مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 0ئىنكاس
  • 329كۆرىلىشى

ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور زىيارەتچىسى ئىشلىتىڭ [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: دائىملىق ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10548
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 17
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە17دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 180 دوللار
تۆھپــــــــــە: 24 ھەسسە
توردىكى :0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2013-06-18
ئاخىرقى: 2014-07-30
يازما   يوللانغان ۋاقتى : 2014-07-30 14:43:17
ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور كۆرگۈچ مىكروسوفىتنىڭ ئىنتېرنېت زىيارەتچىسى يادروسى ئاساسىدا ياسالغان بولۇپ، ئىچكى قىسمىغا قالايمىقان ئېلانلارنى ئاپتوماتىك ۋە ئەقلىي ئۇسۇلدا توسۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان.  بۇ تور كۆرگۈچنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى كۆپ خىل كۆزنەك ھالىتىدە قولايلىق ئۇسۇلدا تورغا چىقىش، كۆزنەكلەرنى خالىغانچە باشقۇرۇش، مائۇس ئارقىلىق «ھەرىكەت ئىشارىتى» بېرىش، تورغا چىققاندىكى زىيارەت خاتىرىسىنى ئاپتوماتىك ئۆچۈرۈش، شۇنداقلا يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان تور بېكەت يۈزىدىكى قالايمىغان ئېلانلارنى ئاپتوماتىك توسۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
يېڭى نەشىردىكى ئالاھىدىلىكلەر:
1. ئىچكى يادروسى يېڭىلانغان، تور بەتلەرنى ئېچىش سۈرئىتى تېزلەشتۈرۈلگەن؛
2. كۆپ كۆزنەكنى قولايلىق ئۇسۇلدا باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىغان، تورغا چىقىش ئىنتايىن قولايلىق؛
3. ھازىر ئاساس ئېقىم بولۇۋاتقان تور بېكەت تۈزۈش تىللىرى، ھەرخىل ئۈنۈم كودلىرى… قاتارلىقلارنى تولۇق قوللايدۇ، ھەرقانداق تور بېكەتنى نورمال زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ؛
4.ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولغان مائۇس ھەرىكىتى ئارقىلىق كۆپ خىل قولايلىق مەشغۇلات ئۇسۇللىرىنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.
5. باشلىنىش بېتىگە دۆلىتىمىز بويىچە ئەڭ نوپۇزلۇق تور بېكەت ئۇلىنىشى قوشۇلغان، ئۇندىن باشقا، ئۆزىمىز خالىغان تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلىش ئادرىسىغا قوشۇۋالساق بولىدۇ؛
6. تورغا چىققاندىكى زىيارەت خاتىرىسىنى بىر كۇنۇپكا بىلەن ئۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلغان، بىخەتەر ۋە قولايلىق.
ئۇنىڭدىن باشقا، تور ئادرس ساقلىغۇچ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئادرىس رامكىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۇنۇپكىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىزدەش ماتورى قورالى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلان توسۇش قىستۇرمىسى شۇنداقلا  تېز سۈرئەتتە چۈشۈرۈش ياردەمچىسى قاتارلىق ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىقتىدارلارنى ئۆزىدە ھازىرلىغان.
چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ، سېغىمى پەقەت 7 مىگابايت.

تېما تەستىقلىغۇچى: تۇز
تەستىق ۋاقتى: 2014-08-02, 13:13

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

ھەيران

تەسرلىك

خوشال

رەنجىش

ئالامەت

ياخشى

رەھمەت
تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك250 بايت
ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى