مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 11ئىنكاس
  • 1216كۆرىلىشى

مۇسۇلمانچە يېمەكلىك توغرىسىدا [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: ئالىي ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 4766
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 281
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە281دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 85 دوللار
تۆھپــــــــــە: 35 ھەسسە
توردىكى :139(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2013-03-23
شەرەپ مىدالى

يازما   يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-13 19:24:17
مۇسۇلمانچە دېگەن نېمە؟
جاۋاپ:مۇسۇسلمانچە-ئۆزى پاك،تەن ساقلىققا زىيىنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دىنى سۇخسەت قىلغان نەرسە دېمەكتۇر. مەسلەن:پاك ۋە تەن ساقلىقىغا زىيىنى يوق يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا،مۇسۇلمانچە كەسىپ بىلەن يوللۇق ھالدا تىرىكچىلىك قىلغانغا ئوخشاش بۇلپ،يوللۇق ۋە توغرا ئىشلارنى قىلىش،مۇسۇلمانچە ۋە پاك نەرسىلارنى ئىستىمال قىلىش چەكلەنمەيدۇ.

مۇسۇلمانچە ئەمەس دېگەن نېمە؟
جاۋاپ:پاك ئەمەسلىكى تەن ساقلىققا زىيانلىقى ۋە ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى ئىسلام دىنى چەكلىگەن نەرسە دېمەكتۇر؛
مەسلەن:چوشقا گۆشى،مەلۇم كىسەل سەۋەبى بىلەن ئۆلۈپ قالغان ھايۋان گۆشىنى يېيىش ،ھاراق- تاماكا قاتارلىق زىيانلىق تەركىپلەرنى ئىستىمال قىلىش،پۇل مۇ ئامىلە ئىشلىردا ئۈسۈم ئىلىش ...........قاتارلىقلار بۇلۇپ بۇنداق ئىشلارنى قىلىش ئىسلام دىنىدا ھارام دەپ قارلىپ ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئىغىر ئازابىغا دۇچار بولغانلىق.

مۇسۇلمانچە-مۇسۇلمانچە ئەمەسنىڭ پەرقىنى ئايرىماسلىقنىڭ جازاسى نېمە؟
جاۋاپ:پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ،مۇسۇلمانچە ئەمەسنى ئەمەسنى مۇسۇلمانچە ئورنىدا ئىستىمال قىلغۇچىلارنى دوزاق بىلەن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دىگەن: «بەدىنىنى مۇسۇسلمانچە بىلەن ئورۇقلاندۇرغان ھەر قانداق ئادەم دوزاققا ئەڭ ھەقلىقتۇر»..اللاھ تائاللا قۇرئان كەرىمدە :«ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان مۇسۇلمانچە نەرسىلەردىن يەڭلار» دەپ كۆرسەتكەن. (بەقەرە سۈرىسى 172 - ئايەت).

قانداق قىلغاندا مۇسۇلمانچە ئەمەسدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
جاۋاب: يېمەك – ئىچمەك ۋە باشقا ھەر قانداق بىر نەرسىدەمۇسۇلمانچە ئەمەس دېيىلگەن نەرسىلەر ۋە ئىشلاردىن چەكلىنىش، شۇنداقلا مۇسۇلمانچەياكى مۇسۇلمانچە ئەمەسلىكى ئېنىق بىلىنمىگەن - شۈبھىلىك نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانچە ئەمەسدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرھەدىستە: «مۇسۇلمانچەمۇ، مۇسۇلمانچە ئەمەسمۇ ئېنىق ئايرىلدى. ئەمما بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۈبھىلىك (يەنى مۇسۇلمانچە ياكى مۇسۇلمانچە ئەمەسلىقى ئېنىق بولمىغان)نەرسىلەر بار، كۆپ ئادەملەر بۇنى بىلمەيدۇ. كىمكى شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ساقلانسا،مۇسۇلمانچە ئەمەسدىن ساقلىنىپ قالالايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.


