تىلى چىقسا بوۋاقنىڭ، ئانا دىمەي (ما ما )دەر ،
قوساقتىلا يىتىلگەن،يېڭى تىلغا ھەيرانمەن .
ئاق سۈت تۇرۇپ ئاننىنىڭ ،بالا كالا سۈتى ئىچەركەن،
(زىلۋا ) ئۈچۈن بالىنى،كالىدا باققاندا ھەيرانمەن .

ياشقا توشۇپلا ئۆگۈنەر،نۇرغۇن بىلىم -ئەخلاقنى،
ئاتا-ئانا ئۆزى بىلمەي ،زورلاشلارغا ھەيرانمەن .
بىر دەرسكە ئۈچ مەشىق،دەرستىن كۆپ ئوقۇشلۇق،
كىچىككىنە كاللىغا ،زورلاپ تىققانغا ھەيرانمەن .

(باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇر،پۇل خەجلەشتە-ئۇيۇندا،
ئوقۇپ بولغۇن سەن دوكتۇر)ئۈمۈتلەرگە ھەيرانمەن .
قاتار چايدا ئاتىلار،سورۇنلاردا ئانىلار،
تاشلاپ يالغۇز بالىنى ،(ئوقۇ !)دىگەنگە ھەيرانمەن .

يېشى ئاران يەتتىدە ،ئىشلىتىشى iphonكەن،
قىز دوست تۇتۇپ ھارمىغان ،پەرزەنتلەرگە ھەيرانمەن .
قورامىغا يەتمەيلا ،يۈرەر ئىكەن دىبادا ،
بىخەۋەرسىز ئاتىلار ،تەربىيەگە ھەيرانمەن .

نەچچە تىلدا سۆزلەيدۇ ،ئېقىن سۇدەك راۋاندۇر،
تىلىدا بىلمەس ئىسمىنى ،ئانا تىلىغا ھەيرانمەن .
پەخىرلەنسە ئەرزىيدۇ،كۆپ تىل بولۇش شەرەپقۇ،
ئۆز تىلىنى ئۇنتۇغان ،ۋەتەنسىزگە ھەيرانمەن .

شاڭخەي ئۇنداق ياخشىكەن،كۇلى بۇنداق ياخشىكەن ،
پو سۆزلەرگە ئىشىنىپ يۈرگەنلەرگە ھەيرانمەن .
ئۆزگە يۇرتقا بىقىنىپ،ئۆزنىڭ يۇرتىدىن چېنىپ،
دەپسەندە قىلىپ غورورنى،خۇشال كۈلگەنگە ھەيرانمەن .

چىڭ ئورىغان ياغلىقنى ، خۇددى يوغان سەللىدەك ،
ئۇچىسىدا نىيۇزەيكۇ ،كالتا چاپانغا ھەيرانمەن .
ناماز ئوقۇپ كۈندۈزى ،كىچە چىقماي دىبادىن ،
ئىبادەتنى كۆز-كۆز قىلىپ يۈرگەنلەرگە ھەيرانمەن .

ھەتتا ئۇزۇن ھىجاپلىق ،تىلىدىن چۈشمەس 5 پەرىز ،
قىلغانلىرى نە پەرھىز ،دىلىنى ساتقانغا ھەيرانمەن .
بىر قولىدا تاماكا،يەنە بىردە مۇسەللەس ،
بىسمىللا دەپ ئىچىشىپ ،كەيىپ بولغانغا ھەيرانمەن .

ئۆزى كىرمەي تالادىن ، جىدەل قۇرۇماي بالادىن ،
رەڭلىك سورۇنغا قانمىغان ،ئاتىلارغا ھەيرانمەن .
قىزىم بەكمۇ مودا دەپ ،ئۆزگىلەرگە ماختىنىپ،
يۈزى چۈشكەننى بىلمىگەن ئانىلارغا ھەيرانمەن .

ئۇيغۇر تۇرۇپ مىللىتى ، مۇسۇلماندۇر ئۆز دىنى ،
ئۆزبەك ، تۇرك قوغلۇشۇپ يۈرگەنلەرگە ھەيرانمەن .
كىنۇ كۆرۈپ قىزىقىپ ، قىلىقلىرى خۇش يېقىپ ،
مۇسۇلمانلىق جىسمىنى ئۇتۇنقانلارغا ھەيرانمەن .

مۇسۇلمان بولۇپ خەنزۇلار ، دىنغا كىرسە دىلىدىن ،
ئۆز دىنىدىن شۈبھىلىنىپ ، گۇناھ ئارتقانغا ھەيرانمەن .
گۇناھ دىگەن نىمە دەپ،ئۆزىنىڭ يولىنى توغرا دەپ،
خوشە-خوشە،ئىچ -ئىچ دەپ ، قوشاق قاتقانغا ھەيرانمەن .
