قېنى كەسېپداشلار،مۇنبەرداشلار
            مۇشائىرىگە مەيلىڭلار بارمۇ؟  
  بارلىق خانىم قىزلارنىڭ بايرىمىنى 
                 تەبرىكلەيمەن
قىزلاردىن كەم قالمايدۇ ، گۈزەللىكتە بىلسەڭلار ، 
چېھرى ئاپتاپ مۇلايىم ، بەك كۈيۈمچان چوكانلار ،
گۈل ھۆسنىگە رەڭ بەرگەن ، ناز- كەرەشمە خۇيلىرى،
ئاتا-ئانا ئېرىگە  ، ساداقەتمەن چوكانلار.
ھويلاڭدا گۈل ئېچىلۇر ، كىرسە ئەگەر  بىر نوۋەت  ،
ئەجەپ نازلىق چىرايلىق ،ئۇرسا خەندان چوكانلار ،
سورۇنۇڭغا  ئۆيۈڭگە  ،   رەڭ كىرگۈزگەن كىم دىسە،
ھەممە بېرىدۇ جاۋاپ  ،   گۈلى رەيھان چوكانلار.
كۆپنى كۆرگەن بىېشىدىن  ،  ھەر قىسمەتلەر ئۈتۈلۈپ،
تۇرمۇشنىڭ ئۇچاقىدا  ،  تاۋلانغان شۇ چوكانلار،
چوكانسېز ئۆي بورانلىق  ،  نەدە بولسۇن خوراملىق ،
چوكان بولسا ھەمرالىق  ، جان ئوزىقى چوكانلار.
كىرىپ كەتمەس ئۆزگىنىڭ  ،    سۆزلىرىگە يولىغا ،
ئۆزلىرىنى ئەقىلدە ،    تۇيۇندۇرغان چوكانلار  ،
جاننى – جانغا ئۇلىغان  ،  ھاياتلىقنىڭ  تۈۋرۈگى ،
ئەھلى جاھان  كۆزنىگى  ،  جانغا  ھوزور  چوكانلار .
ھەر دۆلەتتە  پادىشا  ،   ھەر ئۆيدا بار بىر تۆرە ،
شاھىن-شاھنىڭ تۆرىسى  ، شاھقا خاقان چوكانلار،
ساغلام مۇھىت يارىتۇر  ،  ھەر جاپادا ۋايسېماي ،
ئەرنى قىلۇر تەقەززا  ،  ئەر ئارمانى چوكانلار .
قايىل قىلۇر جاھاننى  ، ئۇيۇلۇپ  قالار ئەركەك ،
قىزلىق روھى جىسمىدا   ،  جىلۋىلەنگەن چوكانلار ،
ياشاڭ –ياشناڭ  دائىما  ،  ئىنسانىيەت  مەنبەسى  ،
B) ھەر بىر جاننىڭ  قەلبىدە  ،  ئەزىز بۇلۇپ چوكانلار   .
   مەنبە :   ئۆز ئىجادىيىتىم