مەن ھېچكىم
بىر كۈنى ئىككى ئوغرى بىرلىشىپ ئەنگەرنىڭ ئۈيىدىكى قىممەتلىك رەسىمنى ئوغرلىماقچى بوپتۇ.بىرى ئۆينىڭ كەينىدە مۈكۈنۈپ تۇرۇپتۇ،يەنە بىرى ئۆيگە كىرىپتۇ.ئۆيدە جەۋلاننىڭ ئىنىسى نەۋرۇز ئولتۇرغانىكەن ئوغرى ئۇنىڭغا پىچاقنى تەڭلەپ تۇرۇپ مىدىرلىماسلىقنى ئېيتىپتۇ دە رەسىمنى كۈتۈرۈپ مېڭىپتۇ.ئوغرى ئىشىككە بارغاندانەۋرۇز:
ھەي سەن كىم؟دەپتۇ.
-مەن ھېچكىم. دەپتۇ ئوغرى. ئوغرى چىقىپ كەتكەندىن كىيىن نەۋرۇز ئەنگەرگە:
-ئاكا،ئاكا ئۆيگە ئوغرى كىردى.دەپتۇ.ئەنگەر ئالاقزادە بۇلۇپ:
-ئۇكىم دىگەنىكەن نەۋرۇز تۇرۇپ كىتىپ:ئۇ ھېچكىم دەپتۇ.
كىشىلەر ئاڭلىمىسۇن دەپ
پولۇجاننىڭ مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان ۋاقتى ئىكەن بىر كۈنى مەكتەپكە كەلمەپتۇ.ئەتىسى مۇئەللىم ئۇنىڭدىن:
-تۈنۈگۈن مەكتەپكە كەلمىدىڭ نىمە ئىش قىلدىڭ؟دەپ سۇراپتۇ.
-دوختۇرغا باردىم دەپتۇ پولۇجان.
-ئاغرىپ قالغانمىدىڭ؟ سۇراپتۇ مۇئەللىم.
ياق ئاكام چىشىنى تارتقۇزغىلى بارغان، مەن كىشىلەر يىغلاپ تاشلىغىنىنى ئاڭلىمىسۇن دەپ ئىشىك ئالدىدا غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ تۇردۇم.دەپتۇ.
ئۇخلاۋاتىمەن
بىر كۈنى مۇساپىر غەيرىتەمنىڭ ئۈيىگە كەپتۇ.ۋە قۇنۇپ قاپتۇ،يېرىم كىچە بولغاندا مۇساپىر:غەيرىتەم ئۇخلاۋاتامسەن ئاداش دەپتۇ.
-گىپىڭ بولسا دەۋەر،دەپتۇ غەيرىتەم.مۇساپىر بىردەم تۇرۇپ كىتىپ:ئامالسىز ئالدىڭغا كەلدىم بولسا 30مىڭ يۈەن دىيىشىگە
غەيرىتەم:-مەن ئۇخلاۋاتىمەن دىگۈدەك.
سۈيۈنچە
پولۇجاننىڭ يېڭى ئالغان ماشىنىسى يۇقاپ كىتىپتىكەن پولۇجان:كىمدەكىم ماشىنامنى تېپىپ قايتۇرۇپ بەرسە ئۇنىڭغا ماشىنىنى سۈيۈنچە بىرىمەن دىگەن مەزمۇندا ئىلان چىقرىپتۇ.بۇنى كۆرگەن نەۋرۇز:ماشىنىنى تېپىۋالغان ئادەمگە ماشىناڭنى بىرىۋەتسەڭ ساڭا نىمە قالىدۇ؟دەپ سۇراپتۇ.
-سەن بىلمەيسەن- دەپتۇپولۇجان .يۇقاتقان نەرسە تېپىلغان چاغدىكى خۇشاللىققا گەپ توغرا كەلمەيدۇ.ماشىنامنى سۈيۈنچە بەرسەم تېپىلغان خۇشاللىق قالىدۇ.
مۇشۇ يەرگە كىلىدۇ
مۇساپىرنىڭ پورتمالىنى ئوغرى ئېلىپ قېچىپتۇ.مۇساپىر ئوغرىغا يىتىشەلمەي قەبرىستانلىققا بېرىپ ئولتۇرۇپتۇ.بۇنى كۆرگەن نەۋرۇز:ئوغرىنى قوغلىماي بۇيەردە نىمە ئولتۇرىسەن؟ دەپتۇ.مۇساپىرئويلانمايلا:
-قوغلاپ يىتىشەلمىدىم ئاخىرى مۇشۇ يەرگە كىلىدۇ،شۇچاغدا ئالارمەن دىگۈدەك.
قوينىڭ باھاسى
ئەنگەرقۇيىنى ساتماقچى بۇلۇپ بازارغا ئاپىرىپتۇ.غەيرىتەم كىلىپ:
-قوينى نەچچە پۇلغا ساتىسىز؟دەپ سۇراپتۇ.ئەنگەر ئۇستىلىق بىلەن:
-بۇ قوي ماڭا 2000يۈەنگە توختىغان،2500يۈەنگە ساتايمىكىن دەپ تۇرىمەن،خېرىدارى چىقىپ قالسا 2600يۈەنگىمۇ
ساتالايمەن،قۇيۇمغۇ 2800يۈەنگىمۇ يارايدۇ، ئالاي دىسىڭىز2900يۈەن دەپ تۇرۇڭ 3000يۈەنگە بىرەي.دەپتۇ.
توغرا كىلىپ قېلىش
گۇلىرەيھان ناخشىچى ئىكەن ئۇ بىر كىچىلىكتە ناخشا ئېيتىپتۇ.ناخشا ياخشى ئېيتىلماپتۇ.زىرىكىپ كەتكەن مەلىكە يېنىدىكى بىر تاماشىبىن بىلەن پاراڭغا چۈشۈپتۇ.
-بۇرادەر بۇقايسى ناخشىچىدۇ،ئاۋازى ياخشى ئەمەسكەن.دەپتۇ.ئۇتاماشىبىن ئۇڭايسىزلىنىپ:
-ئۇ مىنىڭ ئايالىم دەپتۇ.مەلىكە خىجىل بۇلۇپ:
-ئاۋازى ياخشىكەن،تىكىست ياخشى ئەمەسكەن.دەپتۇ.ھېلىقى تاماشىبىن تېخىمۇ ئۇڭايسىزلىنىپ:
-مەن يازغان دەپتۇ.
نىمىشقا تۇتۇۋالمىغاندۇ؟
نەفىسە 6ياشلىق قىزىنى ئېلىپ يولدىن ئۈتۈپ كىتىۋاتقاندا قىزى چاپلاغلىق تۇرغان تۇتۇش بۇيرۇقىنى كۈرۈپ:
-ئاپا،مۇشۇ سۈرەتتىكى ئادەم جىنايەتچىمۇ؟دەپ سۇراپتۇ.
-ھەئە،نىمىشقا سۇراپ قالدىڭىز؟دەپتۇنەفىسە.
-بۇساقچى تاغاشلار جىنايەتچىلەرنى سۈرەتكە تارتىۋاتقاندا نىمىشقا تۇتۇۋالمىغاندۇ؟دەپتۇ.
ھەرئىككىسى كىلىدۇ
رىزۋان ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ۋاقت ئىكەن بىر كۈنى ئۇ ئۇقۇغۇچىسى ئئاتەش-رەنادىن سۇراپتۇ:
-ئېيتىپ بېقىڭە،تۈلكە تۇخۇم تۇغامدۇ ياكى كۈچۈكلەمدۇ؟
-تۈلكە قۇۋ نەرسە ئۇنىڭ قۇلىدىن ھەر ئىككىسى كىلىدۇ.دوپتۇ ئاتەش-رەنا.