مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 15ئىنكاس
  • 6660كۆرىلىشى

چۇۋۇلغان مانتا (شەھلا) [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: باشقۇرغۇچى
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 311
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 15
ئومۇمىي يازما: 1003
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1003دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 2890 دوللار
تۆھپــــــــــە: 49 ھەسسە
توردىكى :1053(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2009-04-18
ئاخىرقى: 2014-09-01
شەرەپ مىدالى

يازما   يوللانغان ۋاقتى : 2012-09-02 15:46:48
— بۇ تېمائاشپەز جەۋھەرلەش(2012-09-03) —
چۇۋۇلغان مانتا
E}7@?o7u}  
! ^~ ^D<  
p_^Jr*Mv  
8`QbUQ6  
قارا قىشنىڭ قار ياققان بىر كۈنى،كىچىدىن ياققان قار پۈتكۈل دۇنيانى چۈمكىۋالغاندەك كۆرىنەتتى.سەھەرنىڭ ئاچچىق سوغىقىدا بۇرنۇمنىڭ ئۇچىنىڭ مۇزلىغانلىقىنى،پۇتلىرىمنىڭ توڭلاۋاتقانلىقىنى سەزدىم. g4Y1*`}2f  
ئاپپاق قار چۈشكەن تەڭرىتاغ تىزمىلىرى سۈر رەڭلىك ئاسمانغا سىڭىشىپ كەتكەندەك بىلىنسىمۇ يەنىلا قارىغانسىرى بىر كىملەرنىڭ ھازىسىغا قارلىق باغلىغان ھازىدارلاردەك كۆرۈنۈپ كەيپىمنى ئۇچۇراتتى. P2U^%_~  
بۇ كۈن 2010-يىلىنىڭ زىمىستان قىشلىرى ئىدى... %rU8^'Gu  
بارلىقىمنى ئۇنتۇپ تىنماي ئىشلەيتتىم،چاچلىرىم چۈۋۈلۈپ ،يۈز تېرىلىرىم يېرىلغان ئىدى،ماڭا قارىغان ئادەم مىنىڭ ئەمدىلا 30 نىڭ قارىسىنى ئالغان چوكان ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمەيتتى. fi |k)  
ھاياتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەس بولۇپ قالغان ئوخشايمەن،ئاكامنىڭ بالدۇر كىتىشى ،ئاپامغا ھېساپسىز ئېغىر كەلدى،بىر ياتقان بىلەن قوپالماي كۈزگىچە بەرداشلىق بىرەلمىدى. بىردىنلا بۇ دۇنيادا تىككەندەك يالغۇزلا قالدىم. _6y#?8RMB  
كىملەرگىدۇ يىغلاپ بەرگۇم ،كىملەرنىدۇ چاقىرىۋالغۇم،يەنە كىملەر بىلەن مۇڭداشقۇم كىلەتتى،ئىگىز-ئىگىز بىنالاردىن كۆزۈمنى يۇمۇپلا سەكرىۋالغۇم كىلەتتى،مەن راستىنلا بۇ ئەلەمنى سىڭدۈرەلمەيۋاتاتتىم. S!'Y:AeD&  
بەزىدە ئىككى بالامغا قاراپ بىردەملىككە كۆڭلۈم كۆتۈرۈلگەندەك بولسا،بالىلارنىڭ دادىسىنىڭ كۆڭۈل ئىزدەشلىرىدىن كۆكرىكىمگە قاپلىشىۋالغان بۇ ئازاپ سەل بوشىغاندەك بولاتتى،لىكىن شۇنداقتىمۇ كىچىك چاغلىرىمدىكى ئەسلىمىلەردىن قۇتۇلالماي ئاھ ئۇرۇپلا يۈرەتتىم. [;?CO<  
