مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 1ئىنكاس
  • 1371كۆرىلىشى

ئادەم ئىزدەش تورىدىن ئۇچۇر [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: يېڭى  ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9920
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 20 دوللار
تۆھپــــــــــە: 6 ھەسسە
توردىكى :0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2013-02-10
ئاخىرقى: 2014-01-29
يازما   يوللانغان ۋاقتى : 2013-08-29 17:47:13
?.:C+*+  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ، بۇندىن بىر-ئىككى ئاي ئىلگىرى بىز ئادەم ئىزدەش توربىكىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكى توغۇرلۇق تورداشلارنى خەۋەردار قىلغىنىمىز ھەممىڭلارغا مەلۇم، شۇنداق بىز توربىكىتىمىز ئېچىلغان قىسقىغىنە ۋاقىتتا تورداشلارنىڭ ۋە توربىكەت باشلىقلىرىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئېرىشتۇق ، شۇنىڭ نەتىجىسىدە توربىكىتىمىزگە ئۇچۇرى يوللانغان 10 نەپەر كىشىنىڭ 3 ى ئىللىق ئائېلىسىگە قايتىپ كەلدى ، بۇ تېپىلغان 3 بالىنىڭ ھېكايسىمۇ ئوخشىمايدۇ ئەلۋەتتە ، مەن بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ تىپىك بولغان بىرسىنى تورداشلارغا يەتكۈزگۈم كېلىۋاتىدۇ ،2013-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىغۇ دەيمەن خاتالاشمىسام ،بىر ئاكىمىزدىن تېلىفۇن كېلىپ تۇرسۇنئاي راخمان ئىسىملىك قىزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك ئۇچۇرىنى بىزگە ئېيتىپ تورغا يوللاپ قويشىنى ئېيتتى ، بىز چاققانلىق بىلەن دادىسى تەمىنلەپ بەرگەن ئۇچۇر ۋە رەسىملەرنى توربىكىتىمىزگە چىقاردۇق ، cvbv\G'aT  
(توربىكەت ئادرىسىمىز :http://www.yutkanlar.com) AG#5_0]P~  
ھەم شۇنداقلا توربىكىتىمىزنىڭ ئۈندىدار سالۇنىغىمۇ تارقاتتۇق ،(ئۈندىدار سالۇن نۇمۇرىمىز :yutkanlar) ئارىدىن 10 نەچچە كۈنلەر ئۆتكەن ۋاقىتتا تۇيۇقسىز يانفۇنۇم سايرىدى ، تونۇشلا بىر نۇمۇر ،كىمنىڭ بولغۇيتى ؟ تېلفۇننى ئالدىم . MS6^= ["  
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم zb}:wUR  
-رەھمەت ئۇكام ، كۆپ رەھمەت ، بالام تېپىلدى ، قايتىپ كەلدى ، كۆپ رەھمەت سىلىگە ، ئاللاھ مۇراد- مەخسەتلىرىگە يەتكۈزە ...... IN!m  
تۇرۇپلا قالدىم ، بۇ كىم بولغۇيتى ؟ بىرپەس تۇرۋالغاندىن كىيىن : - ئاللاھقا شۈكرى ئاكا ، تېپىلغان بولسا ياخشى بوپتۇ ، بالا ساقمىكەن ؟ aT#R#7<Eg  
- ساقكەن ئۇكام ، لىكىن بەك قوقۇپ كېتىپتۇ . ()vxTTa  
- ھە ئۇنداق بولسا ھازىر قولۇمدا ئازراق ئىش بارئىدى ئاكا ، قىزمۇ ئازراق ئېسىگە كېلىۋالسۇن ، ئاندىن مەن تېلىفۇن قىلاي ، ھە راس قىزلىرىنىڭ ئىسمى نىمە ئىدى ؟ .3,s4\.kT  
- تۇرسۇنئاي راخمان ، تۇرسۇنئاي راخمان مېنىڭ قىزىم شۇ . //W<\  
- ھە بولىدۇ ئاكا ، مەن سەل تۇرۇپ قولۇم بىكار بولغاندا تېلىفۇن قىلاي ..... R tn.cSd  
4ow)vS(  
تېلفۇننى قويدۇم ، توربىكەتنى ئېچىپ تۇرسۇنئاي دىگەن ئىسىمغا كۆزۈم چۈشتى ، شۇنداق چىرايلىق بىر 8-9 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر قىز تۇراتتى ، ئارخىۋىرىنى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزۈم يازغان بولساممۇ يەنە قايتىدىن كۆز يۈگۈرتتۈم ...... S >uzW #  
ئاللاھقا شۈكرى ، ھەرنىمە بولسا تېپىلىپتۇ ، خۇشاللىقىمدا گۇرۇپپىدىكى بارلىق بالىلارغا ھەم بىزنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاۋاتقان كىشىلەرگە خەۋەر قىلدىم ، ئۇلارمۇ خوش بولدى ھەم تۇرسۇنئاينىڭ نىمە قىسمەتلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى سوردى ، مەن بولغان ئەھۋالنى دەپ كىيىنچە سوراپ تورغا چىقىرىپ قويدىغانلىقىمنى ئېيتىپ خوشلاشتىم ... j]6j!.1  
Warz"n]iC  
ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن تۇرسۇنئاينىڭ دادىسىغا تېلفۇن قىلدىم ، سەل ئالدىراش ئىكەن ، ئەھۋالنى قىسقىچىلا ئېيتىپ خوشلاشتى .... e.i5j^5u  
ئەسلى تۇرسۇنئاي سىرىتتا ئويناۋاتقان ۋاقتىدا بىر ئەر بىرسىنىڭ ئۆيىنى كۆرسۈتۈپ قويۇڭ دەپ ئېلىپ مېڭىپ كىيىن ماشىنىغا سېلىپ ئېلىپ قاچقان ، ئارىدىن 5-6 كۈنلەر ئۆتكەن ۋاقىتتا قارا نىيەت ئۆزىنىڭ يانفۇنىدىن ئۈندىداردا تۇرسۇنئاينىڭ يوقاپ كەتكەنلىك ئۇچۇرىنى ۋە رەسىمىنى كۆرۈپ قالغان ، شۇنىڭ بىلەن قارا نىيەت جىددىيلىشىشكە چۈشكەن ، قانۇننىڭ تورىغا چۈشۈپ جازالىنشىدىن قورقۇپ تۇرسۇنئاينى ئېلىپ نەچچە كۈنگىچە دەككە -دۈككىدە يۈرگەن ئاخىرى قەشقەرگە كېلىپ تۇرسۇنئايدىن قەشقەردە تۇققانلىرىنىڭ باريوقلىقىنى سورغان ، تۇرسۇنئاي قەشقەردە يوقلىقىنى ، ئۆزىنىڭ يېڭىشەھەردە ئۆيى بارلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ، قارا نىيەت ئامالسىز تۇرسۇنئاينى ئىشىكىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويۇپ قېچىپ كەتكەن ، تۇرسۇنئاي قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئاتا-ئانىسى ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلغان ، ساقچىلار كېلىپ تەكشۈرۈپ تۇرسۇنئايدىن ئەھۋال ئىگەللەپ يىپ ئۇچى تاپالمىغانلىقىنى ئېيتىپ قايتىپ كەتكەن ، بولغان ئەھۋال مۇشۇكەن . q]tPsX5{*  
ھازىر تۇرسۇنئاينىڭ تېپىلغىنىغىمۇ 10 كۈندىن ئېشىپتۇ ، ھازىر مەنمۇ تەتىل بولغاندىكىن تۇرسۇنئاينىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر كۆرۈشۈپ كېلىش نىيتىممۇ بارئىدى ئەپسۇس ، بۇ تەتىلمۇ بىردەمدە ئۆتۈپ كەتتى ، ئاللاھ خالىسا كىيىنچە يەنە پۇرسەت چىقىپ قالار. l?B\TA^  
L^)&"6oSa  
خوش ئەمدى ئاساسلىق مەخسەتكە كەلسەك ، ھازىر توربىكىتىمىز ئېلان قىلىنىپ (http://www.yutkanlar.com)تۇرسۇنئايغا ئوخشاش 3 سەبىي ئىللىق ئائېلىسىگە قايتتى ، ئەمما يەنە ئۇچۇرى بولمىغان 7 نەپەر بالا بار، بۇلارنىڭ نەچچىسى چوڭلار بولۇپ  ئۆيدىكىللىرى بىلەن يامانلىشىپ قېلىپ چىقىپ كەتكەنلەر ، يەنە نەچچىسى كىچىك سەبىي بالىلار ، بۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنى يەنىلا تورداشلاردىن ئايرىپ قاراش مومكىن ئەمەس ، شۇڭا تورداشلارنىڭ داۋاملىق تۈردە توربىكىتىمىزنى قوللاپ - قۇۋەتلەپ بېرىشىنى توربىكەت باشلىقلىرىنىڭمۇ بىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز . iy8U rgG;l  
ئاخىرىدا ئادەم ئىزدەش تورىنىڭ ئىشلىرىغا قاتنىشىشنى خالايدىغان ، بىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى ،باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى خالايدىغان، شۇ يوقاپ كەتكەن سەبىيلەرنىڭ تىزراق ئىللىق ئائېلىسىگە قايتىپ كېلىشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدىغان تورداشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ سېپىمىزگە قوشۇلشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ، بىز ھازىر بىر تامچە ، بىزنىڭمۇ سىلەر بىلەن بىرلىشىپ دېڭىز بولغىمىز بار ، ئاخىرىدا شۇ يوقاپ كەتكەن سەبىيلەرنىڭ ئائېلىسىگە تىزراق قايتىپ كېلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن ! p SASMc@  
بىزگە قوشۇلۇشنى خالايدىغان تورداشلار مۇشۇ يانفۇن نۇمۇرى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ . zHr1FxD  
تېلىفۇن نۇمۇر :15894788875   u Y/Q]N T  
ھۆرمەت بىلەن شىنجاڭ ئادەم ئىزدەش توربىكىتىدىن  نۇرئەلى ئەمەت
توربىكەت ئادرىسىمىز :http://www.yutkanlar.com
ئۈندىدار سالۇن نۇمۇرىمىز :yutkanlar
ئىككىلىك كود نى سىكانىرلاپ قوشۇلۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ .

تېما تەستىقلىغۇچى: admin
تەستىق ۋاقتى: 2013-09-08, 23:42

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

ھەيران

تەسرلىك

خوشال

رەنجىش

ئالامەت

ياخشى

رەھمەت
 
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 8852
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 25
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 140 دوللار
تۆھپــــــــــە: 6 ھەسسە
توردىكى :16(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-08-13
ئاخىرقى: 2013-11-16
چاققان   يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-13 22:34:54
مەنمۇ قايسى كۈنى بۇ تۇر بەتنى 2 ئادەمگە يوللاپ بەردىم ، u}JL*}Q  
ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن،

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك250 بايت
ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى