كىملەر قالدى ئاشىق بولغۇدەك ؟
ئەقىدە قىپ كۈتۈپ ئۆتكىدەك .
كىملەر قالدى ئاشىق بولغۇدەك ؟
غېرىپ كەپىدە ھەمرا بولغۇدەك .
 
 
كىملەر قالدى ئاشىق بولغۇدەك ؟
يۈرەك يېرىپ كۆڭۈل بەرگۈدەك .
ئىگىز ھاڭدىن چۈشۈپ كەتكەندە ،
قاراپ تۇرماي تارتىپ ئالغۇدەك .
 
 
كىملەر قالدى ئاشىق بولغۇدەك ؟
يۈرەكلەرگە تېڭىپ ماڭغۇدەك .
پەخىرلىنىپ دۈشمەن ئالدىدىن ،
سۆيگۈنۈم دەپ ئېلىپ ماڭغۇدەك .
 
 
 
مەنبەسى:يىغىپ-ساقلىغانلىرىم.