سىزنىڭمۇ  ماڭا ئوخشاش دوخوپكىڭىز يوقمۇ  ؟ئۆز قولىڭىزدا پىسا قاتلىمىسى پىشۇرۇپ باققۇڭىز بارمۇ ؟؟ئۇسولىنى بىلگىڭىز باردۇ ،  سىزگىلا دەپ بېرەي  

 بۈگۈندىن ئېتبارەن سىزمۇ ئۆز قولىڭىزدىن چىققان پىسانى ھوزورلىنىپ يىيەلەيسىز !

لازىملىق ماتىرياللار  ئۇن ، پىياز يېرىم دانە ، بىر باش سەۋزە ، بىر دانە شوخلا ، كاللىباسا ،پۇراقلىق گۈمبىمەدەك بىر دانە  ، ئېرىمچىك ، سارماي  ، قارىمۇچ ، تۇز ، شېكەر .
تەييارلاش ئۇسولى :   
1. توك قازىنىنىڭ ئۆلچەم ئىستاكانىدا بىر ئىستاكان ئۇن ئېلىپ ، يېرىم قوشۇق ئېچىتقۇ ، ئازراق تۇز ۋە شېكەر قوشۇپ ئېلەشتۈرىۋالغاندىن كىيىن ، قول كۆيمىگۈدەك ئىلمان سۇنى چوكا بىلەن ئىلەشتۈرگەچ ئاز ئازدىن قويۇپ خېمىر تۈگنەكچىلەرگە ئايلانغاندا قول بىلەن يۇغۇرۇپ ، قول ۋە داسقا يۇقمىغۇدەك قىلىۋالىمىز .ئاندىن سولىيارغا ئوراپ ئىسسىقراق جايغا قويۇپ بولدۇرىمىز  .  
 2.خېمىر تەييار بولغۇچە ، باشقا ماتىرىياللارنى تەييارلىغاچ تۇرايلى ،ئازراق پىياز بىلەن پوستى سويىۋېتىلگەن يېرىم  شوخلىنى ئۇششاق توغراپ ، قازاننى قىزىتىپ ئازراق سارماينى ئېرىتىۋېلىپ ، پىيازنى سېلىپ قورۇپ مەزىلىك پۇراق چىققاندا شوخلىنى سېلىپ قورۇپ سۈيى ئازراق تارتىلغاندا تۇز ۋە ئاز مىقداردا قارىمۇچ سېلىپ ئۇسىۋالىمىز . 
 3.خېمىرىڭىز بولدىمۇ قاراپ بېقىپ بولغان بولسا ، ئازراق چىلەپ يەنە 10 مېنوت تىندۇرىسىز . 
4. كۆكتاتلارنى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك توغراپ تەييارلىۋالىمىز .  

5. تىنىپ بولغان خېمىرنى ئىككىگە بۆلۈپ ، توپ قازاننىڭ دىئامىتىرىدىن سەل چوڭراق قىلىپ ئېچىۋالىمىز ، ئاندىن بىرىنچى پارچىسىنىڭ يۈزىگە ئازراق ئېرىمچىك سوۋاپ ئاندىن يەنە بىر پارچىنى ئۈستىگە جىپسىلاپ چۆرىسىنى ئازراق پۈكۈپ بېسىپ تەكشىلەپ ، ئوتتۇرىسى نېپىز ، چۆرىسى قېلىنراق ھالەتكە ئەكىلىۋالغاندىن كىيىن ئوتتۇرىسىنى چەككۈچتە تەكشى تېشىۋالىمىز . 
  
 يۈزىگە بايام قورىۋالغان شوخلىنى تەكشى يېيىتىمىز . ئۈستىگە ئازراق ئېرىمچىك سېلىپ ،ئاندىن  سەي - كۆكتاتلارنى تەكشى يېيىتىپ بولۇپ  يەنە ئېرىمچىك سالىمىز .  
 6. توك قازىنىنى توكقا ئىلىپ ، پىشۇشۇش ھالىتىدە ئازراق سارماينى سېلىپ ئېرىتىپ ، قىزىغاندا تەييارلىۋالغان قاتلىمىنى سېلىپ ، تۇۋىقىنى يېپىپ ، كونۇپكىسى ئىسسىق ساقلاش ھالىتىگە ئۆتكەندە ، ئاغزىنى ئېچىپ ئەتراپىنى ئايلاندۇرۇپ  ئىككى ئۈچ قوشۇق سۇ قويۇپ ، پىشۇشۇش ھالىتىگە ئەكىلىپ ، ئىسسىق ساقلاشقا ئۆتكىچە ساقلايمىز ،  ئىسسىق ساقلاشقا  ئۆتكەندە كونۇپكىنى يەنە بېسىپ ، 15 مىنوت ئەتراپىدا دۈملەپ ، قاتلىمىنىڭ ئاستى سۈيى تارتىلىپ ، سارغايغاندا تەخسىگە ئالساق بولىدۇ . 
 قېنى مەرھەمەت !!! 
 
  (ئەسكەرتىش : گۈش ۋە كۆكتاتلارنى ياقتۇرىشىڭىزغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ قوشسىڭىز بولىۋېرىدۇ. )