مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 6ئىنكاس
  • 346كۇرىلىشى

<ناۋادا>بىلەن باشلىنىدىغان 55 خىل باھانە [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2273
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1054
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1054دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 2737 دوللار
تۆھپــــــــــە: 3 ھەسسە
گۇرۇپپا:
توردىكى :169(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-02-11
ئاخىرقى: 2012-11-11
شەرەپ مىدالى

مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىغان كىشىلەرنىڭ بىر خىل روشەن ئورتاقلىقى بولىدۇ. جۈملىدىن، ئۇلار بارلىق مەغلۇبىيەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى
بىلىدۇ ھەمدە مەغلۇبىيىتىنى كەم – كۈتىسىز باھانە – سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئاقلايدۇ.

بۇ باھانە – سەۋەبلەرنىڭ بەزىلىرى ئىنتايىن جايىدا قويۇلغان، بەزىلىرىنىڭ راستلىقى ھەتتا ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، لېكىن باھانىنى پۇل ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى دۇنيا سىزدىن پەقەت « مۇۋەپپىقىيەت قازىنالىدىڭمۇ يوق؟» دەپلا سورايدۇ.



بىر خارەكتېر تەتقىقاتچىسى كىشىلەر ھەر دايىم كۆرسىتىدىغان باھانە – سەۋەپلەرنى تۆۋەندىكىدەك رەتلەپ چىققان: بۇ باھانە – سەۋەپلەر تىزىملىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىڭىز ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئاشۇ سەۋەپلەرنىڭ قانچىلىكى سىزدىمۇ بار ئىكەنلىكىنى تېپىپ بېقىڭ. شۇ نەرسە يادىڭىزدا بولسۇنكى، كىتابىمىزدىكى پەلسەپىلەر ئاشۇ باھانە – سەۋەبلەرنىڭ بىرەرسىگىمۇ ئورۇن قالدۇرماسلىقنى مەقسەت قىلىدۇ.



1.      ناۋادا ئۆيلەنمىگەن بولسام.



2.      ناۋادا ئىقتىدارىم تولۇق بولغان بولسا ...



3.      ناۋاادا پۇلۇم بولغان بولسا ...



4.      ناۋادا ئوبدانراق ئوقىيالىغان بولسام ...



5.      ناۋادا تىرىكچىلىك يولىنى تاللىغان بولسام ....



6.      ناۋادا تېنىم ساغلام بولغان بولسا ...



7.      ناۋادا ۋاقتىم بولغان بولسا ...



8.      ناۋادا ئوبدانراق زامانلاردا تۇغۇلۇپ قالغان بولسام ...



9.      ناۋادا باشقىلار مېنى چۈشەنگەن بولسا ...



10.  ناۋادا مەن تۇرغان موھىت ھازىرقىدەك بولمىغان بولسا ...



11.  ناۋادا مەن يەنە بىر نۆۋەت تۇغىلالىغان بولسام ...



12.  ناۋادا باشقىلارنىڭ نىمە دىيىشى بىلەن كارىم بولمىغان بولسا ...



13.  ناۋادا ئىلگىرى پۇرسەتكە ئېرىشەلىگەن بولسام ...



14.  ناۋادا ئەمدى پۇرسەت كەلگەن بولسا ...



15.   ناۋادا باشقىلار ماڭا ئۆچمەنلىك قىلمىغان بولسا ...



16.  ناۋادا ھىچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىمىغان بولسام ...



17.  ناۋادا ياشراق بولغان بولسام ...



18.  ناۋادا ئويلىغىنىمنى قىلىشقا مۈمكىن بولغان بولسا ...



19.  ناۋادا بايراق ئائىلىدە تۇغۇلۇپ قالغان بولسام ...



20.  ناۋادا باي ئائىلىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنەلىگەن بولسام ...



21.  ناۋادا باشقىلاردىكى قابىلىيەت مەندىمۇ بولغان بولسا ...



22.  ناۋادا ئۆز ھوقۇقۇمنى قوغدىيالىغان بولسام ...



23.  ناۋادا ئىلگىرى كەلگەن پۇرسەتنى تۇتالىغان بولسام ...



24.  ناۋادا مېنى باشقىلار ئازدۇرمىغان بولسا ...



25.  ناۋادا ئۆيۈم، بالام دەپ يۈرمىگەن بولسام ...



26.  ناۋادا ئاز – تولا پۇل توپلىيالىغان بولسام ...



27.  ناۋادا خوجايىن ئىلتىپات قىلغان بولسا ...



28.  ناۋادا باشقىلار ياردەم قىلغان بولسا ...



29.  ناۋادا ئائىلەمدىكىلەر مېنى چۈشەنگەن بولسا ...



30.  ناۋادا چوڭراق شەھەردە بولغان بولسام ...



31.  ناۋادا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا تۇتۇش قىلالىغان بولسام ...



32.  ناۋادا ۋاقتىم بولغان بولسا ...



33.  ناۋادا پالانىنىڭ خارەكتىرى مەندىمۇ بولغان بولسا ...



34.  ناۋادا بۇنچىۋالا سەمرىپ كەتمىگەن بولسام ...



35.  ناۋادا باشقىلار قابىلىيىتىمنى بىلگەن بولسا ...



36.  ناۋادا تەلىيىم بولغان بولسا ...



37.  ناۋادا قەرىزدىن قۇتۇلالىغان بولسام ...



38.  ناۋادا مەغلۇپ بولمىغان بولسام ...



39.  ناۋادا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلگەن بولسام ...



40.  ناۋادا باشقىلار قارشى تۇرمىغان بولسا ...



