تاماقنى ئۇسسۇشمۇ سەنئەت تەلەپقىلىدۇ
گۈلنۇر ئابلىمىت(ئارچا)
ئۇيغۇرلار تاماق ئىجادىيىتىدە پۈتۈن دۇنيانى قايىل قىلماقتا.تاماقلىرىمىزنىڭ كۆپ خىللىقى، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقۇرىلىقى، تەمىنىڭتېتىشلىقلىقى، رەڭگىنىڭ كۆركەملىكى ھەقىقەتەنمۇ ماختاشقا ئەرزىيدۇ. مەيلى قويۇقتاماق بولسۇن، مەيلى سۈيۇق تاماق بولسۇن ئۇنىڭغا سالىدىغان كۆكتاتلارنى توغراش،ماسلاشتۇرۇپ سېلىش، رەڭلەندۈرۈپ سېلىش، تەرتىپى بويىچە سېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇئالاھىدە دىققەت قىلىنىدۇ. تاماق ئېتىشمۇ سەنئەتلىك بولغىنىدەك تاماقنى چىنە -قاچىلارغا ئۇسسۇشمۇ ئوخشاشلا بىزدىن سەنئەت تەلەپ قىلىدۇ.
قويۇقتاماقلىرىمىزدا: مەسىلەن، پولۇنىڭ سەۋزىسىنى ۋە كىشمىش نوقۇت قاتارلىقلارنى تولۇقئارلاشتۇرۇپ، ئاندىن تەخسىگە ئۇسسۇغاندىن كېيىن ئۈستىگە گۆش، بىھى، ۋە باشقاقوشۇمچىلارنى چىرايلىق تىزىپ داستىىانغا كەلتۈرۈلسە، ھەمدە بىللە ئىستىمالقىلىدىغان سوغۇق سەيلەرنىمۇ تەخسىگە چىرايلىق تىزىپ ئاچىقسا تاماقلانماقچىبولغانلارنىڭ ئىشتىھاسى باشقىچە ئېچىلىدۇ ۋە مەززە قىلىپ يىيىشىگە پايدىسى بولىدۇ.
مانتا - خوشاڭ، پوشكال، قاتارلىقلارنىمۇ تەخسىگە گۈل كەلتۈرۈپ تىزىپ ئاچىقساقبولىدۇ.
گۆش ناننى كەسكەندە رەتلىك تەكشى كېسىشكە ئەھمىيەت بەرسەكياخشى.
لەغمەننىڭ سېيىنى سالغاندا قىزىل، يىشىل، سېرىق كۆكتاتلارنى ۋە قورۇلغانگۆشنى لەغمەننىڭ ئۈستىگە رەتلىك سېلىشقا ئانچە كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ. يىشىلى بىرلايەردە، قىزىللىرى يەنە بىر يەردە پوملىشىپ تۇرغانغا قارىغاندا تەخسىنىڭ ھەممەيېرىدە چېچىلىپ تۇرسا كۆركەم كۆرۈنىدۇ.
سۈيۈق تاماقلارنى ئۇسسىغاندىمۇ ئاۋالقازاننىڭ ئاستىغا چۆمۈچ سېلىپ چۆپىنى ئۇسسۇيمىز، ئاندىن سەل ئوتتۇرىسىغا چۆمۈچسېلىپ باشقا خۇرۇچلىرىنى ئۇسسۇيمىز، كېيىن سۈيىنى بىر چۆمۈچ ئۇسسۇپ بولۇپ ئۈستىگەماي پارقىراپ تۇرغان يېرىدىن ئازراق ئۇسسۇساق چىنىدىكى تاماق باشقىچە كۆرۈنىدۇ،ئاخىرىدا ئۇششاق توغراپ تەييارلىۋالغان ئاش كۆكى ۋە سوقۇلغان قارامۇچنى تەكشى سېلىپداستىخانغا ئەكىرسەك ھەم رەڭدار، ھەم پارقىراق، ھەم مېزىلىك بولۇپ تېخىمۇ ئىچىشلىكبولىدۇ. دېمەك باشقا ھەرقانداق تاماقلارمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە...
(بۇنچىلىكئاددىي ساۋاتنى بەلكىم ھەممە ئادەم بىلىدۇ، شۇنداقتىمۇ بەزى ياشلار تاماق ئېتىشنىئۈگەنگىنى بىلەن بۇ جەھەتتىكى ئىنچىكە تەرەپلىرىگە سەل قارىشى مۇمكىن، شۇڭا خىزمەتۋە ئۈگۈنۈش ئالدىراشچىلىقىدا چالا تەربىيىلىنىپلا تۇرمۇشلۇق بولغان ياشلارنىڭپايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇم)
2013.11.10
ئەسلى مەنبەسى:
http://xjarcha.com/bbs/forum.php ...&extra=#pid7866ئەسكەرتىش: باشقا جايغا يۆتكىسىڭىز ئىسمىمنىئۆچۈرىۋەتمەڭ، ئەسلى مەنبەسىنى قوشۇپ يوللاڭ