دېكابىرنىڭ قار لەيلىگەن سوغۇق ئاخشىمى ، 
گۈللەر تۇتۇپ باردى  يىگىت  لېۋەن  يېنىغا.
«ئايىمىدۇر» بۈگۈن ئاڭا  كىملەردىن قالغان،
«روژدېستۋا» سىڭىپ كەتكەن ئۇنىڭ قېنىغا.
*
دېدى يىگىت سۇنۇپ گۈللەر  پەرىشتىسىگە ،
«روژدېستۋا» بايرىمىڭىز  مۇبارەك  بولسۇن.
قۇتلۇق قىلغاي ھەر قەدەمدە  مەدەتكار بولۇپ،
قىزىل پوسما ھاشىم بوۋام يار يۆلەك بولسۇن.
*
تەسىرلىنىپ قىز يىگىتنىڭ  تىلەكلىرىدىن، 
شۇڭغىدىغۇ كۈچ كۆرۈنمەس بىلەكلىرىدىن.
«ياۋروپاچە» سۆيۈپ قويدى جانان لېۋىگە ،
ئۇيغۇر دېمەس ئۇنى كىشى  قىلىقلىرىدىن.
*
ئەي ئۇيغۇرۇم كەم ئەمەسقۇ بىزدە ھېيت-ئايەم ، 
ئۇلۇغ ھېيتتا ئىپتىخارغۇ  بارچە  قەۋمىمىز. 
يەتمىدىمۇ  مۇبارەكلەش  جانانغا  بايرام ،
ئاتا-بوۋام كۆرمىگەننى  نېمە قىلىمىز .
*
قوبۇل قىلدۇق بىز غەربنىڭ بارى-يوقىنى،
ھۆل مېۋىسى ئۈستىگە بىز  قۇرۇق قېقىنى.
«روژدېستۋا» نېمە بايرام دەپ سورىسا ، 
تىرناق تاتلاپ چىقىرامسىز كۆزنىڭ ئېقىنى.
*
شەرەپ ئەمەس قۇبۇل قىلىش قارىغۇلارچە ، 
ئىشىك سىرتى  دەرىزىدىن  مارىغۇلارچە. 
ئەسلى كىمتىڭ بۈگۈن كىم سەن  تارتىلسا سوراق،
مەڭگۈ  ئۇيغۇر دېيەلەمسەن  مەردانىلەرچە.
*
ئەي ئۇيغۇرۇم «روژېستۋا مۇبارەك بولسۇن»،
قوش تىرناققا ئېلىپ  قويدۇم «توڭلىمىسۇن».
زىلۋا بەدەن، قىسماق كۆزلۈك  بەرنا  يىگىتلەر،
كۆزۈمدىن يۈت  بوۋام روھى قورۇلمىسۇن.   
تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىن:  ئۇيغۇر   (uyghur )