ئائىلەم مىنىڭ كاساپىتىمدىن بۇرۇنقى خۇشاللىقلىرىدىن مەھرۇم ئىدى،مەن ئۇلارنىڭمۇ مەن بىلەن بىللە ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەم دەيتتىم،تېلۋىزورنى ئۇنلۇك ئاۋازدا قويىۋىلىشى ،رەڭلىكىراق كىيىنىپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈشلىرىمۇ مىنىڭ ھېسياتىمنى كۆزگە ئىلمىغانلىقتەك بىلىنەتتى. Zb p+b;  
,;&j*qFi  
ئاپپاق قارغا قاراپ پىغانىم ئۆرلىدى،قار ياققاندىن كىيىنكى كۈن بەك سوغاق بولۇپ كىتىدۇ،شۇنچە قىلىن كىيىنىۋالساممۇ ،ئىچ-ئىچىمدىن تىترەك ئولۇشۇپ ئۆيگە ئاران كىرىۋالدىم،بايىلا سېتىۋالغان يېسۋىلەكنىڭ تاشقى بىر قەۋەت قۇلىقى شىندەك قىتىپ كىتىپتۇ،ئەتىگەن ئىسسىق يوتقاندىن سۇغۇرلۇپ چىقىپلا ھەممىنى تاشلاپ ناشتىلىق قىلىپلا ھەممىمىز ھەر تەرەپكە چىقىپ كەتكەن،ئايال خۇجايىن بولۇش سۈپىتىم بىلەن يەنىلا مەن ھەممىدىن بالدۇر كەپتىمەن.ئۆيلەرنى رەتلىۋىتىپ تاماققا تۇتۇش قىلماقچى بولدۇم،بالىلارنىڭ ياتاق ئۆيىدە رەسىملىك كىتاپ ھەم ھەر خىل ئۇيۇنچۇقلار چېچىلىپ ياتاتتى،ئۇلار يەنىلا گۈدەك ئىدى،چوڭلاردا بولىدىغان قايغۇ ئازاپ مۇرەككەپ ھېسياتلارنى بەك تولۇق چۈشۈنۈپ كىتەلمىسىمۇ،بىراق يەنىلا بۇ خىل ئەھۋالدا،قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى بىلىشەتتى،بۇ جەھەتتە ھازىرقى بالىلار بىزنىڭ دەۋرىمىزدىكىدىن كۆپ ئەقىللىق. M>eMDCB\  
ئاچچىقى يامان ئايالنىڭ تۇتقان خېمىرى تىز ئۆرلەيدۇ دەپ قويىدۇ چوڭلار،مىنىڭ ئاچچىقىم  بەك يامان ئوخشايدۇ،ئىشىكتىن كىرىپلا تېرموستىكى ئىسسىق سۇدا سۈنئىي پاگى سىلىپ بولاق مانتىغا خېمىر يۇغۇرىۋەتكەن ئىدىم،ئۆيلەرنى تازلاپ ،يېسۋىلەكنى قىيمىداپ بولغىچە خېمىرمۇ تەييار بولدى،ئۆي مىزلىك قىيما پۇرىقىغا لىق  تولۇپ ئىككى قاسقانلىق كورىدا مانتاپىشقىلى تۇرغاندا مەكتەپتىن يانغان ئىككى بالىنى ئېلىپ دادىسىمۇ قايتىپ كەلدى.ئۇلارنىڭ سوغاقتا قىزارغان مەڭزى،ئاغزى بۇرنىدىن پۇشقۇرتۇپ تاراۋاتقان ھورىدىن ئۆي ئىچىگە سوغاق ئەمما بەكمۇ يىقىملىق كەيپىيات يامرىدى. i?{cB!7  
چۈشتىن قايرىلىپ قالغىنىغا قارىماي، ھاۋا ئېچىلىپ،  قوياش يۇغۇناپ، قىپقىزىل شەپەق نۇرى ئىچىلغان ئىشكتىن ئۆيۈمگە بىللە كىرىپ كەلگەندەك بىر خىل ھېسىياتتا ھاياجانلاندىم. XLu Y  
ئۇلار كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، قوللىرىنى يۇيۇشۇپ تەق بولۇشۇپ تاماقنى كۈتۈشكەندە مەن تازا ئوخشىغان ئىككى تاۋاق مانتىنى ئۈستەلگە چىقاردىم. 8>\tD  
مانتىنىڭ خېمىرى ئاپپاق ھەم يۇمشاق،چىمدىلىپ تۈككەن ئىزلىرىم قىرلىق ھەم سۈزۈك ئىدى،قىيمىسىمۇ قارامتۇل مايلىق پاقىراپ ئىشتىھانى قوزغايتتى،كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگەنلىرىنى تاللاپ بالىلارنىڭ ياغمۇچ –سىركە تەڭشەلگەن قاچىسىغا سېلىپ بەردىم،ئۆزەم نىمىشقىدۇ ئاڭسىزلارچە سەتىراق چىققانلىرىنى تاللىۋالدىم،گەرچە ھەممىسىنىڭ تەمى ئوخشاش بولسىمۇ، نەزىرىمدىكى سەتلىرىنى باشقىلارغا بېرىشكە بولمايتتى،مانتىلارنىڭ ئارىسىدىن سەتلىرىنى تاللاۋىتىپ،قاچاندۇ بىر چاغلاردا يەنە بىر قولنىڭ مانا مۇشۇنداق ئالدىمدىكى لىگەندىن ئەنە ئاشۇنداق تاللىغانلىغى ئىسىمگە كەچتى. =tkO^  
aR- ?t14  
ئۇ قول چىرايلىقلىرىنى ئاكام ئىككىمىزنىڭ چىنىسىگە سالاتتى،ئەڭ ئاخىرىدا چۈۋۈلۈپ كەتكەنلىرىنى ئالدىغا ئالاتتى، خەنزۇچە قوش خوشاللىق خېتى بىلەن قىزىل مۇدەن گۈلىنىڭ  سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن تۆمۈر لىگەننىڭ ئاستى ناھايىتى تىزلا كۆرۈنۈپ قالاتتى،ئۇ قول ئاپامنىڭ ئىدى،مەن مانتىنىڭ قىيمىسىنى ئاپام ئەتكەن بىلەن ئوخشاش تەڭشىيەلەيتتىم... O,a1?_m8  
ئۈرۈمچىدە ھەر يىلى ئوخشاشلا قار ياغىدۇ،ئوخشاشلا سوغاق بولىدۇ،پېتىۋاتقان قوياشنىڭ ئەتە سەھەر يەنىلا بۇرۇنقى ئورنىدا پارلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن،پەسىللەر ئالمىشىپ ھايات داۋام قىلىۋاتىدۇ. fJiY~mQ  
ئۇ بىر ناخشىغا ،تىنماي ئېقىپ تۇردىغان ئىقىن سۇغا ئوخشايدۇ. ?@*hU2MTC  
بالىلارنىڭ مەن تاللاپ بەرگەن مانتىلارنى ئىشتىھا بىلەن مەززە قىلىپ ياۋاتقانلىغىغا قاراپ ،ئۇلارغا ئۇۋال قىلىپ قويغاندىمەنمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم،بەلكىم شۇ يىللىرىدا ئاپامنىڭمۇ دىلى سۇنۇق ئىدى ،چوڭ بولغانسىرى نۇرغۇن  نەرسىلەرنى چۈشىنىۋاتىمەن. 0bl?dOV{  
50< QF  
بىر ئايالنىڭ ھاياتى،كۆز چاناقلاردا لىغىلداپ تۇرغان سۆيۈملۈك كۆز ياش،ئۇ ئۆز مەيلىچە شەبنەم قەترىلىرىدەك تاراملاپ تۆكۈلەلمەيدۇ.شېرىن ئەسەبىي باغلىنىش ئىچىدە ئۆزەمنىڭ ئۆزەمگە تەۋە بولالمايدىغانلىقىمنى بىلىۋالدىم،شۇ چاغلاردا ئاپاممۇ مۇشۇنداق ئويلىغان بولغۇيمىتى!؟...