مۇسۇلمانچە نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشنىڭ قانداق پايدىلىرى بار؟
جاۋاب: مۇسۇلمانچە نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىنتايىن كۆپ پايدىلىرى بار.
(1) مۇسۇلمانچە ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ۋە پاكىزلىققا ئەھمىيەت بەرگەن ئادەمنىڭ دىلى پاك، كۆڭلى يورۇق، تېنى ساق، ئەقلى ئۆتكۈر، خاتىرىسى كۈچلۈك ۋەھوشيار بولىدۇ.
(2) مۇسۇلمانچە ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ئادەم تۈرلۈك كېسەللىكلەردىن ساقلىنىپ قالىدۇ، كۈچ – قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىپ قالمايدۇ.
(3) مۇسۇلمانچە ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ئادەمنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرى قوبۇل بولىدۇ ۋە دۇئالىرى ئىجابەت بولىدۇ. چۈنكى ئىبادەتلەرنىڭ ۋە دۇئالارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولماسلىقنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى مۇسۇلمانچەئەمەسنى يېيىشتۇر.
(4) مۇسۇلمانچە ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىنسانلارنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىدۇ.
كۈندىلىك ئېستىمالىمىزدىكى بىر قىسىم تەركىپلەرگەنەزىرىمىزنى ئاغدۇردىغان بولساق،ئۆزىمىزنىڭ ئاللىقاچان بىلىپ-بىلمەي مۇسۇلمانچەئەمەسغا ئارلىشىپ قالغانلىقىمىزنى بايقايمىز. يېمەك-ئىچمىكىمىزدىكى مۇسۇلمانچە-مۇسۇلمانچە ئەمەسنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇش ئېھتىياجى بىلەن مەن بىر قانچەئىنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە تور بەتلەردىن تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمەقىلىپ قويدۇم. ئۆزەم چىقىرۋالغان پەتىۋا ئەمەس.




1. سۆڭەك يىلىمى

-ھايۋانلارنىڭ پارچە-پۇرات سۆڭەكلىرىنى ۋە تاشلاندۇق تېرىلىرىنى قاينىتىپ چاپلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتىمۇكۈچلۈك بولغان يىلىم ياسىلىدۇ.بۇرۇن بۇ خىل يىلىم ياغاچچىلىقتا ئىشلىتىلەتتى.ھازىربۇ يىلىمدىن يېمەكلىك يىلىمى،يار يىلىم ۋە ساپ يىلىم پىششىقلاپ ئىشلىنىلىدۇ.دۆلىتىمىز نوپۇسىنىڭ% 95 تى بولسا مۇسۇلمان ئەمەس.شۇڭا يېمەكلىكلەرگە سېلىنىدىغان خۇرۇچلار پەقەتلا تازلىق ئۆلچىمىگە يەتسىلا لاياقەتلىق دەپ قارىلىدۇ. يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئاساسى جەھەتتىن سۆڭەك يىلىمىنى ئىشلىتىدۇ.
ئىسلام قائىدىسى بويىچە سۇيۇلغان قوي-كالىلارنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ سانى چەكلىك ھەم پەرىقلەندۈرگىلى بولمىغاچقا سۆڭەك يىلىمى كۆپ ئەھۋاللاردا چوشقىنىڭ سۆڭىكىنى قاينىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ.بىر قىسىم ئۆسۈملۈكلەر مەسىلەن دېڭىزيۇسۇنى،كۆكتات ،ئەرەپ دەرەخ يىلىمى قاتارلىقلارندىمۇ يىلىم ئايرىۋىلىشقابولىدۇ.لېكىن بۇ خام ئەشيالاردىن تەييارلانغان يىلىمنىڭ تەننەرخى سۆڭەك يىلىمدىن ئون ھەسسە يۇقۇرى بولۇپ ئادەتتە دۆلەت مۇداپىئە پەن تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە تىببىپەن-تېخنىكا تەتقىقاتلىردا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتىكى يېمەكلىك كارخانىلىرى بۇنڭىغاچىقىش قىلالمايدۇ. مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى يار يىلىم ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارمۇ ھەرگىز مەخسۇس ئىسلام قائىدىسى بويىچە بوغۇزلانغان قوي-كالىلارنىڭ سۆڭىكىنى تېپىپ يىلىم قايناتمايدۇ.بەلكى يىغىپ كەلگەن ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىنى ئارلاشتۇرۇپ قاينىتىپ يىلىم ياسايدۇ.
ئىشلىتىلىشى:سۆڭەك يىلىمىدىن ئايرىۋىلىنغان يىلىم سېغىز،شاكىلات،سۈت كەمپۈتلەرنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدۇ.بۇ يىلىم بولمىسا بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلىگىلى بولمايدۇ.بۇنڭىدىن باشقا سوغۇق يېمەكلىكلەر-قېتىق،ماروژنى، مېۋە ئۇيۇتمىسى قاتارلىقنى ئىشلەچىقىرىشتا ئۇيۇتۇش رولىنى ئوينايدۇ.




ئەينەك قۇتىلىق مېۋە كونسېرۋالىرى. :

شاپتۇل،نەشپۈت،ئاپلىسىن.ئۆرۈك،ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ كونسېرۋالىرى گەرچەھازىر چوڭ شەھەرلەردە ئېستىمالدىن قالغان بولسىمۇ،لېكىن بىر قىسىم يېزا-بازارلىرىدا ھېلىھەم مەۋجۇت.85-يىلدىن بۇرۇنقى بۇ تېخنولوگىيىلىك ئۇسۇل بولسايېرىم كىلو دىستىللەنگەن سۇغا ئالتە سەر شېكەر سېلىنىپ ئىشلەنگەندىن كېيىن ئىچىدىكى ھاۋا تارتىۋىلىپ قۇتىنىڭ ئېغىزى يېپىلىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇلدا مەھسۇلات ئۇزاقۋاقىتقىچە يېڭى تۇرىدۇ.كېيىن دۆلىتىمىزدە دىئابىت ۋە يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللكلىرىنىڭ ئەۋىج ئېلىشىغا ئەگىشىپ،شېكەرنىڭ مىقدارىغا چەك قۇيۇلغاندىن كېيىن،بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتلار دىستىلىگەن سۇغا سۆڭەكيىلىمىدىن ئايرىۋىلىنغان يىلىمنى سېلىپ،شېكەرنى ئازراق سالىدىغان يېڭى ھۈنەرنى ئىجات قىلدى.بۇ خىل ئۇسۇلدا كونسېرۋا ئىچىدىكى مىۋىنى تېخىمۇ يېڭى پىتىچەساقلىغىلى بولاتتى.ئەگەر يېنىڭىزدا كونسېرۋا بولسا تۆكۈپ باقسىڭىز مەلھەمسىمان قويۇق سۇيۇقلۇقنى كۆرىسىز.ئۇ دەل سۆڭەك يىلىمىدۇر.




ناۋات :

ھازىرقى ناۋاتلار يەنى كىرىستال ناۋاتلار يېسە كىشىگە چۈرۈك بىر خىل تېتىيدۇ.بۇرۇنقى ناۋاتلاردەك قاتتىق ئەمەس يەنە كېلىپ سۈزۈكلىكى يۇقىرى،خېلى يۇقىرى تېمپىراتۇرادىمۇ ئوڭايلىقچە ئېرىپ كەتمەيدۇ،ساقلاشقا قولايلىق.بۇمۇ سۆڭەكيىلىمىنىڭ كارامىتىدىندۇر.




مىۋە ئۇيۇتمىسى-مىۋە ئۇيۇتمىسى سۆڭەك يىلىمى ئەڭ جىق سېلىنىغان يېمەكلىك بولسا كېرەك.بالىلار يېمەكلىكلىرى ئاساسلىق تاتلىق تېتىتقۇ سېلىنىپ ئىشلىنىدۇ. تاتلىق تېتىقۇ بولسا خىمىيىۋى ئۇسۇلدائايرىۋىلىنغان ماددا بولۇپ،تاتلىقلىق تەمى شېكەرنىڭ 15 ھەسسگە توغرا كېلىدۇ.بەزى زاۋۇتلار پۇل تېپىشنى كۆزلەپ ھەتتا شېكەرنىمۇ ئىشلەتمەستىن مېۋە ئۇيۇتمىسىنى بىۋاستە تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچتىنلا ياسايدۇ.




كەسكەن چۆپ. : ئەگەر كەسكەن چۆپكە سۆڭەك يىلىم ىسېلىنمىسا قاينىتىلغاندا ئاسانلا ئېزىلىپ كېتىدۇ.كەسكەن چۆپنى پىشۇرغان مەنتاڭن ىبىر پۇرىسىڭىزلا سۆڭەك يىلىمنىڭ سېسىق پۇرىقىنى ھېس قىلالايسىز.




پىنتوزا،ئىنچىكە پىنتوزا،كىراخمال قايمىقى.:بۇلارنىڭ خام ماتىريالى پۇرچاق تۈرىدىكىلەر،ئاق قوناق،ياڭيۇ قاتارلىقلاردىن ياسالغان كىراخمال بولۇپ،ئارىسغا مۇۋاپىق مىقداردا سۆڭەك يىلمى سېلىنىدۇ.




ئاچچىق-چۈچۈك شورپا –بۇنىڭغا سېلىنىدىغان سۆڭەك يىلىمنىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى. شۇندىلا شورپىدىكى خۇرۇچلار يۇقىرى تېمپىراتۇرادا قىزىتىلغاندا ئاسان ئېزىلىپ كەتمەيدۇ.




2. چوشقا مېيى: ھازىر شاڭخەي بىلەن گۇاڭجۇمەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ يېمەكلىك خۇرۇچلىرى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىدۇر.بۇ زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان ياغ كىسلاتاسى،سۈنئى قايماق،تورت قايمىقى،كاتالىزاتۇر،قاتۇرغۇچ قاتارلىق خۇرۇچلارنىڭ ھەممسىنىڭ تەركىبىدە چوشقامېيى بار بولۇپ،يۇمشاق پىرەنىكلەرنىڭ ئىچىگە مۇۋاپىق مىقداردا چوشقا مېيى سېلىنمىسا ۋە ئۈستىگە بىر قات سۈركەلمىسە مەھسۇلاتنى يېڭى پېتىچە ساقلىغىلى بولمايدۇ. ماشىنا –ماشىنا چوشقا مايلىرى بۇ زاۋۇتلارغا توشۇپ كېلىنىپ،زامانىۋى تېخنىكا بىلەن پۇراقسىز،رەڭسىز،سۈزۈك،پارقىراق سۇيۇقلۇق ئىشلىنىپ.ئاخىرىدا يېمەلىك ئىشلەپچىقىرشقا ئىشلىتىلىدۇ.
مەسىلەن دولانا ئورىمى،دولانا كەمپۈتى بۇلارنى كۆپىنچىمىزياختۇرۇپ يەيمىز.بىز تەرەپتە بۇنى يايما قاق دەيمىز. ئەگەر ھەر بىر قەۋەت ئورالمىسىغا ماي سۈركىلىپ چاپلاشتۇرۇلمىسا ،ئۇ قانداقمۇ شۇ ئورام ھالىتىدەجىپسىلىشىپ تۇرىدۇ. پۇرىسىڭىز ھېچقانداق پۇراق يوق. لېكىن ,بارمىقىڭىزنى سۈركىسىڭىزلابىر قەۋەت ماينى سېزىسىز. ئۇ ماي دەل چوشقا مېيىدۇر. سۈنئى قايماقنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىمۇ شۇنداق. خام ئەشياسى پۇرچاق تۈرىدىكىلەر بولۇپ،پۇرچاق مېيىنى يۇقۇرى قىززىقلىقتا قاتۇرغۇچنىڭ ئىچىگە پۈركۈپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق قايماق ياسىلىدۇ.لېكىن بۇ يەردىكى قاتۇرغۇچ دەل چوشقا مېيىدىن ياسىلىدۇ.تورت ياساشتا ئىشلىتىدىغان قايماققىمۇ چوشقا مېيى سېلىنىدۇ.




.گۆش مەھسۇلاتلىرى: ئىچكىرىدىكى بەزى زاۋۇتلاردا ئۆلتۈرۈلگەن قوي-كالىلارنىڭ ئەلۋەتتە ئىسلام قائىدىسى بويىچە سويۇلمايدىغانلىقنى ھەممىمىز بىلىمىز.ئىچكىرىدىكى بەزى زاۋۇتلار كالا ئۆلتۈرگەندە گۆشنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن،ئېلىكتىرلىق سۇ پومپىسىنىڭ شىلانكىسىنى كالىنىڭ بۇرنىغا سېلىپ،كالىنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرىدۇ.يەنى بەزى زاۋۇتلار قوي،كالىلارنى ئۆلتۈرگەندە ئالاھىدە ئىشلەنگەن يىڭنىسىمان پىچاقنى قوي،كالىلارنىڭ نېرۋا مەركىزىگە سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇلدا قان ئاقمايدۇ.گۆشنىڭ ئېغىرلىقىغا تەسىرى بولمايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇللارئەلۋەتتە ئىسلام قائىدىسىگە خىلاپتۇر. بۇ خىل گۆشلەر بىلەن ئىشلەنگەن ھەر قانداق مەھسۇلاتلارنى يەنى ئىسلام قائىدىسى بويىچە سويۇلمىغان قوي،كالا،توخۇ قاتارلىق گۆش مەھسۇلاتلىرىنى يېيىشكە بولمايدۇ.




ھايۋانات مېيى خام ئەشيا قىلىنغانمۇ ياكى ئۆسۈملۈكمۇ شۇنىڭغا قاراش كېرەك. ئادەتتەيېمەكلىككە ئىشلىتىلدىغىنىدا ھايۋانات مېيى خام ئەشيا قىلىنىدۇ. 香料Flavors
تىېتىتقۇنىڭ خام ماتىريالى ئۆسۈملۈك بولۇپ،لېكىن ئىسپىرىتنى ئېرىتكۈچى قىلىدۇ.لېكىن ھازىر بىر قىسىم كارخانىلار ئىسپىرىتىنى ئىشلەتمەي




乳化剂Emulsifiers مۇسۇلمانچە ئەمەس
板油Lard مۇسۇلمانچە ئەمەس
卵磷脂Lecithin
سېرىق پۇرچاقىنڭ خام ئەشيا قىلغىنى مۇسۇلمانچە،ھايۋانات مېيىنى ئىشلەتكىنى بولسامۇسۇلمانچە ئەمەس 酶类Enzymes مۇسۇلمانچە ئەمەس
乙酸AceticAcidمۇسۇلمانچە
酒精Alcoholمۇسۇلمانچە ئەمەس
动物脂肪Animal Fat مۇسۇلمانچە ئەمەس
抗坏血酸(Vc) Ascorbic Acid مۇسۇلمانچە
安息香酸盐Benzoate/Benzoic Acid مۇسۇلمانچە
碳酸钙Calcium Carbonate مۇسۇلمانچە
卡拉胶(角叉菜) Carrageenan مۇسۇلمانچە
胆固醇Cholesterol شۈبھىلىك
柠檬酸Citric Acid مۇسۇلمانچە
可可油Cocoa Butter مۇسۇلمانچە
胶原质Collagenمۇسۇلمانچە ئەمەس
麦片Corn Meal / Corn Starchمۇسۇلمانچە
玉米糖浆Corn Syrup مۇسۇلمانچە
糊精Dextrin / Dextrose مۇسۇلمانچە
甘油二酯Diglyceride شۈبھىلىك
甘油二酯Diglyceride 植物مۇسۇلمانچە
乙二胺四乙酸EDTAمۇسۇلمانچە
酶Enzymeشۈبھىلىك
麦角固醇Ergosterol مۇسۇلمانچە
脂肪酸Fatty Acid شۈبھىلىك
硫酸铁Ferrous Sulfate مۇسۇلمانچە
果糖Fructoseمۇسۇلمانچە
真菌蛋白酶Fungal Protease Enzyme مۇسۇلمانچە
骨胶Gelatinمۇسۇلمانچە ئەمەس
葡萄糖Glucoseمۇسۇلمانچە
甘油酯Glyceride شۈبھىلىك
肝糖(糖原质) Glycogenشۈبھىلىك
阿拉伯树胶Gum Acacia مۇسۇلمانچە
激素Hormonesشۈبھىلىك
氢化植物油Hydrogenated Oil مۇسۇلمانچە
水解动物脂肪Hydrolyzed Animal Proteinشۈبھىلىك
麦芽Maltمۇسۇلمانچە
单糖Mono Saccharides مۇسۇلمانچە
味精(谷氨酸钠) Monosodium Glutamate مۇسۇلمانچە
硝酸盐Nitrates / Nitrites مۇسۇلمانچە
草酸Oxalic Acid مۇسۇلمانچە
苯甲酸PABAمۇسۇلمانچە
胶质Pectinمۇسۇلمانچە
胃蛋白酶Pepsinشۈبھىلىك
磷脂Phospholipid شۈبھىلىك
柠檬酸钾Potassium Citrate مۇسۇلمانچە
肾素Reninشۈبھىلىك
糖精Saccharine مۇسۇلمانچە
酵母Yeastمۇسۇلمانچە




قوشۇمچە: ئوراش-قاچىلاش ماتېرىياللىرى-بەزى يېمەكلىك ئوراش ماتىرياللرى بولۇپمۇ پىششىق يېمەكلىك سېتىش دۇكانلىرىدا ئوراش ماتىريالنىڭ ئىچىگە نىپىز بىر قەۋەت ھايۋانات مېيى سۈركىلىدۇ.ئادەتتەھامبۇرۇگ،تورت قاتارلىقلارنى ساتىدىغان(مۇسۇلمانچە بەلگىىسى يوق) دۇكانلاردالېسقىمۇ ھايۋانات مېيى سۈركىلىپ ئالدىڭىزغا تىزىلىدۇ.قاراماي جۇڭغارىيە بازىرىغاجايلاشقان كېنتاكىنىڭ كىرىش ئىشىكىدە پەقەت كېنتاكى دەپ ئۇيغۇرچە خەت بار.بىرقىسىم ئۇيغۇرلىرىمىز ئۇنى مۇسۇلمانچە ياكى مۇسۇلمانچە دەپ چۈشۈنەمدۇ بىلمىدىم ئۆچرەت ساقلىشىپ غىزالىنىدۇ.
يېشىل ئوقيا ماركىلىق سېغىز –بۇ سېغىزنى ئىشلەپچىقارغان شىركەت ئېستىمالچىلار گېزىتىدە پۈتۈن مۇسۇلمان ئاممىسىدىن كەچۈرۈم سوراپ بۇمەھسۇلاتنىڭ مۇسۇلمانچە ئەمەسلىكىنى ئېتراپ قىلغان.لېكىن ھېلىھەم بۇ سېغىزنى چايناپ يۇرىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئاز ئەمەس.



جىياڭيۇنىڭ خامماتىريالى ئادەمنىڭ چېچى بىلەن ھايۋانلارنىڭ تۈكىدىن ئىبارەت. جياڭيۇ مۇشۇنداق ئىشلىنىپ
ئاندىن تەم تەڭشىگۈچ قۇشۇلۇپ بوتۇلكىلارغا قاچىلنىپ تەييارلىنىدۇ. ھازىربازارلاردىكى خۇنەندە ئىشلەنگەن جياڭيۇ دەل مۇشۇنداق تەييارلانغان مۇسۇلمانچەئەمەس مەھسۇلاتتۇر.



مەنبە: ئىزھار تورى



بۇ ئاپتۇرنىڭ ماتىريال،ئەمەليەت ۋە ئىسپاتلار ئارقىلىق دەللەنگەن شەخسى كۆز قارىشى،پايدىلنىش ئۈچۈن يوللاندى.
جەمئىي4دانە باھاياخشـى باھا+25تۆھپــــــــــە+25مۇنبەرپۇلـــى+80شۆھـرىتـــــى+80
تۇز ياخشـى باھا +25 پايدىلىق يوللانما 01-24
تۇز تۆھپــــــــــە +25 پايدىلىق يوللانما 01-24
تۇز شۆھـرىتـــــى +80 پايدىلىق يوللانما 01-24
تۇز مۇنبەرپۇلـــى +80 پايدىلىق يوللانما 01-24

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

ھەيران

تەسرلىك

خوشال

رەنجىش

ئالامەت

ياخشى

رەھمەت
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9111
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 23
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە23دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 125 دوللار
تۆھپــــــــــە: 6 ھەسسە
توردىكى :88(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-09-13
ئاخىرقى: 2013-04-01
چاققان   يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-13 22:12:25
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن . قېرىنداشلىرىمىز بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ياخشى تېما يوللاپسىز. ھازىر تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەر بىر قاتلاملىرىغا ھارام نەرسىلەر سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ. شۇڭا سەللا دېققەت قىلمىساق نەپسىمىز نىڭ كەينىگە كىرىپ يىگەن بىر لوقما ھارام نەرسە 40 كۈنلۈك ئىبادىتىمىزنى يوق قىلىۋىتىدۇ.

دەرىجە: VIP ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9028
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 71
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە71دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 400 دوللار
تۆھپــــــــــە: 16 ھەسسە
توردىكى :149(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-09-01
ئاخىرقى: 2013-04-03
ئەگەشكۇچى   يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-13 22:30:37
ئاشپەز  ئۇستاملار نىمىشقا ئوگەتكەن تائاملىرىدا جاڭيۇ ئىشلەتمەيدىكىن دىسەم ئەسلىدە مۇنداق گەپ ئىكەندە .بۇرۇن بىلمىگەن دىكىن ئللا كەچۇرەر .

دەرىجە: VIP ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9028
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 71
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە71دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 400 دوللار
تۆھپــــــــــە: 16 ھەسسە
توردىكى :149(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-09-01
ئاخىرقى: 2013-04-03
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-13 22:35:29
  كەسكەن چوپلەردىمۇ
سۇڭەك يىلىمى بارما؟قانداق ئىش بولۇپ كەتتىبۇ ؟بىز داۋاملىق  كەسكەن چوپ ئەكىرىپ سۇيقاش ئىتەتتۇق .

دەرىجە: يېڭى  ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9653
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 15 دوللار
تۆھپــــــــــە: 5 ھەسسە
توردىكى :3(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2013-01-11
ئاخىرقى: 2013-01-14
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-14 13:18:16

دەرىجە: قىزىققۇچى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9307
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 94
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە94دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 97 دوللار
تۆھپــــــــــە: 8 ھەسسە
توردىكى :113(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2013-03-25
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-14 16:49:57
مەنمۇ مۇشۇ جاڭيۇنىڭ مۇسۇلمانچە ئەمەسلىكىنى بىلگىلى 3 يىل بولدى. قارىساملا كۆڭلۈم ئىلشىدۇ. ھىلىقى خۇشبۇي، يەنە باشقا  ئۇيغۇرچە ماركىدىكى جاڭيۇلارمۇ  مۇسۇلمانچىمۇ ئەمەسمۇ  بىز بىلمەيمىز. تەركىۋىنى ئوقۇپ باقسام كۆممۈ قوناق .، بۇغداي، ئارپا دەپلا يىزىپتۇ. ماركىسى ئۇيغۇرچە بولغان بىلەن ئىشلىگەن زاۋۇت  خەنلەرنىڭكىكەن. ھەي...... يانا ھىلىقى ئادەمنى بىزار قىلىدىغان سەردار چىش پاستىسنىڭ ئىلانىچۇ ............. سىتىلىشى    ئۈرۈمچىدە              زاۋۇتى گۇاڭجۇدا.

دەرىجە: يېڭى  ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9597
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 35 دوللار
تۆھپــــــــــە: 5 ھەسسە
توردىكى :26(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2013-01-04
ئاخىرقى: 2013-02-04
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-14 18:55:56
پايدىلىق تېما يوللاپسىز، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

دەرىجە: ئوت يۈرەك
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5663
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 295
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە295دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 1985 دوللار
تۆھپــــــــــە: 2 ھەسسە
توردىكى :151(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2013-04-03
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-16 10:26:04
توغراھازېرھەممەنەرسەخەتەرلېك

دەرىجە: يېڭى  ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9484
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 40 دوللار
تۆھپــــــــــە: 5 ھەسسە
توردىكى :20(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2013-01-20
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-17 16:43:53
ئاللا سىزگە كۆپ ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلسۇن!!!!!!  كوپ رەھمەت .

دەرىجە: دائىملىق ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 8555
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 26
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 159 دوللار
تۆھپــــــــــە: 5 ھەسسە
توردىكى :15(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-07-22
ئاخىرقى: 2013-03-01
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-23 00:14:51
ئاللا سىزگە كۆپ ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلسۇن!رەخمەت سىزگە!

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك250 بايت
ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى