مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 10ئىنكاس
  • 2045كۆرىلىشى

كەلگۈسى جۈپتىڭىز ئىمانلىق بولسۇن [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: ئالىي ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 4766
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 302
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە302دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 100 دوللار
تۆھپــــــــــە: 36 ھەسسە
توردىكى :144(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2013-09-06
شەرەپ مىدالى

يازما   يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-13 12:10:32
كەلگۈسى جۈپتىڭىز ئىمانلىق بولسۇن



ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار؟
يېقىندا تور ئارىلاۋېتىپ بىر ھېكايە كۆردۈم،  بۇ ھېكايە شۇنداق تەسىرلىك ئىكەن بەلكىم بۇ ھېكايىنى نۇرغۇن تورداشلىرىم كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ يەنىلا كۆرمەي قالغان تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.
مەن تۇنجى قېتىم ئەلكۈيى مۇنازىرە مۇنبىرىغا ئەزا بولغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن سەل تەمىتىرپ، جىددىيلىشىپ قالدىم تورداشلارنىڭ ئىملا ۋە ياكى باشقا خاتالىقلارنى تۈزۈتۈپ ئوقۇشىنى ھەمدە خاتالىقلارغا پىكىر تەكلىپ بىرىشىنى تۆۋەنچلىك بىلەن سورايمەن.....

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، مەن تۈركىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر قېرىندىشىڭلار بولىمەن، سىلەرگە روزا ھېيتلىق سوۋغات سۈپىتىدە تۈركىيەدە بولۇپ ئۆتكەن بۇ راس ۋەقەنىڭ بايانىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ سۇنماقچىمەن.
خەتلەر ئارىسىدىكى چېكىتلەر ئەسلى تېكىستتە شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ مەنمۇ چېكىتلەرنى قويدۇم.

1-بۆلۈم
سالىھ بىر ھەمرا ئىزدەيمەن...
25 ياشقا كىرىپ قالدىم، ئۆيلىنىدىغان ۋاقىتمۇ كىلىپ قالدى دەپ ئويلاۋاتقىنىمدا، ئاپام تۇرمۇش قۇرۇشۇم توغۇرلۇق گەپ ئاچتى، سالىھ بىر قىز بولسىلا بولدى قالغان ئىشلار ئۆزلىكىدىن بولىدۇ دەپ ئويلايتتىم. يېقىن بىر تۇققىنىمىزدىن خەۋەر كەلدى، قوشنىلىرى بەك ئېتىقادلىقمىش، قىزنىڭ ئائىلىسىنىڭ تېخىمۇ دىنى ئائىلە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ خۇش بولدۇم، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆرۈشتۇق، باشتا ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۇق... ھەتتا مەن گەپ قىلمىدى، پەقەت ئۇلارلا گەپ قىلدى، ھەيرانلىققا چۆمدۈم بىر نەرسە دىيەلمىدىم. مەسلىھەت چېيىغا ئېسىل نەرسىلەرنى ئېلىشىم كىرەككەن، تويىدىمۇ شۇنداق، ئۆي ھەشەمەت بىلەن زىننەتلىنىشى كىرەكمىش، ھەمدە ئەڭ قىممەت بۇيۇملار بىلەن ماشىنا، (ئەڭ يېڭى چىققىنىدىن چۈنكى ئۆتكەندە قوشنىسىنىڭ كۈيئوغلى يىپ-يېڭى ماشىنا ئالغانمىش. ئانامغا ئانا كىتەيلى دېيىشتىن نۇمۇس قىلدىم، قىزى بىلەن كۆرۈشتۈرمەكچى بولدى... ئىسلامدا بۇيرۇلغىنى بويىچە كۆرۈشتۇق. قىز سۆزلەشكە باشلىدى... 10 بىلەيزۈك، ئەڭ چىرايلىق توي كىيىمى (10 مىڭ لىرا).. ئەڭ چوڭ مەرىكە سالونى، نېمە دىيىشنى بىلەلمىدىم... مەن پەقەت سالىھ بىر ھەمرا ئارزۇلىغانىدىم. ئىستەكلىرىم تەگىمەيۋاتاتتى، يان تەرەپتىكى ئەينەككە قاراپ ئۆزۈمنى كۆرۈپ باقتىم، كۆرۈنىشىمدە نىچۈك سودىگەردەك كۆرۈنمەيتتىم. قىز 25 مىنۇت سۆزلىدى، ئىستەكلىرى تۈگەپ نۆۋەت ماڭا كەلدى، سىز نىمىنى ئارزۇ قىلىسىز دەپ سورىدى، مىنىڭ ئىچىم سىقىلغانتى، دەرھال كەتكۈم بار ئىدى، بىز كەلگىلى بىر سائەت بولغانىنىغا قارىماي دۇنيا مالىغا بىرىلگەنلەر بىلەن بىللە ئولتۇرماق ئىچىمنى قاراڭغۇلاشتۇرغانىدى. تەكرار ئىستەكلىرىمنى سورىدى، خەيرىلىك بولسۇن دىدىم، سىلىق خوشلىشىپ ئۆيدىن چىقتۇق. يولدا تاغامدىن تېلېفون كەلدى، يان قوشنىسى سەرھات ھاكىنىڭ قىزى بارمىش. سەرھات ئاكا بەك ياخشى ئىدى. بالىلىقىمدىن بېرى تونۇيتتۇم، تاغامغا ماقۇل كىلىۋاتىمىز دىدىم.

2- بۆلۈم
سالىھ بىر ھەمراھ ئىزدەيمەن...
سەرھات ئاكىنىڭكىگە بېرىش ئۈچۈن ئانام بىلەن تەييارلىنىپ يولغا چىقتۇق. 15 مىنۇتتىن كېيىن ئۆيىگە يېتىپ باردۇق. بالىلىق دەۋرىمنى دىيىشىپ سۆھبەت باشلاندى، مېنى ماختاپ كەتتى، بارغانسىرى قىزىرىپ كەتتىم، خېجىل بولغىنىمدىن بىر نېمە دىيەلمىدىم، گىپىمىز ئەسلى مەقسەدكە كەلدى، بالام سېنى ياختۇرىمەن، مەقسىدىمىز «ئاللاھ»نىڭ ئىزنى بىلەن ياشلارنى بەخىتلىك قىلىش دەپ كېلىپ ئستەكلىرىنى ساناشقا باشلىدى... شۇنچىلىك جېق نەرسە سانىدىكى ئۇيقۇم كەلگىلى تۇردى... ئەڭ ئاخىرىدا مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ قىمار قەرزى بار، ئۇنى تۆلىمەي تۇرۇپ تويمۇ قىلمايمىز ئەلۋەتتە دېدى... كۆزۈمنى يوغان ئاچتىم، ھەيران قالغانتىم، كۆزۈمنى ئۇزۇنغىچە يەردىن ئالالمىدىم... سەرھات ئاكا ياشلارنى كۆرۈشتۈرەيلى دېدى. بىر ئۆيگە كىردۇق. قىز سۆزلەشكە باشلىدى... ئۆتكەنكى قىزدەك نېمە بولسا ھەممىنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى... گىپىنى كەلگەن تېلېفون ئۈزدى، تېلېفوننى ئېلىپ سۆزلەشتى، يەنە تېلېفون كەلدى يەنە سۆزلىشىپ تېلېفۇننى قويدى... يەنە تەكرار تېلېفون...... چىدىيالماي سورۇدۇم، تېلېفون ئۇرغان كىم دېدىم، بۇرۇنقى لايىقىم، ئايرىلغىلى 10 كۈن بولدى دىدى. نېمىشقا ئايرىلغانلىقىنى سورۇدۇم. قەھۋە خانىدا بىر ئوغۇل بالا بىلەن ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تاكاللىشىپ قاپتۇ، ئىش ئېغىرلاپ ئايرىلىشقا مەجبۇر بوپتۇ، سىز بىلەن بىللە ئولتۇرغان كىشى كىمتى؟... ئىشلەيدىغان يېرىدىكى كىشىلەردىن بىرىيمىش... دىېمەك بۇرۇن ئىشلەيدىكەنسىزدە؟ شۇنداق مەن ئۇۋۇلاپ داۋالاشتا ئىلشەيمەن... ھاڭ-تاڭ قېلىۋاتاتتىم. 5 مىنۇتتا مەن بىلمەيدىغان بىرمۇنچە ئىشلار چىققانىدى... توي قىلىشىدىكى مەقسىدىنى سورىدىم... لايىقى بەك ئاۋارە قىلىپ كېتىپتۇدەك باشقىچە بىر تۇرمۇش خالايدىغان... تاقىتىم تۈگەپ ئۆزرە ئېيتىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم... مەن پەقەتلا سالىھ بىر لايىق خالايتتىم... ئانام بىلەن ئۆيدىن چىقتۇق... كېيىن ئۇقسام سەرھات ئاكا ئارقىمىزدىن بىرمۇنچە گەپ قىپتۇ... بۈگۈن ماختىغان ئەتىسى سۆكىدۇ دەپ كۈلۈپ قويدۇم... ئەمدى توي قىلىش خىيالىدىن ۋاز كېچەي دەپ قالغانىدىم. ھەپتىلەردىن بېرى تالاغا چىقمايۋاتاتتىم، كەچلىرى ھاۋالىنىش ئۈچۈن بالكوندا ئولتۇرۇپ دىنى كىتابلارنى ئوقۇيتتۇم... ئۇدۇل قوشنىمىز كېچىسى ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن ئاخشام توققۇزلاردا ئۆيىدىن چىقاتتى. ئون ياشلىق ئوغلى ھەر ئاخشىمى دادىسىغا ئەگىشىپ يىغلايتتى... ئاچىسى بالىنى پەس قىلىش ئۈچۈن بالكونغا ئاچىقاتتى ۋە ھەرقېتىمدا مەن بىلەن گەپلىشىشكە تەمشىلەتتى... بۇنداق ئىش دائىم بولىۋەرگەنلىكى ئۈچۈن زېرىككەنتىم. بىر ئاخشىمى قىيامەت ۋە ئاخىرەت كىتابىنى ئېلىپ بالكونغا چىقتىم... مېنى كۆرۈپ ئۇمۇ بالكونغا چىقتى... بىر تېما ئېچىپ يەنە گەپ ئاچتى، ھەر ئاخشام كىتاب ئوقۇيسىز، نېمە كىتاب ئۇلار... مەن كۈتكۈن پۇرسەت كەلگەنىدى، ئۇقۇشنى خالىسىڭىز بېرەي دىدىم... بولىدۇ دېدى... بىسمىللاھ دەپ ئىككى ئۈچ مېتىر ئۇدۇلۇمدىكى قىزغا كىتابنى ئاتتىم. ئۆيىڭىزگە كىرىپ كىتابنى باشلاڭ دىدىم... كىتابنى ئوقۇۋاتقان بولسا كىرەك ئۇندىن كېيىن قايتا بالكونغا چىقمىدى... توي قىلىشتىن ۋاز كەچكەنىدىم. بىر لايىق تېپىش ماڭا بەك يىراق بىلىنىۋاتاتتى....ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتتى، ئانام بىلەن يەنە بىر قانچە قىز بىلەن كۆرۈشۈشكە باردۇق... لېكىن نەتىجىسى ئوخشاش بولدى، ئۆزگەرگەن بىر نەرسە يوقتى. بىر سەيشەنبە ئاخشىمى ئىچىم بەكمۇ بىئارام ئىدى، ئۇ كېچىسى ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ ئۇخلىدىم... ئاجايىپ بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمنى بىرسىگە ئېيتىشىم كېرەكتى... ئاخشىمى بالكوندا تولۇنئاينى تاماشا قىلىۋاتسا تېلېفونۇم سايرىدى... كۆزۈم ئايدا تېلېفوننى ئالدىم. تونۇش ئاۋاز.. بىراق ئۇ كۇندىن كىيىن ھاياتىمنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدىم....

3- بۆلۈم
سالىھ بىر ھەمراھ ئىزدەيمەن...
تېلېفوندىكى، ئەڭ يېقىن دوستۇم ئەلى ئىدى. ئىچى سىقىلىپ ماڭا تېلېفون ئۇرۇپتۇ، تاھارەت ئېلىپ ئۆينىڭ يېنىدىكى قەھۋەخانىغا باردىم، پارىڭىمىز بالىلىق چاغلىرىمىزنى ئەسلەشتىن باشلاندى، ئۇنىڭغا چۈشۈمنى سۆزلەپ بەردىم.. توپىلىك بىر يېزا يولىدا كېتىۋاتقۇدەكمەن قولۇمدا بىر قانچە تال قېلىچ بار ئىكەن، ئەتراپىدا بىرمۇنچە يىلانلار... يىلانلار باشلىرىنى بىر مېتىردەك كۆتۈرگۈدەك، ھەممىسى ماڭا ئېتىلىۋاتاتتى، مەن قېلىچ بىلەن ئۆزۈمنى قوغداۋاتقۇدەكمەن، ماڭا يېقىنلاشقانلىرىنى قېلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈپ ئىلگىرلەۋاتقۇدەكمەن، ئالدى تەرەپتە ئۇخلاۋاتقان بىرى تۇرغۇدەك، بىلمەيدىغان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم لېكىن ئەتراپىمدا ھېچكىم يوقتى، ئۇخلاۋاتقان ئادەمگە قارىدىم... ئۇ ئاۋاز ياتقان كىشى مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيىردۇر دىدى. كېيىن ئالدى تەرەپتە ئىككى كىشىنى كۆردۈم بىرى پەيغەمبىرىمىز (ئاللاھنىڭ سالام ۋە رەھمەتلىرى ئۇنىڭغا بولسۇن) ئىدى، يەنە بىرىنىڭ كىملىكىنى بىلەلمىدىم... ئەلى چۈشۈمگە تەبىر بىرىشكە باشلىدى... دۈشمەنلىرىمنى يېڭىپ ياخشىبىر نەتىجىگە ئېرىشىسەن دېدى. گەپ يەنە توي ئىشىغا كەلدى، بېشىمدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەپ بەردىم... بۇ ئىشتا كۆڭلۈم پەرىشان ئىدى... مېنىڭ ئايالىم دۇنياغا بېرىلمەيدىغان بولۇىشى، پەقەت دۇنيالىقىنى دەپلا ياشىماسلىقى ئىدى. ئەلى دەرتلىرىنى ئۇزۇن ئاڭلىدى... ئاندىن ئۇ گەپ قىلدى، «ئۆيدىن چىقىۋاتسام ئانام ماڭا بىر مەھەللىدە بىر قىز بار ئىكەن، ئۇ قىز بىلەن سىنى كۆرۈشتۈرمەكچىكەن»دېدى. مەن ياق ئەلى بۇندىن كېيىن ھېچكىم بىلەن كۆرۈشكۈم يوق دېدىم... قىزمۇ ئانچە كۆرۈشكىسى يوق ئىكەن دېدى... نېمىشقا دەپ سورىدىم...
ئۇ قىز بىر قانچە كىشى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ، كېيىن تويقىلىشتىن رايى بەكمۇ قايتىپتۇ... ئەلىنىڭ ئانىسى زورلاپ تۇرۇۋالغاچكا ماقۇل كۆرۈشۈپ باقايلى دېگەنمىش... ماقۇ ئەتە بارايلى دەپ پۈتۈشتۇق... چۈشۈم رېئاللىققىمۇ ئايلىنارمۇ ئەجىبا... ھازىرغىچە سەبىر قىلدىم، ئالدىمدىكى قېيىنچىلىقلارنى «ئاللاھ» تائالانىڭ ئىزنى بىلەن يەڭگەنىدىم... ئەلى بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە كىلىپ ئانامغا بۇنىڭ دېدىم... ئەتە كۆرۈشۈشكە بارىدىغان بولدۇق... بەك ھاياجانلانغان ئېدىم... ئەتىگەندە بالدۇر تۇرۇپ تەييارلاندىم... بىر خىل ھاياجان ھېس قىلاتتىم، ئۆي ئىچىدە ئۇياق بۇياققا ماڭاتتىم... تۇنجى قېتىم بۇنچىلىك ھاياجانلانغانىدىم... پېشىن نامىزىدىن كېيىن ئانام بىلەن يولغا چىقتۇق... ئەلى بىزنىڭ قىزنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ باردى... ئىشىكنى دادىسى ئېچىپ ئۆيگە تەكلىپ قىلدى... بىر ئاز گەپلەشتۇق، مەقسەتكە كەلدۇق... قىزنىڭ دادىسى «بالام مىنىڭ دەيدىغىنىم يوق، سەن بۇنى قىزىم بىلەن دېيىشكىن» دېدى. ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم، چۈنكى تۇنجى قېتىم بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىشىم ئىدى... تۇنجى قېتىم دۇنيالىق توغۇرلۇق گەپ بولۇنمىغانىدى.... باشقا بىر بۆلۈم ئۆيدە قىز بىلەن كۆرۈشتۈردى، ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم قوللىرىم ئۈستەلدە، ئالقىنىمدا تەرلىگەن قولۇمنى سۈرتۈش ئۈچۈن بىر قولياغلىق بار ئىدى... ئۆيدە نۇر يۈزلۈك بىر قىز تۇراتتى... ئالدىغا قاراپ سۆزلەشكە باشلىدى... باشقا قىزلاردەك گەپنى توي كىيىمىدىن باشلىمىدى ... تۇنجى سۇئالى ناماز بولدى....

- بۆلۈم
سالىھ بىر ھەمراھ ئىزدەيمەن....
ماڭا ناماز ئوقۇمسىز دەپ سورىدى، نامازنى قانچە مىنۇتتا قىلىپ (تاماملاپ) بولىدىغانلىقىمنى سورىدى، مەسىلەن: پىشىن نامىزىنى قانچە مىنۇتتا قىلىپ (تاماملاپ) بولۇسىز دەپ سورىدى... 15 مىنۇتلاردا دەپ جاۋاپ بەردىم. خۇرسەن بولدى، ئاندىن يىغقان قانچىلىك پۇلىڭىز بار دەپ سوراپتى، مەن قارىغاندا بۇرۇنقىدەكلا سۆزلەشكە باشلايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم.... 45 مىڭ لىرا پۇلۇم بار... پۇلىڭىزنڭ زاكىتىنى بىرىۋاتامسىز دىگىنىمدە خاتا ئويلىغانلىقىم ئۈچۈن نومۇس قىلدىم... شۇنداق، زاكىتىنى بىرىۋاتىمەن دېدىم.... سۆزلىرىنى تەمكىنلىك بىلەن داۋاملاشتۇردى... سىزدىن بۇرۇن ئۈچ كىشى بىلەن كۆرۈشكەنىدىم، ھەممىسى پۇلدار، پۇلىغىلا ئىشىنەتتى، پۈتۈن گەپلىرى پۇل توغۇرلۇقلا ئىدى، دىن توغۇرلۇق پەقەت بىلىمى يوق ۋە ناماز ئوقۇمايدىغانلار ئىدى. سىزگە تۇنجى سۇئالىم ناماز بولدى، چۈنكى نامازنى تولۇق ۋە ئەستايىدىل ئوقۇغان بىر ئادەمدىن زىيان كەلمەيدۇ، ئائىلىسىنىڭ ھەققىگە رېئايە قىلىدۇ، ھەقسىزلىق قىلمايدۇ. ھەركىم ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئىشلارنى خالايدۇ، ھېچكىمنى كەمسىتمەيدۇ بوزەك قىلمايدۇ، بۇنداق بىر ئىنسان پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى قەدىرلەيدۇ، مەخلۇقاتلارنىڭ ياخشى كۆرگىنىنى ئاللاھمۇ ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرگەن بەندىسى بولسا ئاللاھ تەرىپىدىن قوبۇل بولغان بەندىدۇر. ئۇ سۆزىگە داۋام قىلدى... زاكىتىڭىزنى سورىدىم، چۈنكى ئۇ پۇلدا يوقسۇللارنىڭ ھەققىمۇ بار. يوقسۇللارنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلمىغان ئادەم ئايالىنىڭمۇ ھەققىگە رىئايە قىلمەيدۇ. ئاللاھ بۇنداق ئادەمدىن قانداقمۇ رازى بولسۇنكى... نېمىدىگەن توغرا سۆزلەۋاتاتتى ھە، سۆزلىرى مېنى بەك خۇرسەن قىلغانىدى. دۇنيالىق بىر نەرسە تەلەپقىلمايمەن دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى... ياندىكى كىتاپ ئىشكابىنى ئىما (ئىشارەت قىلىپ) ئوقۇغان كىتابلىرىنى كۆرسەتتى. كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم، چۈنكى مېنىڭ ئوقۇغان ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇيدىكەن، مەن قىزىرىپ تەرلەپ كەتكەنىدىم، قولۇمدىكى قولياغلىق ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. مىنىڭ قىزدىن سورىغۇدەك گېپىم قالمىغانىدى، مەن سورىمىساممۇ ھەممە گەپنى دېگەنىدى. ئاخىرىدا ئانام بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى، مەن سىرتقا چىقىشقا تەمشەلگەندە قولياغلىق يەرگە چۈشۈپ كەتتى، يەرگە قارىدىم ئەمما كۆرەلمىدىم، تىشىغا چىقتىم.... ئانام بىلەنمۇ 10 مىنۇتتەك سۆزلەشتى. ئانام چىققاندىن كېيىن ئۆيدىن ئايرىلدۇق. ھەر ئىككى تەرەپ خۇرسەن بولغانىدى. ئانامدىن نېمە دېيىشكەنلىكلىرىنى سورىدىم. مېنىڭ ئانامغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىمنى، ئۆيدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋىتىمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ. چۈنكى ئانا-ئاتىسى رازى بولمىغان بىر بالىدىن ئاللاھمۇ رازى بولمايدۇ. ئۆيگە بېرىپ بۇنى دادامغا دىدۇق بەك خۇرسەن بولدى... تاھارەت ئېلىپ ھۇجرامدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدۇم، بىرقانچە كۈن بۇرۇن كۆرگەن چۈشۈم يادىمغا كەلدى... قۇلۇمدىكى سەبىر قېلىچى بىلەن قېيىنچىلىقلارنى يېڭىش نىسىپ بولغانىدى ۋە نەتىجىسىنى كۆرگەنىدىم... بۇ كۈندىن كېيىن توي تەييارلىقىغا چۈشتۇق...

5- بۆلۈم
سالىھ بىر ھەمراھ ئىزدەيمەن...
توي بېكىتىلىپ، ئۈزۈك تاقىدۇق. توي ئىشى سەل تەسرەك بولغانىدى... تۇققانلار مۇزىكىلىق بولسۇن دەپ چىڭ تۇراتتى، مەن دىنى تەرەپتىن بۇنىڭ بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشاتتىم، مەن مۇلايىم بولغان ئۇلار تېخىمۇ چىڭتۇرۇۋالدى، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە توي دېگەن مۇزىكىلىق بولارمىش. ئۆلۈم بولغان ئۆيدە دۇئا ئوقۇلۇپ مەۋلۇد ئوقۇسا بولماسمىش... نېمە قىلىشىمنى بىلمەي ئىچىم بەك سىقىلغانىدى. نەچچە قېتىملاپ مۇزىكىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرسەممۇ قوبۇل قىلمايۋاتاتتى... بىر ئاخشىمى ئۆيگە تۇققانلار بىلەن يىغىلدۇق بۇنى سۆزلەشتۇق، بىر شەرت بىلەن تەلىپىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن دېگىنىمدە ھەممىسى ھەيران قالدى... ھەممىسى كۆزلىرىنى ماڭا تىككەنىدى، مەن ئۆلگەندە قەبرىگە مەن بىلەن بىللە كىرىدىغانلار بولسا، مەن ئۈچۈن ھېساپ بىرىشنى خالايدىغانلار بولسا تەلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم... ھېچكىم يۈزۈمگە قارىيالمىدى... نومۇس قىلغانىدى، بۇ ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن بولدى.
بىر پەيشەنبە كۈنى قىز تەرەپ بىلەن دىيىشىپ توي سودىلىقىغا چىقتۇق، لايىقىم يېنىمدا خۇددى قۇلدەك تۇراتتى، مەن نېمىنى كۆرسەتسەم بولىدۇ، ياقتۇردۇم دەيتتى، بىر ئىنسان بۇنچىلىك كەمتەر بۇنچىلىك كىچىك پېئىل بولارمۇ، ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ مەن ئەڭ ئېسىل، ئەڭ چىرايلىق نەرسىلەرنى ئالاتتىم. ئۇنىڭ بەخىتلىك قىلىش ئۈچۈن قولۇمدىن نېمە كەلسە قىلىشنى خالايتتىم... ئۆيىمىزنى تەييارلىدۇق، ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك ئىدى. توي كۈنى بولدى... ھاياجاندىن ئۆلۈپ كىتىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم، توي ئويلىغىنىمدەك بولغانىدى... يېڭى توي قىلغان يىللىرىمىز باشقىلاردەك تالاش تارتىش، تاكاللىشىش بىلەن ئۆتمىگەنىدى. بىز ئىسلامىي جەھەتتىن بىرلەشكەنىدۇق، ھېچبىر مەسىلىمىز يوق ئىدى. ئايالىمنىڭ ئەقلىگە، گۈزەل ئەخلاقىغا تەبەسسۇم بىلەن تولغان يۈزىگە مەپتۇن ئىدىم. ئۇنىڭسىز ۋاقتىم ئۆتمەيتتى، ئىشلەۋېتىپ پۇرسەت تاپسام تېلېفون ئۇراتتىم، ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىمدا بەك خۇشال بولاتتىم. سۆزلىرىدە ئىچىمنى راھەت قىلىدىغان بىر تەسىر بار ئىدى. بۇنى قانداق قىلىۋاتىدۇ بىلەلمەيتتىم، ئۆيگە كەلگىنىمدە ھەر ۋاقىت كۈلۈپ قارشى ئالاتتى، شۇزامان پۈتۈن ھاردۇقلىرىم چىقاتتى، تاماق ئىتىۋاتقىنىدا ياردەملىشەتتىم، سىز ئولتۇرۇڭ ھاردىڭىز دەيتتى، مەن ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ ئولتۇراتتىم، ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىم بولىشىنى پەقەت خالىمايتتىم، ئۇ نېمە خالىسا قىلىپ بېرىش ئۈچۈن چاپاتتىم، مەندىن بىر نېمە تەلەپ قىلسۇن دەپ كۆزىنىڭ ئىچىگە قارايتتىم، بەزىدە ماشىنا بىلەن ئايلىناتتۇق، ئايلاندۇرسام خۇش بولاتتى، يەنە بىر كۈنى ئايلىنىش ئۈچۈن ماشىنىدا ئولتۇردۇق، بۇرۇلۇپ ماڭا قاراپ «سەبىر بەك ياخشىدۇر، سەبىر ئىنساننى مۇشۇ ماشىنىدەك خالىغان يېرىگە ئاپىرىدۇ» دېدى، نېمىشقا بۇنداق دېگەنلىكىنى چۈشەنمىگەنىدىم، بىرئاز ئايلىنىپ ئۆيگە قايتتۇق، بىرقانچە كۈن بۇرۇن ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكى بۇزۇلۇپ قالغان قۇلۇپى تەستە ئېچىلاتتى، ئۆتكەندە مەھەللىمىزدە ئوغۇرلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلايتتۇق، ئايالىمنىڭ ئاشقازىنى ھەپتىدىن بىرى ئاغرىۋاتاتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن كىچىلىرى دائىم تۇراتتى، مېنىڭ ئۇيقۇم بەك سەگەك بولغانلىقى ئۈچۈن دەرھال ئويغىناتتىم، ئۇ كېچىسى ئاشقازىنى يەنە ئاغرىغان چېغى يەنە ئورنىدىن تۇردى، تۇرغىنىنى ھېس قىلىپ كۆزۈمنى ئاچتىم ئەمما ئويغانغىنىمنى بىلمىدى. ئاستا-ئاستا ئىشىككە باردى... پەقەت ئۇ چاغدا كۆزلىرىمگە ئىشەنمىگۈدەك بىر ئىش يۈز بەردى......

- بۆلۈم
سالىھ بىر ھەمراھ ئىزدەيمەن...
مېنى ئويغىنىپ كەتمىسۇن دەپ ئىشىكنىڭ قۇلۇپىنىمۇ تۇتمىدى، ئىشىك قۇلۇپلاقلىق ئىدى، ئايالىم «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھھىم» دېدى ۋە ئىشىكنى ئاچمايلا چىقىپ كەتكەنىدى. بۇنى كۆرۈپ يۈرۈگۈم تېز سوقۇپ كەتتى تەرلەپ كەتتى، ئورنۇمدىن تۇردۇم، كۆزۈم ئىشىكتە ئىدى... ئىشىكدىكى دېرىزىدىن تازىلىق ئۆينىڭ چېرىغىنىڭ يېنىقلىقى بىلىنىپ تۇراتتى... يۈز قولىنى يۇيۇپ چىراغنى ئۆچۈردى. مەن دەرھال يېتىپ ئۇخلىۋالغان بولۇۋالدىم. ئايالىم ئىشىكنى ئاچمايلا ھۇجرىغا كىردى... يۈرەك سوقۇشلىرىم تېزلاپ چىدىيالمىدىم، ئويغانغاندەك قىلىپ ئورنۇمدا ئولتۇردۇم... ئايالىمنىڭ يۈزىگە قارىدىم كۆزلىرى نۇرلىنىپ چاقناپتۇراتتى... ئويغانغىنىمنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرەپ يۈزۈمگە قارىدى، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم. ئويغىتىۋەتتىممۇ دەپ سورىدى. ياق، چىققىنىڭىزنىمۇ ئاڭلىمىدىم دېدىم، ئۇ كۈلۈمسىىرىدى ۋە ياتتى، ئىشقا بارغىنىمدا دائىم ئۇ ۋەقەنى ئويلايتتىم. بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولىدۇ...؟ ئاخشام ئۆيگە بارغاندا زىلنى بسمىدىم ئىشىكنى ئاچقۇچۇم بىلەن ئاچتىم... ئىشىكنى ئاچقىنىمدا ئايالىمنى ئالدىمدا كۆردۈم... ئىشتىن كىلىشىمگە ئىشىكنى ئېچىش ئۈچۈن ساقلاپ تۇرۇپتۇ... سالام قىلىپ ئىچكىرىگە كىردىم، يۈز قولۇمنى يۇيۇپ داستىخان قۇرۇپ تاماق يىدۇق... بۈگۈن باشقىچە كۆرۈنۈۋاتىسىز بىر ئىش بولدىمۇ دەپ سورىدى... جاۋاپ بەرمىدىم. تۈنۈگۈنكى كەچتىكى ئىشنى قانداق سورىيالايمەن... سىزگە بىر نەرسە دېمەكچىدىم دەپ قولۇمنى تۇتۇپ مېنى تۇرغۇزدى، كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە قاراۋاتاتتىم... قېنى ئېيتىڭ دىدىم... بويۇمدا بار ئىكەن دېدى... ئۇنىڭدىن كېيىنكىنى ئەسلىيەلمەيمەن... شۇزامان پۇتلىرىم بوشاشتى... يەرگە يېقىلىپتىمەن... يېرىم سائەتتىن كېيىن ھوشۇمغا كەلگىنىمدە ئايالىم بېشىمدا ئولتۇرۇپتۇ.... ئۇنىڭغا قارىغىنىمدا ئۇ خىجىل بولۇپ يەرگە قارىدى. بۇ خەۋەر مىنى شۇنچىلىك خۇشال قىلدىكى، تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن... كەچلىرى ئىشتىن قايتىشىمدا بوۋاق نەرسىلىرىنى ئالاتتىم. كىچىلىرى ئايالىم بىلەن خىيال قىلاتتۇق، پەرزەنتىمىز مەلۇم ياشقا كەلگەندە باشتا قايسى كىتاپنى ئوقۇتساق، ئەڭ باشتا ناماز ھەققىدىكى بېلىملەرنى ئۆگىتىشىمىز كىرەكتى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسىنى ئوقۇتساق، ئىسلام ئەخلاقىنىمۇ يا؟ ھەممە ئادەمگە كىرەك بولغان ئىماننىمۇ ئۆگەتسەك؟ ياق ياق، ئەڭ باشتا خەلىفىلەرنىمۇ ئۆگەتسەك، مېنىڭ پەرزەنتىم ئەھلى سۈننەتنى قوغدايدىغان، تارقىتىدىغان بىر بەندە بولۇشى كېرەك ئىدى ۋە ئۇنى شۇنداق يېتىشتۈرىشىمىز لازىم... ھەر ئاخشىمى مەلۇم ۋاقىت ئايالىم بىلەن دىنى كىتابلارنى ئوقۇيتتۇق، بىر ئاخشىمى ئوقۇۋېتىپ ھارغىنلىقتىن كۆزۈم ئاغرىپ ئايالىمغا ئاۋازلىق ئوقۇپ بىرىشىنى ئېيتتىم ۋە كۆزۈمنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن يۇمدۇم، بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچتىم، قولىدىكى كىتاپ يېپىقلىق ئىدى..... چۈشەندىمكى بۇنچىلىك كۆپ بەتلەرنى يادلاپ بوپتۇ ۋە يادقا ئوقۇۋاتاتتى، بۇ كىتابنى ھازىرغىچە قانچە قېتىم ئوقۇدىڭىز دەپ سورىسام بىلمەيمەن دېدى... ھە ئەمىسە كىتاپنى تۈگىتىشىڭىزگە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ دېسەم بىر ھەپتە دەپ جاۋاپ بەردى. چۈشەندىمكى ئايالىم خېلى ئالىمكەن، مېنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئىشىكنى ئاچماي چىقىشى بىر كارامەت ئىدى، ئۇ كۈندىن كېيىن ئايالىمغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئېھتىرامىم تېخىمۇ كۈچەيدى، بىلمىگەن يەرلەرنى ئۇنىڭدىن سورايتتىم، شۇنداق ياخشى چۈشەندۈرەتتىكى ھەيران قالماي تۇرالمايتتىم، ھەر ھالغا سەبىر قىلاتتى، شۈكرى قىلاتتى، يېنىمدا ئىسلام بىلەن ياشىغان بىر ئۈلگە بار ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا ھەر سېكۇنت شۈكرى قىلسام ئاز ئىدى... ئايالىمنىڭ يەنە بىر قانچە كارامىتىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتالمىدىم، نېمە بولسا بولسۇن ئۇنىڭ بىلەن بۇنى سۆزلىشىشىم كىرەك ئىدى. ھەر ۋاقىتتىكىدەك ئىشتىن كېلىپ تاماق يېدۇق، بۇنى سۆزلىشىش ئۈچۈن ئايالىمنىڭ ئالدىدا ئولتۇردۇم...
- بۆلۈم
سالىھ بىر ھەمراھ ئىزدەيمەن...
ئىسلامنىڭ ئەڭ كىچىك بەلگىلىمىلىرىگىچە بەك دىققەت قىلىسىز، گېپىمنى ئۇزارتقۇم يوق دېگىنىمدە، ئايالىم سۆزلەشكە باشلىدى، «سەبىر گۈزەلدۇر، سەبىر قىلىۋاتقاندا شۈكرى قىلماق تېخىمۇ گۈزەلدۇر، ئىنسان ھەر ھالىدا سەبىر قىلسا ۋە شۈكرى قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشىسىنى مۇكاپات قىلىپ بىرىدۇ» ئاغزىمدىن بىرمۇ سۆز چىقمىدى، ئايالىم گېپىنى ئاخىرلاشتۇرغانىدى. ئۇ كۇندىن باشلاپ ئۇنىڭغا تېخىمۇ دىققەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولدۇم. ئۇنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان ھەر ئىشتىن ئۇزاق تۇراتتىم، بىر ئاخشىمى ئانام تېلېفۇندا قوشنىمىزنىڭ قىزىنىڭ تويىنىڭ ئىككى كۈندىن كېيىن بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تويغا مېنىمۇ چاقىرىپتۇ، ئايالىم بىلەن بىللە باردۇق، ھەممە نەرسە ئىسلامغا ئۇيغۇن بولۇپتۇ، ئەر ئاياللار ئايرىم ئولتۇرۇشقانىدى... تويدىكى ئىسلامغا ئۇيغۇن ئىشلارنى كۆرۈپ بەك خۇرسەن بولدۇم، بىر ئاخشىمى بالكوندىن بەرگەن قىيامەت ۋە ئاخىرەت ئىسىملىك كىتاب ئېسىمگە كەلدى... ئون مىنۇتتىن كېيىن كىچىك بىر بالا كەلدى، ئۇ قىزنىڭ ھېلىقى دادىسى ئىشقا ماڭسا يىغلىغان ئۇكىسى شۇ ئىدى. ماڭا ئاكا سىزگە گىپىم بار دەپ قۇلىقىمغا ئاچىسىنىڭ كۆپ رەھمەت ئېيتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ قىزنىڭ بۇ ھالغا كىلىشىگە مەن ۋەسىلە بوپتىمەن، بۇنى بىلىپ كۆپ خۇرسەن بولدۇم، ئايالىم ھامىلدار بولغانلىقى ئۈچۈن ھايالشىماي ئۆيگە قايتتۇق. ئارىدىن ئايلار ئۆتۈپ ئايالىم بىر ئوغۇل يەڭگىدى. تۇرمۇشىمىزدىن بەك رازى ئىدۇق، ئايالىم بىلەن ھەر ئاخشىمى كىتاب ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇق، ئۇنى ئۇستازىم دەيتتىم، ئۇ مېنىڭ ئۇستازىم ئىدى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادىتىم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ۋەسىلە ئىدى. كىچىلىرى ئۇنىڭ ئويغىنىپ كەتمىسۇن دەپ، ئوغلىمىز يىغلىغان ھامان ئۇنى ئېلىپ باشقا ئۆيگە چىقىپ كىتەتتىم. ئارىدىن 2 يىل ئۆتتى، ئوغلىمىز چوڭ بولغانىدى، ئايالىم ھەر پۇرسەتتە سەبىر ۋە شۈكۈرنى تەۋسىيە قىلاتتى. كېيىن ئايالىم كىسەلبولۇپ قالدى، ۋاقتىمىزنىڭ كۆپى دوختۇرخانىدا ئۆتەتتى، ئايالىمنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشتى، بىر ئاخشىمى ئىشتىن كەلسەم زىلنى باسساممۇ ئاچمىدى، ئۆيگە كىرگىنىمدە مەن بىلمەيدىغان ناھايىتى خۇشپۇراق پۇرايتتى، ئايالىمنىڭ ياتقىنىنى كۆرۈپ ئۇخلاۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن، ئۇزۇن ۋاقىت ئويغانمىغاچقا ئويغاىتاي دېگىنىمدە ۋاپات بولغىنىنى بىلدىم......
ئۇ چاغدا يىقىلىمىشتىم (يىقىلىپ چۈشتۈم بولسا كېرەك) يۈرەك باغرىم سۇغۇرلۇۋاتقاندەك بولدى، كۆزۈمدىن ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى، ئانامنى چاقىردىم... ئايالىمنى ئەتىسى دەپنە قىلدۇق. ئۆيگە كىرگىنىمدە پۇرىغان ئۇ خۇشپۇراق قەبرىدىن كىلىۋاتاتتى، ھەر قېتىم ئۆيگە بارغىنىمدا ئۇ خۇشپۇراقنى ھېس قىلاتتىم، ئۆيگە كىرەلمەيتتىم، پەقەت ئۇنى سېغىناتتىم، جېنىم ئايالىم، ئۇستازىم ۋاپات بولغانىدى، ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك سەبىر قىلىشتىن باشقا ئامالىم يوقتى، ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن ئۆيگە كىرىشكە جاسارەت قىلدىم، كۆزلىرىم تولۇپ يىغلىدىم، بالكونغا چىقىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم، تولۇن ئاي بار ئىدى، ئەلىنىڭ ماڭا تېلېفون قىلغان ئۇ كىچىنى ئەسلىدىم، ئۇ كىچىدىمۇ تولۇن ئاي بار ئىدى، كۆزلىرىمدىن ياشلار ئاققان ھالدا تالاغا چىقتى، ئۇدۇل ئۇستازىمنىڭ قەبرىسىگە باردىم. سائەتلەپ يىغلىدىم... ئۇ خۇشپۇراقنى ھېس قىلدىم، تەكرار يىغلىدىم.... ئارقامدىن بىر قول مۈرەمنى تۇتتى، ئارقامغا قارىدىم ئايالىم نۇرلار ئىچىدە ئارقامدا تۇراتتى... ھاياجاندىن گەپ قىلالمىدىم... بېشى قېيىپى ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن....
- بۆلۈم
سالىھ بىر ھەمراھ ئىزدەيمەن...
ئويغانغىنىمدا بامدات ئەزىنى ئوقۇلۇۋاتاتتى... تۇرۇپ ئەتراپقا قارىدىم... ئايالىمنڭ سەبىر قىلىڭ دېگىنىنى ئېسىمگە كەلدى... مەسجىدكە بېرىپ ناماز ئوقۇغاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ يانچۇقۇمدا بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم... قولۇمنى سالسام بىر قولياغلىق چىقتى. ئايالىمنىڭ ئۆيىدە تۇنجى كۆرۈشكىنىمىزدە ئالقىنىمنىڭ ئىچىدە تۇتقان قولياغلىقنى ئورنۇمدىن تۇرغاندا يەرگە چۈشۈپ كېتىپ تاپالمىغانتىم، دېمەك ئايالىم ئۇنى تېپىپ ساقلاپتۇ... قولياغلىق ئاجايىپ خۇشپۇرايتتى...
بۇر بىر گەرچەك (ھەقىقى) ۋەقە بولۇپ، يازغۇچىنىڭ ھېكايىنىڭ ئاخىرىغا يازغان جۈملىلىرى مۇنداق:
«بۇ ۋەقەنى دادامنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن ئاددىيلاشتۇرۇپ يازدىم... ھېكايىدىكى كىشىلەر دادام ۋە ئاپامدۇر... ئۇ تۇغۇلغان بالا مەن. سەبىر ۋە شۈكۈر ئىنساننى ئەڭ ئۈستۈن دەرىجىگە ئېلىپ بارىدىغان قاناتتۇر»
ئاللاھ تائالا ھەر كىشىگە مۇشۇنداق ھەمراھ نېسىپ قىلسۇن......... تۈگىدى.....
(قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ ئوقۇغانلىقىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، توي قىلغان، قىلمىغان قېرىداشلىرىمنىڭ بۇ ھېكايىدىن مول پايدا ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ ھېكايىدىكى سالىھ ئايالنىڭ روھىغا دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتماڭلار)...........
رەھمەت قېرىنداشلار، بۇ سىلەرگە تۇنجى كۆڭۈل سوۋغام بولسۇن، ئاللاھ خالىسا بۇندىن كېيىنمۇ سوۋغىلار داۋام قىلغۇسى......

تۈگىدى.......



مەنبە:ئەلكۈيى مۇنبىرى
شۇ مۇنبەردىكى يوللىغۇچىنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن بۇ ئەسەر ئۆز ئەينى كۆچۈرۈپ كېلىندى

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

ھەيران

تەسرلىك

خوشال

رەنجىش

ئالامەت

ياخشى

رەھمەت
 
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10077
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 18
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 100 دوللار
تۆھپــــــــــە: 5 ھەسسە
توردىكى :7(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2013-03-03
ئاخىرقى: 2013-03-04
10-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-03-03 19:21:30
اللا قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن، رەھمەت ھەقىقەتەن ياخشى تىما يوللاپسز،
اللادىن ھەمراھلىرىمىزغا سەبىر ۋە ئىنساپ ئىىمان تىلەيمەن.

دەرىجە: VIP ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 4088
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 686
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە686دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 8230 دوللار
تۆھپــــــــــە: 50 ھەسسە
گۇرۇپپا:
توردىكى :524(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-09-14
ئاخىرقى: 2013-04-10
شەرەپ مىدالى

9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-30 12:58:31
ئاللاھ سىزگىمۇ ئىمانلىق ھايالىق قىزنى نىسىپ قىلسۇن ئامىن.

دەرىجە: VIP ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 4088
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 686
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە686دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 8230 دوللار
تۆھپــــــــــە: 50 ھەسسە
گۇرۇپپا:
توردىكى :524(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-09-14
ئاخىرقى: 2013-04-10
شەرەپ مىدالى

8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-30 12:57:29
بۇ تىمىنى تىخى ئوقۇپ بولالمىغانتىم ،

دەرىجە: دائىملىق ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 8555
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 26
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 159 دوللار
تۆھپــــــــــە: 5 ھەسسە
توردىكى :15(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-07-22
ئاخىرقى: 2013-03-01
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-25 00:51:48
بەك ياخشى يېزىپسىز .ئاللاھ قوللىرڭىزغا دەرت كەلتۈرمىسۇن !رەخمەت سىزگە!

دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 3
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 6
ئومۇمىي يازما: 669
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە669دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 2290 دوللار
تۆھپــــــــــە: 43 ھەسسە
توردىكى :393(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2009-02-13
ئاخىرقى: 2013-07-30
شەرەپ مىدالى

6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-24 13:40:30
ياخشى تىمىكەن رەخمەت سىزگە

ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى!
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9556
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 21
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 119 دوللار
تۆھپــــــــــە: 8 ھەسسە
توردىكى :6(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-12-28
ئاخىرقى: 2013-07-17
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-19 14:19:28
سز گە ئازېر  رەھمەت دېيشتن باشقا گەپ تاپالمدم  رەھمەت تېمېگز  غا

دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5341
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1074
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1074دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 9798 دوللار
تۆھپــــــــــە: 2 ھەسسە
گۇرۇپپا:
توردىكى :269(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-12-18
ئاخىرقى: 2013-02-21
شەرەپ مىدالى

4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-15 21:10:21
ئاللاھ،،سىزگەكۆپ ئەجىر بەرسۇن.
شۇنداق ياخشى تىمىكەن رەخمەت سىزگە قېرندىشىم

دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 6
ئومۇمىي يازما: 1261
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1261دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 4317 دوللار
تۆھپــــــــــە: 27 ھەسسە
توردىكى :465(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-05-08
ئاخىرقى: 2013-09-13
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-14 13:52:19
بۇ ھىكاينى ئوقۇپ شۇنداق تەسىرلەندىم مەن ئەمەس بەلكى ھەرقانداق ئادەم بۇ ھىكايىگە تەسىرلەنمەي قالمايدۇ ئايال پىرسىناژنىڭ قىلغان ئىشلىرى ۋە تۇتقان يوللىرى ئادەمنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ اللا قىزلارغا مۇشۇنداق سالىھ دىيانەت ئاتا قىلسۇن
  ياخشى تىما ئەپ كەپسىز سىزگە كۆپ رەخمەت

مېنڭ ئسمېم مۇھەممەتجان كەسپېم مىللى تاماق ئاشپزې
دەرىجە: VIP ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9028
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 127
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە127دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 680 دوللار
تۆھپــــــــــە: 16 ھەسسە
توردىكى :183(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-09-01
ئاخىرقى: 2013-08-29
ئەگەشكۇچى   يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-13 23:10:41
مەن مۇنبەردىكى بارلىق توي قىلمىغان يىگىتلەرنىڭ بەخىت تەلىيىنى تىلەيمەن .ئىمانلىق ،ۋاپادار ،چوڭلارغا كۇيۇمچان قىز ئالغايسىزلەر .

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك250 بايت
ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى