ئاساسى ماتىريال: كالا گۆشى  200 گىرام 

قوشۇمچە: بەرەڭگە ، تۇز، تېتتقۇ، جاڭيۇ، شىكەر ، غولپىياز توغرالمىسى ، سامساق ، زەنجىۋىل چانالمىللىرى ،ھۆل كىراخمال ، 
كاۋاۋچىن تالقىنى، ئاقمۇچ تالقىنى، تۇخۇم ، 
ئىشلەش ئۇسۇلى : ئالدى بىلەن گۆشنى نىپىز ياپراقچە توغراپ  

بىر قاچىغا سېلىپ تۇز، تېتتقۇ، كاۋاۋىچىن تالقىنى ، جاڭيۇ، تۇخۇم ، كىراخمال 
بىرىپ ئوبدان ئىلەشتۈرۈپ تەملەندۈرىمىز،
ئاندىن بەرەڭگىنىمۇ نىپىز ياپراقچە قىلىپ توغراپ سۇغا چىلاپ پاكىز يۇيۇپ شىرنىسىنى چىقىرىۋالىمىز،
كەينىدىن قازانقا ماي قۇيۇپ  4-5  دەرىجە قىزىغاندا توغرالغان بەرەڭگىنى سېلىپ چالا پىشۇرۇپ ئېلىۋالىمىزدە 
ماينى يەنە ئازراق قىزدۇرۇپ ، تەملەنگەن كالا گۆشىنى چېچىپ سېلىپ پىشۇرۇپ سۈزىۋالىمىز،
ئارقىدىن قازانغا ئاز ماي قالدۇرۇپ ، غولپىياز توغرالمىسى ، سامساق، زەنجىۋىل چانالمىسىنى  سېلىپ قورۇپ 
پۇراق چىققاندا بىر يېرىم چۈمۈچ سۇ قۇيۇپ تۇز ، جاڭيۇ ، كاۋاۋىچىن، ئاقمۇچ تالقىنى سېلىپ قاينىغاندا 
پىشۇرىۋالغان كالا گۆشىنى سېلىپ قاينىتىپ، شورپىسى خورىغاندا بەرەڭگىنى سېلىپ بىرئاز قاينىتىپ
تېتتقۇ، شىكەر بىرىپ تەمىنى تەڭشەپ ھۆل كىراخمال بىرىپ قويۇلدۇرۇپ  بىر ئۆرۈپلا تەخسىگە ئالساق بولىدۇ

ئالاھىدىلىكى: مىزىلىك ، يىيىشلىك ، تەمى تۇزى سەل ئۆتۈپ چىققان بولىدۇ  
بۇ قورىمىغا ئۆزىڭىز خالىغان بىر سوغاق سەينى يانداپ ئىستىمال قىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ
مەن بۇ كىراخمال ئۇيۇتمىسىنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىشنى ياختۇرىمەن