خام ماتېريالى : گۈرۈچ چۆپى ( مى فېن ) ،گۆش، كۆك-قىزىلمۇچ،كەرەپشە، قىزىلمۇچ چانالمىسى، سامساق ، زەنجىۋىل ، غولپىياز،
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز ، جاڭيۇ،
قۇشۇمچە:تيەنمەنجاڭ،ۋىجىڭ،جىجىڭ.
تەييارلاش ئۇسۇلى : گۈرۈچ چۆپىنى قىزىق سۇغا چىلاپ يۇمشىتۋالىمىز. بىراز قاتتىق ھالەتتە پىشۇرۋالىمىز ئاندىن سوغوق سۇغا سېلىپ چايقاپ سوزۋالىمىز.
گوشنى قەلەمچە توغرايمىز.كۆكتاتلارنىمۇ قەلەمچە توغرىۋالىمىز. سامساق ، زەنجىۋىل ، غولپىيازلارنى ئۇششاق توغرىۋالىمىز.
قورۇش ئۇسۇلى:قازانغا ماي قۇيۇپ گۆشنى سېلىپ قورۇپ سامساق ، زەنجىۋىل ،غولپىياز. قىزىلمۇچ چانالمىسىنى سېلىپ(قۇشۇمچە:تيەنمەنجاڭ،ۋىجىڭ،جىجىڭ.)
سەل قورۇپ پۇرىقى چىققاندا كۆك-قىزىلمۇچ،كەرەپشە،توغرالمىسىنى سېلىپ ،
چالا پىشقىچە قورۇيمىز ، ئاندىن گۈرۈچ چۆپىنى سېلىپ ، ئارىلاشتۇرۇپ جاڭيۇ قۇيۇپ رەڭگى ساغارغاندا ، تۇز سېلىپ ، توخۇ تەم جەۋھىرى سېلىپ
تۇز تەمىنى تېتىپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ .
ئالاھىدىلىكى : رەڭگى سارغۇچ قىزىل ، گۈرۈچ چۆپى گىرت- گىرت ، تەمى مەززىلىك ئاچچىق بولىدۇ
ئەسكەرتىش:ئەگەر توخۇتالقىنى ياكى تېتىتقۇ سېلىشنى خالىمايدىغانلار گۈرۈچ
چۆپىنى شورپىغا سېلىپ قاينىتىۋەتسە ئوخشاشلا مەززىلىك تەمپەيدا قىلغىلى
بولىدۇ .