مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 1ئىنكاس
  • 1055كۆرىلىشى

ئاتا-ئانىمىز غەمخورلۇقىمىزغا مۇھتاج... [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: ئوت يۈرەك
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10479
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 123
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە123دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 1113 دوللار
تۆھپــــــــــە: 55 ھەسسە
گۇرۇپپا:
توردىكى :139(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2013-06-04
ئاخىرقى: 2014-07-09
يازما   يوللانغان ۋاقتى : 2013-08-26 13:20:23
2011-12-30 14:06 چىقىرىشچۈشۈرۈش (174.97 KB)
بۇ دۇنيادا ئەڭ ئۇلۇغ سانىلىدىغان كىشىلەر ئاتا-ئانىدۇر. ئاتا- ئانىلارنىڭ شۇ مىننەتسىز مېھرى- مۇھەببتىدىن، ئاقكۆڭۈللىكىدىن بىز پەرزەنتلەر كۆكلەيمىز. ئاتا- ئانىلىرىمىز ئۆزىدىنمۇ بەكرەك بىز پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنىدىغان، قىلغىنىغا ھەرگىزمۇ مىننەت قىلمايدىغان، سۆيۈشىمىزگە، ھۆرمەتلىشىمىزگە ھەم پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان بىردىنبىر ئادەمدۇر. ئەلۋەتتە بىز پەرزەنتلەردىمۇ ۋاپادارلىق كەم ئەمەس، ئەمما بىز شۇ ۋاپادارلىقنى دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈلمەيۋاتىمىز. چۈنكى، بىز دائىم "پۇل تاپقاندا چوقۇم ئاتا- ئانامغا ۋاپادارلىقىمىنى ئوبدان يەتكۈزۈۋالىمەن، ئۆي ئالغاندا ئۇلارنى يېنىمغا ئەكىلىۋىلىپ ئوبدان باقىمەن، ئالدىمدىكى ئالدىراشچىلىقلارنى تۈگىتىۋىلىپلا يوقلاپ كېلىمەن" دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار خاتالىقلارغا يول قويىمىز. لېكىن، كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتۈۋېرىدۇ، ئىجارە ئولتۇرغان ئۆيدىن "ئۆزىمىزنىڭ" ئۆيىگە، ئاندىن بىنا ئۆيگە، ئاندىن تېخىمۇ چىرايلىق، تېخىمۇ ئازادە ئۆيگە كۆچۈپ كىرگىمىز كېلىدۇ. مائاشىمىز ئۆسۈپ ياكى سودىمىز يۈرۈشۈپ كەتسە، بىزنىڭمۇ باشقىلاردەك داڭلىق ماركىلىق كىيىم- كېچەكلەرنى كىيگۈمىز، كىچىك ماشىنىدا ئولتۇرغىمىز كېلىدۇ. پۇل ۋە يول تاپقانسېرى، مۇناسىۋەت تورىمىز كېڭەيگەنسېرى تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز. بۇ "ئالدىراشچىلىقلار" ئاتا- ئانىمىزنى جاپا ۋە كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، راھەتكە ئېرىشتۇرىدىغان ئىقتىسادىي قۇربىتىمىزنى، ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىپ، دەردىگە دەرمان بولىدىغان قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى تۇيدۇرماي ئېلىپ كېتىدۇ. بىز پەرزەنتلەر "ئالدىراشچىلىق"تىن ۋاقىت چىقىرالمىغان بىلەن بېشىمىزغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە، خىزمەت ۋە سودىدا ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا، ئىچىمىز غەم- غۇسىگە تولغاندا خىجىل بولماي ئۇلارنى ئەڭ ئاۋال ئەسكە ئالىمىز.
زېمىنغا سېخىيلىق بىلەن نۇر ۋە ھارارەت چېچىۋاتقان قۇياشنىڭمۇ پاتىدىغان، ئوقچۇپ تۇرغان بۇلاق سۇلىرىنىڭمۇ قۇرۇيدىغان، پاكلىققا سىمۋول قىلىنغان ئاپئاق قارلارنىڭمۇ ئېرىيدىغان ۋاقتى بولغىنىدەك، زور مەنىۋى ۋە ئىقتىسادىي بەدەللەرنى تۆلەپ قەلب تۇپرىقىمىزغا بىلىم- ئەقىلنىڭ، پەم- پاراسەتنىڭ، ئەخلاق- پەزىلەتنىڭ، مېھر-مۇھەببەتنىڭ، ئەقىدە- ھەۋەسنىڭ ئېسىل ئۇرۇقىنى تېرىپ ئۈندۈرۈپ، پەرۋىش قىلىپ يېتىلدۈرۈپ، ھاياتنىڭ داغدام يولىغا باشلىغان شۇ پەرىشتە سۈپەت ئۇلۇغ ئاتا- ئانىلىرىمىز بىزنىڭ كېلىپ ۋاپادارلىق يەتكۈزۈشىمىزنى مەڭگۈ كۈتۈپ تۇرالمايدۇ. شۇڭا، بىز پەرزەنتلەر ئاتا- ئانىلىرىمىزنىڭ ئۆيدە يالغۇز قالغاندا بىزنىڭ كېلىپ بىر نەچچە سائەت بىللە مۇڭدىشىپ كېتىشىمىزنى، بىر قاچا ئوخشىغان تاماق ئەتكەندە دەرقەمدە ئولتۇرۇپ بىز بىلەن بىللە يىيىش ئۈچۈن يوللىرىمىزغا تەلمۇرىدىغانلىقىنى، ساقسىز بولۇپ قالغاندا بىزنىڭ ھەمراھ بولۇپ دوختۇرخانىلارغا بېرىشىمىزنى، ۋاقىت چىقىرىپ پات- پات تېلىفون ئۇرۇپ ھال- ئەھۋال سورىشىمىزنى جۈملىدىن بىزنىڭ ھەقىقىي غەمخورلىقىمىزغا مۇھتاجلىقىنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماسلىقىمىز تولىمۇ زۆرۈردۇر.

تېما تەستىقلىغۇچى: admin
تەستىق ۋاقتى: 2013-09-08, 23:42

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

ھەيران

تەسرلىك

خوشال

رەنجىش

ئالامەت

ياخشى

رەھمەت
 
دەرىجە: ئوت يۈرەك
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10180
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 140
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە140دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 56 دوللار
تۆھپــــــــــە: 28 ھەسسە
توردىكى :113(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2013-03-20
ئاخىرقى: 2014-06-21
چاققان   يوللانغان ۋاقتى : 2014-05-18 10:27:35
          

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك250 بايت
ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى