مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 3ئىنكاس
  • 2173كۆرىلىشى

ساغلاملىقىڭىز ئۇچۇن  كۇرۇپ قۇيۇڭ [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: ئالىي ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 563
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 165
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە165دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 3080 دوللار
تۆھپــــــــــە: 26 ھەسسە
توردىكى :26(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2009-05-21
ئاخىرقى: 2013-07-20
يازما   يوللانغان ۋاقتى : 2013-07-10 20:22:05

بۇ تېمىدا ئەتىياز پەسلىدە يىيىشكە مۇۋاپىق كىلىدىغان ،ۋە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان يىمەكلىكلەر،ۋە خانىم قىزلىرىمىزنىڭ تېرە ئاسراش بىلىملىرى چۈشەندۈرىلىدۇ.

ئەتىياز پەسلىدە پالەك، يۇمغاقسۈت، يېسىۋېلەك، سەۋزە قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ۋىتامىن تولۇقلاش، بەك ياغلىق، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.

ئەتىياز پەسلىدە سەۋزىنى كۆپ ئىستېمال قىلىڭ!مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ،ۋىتامىن A يېتىشمەسلىك بەدەننىڭ تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ ،ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ،ئەتىياز پەسلىدە ئاسانلا نەپەس يوللىرى يۇقۇملىنىش ۋە ھەزىم قىلىش يوللىرى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدىكەن سەۋزە يېمەكلىكلەر ئىچىدىكى ۋىتامىن Aنى تولۇقلايدىغان ئەڭ ياخشى كۆكتات ھېسابلىنىدۇ .
سەۋزە تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ،مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇلدا پىشۇرۇش كېرەك :1.سەۋزىنى چاسا توغراپ ،دورا -دەرمان قوشۇپ ، قورۇپ ئىستېمال قىلىش ؛ 2 . سەۋزىنى چاسا توغراپ ، دورا - دەرمان قوشۇپ ، كالا ياكى قوي گۆشى بىلەن بىللە يۇقىرى بېسىملىق قازاندا 15-20 مىنۇت قاينىتىش كېرەك ،بۇنىڭدا سەۋزىنىڭ ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىشىنى ئازايتىپ ،تەركىبىدىكى كاروتىننىڭ ساقلىنىش نىسبىتى % 97 ئەتراپىدا كونترول قىلغىلى بولىدۇ .


ئەتىياز پەسلىدە ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېمەكلىكلەر ..
گىلاس-- تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى چۈچۈمەل، شىرنىلىك، ئوزۇقلۇق تەركىۋى مول مېۋە بولۇپ، تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى قىممىتى ئاپېلسىن، نەشپۈت ۋە ئالمىنىڭ 20 ھەسسىسىدىن ئېشىپ، مېۋىلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. گىلاسنىڭ تەننى قۇۋۋەتلەش، نەپەسنى ياخشىلاش، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىش رولى بار، ئەتىيازدا ئىستېمال قىلىنسا، تەرلىتىش، سوغۇقنى ھەيدەش، ئەسۋىنى سىرتقا تەپتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. لېكىن تېنى ئاجىز، بۇرنى قاناپ تۇرىدىغانلار ئىستېمال قىلماسلىقى ياكى ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

كۈدە--نىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئەتىيازدا ئىستېمال قىلىنسا، تال بىلەن ئاشقازاننى قۇۋەتلەيتىدۇ. ئوڭاي ھەزىم قىلغىلى بولمايدىغان بولغاچقا، ئاشقازىنى ئاجىز، ھەزىم قىلىشى ناچار كىشىلەر كۈدىنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.
غول پىياز، زەنجىۋىل، سامساق-- ئەڭ ياخشى تەم تەڭشەش بۇيۇمى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مۇھىم دورىلىق قىممەتكە، ئىشتىھانى ئېچىش، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، باھنى قۇۋۋەتلەش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار، ئەتىيازدا كۆپرەك ئىستېمال قىلىنسا، ئەتىيازدا كۆپ كۆرۈلىدىغان نەپەس يولى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ھەسەل-- ئەتىياز پەسىلدىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ساقلىقنى ساقلاش ئىچىملىكى بولۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر پىيالىدىن ھەسەل چاي ئىچىپ بېرىلسە، ھەم زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ھەم تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، تەننى تازىلىغىلى بولىدۇ. ھەسەل تېز سۈمۈرۈلىدىغان قەنت ماددىسى مول يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىك بولغانلىقتىن، ئورۇقلاۋاتقانلار ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.



ئەتىياز پەسلىدە تۆۋەندىكى تۆت خىل مېۋىنى يېيىشتىن ساقلىنىڭ!
بۆلجۈرگەن - ئەتىياز پەسلىدىكى بۆلجۈرگەننىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك ، شەكلى قانۇنىيەتسىزھەمدە جۇغى چوڭ بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇلاردىكى ھورمۇننىڭ ئارتىپ كەتكەنلىگىدىن بولىدۇ. بۆلجۈرگەنگە ئۇرىلىدىغان پىشىشنى تېزلىتىش دورىسى ياكى باشقا ھورمۇنلۇق دورىلار ئۇلارنىڭ پىشىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ ، رەڭدارلىقىنى ئاشۇرغىنى بىلەن تەمىنى يوقىتىۋىتىدۇ.

