىيىملەرن

     

    ئارلاشتۇرماي يۇيىدۇ›دېدى،لىكىن دادام ھەممىنى ئارلاشتۇرۇپ يۇيىدۇ،دادام كىر يۇيۇشنى بىلمەمدۇ ئانا؟

         

     ئۇف،دادام ھەر كۈنى پەمىدۇرلۇق ئېرىمچىك  سالىدۇ سومكامغا،كۆڭلى يېرىم بولمىسۇن دەپ دېمىدىم،ئەمما دوستلىرىم ھەر

     

    كۈنى قاتلىما نان،قىيمىلىق تۈرمە،پىچىنە ئېلىپ كىلىدۇ.بىلىمەن،دادام تورت ياساشنى،پىچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇشنى

     

     بىلمەيدۇ ئانا.

         

      قاراڭغۇ چۈشىۋاتىدۇ،مەن كىتەي ئانا،دادام قېچىپ سېنىڭ يېنىڭغا كەلگىنىمنى بىلمەيدۇ،بىلسە ئاچچىقلانمايدۇ ئەمما

     

    كۆڭلى بەك يېرىم بولىدۇ بىلىمەن.

                              

     كىم بۇزىۋاتىدۇ قەبرە بېشىدىكى توپىلارنى،

                              

      گۈللەرنى كىم ئۈزىۋاتىدۇ؟

     

            رۇخسەت قىلما ئانا،تۇپرىقىڭغا باشقىلارنىڭ قولىنى تەگكۈزمە.ئۆيگە ماڭغۇچە مۇشۇ كاللامغا كىرىۋالىدۇ،يەنە بۇنىڭ

     

     ئۈچۈنمۇ يىغلايمەن ئانا.

            

     قارا،ئەينەك بوتۇلكا يېنىمدا،توپاڭدىن يەنە بىر ئوچۇم ئېلىۋالاي،بىلەمسەن ئانا،ھەر قېتىم كەلگىنىمدە ئېلىۋالغان توپىلارنى

     

    مۇشۇ ئەينەك بوتۇلكىسىغا يىغدىم،ئۈستىگە رەسىمىڭنى چاپلاپ كارۋېتىمنىڭ باش تەرىپىگە قويۇپ قويدۇم.ھەر ئەتىگەن

     

    ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىرىنچى بولۇپ ئۇنى سۆيۈپ قويىمەن،ھىدلايمەن،ھىچكىمگە دېمە ئانا،بەزىدە تېخى ئۇنىڭ بىلەن

     

     پاراڭلىشىمەن،قانداق قىلاي ئانا سېنى بەك سېغىندىم.

           مۇئەللىم‹ئەتە ئاناڭلارنى تەسۋېرلەپ بىر ماقالە يېزىپ كىلىڭلار›دېدى.مەن دادامغا يازغۇزىمەن،مۇئەللىم بىلىپ

     

     قالسا ئاچچىقلىنىدۇ،ئەممە مىنىڭ نىمە كارىم،ئاچچىقلىسا ئاچچىقلىسۇن،مەن سېنى پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغان تۇرسام

     

    نىمىنى،قانداق تەسۋىرلەپ يازىمەن ئانا؟ سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاڭلىساملا سول يېنىم ئاغرىيدۇ ئانا،ھىچقانداق نەرسە گېلىمدىن

     

    ئۆتمەيدۇ،بەزىدە چىدىيالماي يىغلاپ سالىمەن،دەپتىرىمگە بۇنداق يازالمايمەن دە ئانا.

           

    مەن كىتەي ئانا،تۇپرىقىڭنى بىر سۆيىۋالاي،سەنمۇ چۈشۈمدە يېنىمغا كېلىپ مىنى سۆيۈپ قوي،چوقۇم كەل

     

     ئانا،سەن 

     

    چۈشۈمگە كىرمىگەنسىرى سول يېنىمنىڭ ئاغرىقى بىلەن ئويغىنىپ كىتىمەن ئانا.

              

     سول يېنىم ئاغرىۋاتىدۇ ئانا

     

              مانا دەل مۇشۇ يەر.

            

      سول يېنىم قاتتىق ئاغرىۋاتىدۇ ئانا

            

      سېنى بەك سېغىندىم،

     

              ئانا بەك.......

     

    (  تۆۋبەنىڭ ئىلتىماسى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان...(تۈركچە)

    گۈللۈگ تور بىتىدىن تۇمارىم تەرجىمە قىلغان