ماتېرىياللىرى : قىزىرىپ پىشقان چوڭ شوخلىدىن 3دانە، باشپىياز 2 دانە، 1 دانە غول پىياز، لوق گۆشتىن ئازراق، ئاچچىق مۇچتىن 2 دانە، زەنجىۋىل، سامساق
تەم خۇرۇچلىرى : شاكال بەدىيان، ئازىراق ئاق شېكەر، ئاقمۇچ، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. لوق قوي گۆشى، پەمىدۇر، باش پىياز، غولپىياز، ئاچچىق كۆك مۇچلارنى قوناق چوڭلىقىدا توغرىۋالىمىز.
2. زەنجىۋىل بىلەن سامساقنى ئۇششاق چانايمىز.
3. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ ، قىزىغاندىن كېيىن گۆشنى سېلىپ قورۇيمىز.
4. ئاندىن پىيازنى سېلىپ پىياز سارغايغاندىن كېيىن، ئازراق شاكال بەدىيان سېلىۋېتىپ، ئاندىن پەمىدورنى سالىمىز.
5. پەمىدۇر ئېزىلىپ شىرنىسى چىقاي دېگەندە، ئاچچىق كۆك مۇچنى سالىمىز.
6. ئاندىن كېيىن ئۇششاق توغرالغان زەنجىۋىل، سامساق ۋە ئاق مۇچنى سېلىپ، ئاز مىقتاردا ئاچچىقسۇ قۇيىۋېتىپ، تۇزىنى تەڭشىۋالىمىز.
7. شۇنىڭ بىلەن شوخلا چۆپنىڭ سېيى تەييار بولىدۇ. ( گۆش قوشماي ئەتسەكمۇ بولىدۇ، گۆش ئورنىغا يېشىل پۇرچاق، قىزىل ماشلارنى ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ)
چۆپنى ئېھتىياجىمىزغا ۋە ياخشى كۆرۈشىمىزگە قاراپ، لەغمەن بىلەن ئوخشاش ياكى يېيىپ، كېسىپ تەييارلىساقمۇ بولىدۇ .
ئالاھىدىلىكى:
رەڭگى چىرايلىق، تەمى ئاچچىق - چۈچۈك . ئىشتەينى ئاچىدۇ، يېيىشلىك ھەم سىڭىشلىك، ئاسان ھەزىم بولىدۇ .