41.  ناۋادا بۇنچىۋالا كۆپ ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقمىغان بولسام ...



42.  ناۋادا جورامنى توغرا تاللىيالىغان بولسام ...



43.  ناۋادا كىشىلەر بۇنچىۋالا دۆت بولمىغان بولسا ...



44.  ناۋادا ئائىلەمدىكىلەر بۇنچىۋالا ئىسراپخور بولمىغان بولسا ...



45.  ناۋادا ئۆزۈمگە ئىشلىگەن بولسام ...



46.  ناۋادا بۇنداق شور پىشانە بولمىغان بولسام ...



47.  ناۋادا ئىلىكى شور تۇغۇلۇپ قالمىغان بولسام ...



48.  ناۋادا ئىشلار ... بولغان بولسا ...



49.  ناۋادا مۇشۇنداق جاپالىق تىرىكچىلىككە قالمىغان بولسام ...



50.  ناۋادا مال – دۇنيارىمدىن زىيان تارتىپ كەتمىگەن بولسام ...



51.  ناۋادا باشقا بىر مەھەللىدە ئولتۇرغان بولسام ...



52.  ناۋادا ھېلىقىدەك كەچمىشلىرىم بولمىغان بولسا ...



53.  ناۋادا ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىكىم بولغان بولسا ...



54.  ناۋادا باشقىلار گېپىمگە ماقۇل دېگەن بولسا ...



55.  ناۋادا ... ...   ( بۇ بارلىق باھەنىلەر ئىچىدە ئەڭ موھىمدۇر )



ناۋادا ئۆزۈمگە دادىل يۈزلىنىپ، ئۆز كەمچىلىكلىرىمنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنى ئۆزگەرتەلىگەن بولسام، ئېھتىمال ئاشۇ كەمچىلىكلىرىم ئىچىدىن پايدىلىق نەرسىلەرنى تېپىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان، باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن خېلى نەرسىلەرنى ئۈگىنىۋالغان بولاتتىم. چۈنكى ئاشۇ كەمچىلىكلەرنىڭ ئۆزۈمدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ناۋادا ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى تەھلىل قىلىشقا كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتالىغان، ۋاقتىمنى ئاجىزلىقلىرىمنى باھانە – سەۋەب بىلەن يوشۇرۇشقا ئىسراپ قىلىۋەتمىگەن بولسام، غايەمدىكى مەنزىلگە ئاللىقاچان يېتىپ بولغان بولاتتىم.
مەنبەسى تەرمىلەردىن ئېلىندى

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

ھەيران

تەسرلىك

خوشال

رەنجىش

ئالامەت

ياخشى

رەھمەت
 
جاھاننىڭ ئۆمرىنى بىلەلەيدۇكىم،
قايغۇسىز ھەمىشە كۇلەلەيدۇ كىم.
كىتىمىز جاھاندىن ئاخىرى بىركۈن،
قايتىدىن جاھانغا كىلەلەيدۇ كىم.
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 94
ئومۇمىي يازما: 2140
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2140دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 575 دوللار
تۆھپــــــــــە: 76 ھەسسە
توردىكى :1914(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2009-02-12
ئاخىرقى: 2012-11-13
شەرەپ مىدالى

مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 2011-12-03
1.      ناۋادا ئۆيلەنمىگەن بولسام.

      

 
تۇرمۇش تەجىربىلىرىمدىن شۇنى چوڭقۇر چۈشەندىمكى، كەمچىلىكى يوق كىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ ئاز بولىدۇ.
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 761
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 318
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە318دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 3599 دوللار
تۆھپــــــــــە: 7 ھەسسە
توردىكى :98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2010-07-13
ئاخىرقى: 2012-11-11
مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 2011-12-03
ناۋادا بۇتىمىنى بۇرۇنراق كۆرگەن بولسام...

 
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3090
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 16
ئومۇمىي يازما: 841
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە841دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 10180 دوللار
تۆھپــــــــــە: 20 ھەسسە
توردىكى :586(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-05-17
ئاخىرقى: 2012-08-01
شەرەپ مىدالى

مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 3 ئېلان قىلىنغان: 2011-12-03
مېنىڭ ناۋادالىرىمنىمۇ قوشۇپ يېزىۋاپسىز ئەمەسمۇ ؟

ناۋادا بۇ مۇنبەرگە بالدۇرراق كىرگەن بولسام ......

 
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4088
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 664
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە664دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 8120 دوللار
تۆھپــــــــــە: 50 ھەسسە
گۇرۇپپا:
توردىكى :523(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-09-14
ئاخىرقى: 2012-11-13
شەرەپ مىدالى

مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 4 ئېلان قىلىنغان: 2011-12-04
ناۋادا چوڭ ئۆي ئالغان بولسام.....

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4745
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 65
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە65دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 2635 دوللار
تۆھپــــــــــە: 40 ھەسسە
توردىكى :27(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-11-08
ئاخىرقى: 2012-11-03
شەرەپ مىدالى

مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 5 ئېلان قىلىنغان: 2011-12-05
ناۋادا چەتئەللەردىكى داڭلىق ئونۋېرستىتلاردا ئوقۇغان بولسام،،،،،،،،،،،،،

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9000
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 197
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە197دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 31 دوللار
تۆھپــــــــــە: 25 ھەسسە
توردىكى :188(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2012-08-29
ئاخىرقى: 2012-10-27
مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 6 ئېلان قىلىنغان: 10-06
ناۋادا قەلبىمدىكى دىيەلىگەن بولسام،...........

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك250 بايت
ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى