ساڭزا
خام ماتىرياللار:
ئاق ئۇن تۆت چىنە.سۇ ماي 5 جىڭ.باش پىياز بىر باش.كاۋاۋىچىن 20 گرام.تۇز مۇۋاپىق مىقداردا
تەييارلاش ئۇسۇلى:

1.ئالدى بىلەن پىيازنى
نېپىز يالپاقلاپ توغراپ كاۋاچىچىن بىلەن قوشۇپ تەمى چىققۇچە قاينىتىپ سۈزىۋېلىپ
سوۋۇتىمىز، بىر چىنە سۇ ماينى چۈچۈتۈپ ئۇنىمۇ سوۋۇتىمىز.
2.ئاق ئۇنغا تېتىغۇدەكتۇز سېلىپ سوۋۇتۇلغان سۇ ماينى قۇيۇپ (تۆت چىنە ئۇنغا بىر چىنە ماي قۇيۇلسا
بولىدۇ) سوۋۇتۇلغان كاۋاۋىچىن سۈيى بىلەن چىڭراق خېمىر يۇغۇرىمىز، يېرىم سائەت
تۇرغۇزۇپ ئالما چوڭللۇقىدائۈزۈپ يۇمۇلاقلاپ، ھەر بىر ىېمىرنى
مايلاپ يەنە 15 -20 مىنۇت تىندۇرىمىز،
3.ئاندىن قازانغا ياغ قۇيۇپ تىنغان زۇۋلىنى ئىنچىكە ئىشىپ ئىككى
تال چوكىغا ئېلىپ، 7-8 دەرىجەقىززىتىلغان ياغدا ئاۋايلاپ پۇشۇرىمىز
4.پىيازنى يالپاقلاپ توغراپ ،كاۋۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ،پىياز بىلەن كاۋۋاۋىچىننى
سۈزىۋېتىپ ،سۈيى سوۋۇتىلىدۇ، (كاۋۋاۋىچىن بىلەن پىيازنى قايناتقان سۇ ساڭزىنى
چېچەكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ). چۈچۈتكەن ياغ سوۋۇتىلىدۇ
5.ئۇنغا سوۋۇتۇلغان پىياز،كاۋۋاۋىچىن سۈيىگە تۇز ،چۈچۈتۈپ سوۋۇتۇلغان ياغنى قۇيۇپ
قاتتىقراق خېمىر يۇغۇرىلىدۇ،خېمىرنى ياخشى چەيلەپ پىشۇرۇپ ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن
كىيىن 35گىرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ ئازراق ياغلاپ قۇرۇق داسقا ياكى
لېگەنگە ئۈستى-ئۈستىلەپ تىزىپ ،ئۈستىنى تەكشى ياغلاپ 15-20 مىنۇت
تىندۇرىلىدۇ،تىندۇرۇش ۋاقتى ھاۋا كىلىماتى،تۇزنىڭ مىقدارى ۋە خېمىرنىڭ قاتتىق يۇمشاقلىق
دەرىجىسىگە باغلىق.
6.تىنغان زوۋۇلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چوڭ بارماق قول بىلەن تۈشۈك ئېچىپ ،خېمىرنى ئىككى قولنىڭ ئالقىنى بىلەن ئېشىپ
ھالقىسىمان پىلتە ياساپ ئۇنى يەنە ئېشىپ ئىنچىكە چوكىنىڭ توملىقىدەك
بولغاندا ، ئۇزۇنلىقى 25 سانتىمىتىر قىلىپ كالۋىلاپ ،ئىككى تال ئىنچىكە تاياقچىغان ئېلىپ 6 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا
سېلىپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرىلىدۇ.
ئەسكەرتىش:
ساڭزىنى پىشۇرۇشتا خېمىرنىڭ چوكىغا چاپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خېمىرنىڭ
چوكىغا ئېلىنىپ تۇرغان ئىككى تەرىپىنى نۆۋەت بىلەن ياغقا بىر قېتىمدىن شۇڭغۇتۇپ سەل
قاتۇرىۋېلىپ ئاندىن بىر بېشىنى ئوڭغا ،بىر بېشىنى سولغا قايرىپ قىڭغىر قاتلاپ ياغقا
سېلىۋېتىپ ،چوكىنى تارتىۋالىدۇ. ساڭزا سەل سارغايغاندىلا ئالسا
بۇلىدۇ،پىشقان ساڭزىنى ئىسسىق ۋاقتىدىلا لېگەنگە بىر - بىرىگە يېرىم
چىشلىتىپ يانتۇ تىزىپ تۇرۇش كېرەك،ساڭزا سېلىشتا ئوت كۈچىگە دىققەت قىلىش لازىم
،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بۇلۇپ قالسا ،ساڭزا چېچەكلىمەي سىدام بۇلۇپ قالىدۇ،
يۇقىرى بۇلۇپ كەتسە ساڭزىنىڭ ئىچى خام ،تېشى كۆيۈك چىقىدۇ،(ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى
بىلىش ئۈچۈن ساڭزا خېمىرىدىن بىر - ئىككى قۇيماق سېلىپ كۈرۈش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تەڭشەلگەن بولسا ،قۇيماق
چېچەكلەپ تەكشى پىشىدۇ)

ئالاھىدىلىگى: شەكلى كۆركەم ،چۈرۈك ھەم مەززىلىك ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي
گېزەكلىرىنىڭ بىر خىلى بۇلۇپ،كۆپرەك ھېيت-بايراملاردا داستىخانغا قويۇلىدۇ..رەڭگى سېرىق، تەملىك،چۈرۈك. ھېيتلىق
داستىخانىڭىزنىڭ گۈلتاجىسى.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق