مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 7ئىنكاس
  • 1344كۆرىلىشى

ئەسقاتىدىغان تۇرمۇش ساۋاتلىرى [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: ئالىي ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 457
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 676
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە676دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 120 دوللار
تۆھپــــــــــە: 2 ھەسسە
توردىكى :131(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2009-05-03
ئاخىرقى: 2013-01-10
يازما   يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-10 15:57:03
كۈندىلىك ئىستىمالدىكى زىيانسىز يېمەكلىكلەر


ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئاچ قورساققا بىر قوشۇقتىن ھەسەل يېسە ئىچكى ئەزالارنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىدۇ . دائىم ھەسەل يەپ بەرسە قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

ھەر كۈنى ناشتىدا بىر نەچچە تال زەنجىۋىل يەپ بەرسە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ .

ئادەم بەدىنى كۆپ خىل ئاممىياك كىسلاتاسىغا ئېھتىياجلىق شۇڭا يەر ياڭىقى (خاسىڭ)يەپ بەرسە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ .

چىلاننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ، تەركىبىدە قەنت ۋە ۋېتامىن ، مېنىرال ماددىلار كۆپ . شۇڭا ئۇنىڭ تەبئىي ۋېتامىن كومىلىچى دېگەن نامى بار .

سامساقنىڭ مېكروب ئۆلتۈرۈش ، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى ناھايىتى كۈچلۈك ، شۇڭا سامساق پېنسىلىن دەپ ئاتىلىدۇ . ھەر كۈنى سامساق ئىستېمال قىلسا كېسەل بولۇش نىسبىتىنى يېرىم ھەسسە ئازايتقىلى بولىدۇ .
            

           ‹‹شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى›› نىڭ 2011- يىللىق 4- سانىدىن ئېلىندى  .



قانداق ئادەملەر قىزىلمۇچ يىمەسلىكى كىرەك






قىزىلمۇچتا ۋىتامىن C مول بولۇپ ، تەركىبىدە ۋىتامىن C بار كۆكتاتلار ئارىسىدا 1 – ئورۇندا تۇرىدۇ . ئادەتتە تائاملارغا قىزىلمۇچنى ئاز سېلىش سالامەتلىككە پايدىلىق .  تۆۋەندىكىدەك كېسەللىك ئالامىتى بارلار قىزىلمۇچنى ھەرگىز يېمەسلىكى كېرەك :


    يۈرەك – قان تومۇر كېسىلى بارلار ، قان بېسىمى يۇقىرىلار قىزىلمۇچ يېمەسلىكى كېرەك . قىزىلمۇچ قان ئايلىنىش ۋە يۈرەك سوقۇشنى تېزلىتىدىغان بولغاچقا ، ئۇنى قىسقا ۋاقىتتا كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ، يۈرەكنى زەئىپلەشتۈرۈپ ، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ .

   سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى ، ئاشقازان يارىسى ، قىزىلئۆڭگەچ يەللىكى بارلار قىزىلمۇچ يېمەسلىكى كېرەك . قىزىلمۇچنىڭ غىدىقلاش رولى بولغاچقا ، ئۇ قورساق  ئاغرىش ، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

    ئۆتىدە تاش بولغانلار ، ئۆت خالتا ياللۇغى ، سوزۇلما ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى بولۇپ قالغانلار قىزىلمۇچ يېمەسلىكى كېرەك . قىزىلمۇچنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبلىك ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپىيىدۇ . ئۆت خالتىسى يىغىلىپ قالىدۇ ، ئۆت يولى ئېغىزى مۇسكۇلى تارتىىشىپ قېلىپ ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ چىقىرىلىشى قىيىن بولىدۇ .

   گىمروي كېسىلى بارلار قىزىلمۇچ يېمەسلىكى كېرەك . قىزىلمۇچنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبلىك گمروي ۋېناسىدا قان قويۇلۇپ قېلىپ ۋە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ ، گىمروينى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ ھەتتا مەقئەتتە يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا قىلىدۇ .

   تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە ھامىلدار ئاياللار قىزىلمۇچ يېمەسلىكى كېرەك . قىزىلمۇچ ئېغىز يارىسى پەيدا قىلىدۇ . چوڭ تەرەتنى قاتۇرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بالا ئېمىۋاتقان بالىلار كېسەل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .

   بۆرەك كېسىلى بارلار قىزىلمۇچ يېمەسلىكى كېرەك . مۇچ ماددىسى بۆرەك ئارقىلىق چىقىرىلىدىغان بولغاچقا ، ئۇ بۆرەك ھۈجەيرىلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ ، ئېغىرراق بولغاندا بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىنى زەئىپلەشتۈرىدۇ .

   تېرە يەللىكى ۋە تېرە كېسىلى بارلار قىزىلمۇچ يېمەسلىكى كېرەك . چۈنكى قىزىلمۇچ بۇ كېسەللىكلەرنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ



ئاچ قورساق يىيىشكە بولمايدىغان يىمەكلىكلەر



قورساق زىيادە ئېچىپ كەتكەندە، ئادەم تاماق تاللىماي قالىدۇ، ئەمما قورساق زىيادە ئېچىپ كەتكەندە نېمىلا بولسا يەپ قورساق تويغۇزۇش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق،  شۇڭا قورساق بەك ئېچىپ كەتكەندىمۇ يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يېيىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

1. سۈت، پۇرچاق سۈتى
بۇ ئىككى خىل يېمەكلىك تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل بار بولۇپ، ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا، ئاقسىل ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەگە ئايلىنىپ خوراپ كېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش رولى جارى قىلدۇرۇلمايدۇ. توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلى بولسا پىچىنە، بولكا قاتارلىق ئۇن يېمەكلىكلىرىنى ئىستېمال قىلىش كېرەك ياكى تاماقتىن كېيىنكى ئىككى سائەتتىن كېيىن ئاندىن ئىچىشكە بولىدۇ ياكى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىچسىمۇ بولىدۇ.

  2. قېتىق
  ئاچ قورساق قېتىق ئىستېمال قىلغاندا، قېتىقنىڭ سالامەتلىكنى ئاسىراش رولى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، تاماقتىن كېيىنكى ئىككى سائەتتىن كېيىن ئىستېمال قىلسا ياكى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلسا سالامەتلىكنى ئاسىراش رولى جارى قىلدۇرۇلۇپلا قالماستىن يەنە ھەزىم قىلىش رولىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

3.چاي
  چاينى ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، يەنە باش قېيىش، كۆڭلى ئاينىش، باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىق، مەزمۇت تۇرالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن

  4. كەمپۈت
  كەمپۈت بولسا بىر خىل ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىك، ئاچ قورساققا كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىۋالغاندا، ئادەم بەدىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قان شېكىرىنىڭ نورمال قىممىتىنى ساقلاپ قېلىشقا يېتەرلىك ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرالماي، قان سۇيۇقلۇقىدىكى قان شېكىرى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ ئەھۋال ئوڭايلا كۆز كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە كېلىپ كەمپۈت كېسلاتالىق يېمەكلىككە تەۋە بولۇپ، ئاچ قورساق كەمپۈت يىگەندە يەنە ئوڭايلا تەندىكى كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭلۇقى ۋە تۈرلۈك مىكرو جانلىقلار تەڭپۇڭلۇقى تەسىرگە ئۇچراپ، سالامەتلىكنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

  5. ئەبنوس.پەمىدۇر;
  بىر قەدەر كۆپ ژېلاتىن، تاننىك كىسلاتاسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماددا ۋە ئاشقازان كىسلاتاسىدا خېمىيىلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىپ تەستە ئېرىيدىغان كوللوئىد پارچىسى ھاسىل بولۇپ،  ئوڭايلا ئاشقازاندا تاش پەيدا بولۇۋالىدۇ.

6. بانان
  بانان تەركىبىدە بىر قەدەر كۆپ بولغان ماگنىي ئېلېمېنتى بار بولۇپ، ئاچ قورساققا بانان يىگەندە تەندىكى ماگنىي تۇيۇقسىزلا ئۆرلەپ بەدەندىكى قان سۇيۇقلۇقىدىكى ماگنىي-كالتىسىي تەڭپۇڭسىزلىشىپ، يۈرەك-قان تومۇرغا بېسىم چۈشۈرۈپ قويىدۇ، بۇمۇ سالامەتلىككە ياخشى ئەمەس.

  7. دولانا، ئاپلېسىن
كۆپ مىقداردا ئورگانىك كىسلاتا، مېۋە كىسلاتاسى، دولانا كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان كىسلاتاسىنى شىددەت بىلەن ئۆرلىتىپ، يېپىشقاق پەردىگە نىسبەتەن ياخشى بولمىغان غىدىقلاش پەيدا قىلىپ، ئاشقازاننى كۆپتۈرۈپ، كېكىرىك پەيدا قىلىپ، ئاشقازاندىن سۇ يېنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  8. سامساق  
  سامساق تەركىبىدە كۈچلۈك ئاچچىق تەملىك سامساق ئېلېمېنتى بار بولۇپ، ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان يېپىشقاق پەردىسى ۋە ئۈچەي دىۋارىغا نىسبەتەن كۈچلۈك غىدىقلاش پەيدا قىلىپ، ئاشقازان - ئۈچەي تارتىشىپ قېلىش، مۇجۇپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.;

    9. تاتلىقياڭيۇ
  تاتلىقياڭيۇ تەركىبىدە تاننىن ۋە كوللوئىد بار بولۇپ، ئاشقازان دىۋارىنى غىدىقلاپ تېخىمۇ كۆپ ئاشقازان كىسلاتاسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، مەيدە ئېچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.

10. سوغۇق ئىچىملىك
  ئاچ قورساق ھالەتتە تۈرلۈك سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يىگەندە ئاشقازان-ئۈچەينى غىدىقلاپ، تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئالتە خىل كۆكتاتنى ئەڭ ياخشىسى سېتىۋالماڭ


  يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرى كۆپچىلىكنىڭ كۆكتات سېتىۋالغاندا، ئامال بار پەسىللىك كۆكتاتلارنى تاللاش بىلەن بىرگە، تۆۋەندىكى ئالتە خىل كۆكتاتنى ئەڭ ياخشىسى سېتىۋالماسلىقىنى ئەسكەرتىدۇ:
      بەك قاتتىق شوخلا: شوخلا قانچە قاتتىق بولسا، ئىشلەتكەن ئۆسۈملۈك ھورمۇنى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، بۇنى ئەڭ ياخشىسى سېتىۋالماسلىق لازىم ياكى سېتىۋېلىپلا دەرھال يىمەي، ئىككى – ئۈچ كۈن قويۇپ پىشقاندا ئۆزلۈكىدىن يۇمشىشىنى ساقلاش. بۇ ۋاقىتتا سالامەتلىككە زىيانلىق قىزارتقۇچى ھورمۇننىڭ رولىمۇ ئاجىزلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تېشى قىزىل، ئىچى يېشىل شوخلا بالدۇر پىشۇرۇش دورىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
      يېرىقى بار تۇرۇپ: يېرىلىپ كەتكەن تۇرۇپ ياكى پىلەكلىك زىرائەتلەرنى ئەڭ ياخشىسى يىمەسلىك كېرەك، بۇلار ئېغىر دەرىجىدە ھاشاراتلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان بولۇشى ياكى نورمال بولمىغان تېرىش جەريانىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.
      چوڭۇپ قالىدىغان تەرخەمەك: سېتىۋېلىپ ئەكەلگەن تەرخەمەكنى بىر كېچە قويۇپ قويسىلا، ئىككىنچى كۈنى يەنە ئۇزىراپ قالىدۇ، بۇنىڭغا چوقۇم ھورمۇنلۇق چوڭايتىش دورىسى ئىشلەتكەن.
      رەڭگى بەك سۇس يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار: پارنىكتىكى كۆكتاتلار بىۋاسىتە كۈن نۇرىدا تەبىئىي ئۆسكەن كۆكتاتلارغا سېلىشتۇرغاندا كۆركەم، يوپۇرمىقىنىڭ رەڭگى سۇس، لېكىن ئوزۇقلۇق تەركىبى تەبىئىي ئۆسكەن پەسىللىك كۆكتاتلارغا يەتمەيدۇ، شۇڭا يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات سېتىۋالغاندا رەڭگى قېنىقنى تاللاش لازىم.
      غەيرىي پۇراق بارلار: يۇمغاقسۈت، ئارپىبەدىيان قاتارلىق ئەسلىدىلا پۇراقلىق كۆكتاتلارغا ئوخشىمىغان ھالدا، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇقى كۆپ ياكى ناچار دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكەن كۆكتاتلاردا بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان غەيرىي پۇراق بولىدۇ، سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال قولغا ئېلىپ پۇراپ بېقىش كېرەك.
      يۇيۇپ بولغان كۆكتات: ھازىر بازاردا لاي، توپا بار تۇرۇپ، نىلوپەر يىلتىزى قاتارلىقلارنى ناھايىتى تەستە كۆرگىلى بولىدۇ، سېتىقچىلار ئوچۇقلا «پاكىز ئەمەس كۆكتاتلارغا قىزىقىدىغان ئادەم يوق» دەيدۇ، يۇيۇپ بولغان كۆكتاتلاردا دېھقانچىلىق دورىسى ئەمەس، باكتېرىيە بولىدۇ، باكتېرىيەنى تۇز سۈيىگە چىلىسىمۇ ياكى سۇدا چايقىسىمۇ چىقىرىۋېتىش بەك قىيىن.



