/
{%%"j   SbZ6t$"  كىچىكىمدە مومام كۈن ئارلىماي ئېتىدىغان لەغمەننىڭ تەمى ھىلىمۇ تىلىمدىن كەتكىنى يوق ، بۇۋام رەھمەتلىك كەسكىن ،ئاچچىقى يامان كۆرىندىغان بىراق باغرى دەريادەك كەڭ ئادەم ئىدى ،
 \V:^h[ad  كىچىكلىكتە بەزىدە لەغمەندىن زېرىكىپمۇ قالاتتىم ، شۇنداق چاغلاردا ئانامغا :
 pg.%Pdr<$   DG/Pb)%Y
  -باشقا تاماق ئەتسەڭچۇ !موما -دەپ ئەركىلەيتتىم .
 9WHddDA  مومام باشلىرىمنى سىلاپ ئامراقلىق بىلەن : -بالام ، بۇۋاڭ لەغمەنگە ئامراق ، بىرەر كۈن لەغمەن يىمىسە تاماق يىگەندەك بولمايدۇ ، ئەر دىگەن ئوينىڭ تۆۋرىكى ، بىزنى باقىمەن دەپ سېرتتا جاپا تارتىدۇ ، ئۆيگە كەلگەندە ھاردىقى چىقمىسا بولمايدۇ.- دەيتتى .گەرچە كۈندە ئىككى ۋاقلىق تاماق ئېتىلسىمۇ ،بۇۋام يەنىلا لەغمەننى تاللايتتى ،باشقا تاماقلار بۇۋامنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكى ئىدى ،
 [
 ~,AfY  مانا ھازىر مەنمۇ بىر ئۆينىڭ ساھىبى ، كۈندە كەچتە يولدۇشۇمنىڭ بالىلار بىلەن خوشال ئولتۈرۈپ مەن تەييارلىغان تاماقنى ئىشتىھا بىلەن ياۋاتقان تۈرقى،مېنى ئاجايىپ بىر خىل خاتىرجەملىك تۈيغۇسىغا چۆمدۈردۇ.
 \e_O4
   ICCc./l|  ئەلۋەتتە ياشاش ،يەپ ئىچىش ئۈچۈن ئەمەس ،بىراق يىمەي ياشىغىلى بولمايدۇ ،ھەر كىم لەززەتلىك داخىل بولغان غىزادىن سۆيۈنىدۇ ،
 MD]>g>   ئائىلىنىڭ ئارام بەخشلىكىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتى كۆڭۈل ئازادىلىكى ،
 CTK;dM'uQ  قىيىنئام بالدۇر كېتىپ قىلىپ قىيناتام بىز بىلەن قالدى ، مەن ھەر قانچە تۈجۈبىلەپ كۈڭۈل قويۇپ تاماق قىلسەممۇ ،بىراق بۇۋاي يەنىلا ھەمرايىنىڭ ئەتكەن تاماقلىرىنى سېغىنىپ تۈراتتى ،
 1YA%	-~  بىر كۈنى تاسادىپىي بىر ۋاقلىق لەغمىنىم قىينئانامنىڭ ئەتكەن لەغمىنىدەك تېتىپ كەتكەن چىغى ،بۇۋاي :
 '-6~tWC~7  -رەخمەت قىزىم ، ئاللاھ ئامانلىقىڭىزنى بەرسۇن !كۈندە قازىنىڭىزدا مۇشۇنداق لەغمەن پىشسۇن!رەھمەتلىك ئاپىڭىزنىڭ ئەتكىنىدەك چىقىپتۇ ،دەپ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۈرۈپ دۇئا قىلغان ئىدى .
 g0H[*"hj   ^Cmyx3O^  شۇنى چۈشۈنۈپ تۈرۈپتىمەن ،ئەر ھەم ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنىس ، مۇقەددەس نىكاھ قەسىمى بېرىپ بىر ئۇينى تەڭ تۇتقىلى تۇرغاندىن كىيىن ، ئايالغا نىسبەتەن،يولدىشىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ، قانداق تاماقنى قايسى خىل تەمدە يىيىشنى ياقتۇردىغانلىقىنى بايقىۋىلىش بەكمۇ مۇھىم ، قارىماققا بۇ كىچىك ئىشتەك قىلسىمۇ بىراق ھىسياتنى باغلايدىغان مۇھىم نۇقتا ،
 H]s.=.Ki  يولدۇشۇم تىجارەتچى ، دائىم سېرتتا غىزالىنىدۇ ، ھازىرقى تىز تاماقخانىلارنىڭ تەملىك ئوخشىغان تاماقلار بىلەن خېرىدارلىرىغا مۇلازىمەت قىلدىغانلىقى ھەممىزگە ئايان ،
 POW>~Tof1  بىراق ئۇنىڭ ئۆيگە كېلىپلا قازانغا قارايدىغانلىقى قانداقلا تاماق ئەتكەن بولسام ماختاپ تۈرۈپ يەيدىغانلىقىنى ئۇنىڭ ئائىلىگە بولغان باغلىنىشى دەپ بىلىمەن ،
 mOSv9w#,   kza5ab  ئوتكەن يىلى يولدۇشۇم ياققا يۇرتقا مالغا كەتتى ، ئۇ مېڭىپ ئەتىسى مەن چۈشلۈك تاماق قىلىۋاتسام تىلفۈن قىلىپ قالدى ،
 )"LJ
hLg  -نىمە تاماق قىلىۋاتىسەن ؟دەپ سۆرىدى ،
 PH"%kCI:  -لەغمەن .
 =;k|*Ny  -لەغمىنىڭنى ھەجەپ سېغىندىما ،بىرنى ئىسسىق بىرنى سوغاق سالە ،
 @o^Ww  ئۇ چاقچاق قىلىۋاتاتتى ، ھەر قانچە ئايرۇپىلاندا قايتسىمۇ بۇ لەغمەنگە 700كىلومىتىر يىراقلىقتىن ئۇلگۈرۈپ كىلەلمەيدۇ-دە ، تېخى تۆنۈگۈنلا ئۇنى لەغمەن بىلەن ئۇزۇتۇپ قويغان ئىدىمغۇ ،بۈگۈن يالغۇز جېنىمغا دەپ .ئاخشام ئاشقان پىلتىگە قورما قورىۋاتاتتىم ،
 e)ZUO_Q$  خۇددى ئۇ راستلا قايتىپ كىلدىغاندەك تەمتىرەپ كەتتىم ،
 Q\)F;: |  كۈندىن كۈنگە بوي تارتىپ چوڭ بولىۋاتقان ئوغلۇممۇ بارغانسىرى لەغمەن خۇمار بولغىلى تۇردى ،
 Q?T]MUY(L  بىز ئۇيغۇرلارنىڭ لەغمىنى ئائىلە مېھرىنى تاۋلايدىغان مۇھەببەت يىتىلدۇردىغان غىزا دىسەك ئارتۇق كەتمەس ،چەتئەللەردە يۈرگەن ئۇيغۇرلارمۇ ۋەتەننى ئانىلىرى ئەتكەن لەغمەن بىلەن بىللە ئەسكە ئالدىكەن ، ئىشىنىمەنكى يۇرت تۇپرىقىغا دەسسەپلا بىر تەخسە ئوخشىغان لەغمەننى ئاش سۈيى بىلەن قوشۇپ ياۋالسا ھاردۇقى چىققاندەك ،باغرى قانغاندەك بولىدۇ ،
 h![#;>(  يەنە شۇ گەپ ياشاش يەپ ئىچىش ئۈچۈن ئەمەس ، بىراق يولدىشىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقان ،يىراق يىراقلاردىن مەيلىنى ئۆيگە ،يىنىڭىزغا تارتقان لەغمەننىگە يۇشۇرۇنغان چەكسىز مېھرى مۇھەببەتكە سەل قارىماڭ !
 'S~5"6r  بەختىڭىز قولىڭىزدا ، چىۋەرلىك بىلەن تەييارلىغان تائاملىرىڭىزدا
 Qd6F H2Pl   "L1Zi.)  مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى -
 "3hMq1NQ`g