توز شەكىللىك دۇملىمە بېلىق
خام ماتىريالى: 武昌鱼 كارىپ بېلىقى بىرتال، كالا باسا ، سۇماي ،كۈنجۈت مېيى
زەنجىۋىل،ئۇششاق غولپىياز ، كىچىك كۆك-قىزىل مۇچ ئۇششاق غولپىياز (كالا باسانىڭ ئورنىغاقىزىل سەۋزە بولسىمۇ
بۇلىدۇ) .
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز ،قارمۇچ،ئاقمۇچ، سۇماي.كۈنجۈت مېيى .
تەييارلاش ئۇسۇلى: بېلىقنى پاكىز يۇيۇپ ئادالاپ رەسىمدىكىدەك توغراپ توزنىڭ شەكلىگە ئەكىلىمىز .توغراپ بولغاندىن كىيىن تۇز ،زەنجىۋىل، ئاقمۇچ قارمۇچ ،سۇماي ،كۈنجۈت مېيى قۇيۇپ تەملەندۈرۈپ تەييارلايمىز،
كاپوسكا ،زەنجىۋىللەرنى غىش شەكىلدە توغرايمىز ،قىزىل كۆك مۇچلار نى يۇمۇلاق توغرايمىز.
يەنە ئازراق زەنجىۋىل ، غولپىيازنى ئىنچىكە ئۇگرە توغرايمىز ، غىش شەكىلدە توغرىغان كالا باسا،زەنجىۋىلنى
رەسىمدىكىدەك تىزىمىز .بېلىق ئاستىغىمۇ زەنجۋىلىل غولپىياز سالىمىز .
غولپىيازنى ئوتتۇرىدىن يالپاقلاپ توغراپ سالساق بۇلىدۇ ،ئاندىن بېلىقنىڭ بېشىنى تەخسىنىڭ ئوتتۇرىسغا قۇيۇپ باشقا
ئۇستىغان قىسمىنى تىزىپ توز شەكلىگە ئەكىلىمىز، قۇيرۇق قىسمىنى بېلىقنىڭ يان تەرىپىگە تىزىمىز ،ئۇستىگە زەنجىۋىل
غولپىيازنى سالىمىز.قىزىل-كۆك مۇچلارنى تىزىپ ئاندىن 10مىنۇت دۇملەپ ئالساق بۇلىدۇ .
ئەسكەرتىش: 野山椒 泡辣椒 كالا گۈشىدىن پايدىلىنىپ جىززا ياساپ ئۇستىگە قۇيۇپ دۈملىسەكمۇ بۇلىدۇ
ئالاھىدىلىكى :شەكلى كوركەم ،تىزىش ئۇسۇلى چىرايلىق بۇلۇپ مىھمانلارنىڭ ئىشتاھاسىنى قوزغايدۇ .