تەبىئەت،كائىنات ئەجەپمۇ گۈزەل،
ياخشى يول تاپالىساڭ ئۆمرۈڭمۇ گۈزەل
ئۆلگەندە روھىڭمۇ،قەبرەڭمۇ گۈزەل.
ئەجىر سىڭدۈرسەڭ تاشلىق تۈگەيدۇ،
نامراتلىق بىلەن ئاچلىق تۈگەيدۇ.
بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويساڭ،
ئەتە تۈگىمەس، ياشلىق تۈگەيدۇ.
ياخشىلاردىن ياخشىلىق مىراس بوپ قالۇر،
تالاشسىمۇ يامانلارنىڭ يالىسى قالۇر.
دانالارنىڭ دانا سۆزى ئىمزاسى قالۇر،
ئىجاتكارنىڭ ئىجادى سەھنىسى قالۇر.
ۋاپادار كىشىنى بېشىڭدا كۆتەر،
ۋاپاسىز ئادەمدىن ئەيلىگىن ھەزەر.
ۋاپاسىز ياندۇرار بېشىڭغا كۈلپەت،
ۋاپادار كۆڭلىدىن كۆڭلۈڭ سۇ ئىچەر.
ئىلىم باشقا، تالانىت باشقا، غۇرۇر-ئىمان يەنە باشقا ،
بولۇر ساھىپقىرانلىق بۇ ئۈچ خىسلەت كەلسە بىر باشقا.
بۇنىڭ بىلەن بەخىت پۈتمەس، بۇنىڭسىز يوقتۇر ئامەتلەر،
بەخىت بابىدا قۇر ئاچساڭ، يېزىلمىش قىسمىتىڭ باشقا.
باش بىر كۈن تاش ياستۇققا ياستۇققا يېتەر،
روھ قۇرۇپ ئۇ ھەممە تەن كېتەر.
كەلسىلەر ياش تاللىماس ئەجەل ،
خۇدا بىلەر كىم ئالدىن كېتەر.
كۆپ ئەمەس مىڭ دوسىت ساڭا ئاز ئەمەس بىر دۈشمىنىڭ ،
بولمىساڭ ھېزى ئەگەر پايلاشمۇ بار، جايلاشمۇ بار.
بۇ ھايات دۇنياسىدا ئۈزمەك ئۆزى ئاسان ئەمەس،
ياقسا ئۇندا بىر بېلىق سەن، ياقمىسا چايقاشمۇ بار.
ۋىجدانلىق بول ۋىجدانسىز بولما،
ۋىجدانسىز پەسلەرگە قاراپمۇ كۈلمە.
ۋىجدانلىق دوسىتنى چىن دىلدىن ئەسلە،
قان قۇسۇپ ئۆلسۇن ۋىجدانسىز پەسلە.
تەڭ ئىدۇق ئىككىمىز تەڭرى ئالدىدا ،
ۋە لېكىن تەڭ ئەمەس دەۋىر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،
تەڭ بولىمىز بىر كۈنى قەبرە ئالدىدا .
مەنبەسى:يىغىپ سىاقلىغانلىرىم.
[ بۇ تېمامۇتتەقېبۇ يەردىن2012-10-05 20:11قايتا تەھرى ]