مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 16ئىنكاس
  • 892كۇرىلىشى

ئەرلەر نىمىشقا ئايالىنى ئۇرۇدۇ ؟ [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6381
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 118
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە118دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 1190 دوللار
تۆھپــــــــــە: 0 ھەسسە
توردىكى :74(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-01-27
ئاخىرقى: 2012-03-23
ئەرلەر نىمىشقا ئايالىنى ئۇرۇدۇ ؟

ئەرلەر نېمىشقا خوتۇنىنى ئۇرىدۇ؟ خوتۇنىنى ئۇرىدىغان زادى قانداق ئەر؟...بۇ سۇئال ئوتتۇرىغا تاشلانسا شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن مۇنازىرە ۋە دەتالاشلارنىڭ كېلىپ چىقىشى تەبىئى. بۇ مەسىلە توغرىسىدا بەزىلىرىمىز ئەرلەرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ سۆز قىلساق، يەنە بىرقسىملىرىمىز ئاياللار تەرەپتە تۇرۇپ سۆزلىشىمىز، يەنە بەزىلىرىمىز ئىككىلا تەرەپكە تەڭ ئېتىبار بەرگەن ھالدا ئۆز پىكىرىمىزنى ياقلىشىمىز مۇمكىن، مەيلى كىم قانداق كۆز قاراشتا ، قانداق پىكىردە بولسۇن، ئومۇمەن ، جەمئىيىتىمىزدىكى كشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ، چۈشىنىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، بىز بۇ ئۈچ تەرەپكە ئا، ب ، س دەپ ھەرپ بەلگىلەپ، كۆز قاراشلارنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بايان قىلىپ باقايلى!  
ئا تەرەپ: ئەرلەرنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. يەنى خوتۇننى ئۇرۇش توغرا ، ھەقلىق دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ

1. خوتۇننى ئۇرۇش ئەرلىك ھەيۋىنىڭ بەلگىسى، خوتۇندىن قورۇقماسلىقىنىڭ ئەمىلى ئىپادىسى.  
2. خوتۇن كىشىنى ئۇرۇش ئارقىلىق ئۇنى تولۇق باشقۇرغىلى، ئەرنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقماس قىلغىلى بولىدۇ.  
3. ئاياللار بەزىدە پەقەت گەپ ئاڭلىمايدۇ، ئارقا-ئارقىدىن خاتالىق سادىر قىلىۋىرىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى ئۇرۇپ تۇرۇش ئارقىلىق باشقۇرۇش ئۈنۈملۈك چارە.

4. بەزى ئاياللار ياخشى گەپ قىلسا ئاڭلىماي، تاياق يىگەندىن كېيىن ئادەم بولىدۇ.
5. ئايال كىشىنى چىڭ باشقۇرمىسا، ئەرنىڭ بېشىغا چىقىدۇ، بىز ئۇرمىساق، بىزنى ئۇرىشى مومكىن.  
6. ئەر كىشى دېگەننىڭ قەھرىمۇ ، زەھىرىمۇ بولۇشى ، خوتۇنىنى ھەم يىغلىتالايدىغان ھەم كۈلدۈرەلەيدىغان بولىشى كېرەك، ئەركەك دېگەن شۇنداق بولىدۇ. ?

7. بەزى ئاياللار بەك ۋاتىلداق، ئۇرۇشقاق، ئەر كشى ئۇلارغا گەپتە تەڭ كېلەلمەي تاياققا زورلايدۇ.
يۇقارقى قاراشلارنى يىغىنچاقلىغاندا ئەرلەر خوتۇنىنى ئۇرسا بولىۋىرىدۇ، خوتۇننى ئۇرىدىغان ئەر نوچى، ۋىجدانلىق، غورۇرلۇق ياخشى ئەردۇر.  
ب تەرەپ: ئاياللارنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەنى ئەرلەرنىڭ خوتۇنىنى ئۇرۇشى خاتا، ئاياللارنى ئۇرۇشقا قەتئى بولمايدۇ دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ. ?  
1. ئەر- ئاياللار ھوقۇقتا باراۋەر، ئاياللارنى ئۇرۇش، تىللاش ئەخلاقسىزلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى قانۇنسىز قىلمىش.

2. ئەرلەر خوتۇننى ئۇرسا بولىدىكەن، ئۇنداقتا ، ئاياللارمۇ ئەرلەرنى ئۇرۇشى كېرەك. بولمىسا ئەرلەرمۇ خوتۇنىنى ئۇرمىسۇن.
3. ئاياللار نىڭ جاپاسى تولا، ئەرلەر بىلەن تەڭ ئىشلىگەننى ئاز دەپ، بالا بېقىش، تاماق ئېتىش، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش... دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاياللار قىلىدۇ، شۇنداق تۇرۇپ، ئەرلەر ئۇلارنى ئۇرسا بولامدۇ؟  
4. ھەرقانچە ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ ئايال كىشىنى ئۇرسا قەتئى بولمايدۇ، ئازمايدىغان، خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان كىم بار؟ تەربىيە قىلىپ ، پۇرسەت بېرىپ، ئۆزگەرتىشكە تامامەن بولىدىغۇ؟  
5. ئاياللار جىسمانى جەھەتتە ئاجىز، ئەگەر ئەرلەر مەن كۈچلۈك دەپ زومىگەرلىك قىلسا، چوقۇمكى بۇنىڭ سورىقىنى تارتىدۇ.

6. تىل- دەشنام، تاياق- توقماق بىلەن ھېچنىمىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، ھەدېسە ئاياللارنى ئۇرۇش ئېنقكى، ئۇلاردا يوشۇرۇن ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت ھەتتاكى لاۋۇلداپ تۇرغان قىساس ئوتىنى پەيدا قىلىدۇ، خالاس.  
7. بىر ئەرنىڭ ۋىجدانى، پەزىلىتى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ماھىيىتىگە بولغان چوڭقۇر چۆكۈشىدىن كېلىدۇ، ھەققىي ئەركەك خوتۇنىنى ئۇرمايدۇ، ھاقارەت قىلمايدۇ، بەلكى ئۆز ھىمايسىگە ۋە مۇھەببىتى ئاستىغا ئالىدۇ.  
8. ئاجىز ، يارىماس ئەرلەرلا خوتۇنىنى ئۇرىدۇ. چاقناپ تۇرغان پاراسەت، زىمىندىن كەڭ مېھرىبانلىق، تاغدىنمۇ بۈيۈك پەزىلەت، دېڭىزدىن چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت بىلەن ئايال قەلبىنى ئىسكەنجىگە ئالغۇچى- ھەققىي ئەركەكتۇر.

9. خوتۇنى ھەقىقەتەن بەك ئەسكىلىك قىلسا، ياكى ئېرىگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلىپ سالغان بولسا، ئۇنى ئۇرۇپ دەسسەپ يۈرگىچە چىرايلىق ئاجىرىشىپ كەتسە بولىدىغۇ؟...
يۇقارقى كۆز قاراشلارنى يىغىنچاقلىغاندا، ئاياللارنى ئۇرۇشقا ، كىشلىك ئىززىتىگە تېگىشكە قەتئىي بولمايدۇ، خوتۇنىنى ئۇرىدىغان ئەر شەپقەتسىز، رەزىل ، نادان ۋە چۈپىرەندە ئەردۇر.
س تەرەپ: ھەم ئەرلەرنىڭ ھەم ئاياللارنىڭ مەيدانىغا ۋەكىلىك قىلىپ ، ھەر ئىككىلا تەرەپكە تەڭ ئىتىبار قىلىدۇ، بۇ تەرەپ، ئاياللارنى ئۇرۇشقا بولمايدۇ، لېكىن بەزىدە ئۇرمايمۇ بولمايدۇ دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ.

1. ئاياللارنى ئۇرۇپ تىللاپ، ھاقارەت قىلماستىن، چىن دىلىدىن ھۆرمەت قىلىش كېرەك، بىراق ئاياللار گاھىدا ھەددىدىن بەك ئېشىۋالىدۇ، بۇنداق چاغلاردا ئانچە- مۇنچە ئۇچۇغداپ قويمىسمۇ بولمايدۇ.  
2. ئاياللار بەك ئېغىر گۇناھ ، خاتالىق سادىر قىلغاندىلا ئۇرۇش كېرەك، ئۇلارنى ھەدېسىلا ئۇرۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا تاياقتىن قورۇقمايدىن بولۇپ قالىدۇ.