بانان-ئەتىياز پەسلىدە بىر قىسىم سودىگەرلەر باناننىڭ سىرتقى پوستىنىڭ سېرىق ھەمدە يۇمشاقلىغىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن گۈڭگۈرت تۈت ئوكسىد ئارقىلىق باناننىڭ پىشىشىنى تېزلىتىدۇ. بۇنداق بانان سىرتىدىن قارىماققا چىرايلىق ھەمدە يېيىشلىك كۆرۈنسىمۇ ، مېۋىسى ناھايىتى قاتتىق ۋە تەمسىز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت گۇڭگۇرت تۈت ئوكسد ئادەم تېنىگە زىيانلىق

تاۋۇز -ئەتىياز پەسلىدىكى تاۋۇزلارغا كۆپىنچە ھاللاردا نورمىدىن ئارتۇق پىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دورىلار ئىشلىتىلدىغان بولغاچقا ، بۇنداق تاۋۇزلارنىڭ سىرتقى پوستىدىكى سىزىقچىلار قالايمىقان ، تىلغاندا ئىچى قىزىل بولسىمۇ ، ئۇرۇقلىرى ئاق ھەم تەمسىز بولىدۇ. بۇ خىل تاۋۇزلارغا ئىشلىتىلگەن دورا ۋە دېھقانچىلىق ئوغۇتلىرى ئادەم تېنىگە ئىنتايىن زىيانلىق ھېسابلىنىدۇ.

ئۈزۈم-بىر قىسىم قانۇنسىز سودىگەرلەر ياكى دېھقانلار ئەتىياز پەسلىدىكى ئۈزۈملەرنىڭ تېزرەك پىشىشى ئۈچۈن ئېتېفۇن (پىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دورا) نى ئىشلىتىدۇ. ئېتېفۇن ئىشلەتكۈچىلەر ئادەتتە تېخى پىشمىغان كۆك ئۈزۈمنى سۇ بىلەن سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئېتېفۇنغا بىر- ئككى كۈن چىلاپ قويىدۇ، كۆك ئۈزۈم پىشقان قارا ئۈزۈمدەك رەڭگە كىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئۈزۈمنىڭ تەمىمۇ بولمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭدىكى دورا ئادەم بەدىنىگە ناھايىتى زىيانلىق.

شۇڭا ئىمكان قەدەر پەسىللىك مېۋىلەرنى يېيىش كېرەك . بۇنداق مېۋىلەرگە پىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە دورا ئىشلىتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئادەم بەدىنىگە ئەكىس تەسىرى بولمايدۇ.

قۇشۇمچە:_
يەنە گۈزەل قىزلىرىمىز ئەتىياز پەسلىدە يۈز تېرىسىنى ئاسراشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى ئىنتايىن زۈرۈر.
ئەتىياز پەسلىدە تېرىڭىزنى ئاسراشنى بىلەمسىز؟
ئاۋۋال دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش كىرەك.مايلىق،ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك كىرەك.بولۇپمۇ تېرىسى مايلىق ۋە دانىخورەك چىققانلارئىسسىقلىق مىختارى يۇقىرى بولغان قوي گۆشى،كالاگۆشى،سامساق،زەنجىۋىل،پىياز قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىقى كىرەك
تېرىنىڭ سۇ مىقدارىنى دائىم تولۇقلاپ بېرىش كىرەك.ئادەتتە بىر سائەتتە بىر ئىستاكان،ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان سوغۇق قايناقسۇئىچىپ بېرىش كىرەك.ئىسسىق سۇدا مۇۋاپىق يۇيۇنۇپ بەرسە تېرىنىڭ سۇ مىقدارى تولۇقلىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەركىۋىدە ۋىتامىن كۇپ بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش كېرەك.
ئەلۋەتتە يۇز تېرىسىنىڭ پاكىزلىقى بەكمۇ مۇھىم.ھەر كۇنى يۇزنى ئىلمان سۇدا2~3قېتىم يۇيۇپ بېرىش كىرەك.ئۇخلاشتىن ئىلگىرىمۇ يۇزنى پاكىز يۇيۇشتىن سىرىت ،تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقىمۇ دېققەت قىلىش كىرەك.
مەنبە :ماتىرىيال.  
جەمئىي1دانە باھامۇنبەرپۇلـــى+41
axtuzi مۇنبەرپۇلـــى +41 تەربىيىۋى ئەسەر 2013-07-15

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

ھەيران

تەسرلىك

خوشال

رەنجىش

ئالامەت

ياخشى

رەھمەت
 
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 64
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 40
ئومۇمىي يازما: 3013
ئۇنۋان:خۇشخۇي ھازىرغىچە3013دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 4860 دوللار
تۆھپــــــــــە: 62 ھەسسە
توردىكى :1049(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2009-02-18
ئاخىرقى: 2014-07-13
شەرەپ مىدالى

چاققان   يوللانغان ۋاقتى : 2013-07-15 14:07:05
پايدىلىق  يازمىنى يوللاپسىز  ئەجرىڭىزگە باركئاللا !

جان ئارامى  ئىزدىسەڭ  ئاشپەزگە كەل ،
شاھ تائامى  ئىزدىسەڭ  ئاشپەزگە كەل !
دەرىجە: قىزىققۇچى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9062
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 460 دوللار
تۆھپــــــــــە: 5 ھەسسە
توردىكى :57(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-09-06
ئاخىرقى: 2014-01-02
ئەگەشكۇچى   يوللانغان ۋاقتى : 2013-07-24 18:40:42
تىمىڭىزغا كوپ رەخمەت ،

دەرىجە: VIP ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9028
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 149
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە149دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 790 دوللار
تۆھپــــــــــە: 16 ھەسسە
توردىكى :183(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-09-01
ئاخىرقى: 2014-06-25
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2014-06-06 20:38:42
.nahayiti yahxi tema ikan rahmat sizga

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك250 بايت
ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى