ئاساسى ماتىريال: بۆدۈنە تۇخۇمى 12 تال، ئۆردەك تۇخۇمى 1 تال ، قوي گۆشى 400 گىرام
قوشۇمچە ماتىريال: سەۋزە 1 تال ، غولپىياز يېرىم تال، سامساق 3 چىش، زەنجىۋىل 20 گىرام ، كىراخمال 50 گىرام ، مايلىق يىسىۋىلەك 300 گىرام.
تەم خۇرۇچلار: تۇز، تېتتقۇ، شىكەر، لاۋچۇ، پەمىدۇر قىيامى ، كاۋاۋچىن تالقىنى، ئاقمۇچ تالقىنى
ئىشلەش ئۇسۇلى : ئالدى بىلەن تۇخۇملارنى سۇدا پىشۇرۋېلىپ ئاقلاپ تەييارلايمىز، گۆشنى خېمىردەك يۇمشىتىپ قىيما چانايمىز ھەم
سەۋزە، سامساق ، زەنجىۋىل، غولپىيازلارنى، گۆشكە قوشۇپ يۇمشىتىپ ، تۇز، تېتقۇ، كاۋاۋىچىن تالقىنى، ئاقمۇچ تالقىنى سېلىپ، تۇخۇم چېقىپ، ياخشى ئارلاشتۇرۇپ
كىراخمال بىرىپ قىيما تەييارلايمىز،
ئەمدى ئاقلانغان تۇخۇملارنى قىيمىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ يوشۇرىمىز،
ھەممىنى تەييار قىلىپ بولغاندا قازانغا ماي ئېسىپ قىزىغاندا قىيمىغا ئورالغان تۇخۇملارنى مايغا بىر بىرلەپ سېلىپ سارغىيىپ پىشقۇچە
تۇرغۇزۇپ سۈزىۋالىمىز،
قازاندا سۇ قاينىتىپ تۇز سېلىپ ماي قۇيۇپ مايلىق يىسىۋەلەكنى سېلىپ پىشۇرۇپ سۈزىۋالىمىز، ھەم غولى تەرەپنى تەخسە سىرتىغا قىلىپ ئايلاندۇرۇپ تىزىمىز،
قازانغا ئاز ماي قۇيۇپ پەمىدۇر قىيامىنى سېلىپ قورۇپ سۈزۈك شورپا قۇيۇپ لاۋچۇ قۇيۇپ قاينىغاندا تۇز سېلىپ پىشۇرىۋالغان تۇخۇملارنى سالىمىز
يۇمشاپ پىشقاندا تۇخۇملارنى سۈزپ ئېلىپ تەخسىدىكى مايلىق يىسىۋىلەك ئوتتۇرسىغا بۆدۈن تۇخۇمىنى چۆرىسىگە ئۆردەك تۇخۇمىنى
ئوتتۇرغا ئېلىپ چىرايلىق تىزىمىز، قازاندىكى شورپىسىغا تېتتقۇ، شىكەر سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ كىراخمال بىرىپ قويۇلدۇرۇپ پەرداز مېيى بىرىپ پارقىرىتىپ
تۇخۇم ئۈستىگە تەكشى قۇيۇپ كەلتۈرىمىز،
قېنى تېتىپ كۆرەيلى
تەبىتى : ئىسسىق
ئىجادى قورىما
ئەسكەرتىش : پەرداز مېيىنى كۆپۈنچە تورداشلىرىمىز ئۇقماي قېلىشى مۈمكىن قورۇما قورۇپ ئاخىرىدا تەخسىگە ئۇسۇش ئالدىدا
چۈچۈتۈلگەن سۈزۈك ياغ، ياكى قىزىل مۇچ يېغى بىرىۋەتسەك قورىمىنىڭ پارقىراقلىقى ئېشىپ رەڭگى سۈزىلىدۇ مانا بۇ
پەرداز مېيى دىيىلىدۇ ،
بۇ قورىمىنى بۇرۇن بىر خەنزۇچە ئاشپەزلىك بىكىتىگە يوللىسام خېلى ئالقىشقا ئىرىشكەن