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

ھەيران

تەسرلىك

خوشال

رەنجىش

ئالامەت

ياخشى

رەھمەت
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 6
ئومۇمىي يازما: 1264
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1264دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 4327 دوللار
تۆھپــــــــــە: 27 ھەسسە
توردىكى :493(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-05-08
ئاخىرقى: 2014-09-20
چاققان   يوللانغان ۋاقتى : 2012-09-02 17:31:48
خۇددى كىچىك چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم ۋە ئانامنىڭ ئەتكەن تاماقلىرنى سېغندىم ھەمدە شۇنداق تەسىرلەندىم تىمىڭزغا كۆپ رەخمەت .

مېنڭ ئسمېم مۇھەممەتجان كەسپېم مىللى تاماق ئۇستىس
دەرىجە: ئاشپەز ئۇستام
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 8511
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 289
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە289دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 100 دوللار
تۆھپــــــــــە: 67 ھەسسە
توردىكى :254(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-07-17
ئاخىرقى: 2013-07-19
ئەگەشكۇچى   يوللانغان ۋاقتى : 2012-09-02 17:38:34
تىمىڭزغا   كوپ  رەخمەت   شەخلا،،،،،،،،،،،،،،،،

دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 5341
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1086
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1086دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 9858 دوللار
تۆھپــــــــــە: 2 ھەسسە
گۇرۇپپا:
توردىكى :275(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-12-18
ئاخىرقى: 2014-07-23
شەرەپ مىدالى

3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-09-02 18:45:45
بەك ياخشىكەن ياخشى يېزىپسىز rUW/d3y  
Swxur+hfH  
ئايىغىنى يانا يازامسىز

دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 311
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 15
ئومۇمىي يازما: 1003
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1003دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 2890 دوللار
تۆھپــــــــــە: 49 ھەسسە
توردىكى :1053(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2009-04-18
ئاخىرقى: 2014-09-01
شەرەپ مىدالى

4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-09-02 19:19:16
ئايىقى يوق .

دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 2254
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1075
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1075دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 10191 دوللار
تۆھپــــــــــە: 24 ھەسسە
توردىكى :788(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-02-09
ئاخىرقى: 2014-03-01
شەرەپ مىدالى

5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-09-02 20:00:21
ئەسلىمىلىرىڭىز ئۇخشىمامدۇ ؟

دەرىجە: ئاشپەز ئۇستام
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 2417
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 19
ئومۇمىي يازما: 1326
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1326دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 16745 دوللار
تۆھپــــــــــە: 90 ھەسسە
توردىكى :379(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-02-28
ئاخىرقى: 2014-07-12
شەرەپ مىدالى

6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-09-02 20:15:53
شەھلا نىمىشقا مۇشۇنداق ئادەمنى قىزىقتۇرۇپ قويۇپ داغدا قويىسىز دەيمەن Q.]RYv}\  
ھەر بىر يوللىغان ئەسىرىڭىزنىڭ شۇنداق ئىچىگە چۆكۈپ ئوقىۋاتقاندا تۈگەپ قالىدۇ UXN!iU)  
)a'c_ 2[  
قاچانمۇ ياخشى پۈتۈلگەن بىرەر رومانلىرىڭىزنى كۆرۈشكە نىسىپ بولار؟

دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 3224
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 1834
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1834دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 864 دوللار
تۆھپــــــــــە: 13 ھەسسە
توردىكى :916(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-06-02
ئاخىرقى: 2014-09-16
شەرەپ مىدالى

7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-09-02 20:16:56
رەھمەت.شەخلاخان .قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي

دەرىجە: دائىملىق ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 8707
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 38
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە38دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 210 دوللار
تۆھپــــــــــە: 7 ھەسسە
توردىكى :35(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-08-04
ئاخىرقى: 2012-10-29
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-09-02 22:05:48
ئانىلار ئەتكەن تاماقلار .......................... 9-9:]2~g!  
ئانىلارنىڭ مىھىر-مۇھاببىتى تەڭداشسىزدۇر،بۇ ئەسەردە بۇ بەك ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ.

دەرىجە: ئوت يۈرەك
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 9000
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 197
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە197دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 31 دوللار
تۆھپــــــــــە: 25 ھەسسە
توردىكى :188(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-08-29
ئاخىرقى: 2012-10-27
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2012-09-02 22:30:17
ئاناڭدەڭ بولغاندا ئاناڭنىڭ قەدىرىگە يىتىسەن دىگەن شۇدە.......

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك250 بايت
ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى