مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 3ئىنكاس
  • 3722كۆرىلىشى

چامغۇر كۇمىلەك [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: چولپان ئەزا
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 1288
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 611
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە611دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 6581 دوللار
تۆھپــــــــــە: 0 ھەسسە
توردىكى :249(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2010-10-09
ئاخىرقى: 2012-12-26
يازما   يوللانغان ۋاقتى : 2012-07-05 13:10:06
— بۇ تېمائاشپەز دىنبېلىق گۆشى تەييارلىندىغان قورىمىلار بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2012-07-06) —
چامغۇر كۇمىلەك
ماتىرىيالى:قوناق ئۇنى1كىلوگىرام،يېڭى باشلانغان چامغۇرمۇۋاپىق مىقداردا،شوخلا 4تال،پىياز1تال،كۆكمۇچ 3تال،يەرلىك كاۋا،ئالا غورامۇۋاپىق مىقداردا،كۆك سامساق،تۇزمۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى:1.ئالدى بىلەن كۆكتاتلارنى پاكىزە ئاقلاپ يۇيۇۋالىمىز.ئاندىن پىيازنى نېپىز توغرايمىز،پەمىدۇرنى ئۇششاق چانايمىز،كۆك مۇچ،كۆك سامساقلارنىمۇ ئۇششاق چانايمىز،چامغۇرنى يۇپقا قىلىپ كۆكى بىلەن قوشۇپ توغرايمىز،كاۋىنى چاقماق قەنت شەكىلدە توغرىساق بولىدۇ.
2.قازانغا ئوت يېقىپ مۇۋاپىق مىداردا سۇ ماي قۇيۇپ قىزىغاندا توغرالغان پىيازنى سېلىپ سارغايغاندا پەمىدۇرنى سېلىپ تولۇق قورۇلغاندىن كېيىن ئاز مىقداردا تۇز سېلىپ قاچىغا ئېلىۋالىمىز.
3.قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ ،ئازمىقداردا تۇز سېلىپ قاينىتىمىز قازان قاينىغاندا چامغۇرنى سېلىپ قاينىتىمىز ئوت كۈچى بەك كۈچلۈك بولمىسىمۇ بولىدۇ.چامغۇر يېرىم پىشقاندا ئالا غورا ۋە كاۋىنى سېلىپ بوش ئوتتا داۋاملىق قاينىتىمىز.
4.قازاندىكى ماتىرىياللار پىشقىچە داسقا ئۇننى ئېلپ تۇز قۇيۇپ يېرىم چۈمۈچ قايناقسۇ قۇيۇپ ئۇننى راسا ئىلەشتۈرۈۋېتىپ ئارقىدىن سوغۇق سۇدا يۇغۇرىمىز قوناق ئۇنى خېمىرىنى يۇغۇرغاندا دەسلىۋىدە دىسلىماي ئالقىنىمىزدا ئۈستى تەرەپكە مۇجۇپ يۇغۇرۇپ يۇغۇرۇلۇپ بولغاندا ئىككى-ئۈچ قېتىم دىسلىۋەتسەك بولىدۇ.
5.خېمىرنى يۇغۇرۇپ بولغىچە قازاندىكى ماتىرىياللارمۇ %80پىشىپ بولىدۇ،يۇغۇرۇلۇپ بولغان خېمىرنى  بەرەنگە چوڭلۇقىدا ئۈزۈپ ئالقىنىمىز بىلەن تەرخەمەكتەك ئۇزۇنچاق ھالەتكە كەلتۈرۈپ،ئەلگەككە قۇرۇق ئۇن ئېلىپ ئۈستىگە بوغۇرساق چوڭلۇقىدا ئۈزۈپ تاشلايمىز.ئاندىن ئۈستىگە قۇرۇق ئۇن سېپىپ ئەلگەكنى تاسقايمىز بۇ ۋاقىتتا ئەلگكتىكى قۇرۇق ئۇن ئەلگەك تۆشىگىدىن ئۆتۈپ كېتىپ،ئەلگەك ئىچىدىكى ئۈزۈلگەن خېمىر دۈپ-دۈگۈلەك ھالەتكە كېلىدۇ.ئەلگەك ئاستىغا گېزىت ياكى داستىخان سېلىڭ بولمىسا قۇرۇق ئۇن يەرگە چېچىلىپ كېتىدۇ.دۈگۈلەكلەرنى قازانغا ئاۋايلاپ سېلىپ بىر قايناپ چىققاندىن كېيىن ئوت كۈچىنى پەسەيتىپ بوش ئوتتا قاينىتىپ،كۆپۈكلىرىنى سۈزۈپ تۇرۇپ پىشۇرىمىز .10-15مىنۇت ئەتراپىدا قايناتساق پىشىدۇ.ئاخىرىدا كۆك سامساق ۋە كۆك مۇچلارنى سېلىپ تۇز تەمىنى تەڭشەپ قاچىلارغا ئۇسسۇمىز ھەمدە ئۈستىگە قورۇپ سارغايتىلغان پەمىدۇر قىيامىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
6.بۇ تاماق ئېتىش ئۇسۇلى ئاددى،چوڭ-كىچىك،قېرى-ياش ھەممەيلەنگە ياقىدۇ.ئىشتىھانى ئېچىپ ئۆپكىنى راۋانلاشتۇرۇپ،قاندىكى ماينى ئېرىتىش،قەۋزىيەتنى ئوڭشاش رولىغا ئىگە.

تېما تەستىقلىغۇچى: ئاشپەز
تەستىق ۋاقتى: 2012-07-06, 01:17

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

ھەيران

تەسرلىك

خوشال

رەنجىش

ئالامەت

ياخشى

رەھمەت
 
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 2273
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1080
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1080دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 72 دوللار
تۆھپــــــــــە: 4 ھەسسە
گۇرۇپپا:
توردىكى :184(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-02-11
ئاخىرقى: 2014-07-02
شەرەپ مىدالى

چاققان   يوللانغان ۋاقتى : 2012-07-06 17:07:07
ئاڭلاپ باقمىغان تاماقكەن بۇ ،،بەك تەملىكتۇ..

دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 3224
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 1833
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1833دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 859 دوللار
تۆھپــــــــــە: 13 ھەسسە
توردىكى :913(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-06-02
ئاخىرقى: 2014-07-16
شەرەپ مىدالى

ئەگەشكۇچى   يوللانغان ۋاقتى : 2012-07-06 20:09:18
مانا بۇ بىزنىڭ خوتەننىڭ يەرلىك ئەنئەنىۋى تامىقى

دەرىجە: ئوت يۈرەك
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 10180
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 140
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە140دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 56 دوللار
تۆھپــــــــــە: 28 ھەسسە
توردىكى :113(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2013-03-20
ئاخىرقى: 2014-06-21
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى : 2013-03-26 17:14:33
مەنمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا ئىتەتتىم ئوخشاپ كىتىدىكەن.

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك250 بايت
ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى