نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » ئاشپەز ئۇستاملار » ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئاشپەزلەر
روزى ئوسمان
روزى ئوسمان
  • ئىسىم فامىلىسى روزى ئوسمان
  • خەنزۇچە ئىسمى如孜·吾斯曼
  • دۆلەت تەۋەلىكى جوڭگۇ
  • مىللىتىئۇيغۇر
  • يۇرتى شىنجاڭ ئاقسۇ باي ناھىيىسى
  • تۇغۇلغان ۋاقتى1991 - يىلى4 - ئاي
  • كەسپىقىيىملىق تائاملار
  • خىزمەت ئورنىتۇمشۇق شەھىرى
  • قوشۇلغان ۋاقتى 2017 - يىلى 06 - ئاينىڭ 01 - كۈنى
  • كۆرۈلىشى 958 قېتىم
  • سەھىپە تەۋەلىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئاشپەزلەر
  • يوللىغۇچى axpaz712
شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ئىشخانىسى ، ئەگەر مەزكۇر ئۇستامنىڭ ئالاقە ئۇچۇرى كېرەك بولسا بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىڭ .
قىسقىچە تەرجىمىھالى : روزى ئوسمان ئۇستام 1991-يىلى 10- ئاپرىل باي ناھىيىسىنىڭ توقسۇن يېزىسى تۆۋەنكى توقسۇن كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن .
1998-يىلىدىن 2006- يىلىغىچە ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقىغان .
2008-يىلى يانۋاردىن باشلاپ باي ناھىيىسىدىكى مەشرەپ رېستۇرانىغا شاگىرىتلىققا كىرىپ ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن ئاشپەزلىك كەسپىنى قېتىرقىنىپ ئۈگەنگەن .
2010-يىلى 10- ئايدىن 2012-يىلى 10- ئايغىچە ئاقسۇ شەھىرىدىكى «لەززەت ئوتۇن كاۋاپلىرى » تاماقخانىسىدا قىيمىلىق تائاملار باش ئۇستىسى بولۇپ تۇرغان .
2012-يىلىدىن 2015- يىلىغىچە ئۈرۈمچىدە ھەرقايسى تائام سارايلىرى ، تېز تاماقخانىلاردا ئاق ئەنبەل تۈرلىرى بويىچە ھۈنەر پىشىقلىغان ،ئۆزىنىڭ كېيىنكى نىشانلىرى ئۈچۈن ئاساسىنى پۇختىلىغان .
2015- يىلىدىن ھازىرغىچە تۇمشۇق شەھىرىدە تەكلىپ بىلەن ھەر قايسى چوڭ تائام سارايلىرىنىڭ قىيمىلىق تائام باش ئۇستىسى بولۇپ كەلمەكتە .
2017- يىلى 27-28- مايلار جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنيۈنگاڭ شەھىرىدە خەلقئارا مېھمانساراي ئاشپەزلىك جەمئيىتى باش بولۇپ ئۆتكۈزگەن 5- نۆۋەتلىك «كۆك بەلباغ » خەلقئارا ئاشپەزلىك مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر تائاملىرىدىن پەرمۇدە بىلەن بېلىق كاۋىپىنى ئىلىپ چىقىپ كۆمۈش مىدال ۋە 2- دەرىجىلىك شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا ئىرىشكەن .
تىرىشچان، ئىجتىھاتلىق ، قەدىمى ئۇيغۇر قىيمىلىق تائاملار ئۇستىسى روزى ئوسمان ئۇستامنىڭ ئارزۇسى ئۆزىنىڭ خەلق ئىچىدە ھۈنەردە ئاتالغان نامى « روزى بۇرۇت » نى ماركا قىلىپ ، كەسىپتە تېخىمۇ ئىزدىنىپ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ نامىنى مەملىكەتكە ، خەلقئاراغا ياڭرىتىش ...
كەسپى ئالاھىدىلىكى : مىللى تائاملار ئىچىدىكى سامسا ، پەرمۇدە قاتارلىق قىيمىلىق تائاملار ۋە ئاق ئەنبەل تۈرىدە ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك
مەدنىيەت سەۋىيىسى ؛ تولۇقسىز
ئالاھىدىلىكى ؛ چەبدەس ، چىقىشقاق ، ئۈگىنىشچان
  • رەسىمنى باسسىڭىز چوڭىيىدۇ

  • رەسىمنى باسسىڭىز چوڭىيىدۇ

بىكەت تەۋسىيىسى

يېڭى قوشۇلغانلىرى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015