بىر يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بويتاقلار بايرىمى يېتىپ كەلدى، بۇ كۈنى
خۇشال-خۇرام يۈرىدىغان بويتاق قىز-يىگىتلەر يەنە ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، تارىختا نۇرغۇن بويتاقلار ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىنسانىيەت
تارىخىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن.
بىرىنچى بويتاق
ئەپلاتون، ئۇ گېرىتسىيىلىك داڭلىق پەيلاسوپ بولۇپ، دۇنياغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن،
شۇنداقلا دۇنياغا داڭلىق ‹‹ئەپلاتونچە مۇھەببەت››نى ياراتقان. ئۇ بىر ئۆمۈر بويتاق
ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ مەنىۋى مۇھەببەتنى قوغلاشقان يەنى ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى ساپ
مېھىر-مۇھەببەتكە تەلپۈنگەن، ھەمدە 81 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر بويتاق
ئۆتكەن.
ئىنسانلار تارىخىغا چوڭ
تەسىر كۆرسەتكەن ئالىم نيوتۇنمۇ بىر ئۆمۈر بوياق ئۆتكەن بولۇپ، ئېيتىشلارغا
قارىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ نەۋرە سىڭلىسىنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئەپسۇس ئىلمىي
تەتقىقاتقا جان-جەھلى بىلەن يېپىشقانلىقى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر توي قىلمىغان.
داڭلىق مۇزىكانت بېتخوۋېننىڭ ھاياتى
كېلىشمەسلىككە تولغان بولۇپ، كېلىپ چىقىشى تۆۋەن، ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا ئاڭلاش
سېزىمىنى يوقاتقان، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان قىزلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرقى ھېسابتا
باشقىلارغا ياتلىق بولۇپ كەتكەن، بەلكىم ئۇ ئاڭلاش سېزىمىدىن مەھرۇم بولغانلىقى
ئۈچۈن، ‹‹ئاي نۇرى ››دەك داڭلىق مۇزىكىلارنىڭ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن.
نوبېلنى ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق
‹‹كېلىشكەن باي›› دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ پارتلىتىش دورىسى قاتارلىق بىر قاتار
كەشپىياتلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپادا نوبېلدىن باي كىشى
يوق ئىدى، ئەمما ئۇ ياخشى كۆرىدىغان قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا يېقىن كېلەلمىگەن.
بۇنىڭ سەۋەبى--ئۇلارنىڭ ھەممىسى نوبېلنىڭ كەسپى بەك خەتەرلىك، ئۇ ئادەمگە
بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلمەيدۇ دەپ قارىغان. قارىغاندا، پەقەت پۇل بولغان بىلەن
‹‹بويتاق››لىقتىن خوشلىشىش ناتايىن ئوخشايدۇ.
جۇڭگودىكى داڭلىق بويتاق- پەلسەپىچى جىن
يۆلىن بولۇپ، ئامېرىكىدا ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ
پروفېسسورى بولغان. ئۇنىڭ شارائىتى ھەقىقەتەن ياخشى بولسىمۇ، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان
لىن ۋېي قۇرلۇش مۇتەخەسسىسى لياڭ سىچېڭغا ياتلىق بولۇپ كەتكەن. ئۈچەيلەننىڭ
قىزىقىشى ئوخشاش بولۇپ، لىن ۋېي لياڭ سىچېڭ بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، ئۈچەيلەن
ئۈچەيلەن يەنىلا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلىغان. لىن ۋېي ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن،
لياڭ سىچېڭ قايتا ئۆيلەنگەن، ئەمما جىن يۆلىن بىر ئۆمۈر توي قىلماي، ئۆزىنىڭ
قەلبىدىكى ھەر قانداق كىشى ئورنىنى باسالمايدىغان سۆيگۈنى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تەنھا
ئۆتكەن.
ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت بىرىنچىمۇ
ئۆمۈر بويى ياتلىق بولمىغان بولۇپ، ‹‹قىز پادىشاھ››دەپ ئاتالغان. گەرچە ئۇ توي
قىلمىغان بولسىمۇ، ھوقۇق تۇتقان مەزگىلىدە، ئېنگلاند ياۋروپادىكى ئەڭ كۈچلۈك
دۆلەتنىڭ بىرى ئايلىنىپ، بىر ئالتۇن دەۋرنى ياراتقان.
‹‹ھاكاۋۇرلۇق ۋە بىر تەرەپلىمىلىك›› ناملىق
روماننىڭ يازغۇچىسى، ئەنگلىيىلىك جەين ئوستىنمۇ مەڭگۈ تەنھا ئۆتكەن. ئوستىننىڭمۇ
بىر مەھەل ئەستىن چىقمىغۇدەك تۇنجى مۇھەببىتى بولغان، ئەمما كېيىن ھەر ئىككى
تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى قوشۇلمىغانلىقتىن ئايرىلىپ كەتكەن. مۇھەببىتىدىن مەھرۇم
بولغاندىن كېيىن، ئۇ بىر ئۆمۈر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، ئەمما ئاشۇنداق بىر
تۈپ گۈل ئۆزى ئېچىلىپ ئۆزى توزۇلۇپ كەتكەن.