3. ئاياللار تالاغا قاراپ قالغان بولسا، ئۇرۇپ پۇت- قولىنى سۇندۇرۇۋېتىش كېرەك.  
4. شۇنداق ھازازۇل ئاياللار باركى، ئۇلار ئەرلىرىنى بوزەك ئىتىپ « سايىماخۇن» قىلىۋىتىدۇ، شۇڭا ياخشى ئاياللارنى ھەرگىز ئۇرماسلىق، ھېلىقىدەك ھازازۇل ئاياللارنى ئۇرۇپ ئادەم قىلىش كېرەك.  
قېنى دەپ بېقىڭ ! قايسى تەرەپنىڭ كۆز قارىشى سىزنىڭ قارىشىڭىز بىلەن بىردەك ئىكەن؟ سىزچە قايسى تەرەپنىڭ كۆز قارىشى توغرا؟  
ھەممەيلەننىڭ بۇ ھەقتە ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

مەنبە : شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى  





مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

ھەيران

تەسرلىك

خوشال

رەنجىش

ئالامەت

ياخشى

رەھمەت
 
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4766
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 268
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە268دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 15 دوللار
تۆھپــــــــــە: 5 ھەسسە
توردىكى :128(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2012-11-13
شەرەپ مىدالى

مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 02-29
بۇرۇن بىر پوۋېستنى ئوقۇغان ئىدىم، بىر كىشى بىر ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، توي قىلىپ مۇرادىغا يېتىدىكەن ھەم بىر پەرزەنتلىك بولىدىكەن، شۇنداق ئىناق ئۆتكەچكە ھەمەيلەننىڭ ئۇلارغا ھەۋىسى كېلىدىكەن، بىراق ئايال دائىم قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ چىقىدىغان ئادىتى بويىچە قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن قوشنىلىرى«ئانچە مۇنچە سوقۇش چىقىپ تۇرسىمۇ ھاياتنىڭ پەيزى بولىدۇ» دېسە ساددا ئايال ئىشىنىپ قېلىپ، نەچچە كېچە ئۇدا قەستەن قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرىۋالىدىكەن، ۋە يولدىشىنى قەستەن تېرىكتۈرۈپ، ئەرنىڭ گۇمانىنى قوزغايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئەر ئايالنىڭ يېرىم كېچىدە كىرگەن چېغىدا بىر ھاپپاق سالىدىكەن، ئايال يامانلاپ كېتىدىكەن، قېيناپىسىنىڭ ئۆيى يىراق بولغاچ ئەر ئايالنىڭ كەينىدىن ئاتلىق ئىزدەپ ماڭىدىكەن، بىراق ئايال يولدىن ئېزىپ قېلىپ، بىر جادۇگەر موماينىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، ئۇ يەردىن قېچىپ ماڭىدىكەن، جادۇگەر موماي ئايالنى ئۆلتۈرۈش مەقسىتىدە ئايالنى قول ئاستىدىكى ئۈچ ئادەمگە قوغلاتقۇزۇدىكەن، ئايال بىر كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىكى سۇ كولاپ ئۆڭكۈر شەكلىگە كەلتۈرۈپ قويغان بىر كامارغا كىرىپ يېتىۋالىدىكەن، گەرچە قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ بىراق زىيادە قورقۇپ كەتكەنلىكىدىن، مېڭىسىگە قان چۈشىدىكەن، ئەر ئايالنى بىر يېرىم كۈنلەردە ئىزدەپ بايىقى كاماردىن تاپىدىكەن، بىراق ئۇ چاغلار تىببى پەن ئۇنچە تەرەققى قىلمىغان زامان بولغاچ، مېڭىگە قان چۈشكەنلىكىگە دىئاگىنوز قويۇلغان بولسىمۇ داۋالاپ ساقايمايدىكەن ۋە بىر ئايدىن كېيىن قازا قىلىدىكەن، ئەر شۇنىڭ بىلەن قاتتىق ئازاپلىنىپ، ئايالىنى ئۇرغان قولنى ئوتقا سالىدىكەن ۋە شۇدىن كېيىن بىر ئۆمۈر بىر قولىغا پەلەي كىيىپ يۈرىدىكەن، بالىسىنى ياخشى تەربىيەلەپ ئوقۇتۇپ، بالىسى ھاكىم بولىدىكەن، بىراق شۇ ئارىلىقتا ئەر بىر جايغا بىر يىللىق كېتىپ قېلىپ، قايتىپ كەلگەندە ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئايالنى قويغان مازارلىقنى يۆتكەتكۈزىۋەتكەن بولۇپ، ئايالنىڭ قەبرىسى يوقاپ كېتىدىكەن، شۇندىن كېيىن ئۇ كىشى بىر ئات ھارۋىسى سېتىۋېلىپ شۇ مازاردىن ئۆتىدىغان يول ئۈستىدە كىراكەشلىك قىلىدىكەن ۋە ھەر قېتىم شۇ يەردىن ئۆتكەندە توختاپ قىرائەت قىلىپ، ئايالى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ بىر ئۆمۈر بويتاق ياشايدىكەن.
كىچىكىمدە بىر كىتاپتىن«ئاللا ئايال كىشىنى ئەگرى قوۋۇرغىدىن ياراتقان، ئۇ ئەگرى بولىدۇ، ئۇنى ئەگرى پېتى قويۇۋەتسەڭ زىيان تارتىسەن، تۈزلەيمەن دەپ بەك كۈچەپ قالساڭ سۇندۇرۇپ قويىسەن، شۇڭا ئۇلارغا مۆتىدىل مۇئامىلە قىلىشىڭ كېرەك» دېگەن مەزمۇندىكى بايانلارنى ئوقۇغان ئىدىم ۋە ئايال كىشىنى ئۇرماسلىق كېرەك ئىكەن دېگەن ئوي شەكىللەنگەن ئىدى، بىراق مەن ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچۈنچى يىللىقىغا چىققاندا بىر قىزنى تاس قالغان ئىدىم ئۇرۇپ سالغىلى، مۇنداقچە ئېيىتقاندا تاس قالغان ئۇ قىز ئۇرۇلۇپ كەتكىلى.
قۇرئان كەرىمنى ئوقۇساق،« سۈرە نىسا»دا ئاياللارنى ئۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇنلىرىمىز بار.
ئاياللارنىڭ ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىنى ئۆمۈت قىلىمەن ۋە ئاللادىن ياخشى ئايال تىلەيمەن...

 
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6731
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 506
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە506دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 5131 دوللار
تۆھپــــــــــە: 0 ھەسسە
توردىكى :152(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-02-15
ئاخىرقى: 2012-03-23
مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 02-29
بۇ تىمىنى مەن بىرىنجى بولۇپ ئوقىغانلىقىمدىن خۇشالمەن دىگىنىڭىز ئىنتايىن توغرا  شەرىيىتىمىزدە ئاياللارنى ئۇرۇش قاتتىق گۇناھ ھىسابلىندۇ بىز ئاياللار شۇنچە ئاجىز تۇرساق بىزنى نىمىشقى بوزەك قىلدۇ دەيمەن

 
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5341
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1054
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1054دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 9698 دوللار
تۆھپــــــــــە: 2 ھەسسە
گۇرۇپپا:
توردىكى :260(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-12-18
ئاخىرقى: 2012-11-10
شەرەپ مىدالى

مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 3 ئېلان قىلىنغان: 02-29
پەيغەمبىرىمىز،ئاياللىرىنى پەقەتلا ئۇرۇپ باقمىغان،،،،،،،ھەدىسلەردە،،،،پەقەت ئۇرۇش دۇرۇس بولدىغان چاغلار،ئايالنىڭ ئۆز جۇپتى ھالالىغا كۇپىرلۇق قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن چاغدا ياكى بۇزۇقچىلىق قىلغان يەرلىرىنى نەچچە گۇۋاھچى كۆرگەن چاغدا،ئۇرۇش بار ئەلۋەتتە،،،،،،،،،،،،لىكىن مۇھەممەت ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىزلەرگە،ھەدىس قالدۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ،،سىلەر ئاياللىرىڭلارنى ئۇرماڭلار،ئاجرىشىپ كىتىش توغرا كەپ قالسىمۇ جىدەللەشمەي چىرايلىق مۇئامىلە قىلىپ ئاجىرىشىپ كىتىڭلار،چۇنكى سىلەر بىر ياستۇققا باش قويغان ۋەشۇ ئاياللىرىڭلارنىڭ تاماقلىرىنى يىگەن دىگەن،،،،،،،،،،،،،،،،شۇڭا ئاياللىرىمىزغا ئازا بەرمەي نەسىھەتنى ياخشى قىلىپ مۇسلىمە يولىدا باشقۇرۇپ،ئۇلارنى خۇددى قۇتىنىڭ ئىچىدىكى گۆھەرنى ساقلىغاندەك ساقلىشىمىز كىرەك ئەلۋەتتە،،،،،،،،،،،،،،،ھەممىمىز تىرىشايلى،

 
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6645
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 139
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە139دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 13 دوللار
تۆھپــــــــــە: 5 ھەسسە
توردىكى :108(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-02-11
ئاخىرقى: 2012-11-12
مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 4 ئېلان قىلىنغان: 02-29
             مىنىڭچە ئاياللارنى ئۇرۇش ئەرلەر قىلىدىغان ئىش ئەمەس ،بۇبەك سەت ئىش مەسىلەن بىر ئەر كىشىنىڭ ئايال كىشىنى ئۇرىۋاتقان ھالىتىنى تەسەۋۋر قىلىپ بىىقىڭلارچۇ قىنى؟ئۇئەر
    كىشىنىڭ شۇچاغدىكى تۇرقى مىنىڭچە تاياق يەۋاتقان ئايالدىنمۇ بىچارە بولىشى مۈمكىن،  بىر چىرايلىق ئۆينى تۇتقىچە جىنىم ،خىنىم دەپ ئاچچىغى تۇتۇپ قالسا ئۇنى ھايۋاننى ئۇرغاندەك
   ئۇرسا بۇكىشىنى نورمال دىسەك بولمايدۇ،ئەگەر ئەركىشى ئايالىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىغا ئىشەنچ قىلالمىسا بۇباشقا گەپ ،ئاياللار ئىرىنى قانچىلىك ياخشى كۆرگەنسىرى ئۇنىڭغا بەكلا كۆڭۈل
  بۆلىدۇ ئۇلارنىڭ زەررىچە ئىشلىرىدىنمۇ ئەنسىرەپ كوت-كوت بولۇپ قالىدۇ ،بۇنىڭ بىلەن ئەرلەر ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ياخشى تەرەپكە بۇرىماي ئاتالمىش غورۇرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ساپ غورۇرىنى
  پايخان قىلىپ ئاياللارنى ئۇرۇشقا باشلايدۇ مەن دىمەكچى شۇبىرقىتىملىق تاياق تۇرمۇشىڭىزنى بەكلا ئۆزگەرتىۋىتىدۇ ئايالىڭىز سىزنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ھۆرمەتلىشى مۈمكىنمۇ؟مەنمۇ بىرئايال
  بۇمۈمكىن ئەمەس ،ئاياللار خاتالىغىنى بەك ئاسان تونۇيدۇ سىز ئۇنى ئۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقىپ بىرسائەت ئايلىنىپ ھىچ ئىش بولمىغاندەك تۇرسىڭىزياكى بولمىسا
   ئىككى سائەت گەپ قىلماي جىم تۇرۇۋالسىڭىزلا ئايالىڭىز ئالدىڭىزدا ناماقۇل بولىدۇ بەزىدە ئايالىڭىزنى سائەتلەپ ئۇرسىڭىزمۇ بۇنەتىجىگە ئىرىشەلمەيسىز!بىزدە ئىززەت قىلساڭ ھۆرمەت
  تاپىسەن دىگەن ھىكمەت بار ئەمەسمۇ يىگىتلەر!ئاللا ھەممىڭلارغا بەخىتلىك ئائىلە ئاتاقىلغاي!ئائىلەڭلارنى كۆز قارچۇقۇڭلارنى ئاسرىغاندەك ئاسراڭلار تۇققانلىرىم!

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 538
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 693
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە693دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 9597 دوللار
تۆھپــــــــــە: 44 ھەسسە
توردىكى :767(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2009-05-15
ئاخىرقى: 2012-11-08
شەرەپ مىدالى

مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 5 ئېلان قىلىنغان: 02-29
ئىنكاسلاردىن سۇيۇندۇم ،<<،ئاياللار خاتالىغىنى بەك ئاسان تونۇيدۇ سىز ئۇنى ئۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقىپ بىرسائەت ئايلىنىپ ھىچ ئىش بولمىغاندەك تۇرسىڭىزياكى بولمىسا
   ئىككى سائەت گەپ قىلماي جىم تۇرۇۋالسىڭىزلا ئايالىڭىز ئالدىڭىزدا ناماقۇل بولىدۇ بەزىدە ئايالىڭىزنى سائەتلەپ ئۇرسىڭىزمۇ بۇنەتىجىگە ئىرىشەلمەيسىز!بىزدە ئىززەت قىلساڭ ھۆرمەت
  تاپىسەن دىگەن ھىكمەت بار ئەمەسمۇ
>> بۇ جۇملىلەر تۇلىمۇ جايىدا ئېيتىلىپتۇ ،قەلەم تەۋرەتكەن قوللىرىڭىزغا دەرت تەگمىسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6645
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 139
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە139دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 13 دوللار
تۆھپــــــــــە: 5 ھەسسە
توردىكى :108(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-02-11
ئاخىرقى: 2012-11-12
مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 6 ئېلان قىلىنغان: 02-29
بىراق مەن ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچۈنچى يىللىقىغا چىققاندا بىر قىزنى تاس قالغان ئىدىم ئۇرۇپ سالغىلى، مۇنداقچە ئېيىتقاندا تاس قالغان ئۇ قىز ئۇرۇلۇپ كەتكىلى.سىز ئۇقىزنىڭ ئۇرۇلۇپ كەتكۈدەك قىز ئىكەنلىگىنى بىلگەن چىغىڭىزدا غورۇرىڭىزنى قوغداپ ئاستا كىتىپ قالسىڭىز بولدىغۇ،سىزگە ئوخشاش ۋىجدانلىق يىگىتلەردىن بىر قانچىسى تاشلاپ
   كەتكەندىن كىيىن ئۆز قىممىتىنڭ قەيەردە ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىپ قالار بولغىيتى!مىنىڭچە ھايا قىز-ئوغۇللار بولۇپمۇ ئەر-ئاياللار ئارىسىدىن كۆتۈرۈلگەندە ئۇ ئائىلىنى ساقلاپ قىلىش
   بەك تەس!تاياق ھايانى قوغلايدۇ،چۈنكى ئاچچىق ئەقىلنى كىسىدۇ ،ئەقىل بولمىغان ئىنساننىڭ ھايۋاندىن پەرقى يوق خالاس!

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1288
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 611
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە611دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 6581 دوللار
تۆھپــــــــــە: 0 ھەسسە
توردىكى :249(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2010-10-09
ئاخىرقى: 2012-11-02
مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 7 ئېلان قىلىنغان: 02-29
پولوجاننىڭ پىكرى ئورۇنلۇقكەن،ھىدايەت بەرسۇنننىڭ پىكرىمۇ ناھايىتى جايىدا ئۇلارنىڭ پىكرىنى قوللايمىز ئەلۋەتتە.

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 6
ئومۇمىي يازما: 1150
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1150دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 3742 دوللار
تۆھپــــــــــە: 22 ھەسسە
توردىكى :286(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-05-08
ئاخىرقى: 2012-11-11
مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 8 ئېلان قىلىنغان: 02-29

مېنڭ ئسمېم مەمەتجان كەسپېم مىللى تاماق ئاشپزې
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2273
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1054
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1054دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 2737 دوللار
تۆھپــــــــــە: 3 ھەسسە
گۇرۇپپا:
توردىكى :169(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-02-11
ئاخىرقى: 2012-11-11
شەرەپ مىدالى

مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 9 ئېلان قىلىنغان: 03-03
يولدىشىڭىزنىڭ يالغۇزلۇقنى خالاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلسىڭىز ئۇنىڭغا يېپىشىۋالماڭ، ئۇنىڭ يالغۇزلۇقنى خالاپ قىلىشى سىزدىن بىزار بولۇپ قالغانلىقىدىن بولۇشى ناتايىن. ئۇنىڭمۇ ھەرخىل بېسىملاردىن چارچايدىغان، يالغۇز ئولتۇرۇپ خىيال سۈرگىسى كىلىدىغان چاغلىرى بولىدۇ.
ئۆيدىمۇ چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈڭلار، ئەرلىرىڭلاردىن ناز-خۇلقنى ئايىماڭلار. يېڭىچە تاماق-قورىمىلارنى ئېتىشنى ئۈگۈنۈپ قويۇڭلار، ھەمدە مۇنبەردىكى ئانچە-مۇنچە ئۆزگىچە تاماقلارنى ئوخشىتىپ ئىتىپ يولدىشىڭىزنى ھەيران قالدۇرۇڭ!
.........................................

جاھاننىڭ ئۆمرىنى بىلەلەيدۇكىم،
قايغۇسىز ھەمىشە كۇلەلەيدۇ كىم.
كىتىمىز جاھاندىن ئاخىرى بىركۈن،
قايتىدىن جاھانغا كىلەلەيدۇ كىم.
تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك250 بايت
ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى