1. تارىخ فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان ھىيلە-نەيرەڭلەرنى تەتقىق قىلىدۇ، بۇنداق قىزلارنى قانداقمۇ ئالداپ بۇلالايسىز؟...

2. ماتىماتىكا فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، ئەتىدىن كەچكىچە ھېساپ ئىشلەۋېرىپ ھامان بىر كۈنى نېرۋىسىدىن ئازىدۇ.

3. كومپيوتېر فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، بۇنى كومپيوتېرنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىنىڭ قانچىلىك تېزلىكىگە قاراپلا بىلىۋالغىلى بۇلىدۇ.

4. خېمىيە فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، ئايرىلغاندا يۈزىڭىزگە كىسلاتا چېچىۋېتىلىش خەۋپى چوڭراق بۇلىدۇ.

5. ئىقتىساد فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، يانچۇقىڭىزنى قۇپقۇرۇق قىلىۋېتىدۇ.
6.تەنتەربىيە فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ،تاساددىپىي سۇقۇشۇپ قالسىڭىز.....

7. ئاكتىيورلۇق فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ رول ئېلىۋاتقان ياكى تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيسىز.

8. فىزىكا فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تەرەت قاچىسىنى توكقا ئۇلاپ قۇيۇپ ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر فىزىكا ئۇقۇغانلارمىش.

9. گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، ئۇلار سىزنى كۆرگەن ھامانلا ئادەم بەدىنى مودىلى سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ تۇرىۋېلىشى مۇمكىن.

10. ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ھەر تەرەپتىن ئەتىراپلىق يىتىشكەن ناتىقلىق قابىلىيتىگە ئىگە بۇلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا ئېرىشكىنىڭىز قىزنىڭ مەنسىتمىگەن كۈلكىسى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.

11. بىئولوگىيە فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، سىز ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت مۇھەببەت تەجىربىسىدىكى ئىشىلتىش قىممىتى قالمىغان ھامانلا تاشلىۋېتىلدىغان ئاق چاشقان.

12. مېدىتسىنا فاكۇلتىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغلاشقا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىدىغىنى ئۇچۇق-ئاشكارا ئادەم بەدىنىنى كۆزىتىش ۋە ھەرقايسى ئەزالارنى مۇۋاپىق مىقداردا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش.

مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى گېزىتى