      خەنزۇچە <<ھەمراھ>>ژۇرنىلىدىن ئىپارگۈل ئوبۇلقاسىم تەرجىمىسى
يىگەنسىرى ئورۇقلىتىدىغان يىمەكلىك
  


1. قىزىل دېڭىز يۈسۈنى: تەركىبىدە ۋىتامىن A, B1, B2 لار بولۇپلا قالماستىن يەنە مول بولغان مېنىرال ماددا ۋە سېللۇلوزا بار بولۇپ، بەدەندە يىغىلىپ قالغان كېرەكسىز ماددىلار ۋە سۇنى ھەيدەشكە پايدىلىق. پۇت قىسىمنى ئورۇقلىتىشتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك.
2. كۈنجۈت: قان تومۇرغا يىغىلۋالغان خولىستېرىننى ھەيدەپ، مېتابولىزمنى تېزلەشتۈرىدۇ.  
3. بانان: گەرچە باناننىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولسىمۇ ئەمما ماي ئاز. تەركىبىدە كالىي كۆپ .ھەم قورساق تويىدىغان ھەم ماي مىقدارى ئاز بولغان يېمەكلىك. :  
4. ئالما: ئالمىنىڭ تەركىبىدىكى ئالما كىسلاتاسى مېتابولىزىمنى تېزلەشتۈرىدۇ. تەركىبىدە كالىتسىي كۆپ بولۇپ، بەدەننىڭ تۆۋەن قىسمىنىڭ سۇلۇق ئىششىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۇزلارنى ئازايتىدۇ.  
5. تاۋۇز: سۈيدۈك ھەيدەيدىغان ئەڭ ياخشى مېۋە. كۆپ يەپ بەرگەندە كېرەكسىز نەرسىلەرنى ھەيدەيدۇ،شېكەر مىقدارى تۆۋەن بولغانلىقتىن كۆپ يېسىمۇ ئادەمنى سەمىرتمەيدۇ.  
6.خاسىڭ: نىكوتىن كىسلاتاسى بار بولۇپ، بىر تە رەپتىن ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ئېلىپ كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا يىغىلىپ قالغان مايلارنى ھەيدەيدۇ،  
7.تۇخۇم: تەركىبىدىكى ۋىتامىن B2 ماينى ھەيدەيدۇ.  
8.ئاناناس: گۆشلۈك تاماقنى يېگەندىن كېيىن يېسىڭىز ئاقسىلنى پارچىلاش رولىنى ئوينايدۇ.  
9. شوخلا: پۇتتىكى ھارغىنلىقنى سۇلۇق ئىششىقنى يوقىتىدۇ. خام يەپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى _  
10. پالەك : قان ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

ھەيران

تەسرلىك

خوشال

رەنجىش

ئالامەت

ياخشى

رەھمەت
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 6
ئومۇمىي يازما: 1236
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1236دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 4177 دوللار
تۆھپــــــــــە: 24 ھەسسە
توردىكى :411(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-05-08
ئاخىرقى: 2013-04-03
شەرەپ مىدالى

چاققان   يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-10 17:23:55
تولمۇ ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن تىمىڭزغا كۆپ رەخمەت مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تىمىللىرڭزنى مۇنبەردىن ئايمىغايسىز .

مېنڭ ئسمېم مۇھەممەتجان كەسپېم مىللى تاماق ئاشپزې
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9062
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 56
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە56دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 290 دوللار
تۆھپــــــــــە: 5 ھەسسە
توردىكى :42(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-09-06
ئاخىرقى: 2013-04-03
ئەگەشكۇچى   يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-10 21:40:29
تىمىڭىزغا كوپ رەخمەت ،ھارمىغايسىز .

دەرىجە: ئاشپەز ئۇستام
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 8511
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 288
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە288دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 90 دوللار
تۆھپــــــــــە: 67 ھەسسە
توردىكى :254(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-07-17
ئاخىرقى: 2013-02-23
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-11 17:33:03
رەخمەت  سىزگە  بودەك   قىز،،،،،،،،،،،،

دەرىجە: يېڭى  ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9533
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 65 دوللار
تۆھپــــــــــە: 7 ھەسسە
توردىكى :39(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-12-25
ئاخىرقى: 2013-03-30
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-12 13:11:07
Re:ئەسقاتىدىغتۇرمۇش ساۋاتلىرى
ياخشى يوللاپسىز

دەرىجە: دائىملىق ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9075
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 32
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 230 دوللار
تۆھپــــــــــە: 7 ھەسسە
توردىكى :28(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-09-08
ئاخىرقى: 2013-03-26
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-12 22:52:24
نۇرغۇن بىلىملەرنى بىلىۋالدىم ، رەھمەت

دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 3090
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 16
ئومۇمىي يازما: 852
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە852دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 10240 دوللار
تۆھپــــــــــە: 21 ھەسسە
توردىكى :591(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-05-17
ئاخىرقى: 2013-02-01
شەرەپ مىدالى

6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-30 23:22:17
ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن ، تىمىڭزغا كۆپ رەھمەت .ھارمىغايسىز   

دەرىجە: قىزىققۇچى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9307
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 94
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە94دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 97 دوللار
تۆھپــــــــــە: 8 ھەسسە
توردىكى :113(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2013-03-25
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-02-28 02:03:26
بىزگە پايدىلىق تىمىنى يوللاپسىز ھاررمىغايسىز.

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك250 بايت
ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى